﴿۞وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ ءَازَرَ أَتَتَّخِذُ أَصۡنَامًا ءَالِهَةً إِنِّيٓ أَرَىٰكَ وَقَوۡمَكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ ٧٤ وَكَذَٰلِكَ نُرِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ مَلَكُوتَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلِيَكُونَ مِنَ ٱلۡمُوقِنِينَ ٧٥ فَلَمَّا جَنَّ عَلَيۡهِ ٱلَّيۡلُ رَءَا كَوۡكَبٗاۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّيۖ فَلَمَّآ أَفَلَ قَالَ لَآ أُحِبُّ ٱلۡأٓفِلِينَ ٧٦ فَلَمَّا رَءَا ٱلۡقَمَرَ بَازِغٗا قَالَ هَٰذَا رَبِّيۖ فَلَمَّآ أَفَلَ قَالَ لَئِن لَّمۡ يَهۡدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلضَّآلِّينَ ٧٧ فَلَمَّا رَءَا ٱلشَّمۡسَ بَازِغَةٗ قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَآ أَكۡبَرُۖ فَلَمَّآ أَفَلَتۡ قَالَ يَٰقَوۡمِ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ ٧٨ إِنِّي وَجَّهۡتُ وَجۡهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ حَنِيفٗاۖ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٧٩ وَحَآجَّهُۥ قَوۡمُهُۥۚ قَالَ أَتُحَٰٓجُّوٓنِّي فِي ٱللَّهِ وَقَدۡ هَدَىٰنِۚ وَلَآ أَخَافُ مَا تُشۡرِكُونَ بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَشَآءَ رَبِّي شَيۡٔٗاۚ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيۡءٍ عِلۡمًاۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ ٨٠ وَكَيۡفَ أَخَافُ مَآ أَشۡرَكۡتُمۡ وَلَا تَخَافُونَ أَنَّكُمۡ أَشۡرَكۡتُم بِٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ عَلَيۡكُمۡ سُلۡطَٰنٗاۚ فَأَيُّ ٱلۡفَرِيقَيۡنِ أَحَقُّ بِٱلۡأَمۡنِۖ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٨١﴾
تەرجىمىسى
74 – ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارنى ئىلاھ قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېدى.
75 – شۇنىڭدەك بىز ئىبراھىمغا جەزمەن ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۆرسىتەتتۇق.
76 – ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر سەييارە كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. سەييارە پېتىپ كېتىۋېدى: «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى.
77 – ئاندىن چىقىۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى: «رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى.
78 – ئاندىن چىقىۋاتقان قۇياشنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى، مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن، سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا – جۇدامەن.
79 – شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
80 – قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىرەر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئويلىمامسىلەر؟
81 – مەن قانداقمۇ سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن قورقاتتىم! ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتىسىلەر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار».
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 74 – ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ باتىل ئېتىقادىنى، تەرسالىقىنى، قەبىھ پېئىل ۋە ناشايان سۆزلىرىنى بىلدۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە، ئۇلارغا تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ۋە ئۇلار بىلەن ئىلمىي يوسۇندا مۇنازىرىلىشىشكە بۇيرۇيدۇ. 74 ~81 – ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، شېرىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈرەش ھاياتىدىن بىر قىسىمنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ چاغدا بولۇپ – ئۆتكەن ھادىسىلەرنى ئېسىدە تۇتۇشقا ۋە قەۋمىگە دەپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىشتا ۋە شېرىككە قارشى كۈرەش قىلىشتا ئۈلگە ئېلىشى لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارغا چوقۇنامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېگەن ئىدى.
- ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ يولىدا دەپ دەۋا قىلىدىغان قەۋمىڭگە ئىبراھىمنىڭ ئەنە شۇ سۆزىنى زىكىر قىلغىن. بىز ئىبراھىمغا بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ قەبىھلىكىنى كۆرسەتكەندەك، قەۋمىگە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى ۋە ئۆزىنىڭ جەزمەن ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ تەرىپىمىزدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدۇق.
- ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر سەييارە (پلانېتا) كۆرۈپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىش، ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى تەدرىجىي رەۋىشتە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن: «ئۇ مېنىڭ رەببىم» دېدى. ئۇ سەييارە پېتىپ كېتىۋېدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى.
ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قۇياش ۋە ئايدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بەزىسىنى «كەۋكەب، كەۋاكىب» دەيدۇ[1]. بەزىسىنى «نەجم، نۇجۇم» دەيدۇ[2]. بىر ئايەتتە، قىيامەت قايىم بولغاندا «كەۋكەب»لەرنىڭ چېچىلىدىغانلىقىدىن[3]، ئىككى ئايەتتە «نەجملەر»نىڭ ئۆچىدىغانلىقىدىن[4]. خەۋەر بېرىش ئارقىلىق «كەۋكەبلەر»دە نۇر يوقلىقىنى، «نەجملەر»دە نۇر بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
دەرۋەقە، ئەرەبچىدە «نەجم» يۇلتۇزنى، «كەۋكەب» پلانېتا (سەييارە) نى ئىپادىلەيدۇ. يۇلتۇزلار- ئۆزى نۇر چىقىرىدىغان يورۇق ئاسمان جىسىملىرىدۇر. پلانېتىلار بولسا، ھەر بىرى ئۆز ئوربىتىسىدا مەلۇم يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان زور ئاسمان جىسىملىرى بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرى نۇر چىقارماي، پەقەت ئۆزلىرى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقان يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ[5].
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرۈپ «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېگىنى «نەجم» ئەمەس «كەۋكەب»دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مۇپەسسىرلەر ئۇ «كەۋكەب»نىڭ ۋېنېرا (زۇھرە – الزهرة) ياكى يۇپىتېر (مۇشتەرى – المشتري) ئىكەنلىكىنى يازىدۇ[6].
- ئاندىن ئاينى چىقىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ، يۇقىرىدىكى ئۇسلۇب بىلەن قەۋمىنىڭ دىققىتىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە تارتىش ئۈچۈن «ئۇ مېنىڭ رەببىم» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋېدى، «ئەگەر رەببىم مېنى ھىدايەت قىلمىسا چوقۇم ئازغۇن قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى.
بۇ ئىپادە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىگە «سىلەر ئازغۇن قەۋم» دەپ قىلغان دارىتما سۆزى ئىدى.
- ئاندىن ئىبراھىم قۇياشنى چىقىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ، «ئۇ مېنىڭ رەببىم. ئۇ، سەييارىدىنمۇ، ئايدىنمۇ چوڭ» دېدى. قۇياشمۇ پېتىپ كېتىۋېدى مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن ئادا – جۇدامەن.
- شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئىپادىسىدە قەۋمىگە، «ئى قەۋمىم! سىلەر ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان ئاجىز بۇتلارغا ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىلىرىدىن چىقالمايدىغان يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر. مەن بولسام، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا چوقۇنۇۋاتىمەن. مەن پۈتكۈل باتىل ئېتىقاد ۋە خاتا يوللاردىن يۈز ئۆرۈپ ھەقكە ۋە توغرا يولغا يۆنەلدىم. مەن ئەھلى تەۋھىد، سىلەر مۇشرىك. مەن سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردىن ئەمەس» دېگەن دارىتما گەپلەرنى قىلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، پۇتپەرەس ئاتىسى ۋە قەۋمى بىلەن قىلغان كۈرىشىنىڭ پەرقلىق بۆلۈملىرى قۇرئان كەرىمدە باشقا يەرلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ[7].
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان بويىچە) ئاتىسى ئازەرگە ۋە قەۋمىگە ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىشنىڭ لازىملىقىنى، ئۆزىنىڭ شېرىك ۋە مۇشرىكلاردىن ئادا – جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆز بۇتلىرىنىڭمۇ ئىلاھ بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بۇتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشى بىلەن تەھدىد قىلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن. 80 ~ 83 – ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىگە بەرگەن ئۇ رەددىيەسى بىلدۈرۈلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، قەۋمىگە كۆرسەتكەن دەلىلنى (76 – ئايەتتىن باشلاپ 81 – ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەردە قەۋمىگە قارشى كەلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان بارلىق ئەقلىي دەلىللەرنى) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئىبراھىم، قەۋمىگە شېرىكنىڭ باتىل، تەۋھىدنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تەۋھىد ئەھلى، شېىرككە ۋە مۇشرىكلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىبراھىم بىلەن قەۋمى ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى. ئىبراھىم ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتتى: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھقىلا چوقۇنۇش لازىملقىنى ۋە ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ھېچكىمگە پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش كېرەكلىكىنى شۇنچە دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرسەم، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ شېرىك قارىشىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ مەن بىلەن تالاش – تارتىش قىلىشامسىلەر؟ شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ مېنى تەۋھىدكە مۇۋەپپەق قىلدى، مەن يولۇمدىن قايتمايمەن. مەن، سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىم ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، يەنى رەببىم ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلاھلىرىڭلار تەرىپىدىن ماڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك كېلىشنى خالىسا، ئۇ كۆڭۈلسىزلىك چوقۇم رەببىم خالىغاندەك ماڭا كېلىدۇ. مەسىلەن: رەببىم، بىرەر بۇتنىڭ ياكى ئاقار يۇلتۇزلاردىن بىرەر پارچىنىڭ ئۈستۈمگە چۈشۈپ مېنى يارىدار قىلىشىنى ياكى ئۆلتۈرۈشىنى خالىسا، ئەلۋەتتە بۇ ئىش رەببىمنىڭ قۇدرىتى ۋە خاھىشى بىلەنلا يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ماڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى خالىشىدىن قورقىمەن. رەببىم ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. مېنىڭ كۆرگەنلىرىمنى سىلەرمۇ كۆرۈۋاتىسىلەر، بۇتلارنىڭ كائىناتنىڭ باشقۇرۇرۇلىشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر! بۇ بىلىمىڭلارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتسەڭلار بولمامدۇ؟
- ئى مۇشرىكلار! سىلەر كائىناتنىڭ يېگانە پادىشاھى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھتىن قورقمىغان يەردە، مەن سىلەرنىڭ ئاجىز ۋە جانسىز بۇتلىرىڭلاردىن قورقىمەنمۇ؟! بۇنى قانداقمۇ ئويلايدىغانسىلەر؟ ئەگەر بىلىدىدىغان بولساڭلار، قايسىمىز خاتىرجەم بولۇشقا لايىق؟
[1] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 76 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 4 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 35 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 6 – ئايەت؛ 82 – سۈرە ئىنفىتار، 2 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 97 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 54 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 – ۋە 16 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 18 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 88 – ئايەت؛ 52 – سۈرە تۇر، 49 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 1 – ئايەت؛ 55 – سۈرە رەھمان، 6 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 75 – ئايەت؛ 77 – سۈرە مۇرسەلات، 8 – ئايەت؛ 81 – سۈرە تەكۋىر، 2 – ئايەت؛ 86 – سۈرە تارىق، 3 – ئايەت.
[3] 82 – سۈرە ئىنفىتار، 2 – ئايەت.
[4] قاراڭ: 77 – سۈرە مۇرسەلات، 8 – ئايەت؛ 81 – سۈرە تەكۋىر، 2 – ئايەت.
[5] قاراڭ: ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، «كەۋكەب»، ھازىرقى زامان ئەرەب تىلى لۇغىتى (ئالەمۇل كۇتۇب، 1429 ھ /2008 م)، 3: 1971، «نەجم»، 3: 2173؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «كەۋكەب»، ئەلمۇئجەمۇلۋەسىت، 2: 793، «نەجم»، 2: 905.
[6] قاراڭ: قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 7 : 25؛ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇراھمان ئىيجى، جامىئۇل بەيان فىي تەفسىرىل قۇرئان (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 1424 ھ/ 2004 م)، 1 : 550؛ ئەبۇلبەرەكات ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مەھمۇد ھافىزۇددىن نەسەفىي، مەدارىكۇت تەنزىل ۋە ھەقائىقۇت تەئۋىيل، تەھرىر: يۇسۇف ئەلى بۇدەيۋىي (بېيرۇت: دارۇل كەلىمىت تەييىب، 1419 ھ/ 1998 م)، 1: 516.
[7] قاراڭ: 19 – سۈرە مەريەم، 41 ~ 48 – ئايەتلەر؛ 21 – سۈرە ئەنبيا، 51 ~ 70 – ئايەتلەر؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 69 ~ 77 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 16 ~ 25 – ئايەتلەر؛ 37 – سۈرە ساففات، 83 ~ 98 – ئايەتلەر.





