قۇرئان يولى
ئەنئام، 60 ~ 62 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى روھ ۋە جان 1

ئەنئام، 60 ~ 62 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ روھ ۋە جان

﴿وَهُوَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُم بِٱلَّيۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا جَرَحۡتُم بِٱلنَّهَارِ ثُمَّ يَبۡعَثُكُمۡ فِيهِ لِيُقۡضَىٰٓ أَجَلٞ مُّسَمّٗىۖ ثُمَّ إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٦٠ وَهُوَ ٱلۡقَاهِرُ فَوۡقَ عِبَادِهِۦۖ وَيُرۡسِلُ عَلَيۡكُمۡ حَفَظَةً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ تَوَفَّتۡهُ رُسُلُنَا وَهُمۡ لَا يُفَرِّطُونَ ٦١ ثُمَّ رُدُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ مَوۡلَىٰهُمُ ٱلۡحَقِّۚ أَلَا لَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَهُوَ أَسۡرَعُ ٱلۡحَٰسِبِينَ ٦٢ ﴾

تەرجىمىسى

60 – ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ توشۇشى ئۈچۈن كۈندۈزدە روھىڭلارنى ئەۋەتىپ سىلەرنى ئويغىتىدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

61 – ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئاللاھ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ. ئاخىرى سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز سۇسلۇق قىلماستىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرىدۇ.

62 – ئاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھېساب ئالغۇچىلارنىڭ ئەڭ تېز بولغىنىدۇر.

تەپسىرى

  1. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن سىلەرنى ئەجىلى توشقۇچە ياشىسۇن دەپ كۈندۈزى روھىڭلارنى ئەۋەتىدۇ ۋە سىلەرنى ئويغىتىدۇ[1]، ئاخىرى ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە لايىق بولغان يېرىڭلارغا (دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
  2. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر: خالىغىنىنى بار قىلىدۇ، خالىغىنىنى يوق قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆلتۈرىدۇ، خالىغىنىنى ياشىتىدۇ، خالىغىنىنى ئەزىز، خالىغىنىنى خار قىلىدۇ[2]. ئاللاھ كېچە – كۈندۈزدە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىپ سىلەرگە ھەمراھ قىلىدۇ، ئۇ پەرىشتىلەر چوڭ – كىچىك بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ[3].
  3. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەردىن ئەجىلى توشقان كىشىگە ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلەردىن ياردەمچىلىرى بولغان ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتا ھېچ سۇسلۇق قىلماستىن ۋە ھېچ كەمچىلىك ئۆتكۈزمەستىن ئۇ كىشىنىڭ روھىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن ۋاقتى كەلگەندە ھەممەڭلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھەقىقىي ئىگەڭلار بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئىگەڭلار سىلەردىن مەزكۇر دەپتەرلەرگە يېزىلغان قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ.

ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ قۇدرەت، ئىلىم ۋە ھۆكۈمرانلىق ئىگىسى بولغان ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئېھتىياجىڭلارنى قامداپ بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئەقىلگە سىغامدۇ؟! پىترەتكە ماس كېلەمدۇ؟!

ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (60 – ئايەتتە) ئۇخلىغانلارنىڭ روھىنى ئالىدىغانلىقىنى، ئويغانغانلارنىڭ روھىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلۡأَنفُسَ حِينَ مَوۡتِهَا وَٱلَّتِي لَمۡ تَمُتۡ فِي مَنَامِهَاۖ فَيُمۡسِكُ ٱلَّتِي قَضَىٰ عَلَيۡهَا ٱلۡمَوۡتَ وَيُرۡسِلُ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ ٤٢﴾

«ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۆلگەن چېغىدا، ئۆلمىگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[4].

دېمەككى، ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى ئويغانغاندا، ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى ئاخىرەتتە بەدەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ جانلانغاندا بىرلىشىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ:

﴿وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ ٧﴾

«روھلار بىلەن بەدەنلەر بىر  – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا»[5].

ئىنسان – بەدەن، جان ۋە روھنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان مەخلۇقتۇر[6]. ئىنسان ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلغان نەرسە روھتۇر. ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى جانلىق (ھايات) بولىدۇ، ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى جانسىز (ئۆلۈك) بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن تەرىپى بەدىنىدۇر. روھ ئۇخلىمايدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ.

[1] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 42 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 26 – ۋە 27 – ئايەتلەر.

[3] قاراڭ: 82 – سۈرە ئىنفىتار، 10 ~ 12 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.

[4] قاراڭ: 39  – سۈرە زۇمەر، 42  – ئايەت.

[5] قاراڭ: 81  – سۈرە تەكۋىر، 7  – ئايەت.

[6] قاراڭ: 32  – سۈرە سەجدە، 8  – ۋە 9  – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر