﴿وَمَا لَكُمۡ أَلَّا تَأۡكُلُواْ مِمَّا ذُكِرَ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَقَدۡ فَصَّلَ لَكُم مَّا حَرَّمَ عَلَيۡكُمۡ إِلَّا مَا ٱضۡطُرِرۡتُمۡ إِلَيۡهِۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا لَّيُضِلُّونَ بِأَهۡوَآئِهِم بِغَيۡرِ عِلۡمٍۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُعۡتَدِينَ ١١٩ وَذَرُواْ ظَٰهِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَبَاطِنَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡسِبُونَ ٱلۡإِثۡمَ سَيُجۡزَوۡنَ بِمَا كَانُواْ يَقۡتَرِفُونَ ١٢٠ وَلَا تَأۡكُلُواْ مِمَّا لَمۡ يُذۡكَرِ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَإِنَّهُۥ لَفِسۡقٞۗ وَإِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ لَيُوحُونَ إِلَىٰٓ أَوۡلِيَآئِهِمۡ لِيُجَٰدِلُوكُمۡۖ وَإِنۡ أَطَعۡتُمُوهُمۡ إِنَّكُمۡ لَمُشۡرِكُونَ ١٢١ أَوَ مَن كَانَ مَيۡتٗا فَأَحۡيَيۡنَٰهُ وَجَعَلۡنَا لَهُۥ نُورٗا يَمۡشِي بِهِۦ فِي ٱلنَّاسِ كَمَن مَّثَلُهُۥ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ لَيۡسَ بِخَارِجٖ مِّنۡهَاۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡكَٰفِرِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ١٢٢ وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٍ أَكَٰبِرَ مُجۡرِمِيهَا لِيَمۡكُرُواْ فِيهَاۖ وَمَا يَمۡكُرُونَ إِلَّا بِأَنفُسِهِمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ ١٢٣ وَإِذَا جَآءَتۡهُمۡ ءَايَةٞ قَالُواْ لَن نُّؤۡمِنَ حَتَّىٰ نُؤۡتَىٰ مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ رُسُلُ ٱللَّهِۘ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ حَيۡثُ يَجۡعَلُ رِسَالَتَهُۥۗ سَيُصِيبُ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْ صَغَارٌ عِندَ ٱللَّهِ وَعَذَابٞ شَدِيدُۢ بِمَا كَانُواْ يَمۡكُرُونَ ١٢٤﴾
تەرجىمىسى
119 – سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى، ئۆزى سىلەر ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلغان تۇرسا. لېكىن سىلەر چارىسىزلىقتىن يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
120 – گۇناھنىڭ ئاشكارىسىنىمۇ، مەخپىيسىنىمۇ تەرك ئېتىڭلار. شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلارغا يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
121 – ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن، ئۇ ھايۋان فىسق بولغان ئەھۋالدا يېمەڭلار. شەيتانلار ئۆز دوستلىرىغا سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشلىرى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، چوقۇم مۇشرىك بولۇپ كېتىسىلەر.
122 – ئۆلۈك ئىكەن بىز تىرىلدۈرگەن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مېڭىشى ئۈچۈن نۇر بەرگەن كىشى، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئۇلاردىن ھېچ چىقالمىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۆز قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
123 – مەككىدە قىلغىنىمىزدەك، بىز ھەر يۇرتنىڭ گۇناھكارلىرىنى كاتتىۋاشلار قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇ يۇرتتا ھىيلە – مىكىر قىلىشلىرى ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىگىلا ھىيلە -مىكىر قىلىدۇ.
124 – ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئايەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بىزگىمۇ بېرىلمىگۈچە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچىلىكنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇناھ قىلغانلارغا يېقىندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خورلۇق ۋە قاتتىق ئازاب يېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە – مىكىر قىلغان.
تەپسىرى
119- 120. ئى مۇئمىنلار! شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى: تەقۋادارلىق شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان ئىشنى تەرك ئېتىش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن سىلەر دىل بىلەن قىلىنىدىغان ۋە ئادەم كۆرمەيدىغان خالىي جايلاردا قىلىنىدىغان مەخپىي گۇناھلارنى، پۇت – قول ئەزالار بىلەن قىلىنىدىغان ۋە ئادەم كۆرىدىغان جايلاردا قىلىنىدىغان ئاشكارا گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، بولمىسا جازالىنىسىلەر.
- جۈملىدىن ئاللاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، بىرەر بۇتنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەڭلار، يەنى مۇشرىكلار بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەڭلار. ئاگاھ بولۇڭلاركى، جىنلارنىڭ شەيتانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرىغا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنسان شەيتانلار سىلەرگە ھەر تۈرلۈك يالغان – ياۋىداق سۆزلەرنى ئېيتىدۇ، سىلەرگە ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال دېگۈزۈپ ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ناۋادا ئۇ شەيتانلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، يەنى ئۇلارغا ئەگىشىپ بۇتقا قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېسەڭلار ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ھالال دەپ قارىساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا مۇشرىك بولۇپ كېتىسىلەر.
ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «فىسق»، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان دېگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ «فىسق»نى مۇشۇ سۈرىنىڭ 145 – ئايىتىدىكى «فىسق» كەلىمىسى تەپسىر قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە شەيتانلارنىڭ دوستلىرى بولغان مۇشرىكلارنىڭ، شەيتانلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان مۇئمىنلارنى يولدىن چىقىرىپ ئۆزلىرىگە ئوخشاش مۇشرىك قىلىش ئۈچۈن دەتالاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 122 ~ 124 – ئايەتلەردە مۇئمىننى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئىلاھىي نۇر بىلەن ماڭىدىغان تىرىك ئادەمگە، مۇشرىكنى قاراڭغۇلۇقلاردا قېلىپ يورۇقلۇققا چىقالمايۋاتقان ئادەمگە ئوخشىتىپ چۈشەندۈرىدۇ؛ مەككنىڭ چوڭ گۇناھكارلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەن قىلغاندەك، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن يۇرتلارنىڭ چوڭ گۇناھكارلىرىنى دۈشمەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ تەرسالىقىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇئمىنلار! سىلەر ھېچبىر ئىشتا مۇشرىكلارغا ئوخشىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر توغرا تاللىشىڭلارنىڭ نەتىجىسىدە بىز تەرەپتىن ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىنىپ مەنىۋى جەھەتتىن تىرىلگەن، ئىچى – تېشى قۇرئان نۇرى بىلەن يورۇپ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئۇ نۇر بىلەن ماڭىدىغان كىشىلەرسىلەر، يەنى سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە نىيىتى خالىس، سۆزى توغرا، ئەمىلى ياخشى ۋە مۇئامىلىسى دۇرۇس كىشىلەر بولۇپ، بارغان يەرلىرىڭلارغا قۇرئاننىڭ نۇرىنى ۋە ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى ئېلىپ بارىسىلەر. مۇشرىكلارغا كەلسەك، ئۇلار خاتا تاللىشى نەتىجىسىدە ئازغۇنلۇق، كۇفرىلىق ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدىغان ۋە ئۇ قاراڭغۇلۇقلاردىن چىقالمايۋاتقان كىشىلەردۇر. ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆز قىلمىشلىرىنى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، بۇتقا قۇربانلىق قىلىش ۋە ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام دەپ بىلىشنى) چىرايلىق كۆرۈپ قالغان كىشىلەردۇر.
- ئى مۇھەممەد! مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ساڭا قىلغان يامانلىق، زۇلۇم ۋە تىل – ھاراقارەتلەر سەنلا يولۇققان ئىش ئەمەس، ئەكسىچە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ يولۇققان ئىش. بىز ئىنسانلارنى ئىمتىھان قىلىپ، ياخشىلارنى ۋە يامانلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن سېنىڭ دەۋرىڭدە ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋرلىرىدە گۇناھكارلارنى ئۇلار ياشىغان جايلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىمكانلار بىلەن ھەر تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنى قىلىپ ئىنسانلارنى ھەق يولدىن توسىدۇ[1]. پەيغەمبەرلەر بولسا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەق يولغا دەۋەت قىلىدۇ. نەتىجىدە پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەر ياخشى، ئۇ چوڭ گۇناھكارلارغا ئەگەشكەنلەر يامان بولۇپ ئايرىلىدۇ. ئۇ چوڭ گۇناھكارلار ھىيلە – مىكىرلەرنى تۇيماستىن ئۆزلىرىگىلا قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىنى بەربات قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى جازالايدۇ، پەيغەمبەرلىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ.
- ئى مۇھەممەد! سېنىڭ دەۋرىڭدىكى بۇ كاتتىۋاشلارغا (مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ چوڭلىرىغا) ئايەتلەرنى يەتكۈزسەك، ئۇلار ساڭا پەيغەمبەرلىك بېرىلگەنلىكىگە ھەسەت قىلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىي بىزگىمۇ نازىل قىلىنمىغىچە ھەرگىزمۇ ئىمان كەلتۈرمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچى قىلىش ئۈچۈن كىمنى تاللايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ گۇناھكارلار ھىيلە – مىكىر ۋە ئالدامچىلىقى تۈپەيلىدىن دۇنيادا خارلىق كۆرىدۇ، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ[2].
[1] قاراڭ: 34 – سۈرە سەبەئـ، 34 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 23 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 38 – سۈرە ساد، 8 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 31 – ئايەت.





