قۇرئان يولى
ئەنئام، 53 ~ 59 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

ئەنئام، 53 ~ 59 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لِّيَقُولُوٓاْ أَهَٰٓؤُلَآءِ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنۢ بَيۡنِنَآۗ أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَعۡلَمَ بِٱلشَّٰكِرِينَ ٥٣ وَإِذَا جَآءَكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِ‍َٔايَٰتِنَا فَقُلۡ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡۖ كَتَبَ رَبُّكُمۡ عَلَىٰ نَفۡسِهِ ٱلرَّحۡمَةَ أَنَّهُۥ مَنۡ عَمِلَ مِنكُمۡ سُوٓءَۢا بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ تَابَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَصۡلَحَ فَأَنَّهُۥ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٥٤ وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ وَلِتَسۡتَبِينَ سَبِيلُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ ٥٥ قُلۡ إِنِّي نُهِيتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ قُل لَّآ أَتَّبِعُ أَهۡوَآءَكُمۡ قَدۡ ضَلَلۡتُ إِذٗا وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُهۡتَدِينَ ٥٦ قُلۡ إِنِّي عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَكَذَّبۡتُم بِهِۦۚ مَا عِندِي مَا تَسۡتَعۡجِلُونَ بِهِۦٓۚ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ يَقُصُّ ٱلۡحَقَّۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡفَٰصِلِينَ ٥٧ قُل لَّوۡ أَنَّ عِندِي مَا تَسۡتَعۡجِلُونَ بِهِۦ لَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۗ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِٱلظَّٰلِمِينَ ٥٨ ۞وَعِندَهُۥ مَفَاتِحُ ٱلۡغَيۡبِ لَا يَعۡلَمُهَآ إِلَّا هُوَۚ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۚ وَمَا تَسۡقُطُ مِن وَرَقَةٍ إِلَّا يَعۡلَمُهَا وَلَا حَبَّةٖ فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡأَرۡضِ وَلَا رَطۡبٖ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ ٥٩﴾

تەرجىمىسى

53 – بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئارىمىزدىن ئاللاھ ياخشىلىق قىلغانلار مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلمەمدۇ؟

54 – ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا ئېيتقىنكى: «سالام سىلەرگە! رەببىڭلار رەھىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يازدى. سىلەردىن كىم نادانلىقتىن بىرەر يامانلىق قىلىپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، بىلسۇنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر».

55 – بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇ گۇناھكارلارنىڭ يولىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈندۇر.

56 – ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتىن قەتئىي مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشلىرىڭلارغا ئەگەشمەيمەن. ناۋادا ئەگەشسەم ئەلۋەتتە ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولماي قالىمەن».

57 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىز، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمەن. سىلەر ئۇنى يالغان دېدىڭلار. سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا ئەمەس. ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەقنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».

58 – ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا بولسا ئىدى، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش ئاللىقاچان تۈگەپ بولغان بولاتتى». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

59 – غەيىبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. ئۇلارنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ قۇرۇقلۇقتىكى ۋە دېڭىزدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ بىلمەستىن بىرەر ياپراقمۇ تۆكۈلمەيدۇ. زېمىننىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدىكى ئۇرۇقتىن، ھۆل ۋە قۇرۇق نەرسىلەردىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرىمۇ يوق. ھەممىسى روشەن كىتابتىدۇر.

تەپسىرى

ئاللاھ تائالا 52 – ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئاجىز – ئورۇق مۇئمىنلارنى يېنىدىن قوغلىۋېتىشتىن توسىدۇ. 53 ~ 58 – ئايەتلەردە ئىنسانلارنى مال – مۈلۈكتە پەرقلىق، ئابرۇي ۋە ئىناۋەتتە يۇقىرى – تۆۋەن قىلىشىنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ مۇئمىنلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن تەۋبە قىلغان ۋە ئۆزىنى ياخشى ئەمەللەر بىلەن تۈزەتكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ مۇشرىكلارغا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئېلان قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ئۆز ئازغۇنلۇقلىرىنى سىلىق شەكىلدە بىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! بىز ئىنسانلارنى بىر – بىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن پەرقلىق قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى باي – كەمبەغەل، ئابرۇيلۇق – ئابرۇيسىز، كۈچلۈك – ئاجىز … دېگەندەك تەبىقىلەردىن تەركىب تاپتى. ئۈستۈن تەبىقىدىكىلر تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ھاقارەت قىلىدىغان ۋە كەمسىتىدىغان بولدى. لېكىن بىز (ئاللاھ) ھىدايەتنى ئاساسەن تۆۋەن تەبىقىدىكى ئۇ مۇئمىنلارغا ئاتا قىلدۇق، چۈنكى ھىدايەتكە ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغانلار ئەمەس، ئەكسىچە ھىدايەتكە چىن قەلبىدىن ئىنتىلگەن ۋە سەمىمىيلىك بىلەن يۆنەلگەنلەر لايىق بولىدۇ. بىز ئۇلارنى ئوبدان بىلىمىز ئەمەسمۇ! [1].
  2. ئى مۇھەممەد! ئاجىز – ئورۇق مۇئمىنلار يېنىڭغا كەلسە، ئۇلارنى قوغلىۋېتىش تۈگۈل، سالام بىلەن قارشى ئالغىن، ئۇلارغا يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن تەۋبە قىلغان ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدىغانلىقىمىزغا دائىر ۋەدىمىزنى خۇش خەۋەر قىلغىن[2].
  3. ئى مۇھەممەد! بىز يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغىنىمىزدەك، ياخشىلارنىڭ يولى ۋە گۇناھكارلارنىڭ يولى ئېنىق بىلىنسۇن دەپ بارلىق ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىۋاتىمىز.
  4. ئى مۇھەممەد! سېنى ئۆزلىرىنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھ تەرىپىدىن، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان (يېلىنىپ يالۋۇرۇۋاتقان) باتىل مەبۇدلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىندىم».

ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش توغرىسىدىكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، ناۋادا ئەگەشسەم ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە نىجاتلىق يولغا كىرگەنلەردىن بولمايمەن»[3].

  1. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى دەۋەت قىلغان تەۋھىد ھەققىدە رەببىم ئاللاھتىن كەلگەن روشەن دەلىلگە (قۇرئانغا) ئاساسلىنىۋاتىمەن، ئەسلىدە سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلار ۋە بويسۇنۇشۇڭلار لازىم ئىدى، لېكىن سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنكاردىن يانمىساڭلار ئىلاھىي ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر. ئۇ ئازابنىڭ ۋاقتىنى ۋە شەكلىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئازابنىڭ بېشىڭلارغا تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلساڭلار، ئۇنى سىلەر تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا بېشىڭلارغا كەلتۈرۈش مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭلا ئىلكىدە. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇ ئازابنى سىلەر تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ ھەقنى ئېيتىدۇ ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى ۋە ياخشى بىلەن ياماننى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئايرىيدۇ».
  2. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ: «ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر» دېگەن مەنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنى مەسخىرە قىلىپ، «ئۇ ئازابنى بېشىمىزغا تېز كەلتۈرگىن» دېگەن مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنى ئازابقا دۇچار قىلىش مېنىڭ ئىلكىمدە بولسا ئىدى، سىلەر بىلەن ئارامدىكى ئىش (تالاش – تارتىش) ئاللىقاچان تۈگىگەن بولاتتى، چۈنكى مەن ئۇ ئازابنى سىلەر تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا بېشىڭلارغا كەلتۈرگەن بولاتتىم، لېكىن ئازاب ئەۋەتىش قۇدرىتى ۋە خاھىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. ئاللاھ ئاسىيلىق قىلغانلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئازابنى ئۆزى خالىغان چاغدا ئەۋەتىدۇ، ئاللاھ ئازابقا لايىق بولغان زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ»[4].

ئاللاھ تائالا 58 – ئايەتتە ئۆزىنىڭ، ئازابقا لايىق بولغان زالىملارنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ. 59 ~ 62 – ئايەتلەردە ئىلىمنىڭ چەكسىز ۋە قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى، قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلارنى ھۇزۇرىغا يىغىپ ئۇلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىش بىلەن ئۇ زالىملارنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. غەيىبنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئاشكارىدۇر، ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەستۇر[5]. شۇنىڭدەك، ئاللاھ قۇرۇقلۇقلاردىكى ۋە دېڭىز – ئوكيانلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ، كائىناتتا يۈز بەرگەن، يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بېرىدىغان پۈتكۈل ھادىسىلەرنى بىلىدۇ، زېمىننىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىكى جىمى ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار، كائىناتتىكى ھۆل – قۇرۇق ھەممە نەرسىلەر روشەن كىتابقا (لەۋھى مەھفۇزغا) يېزىلغاندۇر.

[1] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 16 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 27 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 73 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 11 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 17 -، 18 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ۋە 156 – ئايەتلەر.

[3] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 14 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 36 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 66 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 15 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 11 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 6 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 42 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 61 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 47 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 53 – ۋە 54 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە فاتىر، 45 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 16 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 5 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر