قۇرئان يولى
ئەنئام، 111 ~ 118 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى ساننىڭ كۆپلىكى ھەق بولغانلىقنىڭ دەلىلى ئەمەس 1

ئەنئام، 111 ~ 118 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ ساننىڭ كۆپلىكى ھەق بولغانلىقنىڭ دەلىلى ئەمەس

﴿۞وَلَوۡ أَنَّنَا نَزَّلۡنَآ إِلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَحَشَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ كُلَّ شَيۡءٖ قُبُلٗا مَّا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُوٓاْ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَجۡهَلُونَ ١١١ وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا شَيَٰطِينَ ٱلۡإِنسِ وَٱلۡجِنِّ يُوحِي بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ زُخۡرُفَ ٱلۡقَوۡلِ غُرُورٗاۚ وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُۖ فَذَرۡهُمۡ وَمَا يَفۡتَرُونَ ١١٢ وَلِتَصۡغَىٰٓ إِلَيۡهِ أَفۡ‍ِٔدَةُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ وَلِيَرۡضَوۡهُ وَلِيَقۡتَرِفُواْ مَا هُم مُّقۡتَرِفُونَ ١١٣ أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡتَغِي حَكَمٗا وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡكِتَٰبَ مُفَصَّلٗاۚ وَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡلَمُونَ أَنَّهُۥ مُنَزَّلٞ مِّن رَّبِّكَ بِٱلۡحَقِّۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ ١١٤ وَتَمَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدۡقٗا وَعَدۡلٗاۚ لَّا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِهِۦۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ ١١٥ وَإِن تُطِعۡ أَكۡثَرَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ ١١٦ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ مَن يَضِلُّ عَن سَبِيلِهِۦۖ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ ١١٧ فَكُلُواْ مِمَّا ذُكِرَ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ إِن كُنتُم بِ‍َٔايَٰتِهِۦ مُؤۡمِنِينَ ١١٨﴾

تەرجىمىسى

111 – بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەر ئۇلارغا گەپ قىلغان ۋە بىز ھەر نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا توپ  – توپ ھالەتتە يىغقان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى جاھىللىق قىلىدۇ.

112 – شۇنىڭدەك، بىز ھەر نەبىيگە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن بىر  – بىرلىرىگە شېرىن سۆزلەرنى پىسىلدايدۇ. ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.

113 – ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇ شېرىن سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلارنى قىلىۋەرسۇن دەپ شۇنداق پىسىلدايدۇ.

114 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھتىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچى ئىزدەمدىمەن؟ ئاللاھ، تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابنى سىلەرگە نازىل قىلغان زات تۇرسا». بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر قۇرئاننىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن ھەق بىلەن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن!

115 – رەببىڭنىڭ سۆزى توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

116 – ئى مۇھەممەد! ئەگەر زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ.

117 – شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.

118 – ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى كىشىلەر بولساڭلار.

تەپسىرى

  1. ئى مۇھەممەد! «بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەسەم قىلغان ئادەملەر ھەقىقەتەن كاززاپ ئادەملەردۇر. ناۋادا بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرسەك، ئۇلار پەرىشتىلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسە، ئۆلۈكلەر تىرىلىپ كېلىپ ئۇلارغا گەپ قىلسا ۋە بىز بارلىق نەرسىلەرنى يىغىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسەك ۋە ھەر بىرى ئۇلارغا ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، ئۇلار پۈتۈن بۇ مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ يەنىلا ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا ئىمان ئېيتىدۇ، چۈنكى ئىمان ئېيتىش مۆجىزىنىڭ كېلىشىگە ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ خالىشىغا باغلىق. ئىمان ئېيتىشنى ئاللاھنىڭ خالىشى ئۈچۈن تەرسالىقنى ۋە تەقلىدچىلىكنى تاشلاپ ھەقنى ئىزدەش، ھەقكە ئىنتىلىش، دەلىلگە قايىل بولۇش ۋە ئاللاھتىن ئەيمىنىش شەرت[1].

يۇقىرىدىكى شەكىلدە قەسەم قىلغان مۇشرىكلار ھەقنى چۈشىنىش ۋە كۆرۈشتىن تامامەن قول ئۆزۈپ، كۇفرىلىق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكتە ئەزۋەيلەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىمان كەلتۈرمەسلىكىگە بىرەر مۆجىزە كەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئەقىلسىزلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان قۇرئان تەسىر قىلمايدۇ. ئۇلار كۇفرىلىقتىن يانمىغىچە، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك خۇيىنى  تۈزەتمىگىچە بىر مۆجىزە تۈگۈل مىڭلارچە مۆجىزە كۆرسىمۇ ئىشەنمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا 109 ~ 111 – ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ ئىنكارى، باھانىسى ۋە تەرسالىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 112 – 113 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە مۇشرىكلارنىڭ مەزكۇر سەلبىي پوزىتسىيىسىگە قارشى قىلىشى كېرەك بولغان ئىشنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىكچە:

  1. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ بۇ دۈشمەنلىكىگە خاپا بولۇپ كەتمىگىن، چۈنكى سەن پەيغەمبەرلەردىن بىرىسەن. بىز پەيغەمبەرلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇ شەيتانلار بىر – بىرىگە ياغلىما گەپ ۋە شېرىن سۆزلەرنى مەخپىي ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى توغرا يولدىكىلەرنى ئالداپ يولدىن چىقىرىش، توغرا يولغا كىرمەكچى بولغانلارنى يولدىن توسۇش ۋە باتىل يولدىكىلەرنى ئالداپ، مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئۈندەش… .
  2. ئى مۇھەممەد! ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنداق قىلالمايتتى، چۈنكى رەببىڭ ئۆز خاھىشى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ھەقنى ۋە ياخشىلىقنى، ياكى باتىلنى ۋە يامانلىقىنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىدە ياراتقان ۋە ئۇلارغا خالىغىنىنى تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن. مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇ قابىلىيەت ۋە ئەركىنلىكنى باتىل ۋە يامانلىق ئۈچۈن ئىشلەتتى. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئۆزلىرى ئويدۇرغان باتىل ئېتىقاد ۋە قەبىھ ئىشلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن، خالىغىنىغا چوقۇنسۇن، خالىغىنىنى قىلسۇن، دوزاخ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ مەزكۇر (پەردازلىق) گەپلەرنى بىر – بىرىگە مەخپىي ئۇقتۇرۇشتىن يەنە بىر مەقسىتى، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ كۆڭلى ئۇ گەپلەرگە مايىل بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ گەپلەرگە ئالدىنىپ يامان ئىشلارنى قىلىشىدۇر.

ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردىكى «ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرى»نى باشقا بىر ئايەتتە «گۇناھكارلار» دەپ بايان قىلىدۇ[2] ۋە مەخسۇس بىر سۈرىدە ئۇلارنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ[3].

ئاللاھ تائالا 109 ~ 113 – ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىش ئۈچۈن بىرەر مۆجىزە تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا مۆجىزە كەلتۈرۈشنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ. 114 ~ 117 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ، تەسەللىي بېرىدۇ، ئۇنى كۆپچىلىككە ئەگىشىشتىن توسىدۇ ۋە ئەكسى تەقدىردە زىيان تارتىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارغا بېشارەت بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! سەندىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە، ئاللاھ تائالا بۇ روشەن كىتابنى (قۇرئاننى) ھەر جەھەتتىن مۆجىزە قىلىپ ماڭا نازىل قىلىش ۋە بۇ كىتابتا سىلەرنى ماڭا ئىشىنىشكە بۇيرۇش بىلەن ھۆكۈم قىلدى[4]. سىلەر تەرسالىق قىلىپ مەندىن پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ كىتابتىن باشقا مۆجىزە كەلتۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر. مۆجىزە كەلتۈرۈش ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھتىن غەيرىي قادىر بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ دەلىل بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ھۆكۈم قىلغان تۇرسا، ئەمدى مەن سىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىكىم توغرىسىدا ئاللاھ تائالادىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچى تەلەپ قىلامدىم؟».

ئى مۇھەممەد! بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر قۇرئاننىڭ، رەببىڭ تەرىپىدىن ھەق بىلەن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇمۇ سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ باشقا بىر دەلىلى[5]. شۇڭلاشقا سېنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىڭ ۋە مۇشرىكلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن.

  1. ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت بېرىش توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزى[6] توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشتى. رەببىڭنىڭ ساڭا نۇسرەت بېرىش توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزىمۇ[7] توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا مەيۈسلەنمىگىن، ئاقىۋەتتە سەن غالىب كېلىسەن، دۈشمەنلىرىڭ مەغلۇپ بولىدۇ، چۈنكى رەببىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىغان ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە يوق. رەببىڭ ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىشى سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلسۇن!

116- 117. ئى مۇھەممەد! شۇنى بىلگىنكى، ناۋادا يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئاداشتۇرىدۇ. چۈنكى كۆپچىلىك ئىلىم ۋە ئاڭ بىلەن ئەمەس، گۇمان ۋە تەخمىن بىلەن ئىش قىلىدۇ. كىمنىڭ توغرا يولدىن ئازغان، كىمنىڭ توغرا يولغا كىرگەنلىكىنى رەببىڭ ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا سەن كۆپچىلىككە ئەمەس، رەببىڭ ئاتا قىلغان ئىلىمگە بويسۇنغىن[8].

ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، شۇنداقلا ئاللاھقا تۆھمەت قىلىپ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرىنى ھارام دەپ قارايتتى[9]، بەزىلىرىنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى، بەزىلىرىنى بوغۇزلىغاندا بۇتلىرىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلاتتى[10]. شۇنىڭدەك، ئۇ مۇشرىكلار مۇئمىنلارغا، «سىلەر ئۆزۈڭلار ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنى، ئوۋچى ئىت ۋە قۇشلار ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنى يەيسىلەر، ئاللاھ ئۆلتۈرگەن (ئۆزى ئۆلۈپ قالغان) ھايۋاننى يېمەيسىلەر» دەپ ئۇلارنى ئۆز خىياللىرىچە ئەيىبلەيتتى. مۇئمىنلار بولسا، ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ بوغۇزلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشنى يامان كۆرەتتى ۋە بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ تەسىرىدە قالاتتى.

ئاللاھ تائالا 117 – ئايەتتە ئۆزىنىڭ، توغرا يولدىن ئازغانلارنىمۇ، توغرا يولغا كەلگەنلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، 118 ~ 121 – ئايەتلەردە توغرا يولدىكىلەرنىڭ (مۇئمىنلارنىڭ)، ھالال ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغانلىرىنىڭ گۆشلىرىدىن يېسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈىدۇ. ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى تەپسىلىي بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ھېچبىر ئىلمگە ئاساسلانماستىن باشقىلارنى يولدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا مۇئمىنلارنىڭ دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاشكارا – يوشۇرۇن بارلىق گۇناھلارنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن توسىدۇ، يېگەن تەقدىردە تارتىدىغان زىيانلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار. سىلەرگە ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھارام قىلىنغان، لېكىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان چېغىڭلاردا جېنىڭلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن مۇباھ (يېيىشكە رۇخسەت) قىلىنغان ھايۋانلار ئېنىق بايان قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان زىكىر قىلىنمىغان تۇرسا[11]، ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن نېمىشقا يېمەيسىلەر؟! بىلىڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى نەپسى خاھىشى بويىچە ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال دەپ باشقىلارنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھەددىدىن ئېشىۋاتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر ھالال – ھارامدا ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىگە ئەمەس، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرگە ئاساسلىنىڭلار.

[1] قاراڭ: 13 – سۈرە رەئد، 27 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 3 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 11 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 31 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 114 – سۈرە ناس.

[4] قاراڭ: مۇسۇ سۈرە (ئەنئام)، 19 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 7 – ۋە 8 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 13 – سۈرە رەئد، 43 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 37 – سۈرە ساففات، 171 ~ 173 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 95 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 103 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 1 –  ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 89 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 28 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 103 – ئايەت.

[10] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام) 138 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 145 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 115 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر