﴿ثُمَّ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ تَمَامًا عَلَى ٱلَّذِيٓ أَحۡسَنَ وَتَفۡصِيلٗا لِّكُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لَّعَلَّهُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمۡ يُؤۡمِنُونَ ١٥٤ وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ فَٱتَّبِعُوهُ وَٱتَّقُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ ١٥٥ أَن تَقُولُوٓاْ إِنَّمَآ أُنزِلَ ٱلۡكِتَٰبُ عَلَىٰ طَآئِفَتَيۡنِ مِن قَبۡلِنَا وَإِن كُنَّا عَن دِرَاسَتِهِمۡ لَغَٰفِلِينَ ١٥٦ أَوۡ تَقُولُواْ لَوۡ أَنَّآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡكِتَٰبُ لَكُنَّآ أَهۡدَىٰ مِنۡهُمۡۚ فَقَدۡ جَآءَكُم بَيِّنَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞۚ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَذَّبَ بَِٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَصَدَفَ عَنۡهَاۗ سَنَجۡزِي ٱلَّذِينَ يَصۡدِفُونَ عَنۡ ءَايَٰتِنَا سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ بِمَا كَانُواْ يَصۡدِفُونَ ١٥٧﴾
تەرجىمىسى
154 -بىز ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرگە نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە مەرھەمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا ئۇ كىتابنى ئاتا قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ قىلدۇق.
155 – بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.
156 – بۇ: «بىزدىن بۇرۇنقى ئىككى تائىپىگىلا كىتاب نازىل قىلىنغان. بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
157 – ياكى: «ئەگەر بىزگىمۇ كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. مانا سىلەرگىمۇ رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل، ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى، يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن يېقىندا ئەڭ يامان ئازاب بىلەن جازالايمىز.
تەپسىر
ئاللاھ تائالا 151 ~ 153 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۆزى ھارام قىلغان ئىشلارنى مۇشرىكلارغا تونۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇ ھارام ئىشلارنى بايان قىلىدۇ. 154 ~ 157 – ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇ ھاراملارنى بەلگىلەش بىلەن بىرلىكتە، ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كىتابنى بېرىش ئىشىنىمۇ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلەيدۇ، مۇشرىكلارغا ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلمىغان بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىك ۋە گۇناھكارلىقىغا ھەر تۈرلۈك باھانە – سەۋەب كۆرسىتىدىغانلىقىنى، لېكىن ئەمدى ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئەڭ زالىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۇ زالىملارنى يېقىندا جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا يۇقىرىدىكى ھاراملارنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بىزنىڭ مۇساغا كىتابنى بەرگەنلىكىمىزنىمۇ بىلدۈرگىن؛ ئۆز ۋاقتىدا بىز ياخشى ئىش قىلغانلارغا نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە رەھمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۇپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى ۋە تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىدى.
- ئى ئىنسانلار! خۇسۇسەن ئى مۇشرىكلار! بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان كىتاب بولۇپ، ئۇ سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارنى ۋە پايدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشىڭلار ۋە ئۇ پايدىلارنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلار ئۈچۈن ئۇ قۇرئانغا ئىشىنىپ ئەمەل قىلىڭلار.
- ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى نازىل قىلمىغان بولساق، سىلەر قىيامەت كۈنى: «بىزدىن ئىلگىرى يەھۇدىيلارغا ۋە ناسارالارغا كىتاب نازىل قىلىنغان ئىكەن. بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشىدىن خەۋەرسىز ئىدۇق.
- ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنسا ئىدى، بىز ئۇلاردىنمۇ بەك ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دەپ ئۆزرە بايان قىلغان بولاتتىڭلار. ئەمدى ئۇنداق ئۆزرە بايان قىلىش يولۇڭلار ئېتىلدى، باھانە كۆرسىتىشىڭلارغا سەۋەب قالمىدى، چۈنكى سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەقنى ئېنىق بايان قىلىدىغان، توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئىلاھىي ئىنئام بولغان قۇرئان كەلدى. ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ قۇرئاندىكى ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بولامدۇ؟ جاۋاب: بولمايدۇ. بىز ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەن ئۇ زالىملارنى يېقىندا ئەڭ ئېغىر ئازاب بىلەن جازالايمىز.





