﴿ قُلۡ مَن يُنَجِّيكُم مِّن ظُلُمَٰتِ ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ تَدۡعُونَهُۥ تَضَرُّعٗا وَخُفۡيَةٗ لَّئِنۡ أَنجَىٰنَا مِنۡ هَٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ ٦٣ قُلِ ٱللَّهُ يُنَجِّيكُم مِّنۡهَا وَمِن كُلِّ كَرۡبٖ ثُمَّ أَنتُمۡ تُشۡرِكُونَ ٦٤ قُلۡ هُوَ ٱلۡقَادِرُ عَلَىٰٓ أَن يَبۡعَثَ عَلَيۡكُمۡ عَذَابٗا مِّن فَوۡقِكُمۡ أَوۡ مِن تَحۡتِ أَرۡجُلِكُمۡ أَوۡ يَلۡبِسَكُمۡ شِيَعٗا وَيُذِيقَ بَعۡضَكُم بَأۡسَ بَعۡضٍۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَفۡقَهُونَ ٦٥ وَكَذَّبَ بِهِۦ قَوۡمُكَ وَهُوَ ٱلۡحَقُّۚ قُل لَّسۡتُ عَلَيۡكُم بِوَكِيلٖ ٦٦ لِّكُلِّ نَبَإٖ مُّسۡتَقَرّٞۚ وَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ ٦٧ وَإِذَا رَأَيۡتَ ٱلَّذِينَ يَخُوضُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيۡرِهِۦۚ وَإِمَّا يُنسِيَنَّكَ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَلَا تَقۡعُدۡ بَعۡدَ ٱلذِّكۡرَىٰ مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ ٦٨﴾
تەرجىمىسى
63 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟
64 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئۇنىڭدىن ۋە ھەر قىيىنچىلىقتىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا شېرىك كەلتۈرۋاتىسىلەر».
65 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئاياغلىرىڭلارنىڭ ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى ھەر خىل پىرقىلەرگە بۆلۈپ، بەزىڭلارغا بەزىڭلارنىڭ كۈچىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». قارىغىنا، ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟
66 – ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭ قۇرئاننى يالغان دېدى. ھالبۇكى، قۇرئان ھەقتۇر. ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە مەسئۇل ئەمەسمەن!».
67 – ھەر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار. يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر.
68 – بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىشىۋاتقانلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلار باشقا سۆز توغرىسىدا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئەسلىگىنىڭدىن كېيىن ئۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن!
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 63 ~ 67 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە مەرھەمىتىنى ئەسلىتىشكە، ئۇلارنىڭ باتىل ئېتىقادىنى ئەيىبلەشكە ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتقان ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر زۇلمەتلىك قاراڭغۇ كېچىلەردە، چۆل – باياۋانلاردا ۋە دېڭىز – ئوكيانلاردا يولدىن ئېزىپ قالغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلىسىلەر ۋە ئاللاھقا: «ئى ئاللاھ ئەگەر بىزنى بۇ خەتەرلەردىن قۇتقۇزۇپ قويساڭ، چوقۇم ئىبادەتنى ساڭىلا قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ ئەھدە بېرىسىلەر. شۇ چاغلاردا سىلەرنى خەتەرلەردىن، قورقۇنچلاردىن ۋە دەھشەتلەردىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟».
- ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەرنى ئۇ خەتەرلەردىن ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقتىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر يەنىلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىسىلەر».
- ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈن تەرىپىڭلاردىن سەل، بوران ۋە توپانغا ئوخشىغان ئازابلارنى ئەۋەتىشكە، ئاستىن تەرىپىڭلاردىن يەر تەۋرەش ۋە يەر يۇتۇشقا ئوخشىغان ئازابلارنى ئەۋەتىشكە قادىردۇر. شۇنىڭدەك، سىلەرنى پىرقە ۋە گۇرۇھلارغا ئايرىپ، بىر – بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشقىمۇ قادىردۇر».
ئى مۇھەممەد! قارىغىنا: بىز ئۇلارنى ئەتراپلىق چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟
66.ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭ ھەق بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلدى، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ۋەزىپەم سىلەرگە ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر، مەن بۇ ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم، مەن سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىپ تاپماسلىقىڭلارغا مەسئۇل ئەمەس، مېنىڭ سىلەرنى ئىمانغا زورلاش ۋەزىپەم يوق»[7].
- ئى مۇشرىكلار! قۇرئاندا بېرىلگەن ھەر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان زامانى بار. شۇ زامان كەلگەن چاغدا ئۇ خەۋەر ئەمەلىي ئىشقا ئايلىنىپ مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ راستلىقىنى ئەنە شۇ چاغدا بىلىسىلەر[8].
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلار (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى)نىڭ بىر يامانلىقى، سورۇنلىرىدا ئايەتلەرگە تەنە قىلىش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ۋە كەمسىتىش ئىدى. ئاللاھ تائالا 68 – 70 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلار سورۇنلىرىدا قۇرئانغا تەنە قىلىشقا باشلىغاندا ئۇلاردىن ئايرىلىشقا، ناۋادا ئېسىدىن چىقىپ قېلىپ ئولتۇرۇپ سالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان ئايرىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلارنىڭ زالىملىقىنى، تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن جاۋابكار ئەمەسلىكىنى، لېكىن ئۇلارغا ھەقنى ئەسلىتىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۆزلىرىگە تەبلىغ قىلىنغان ھەق دىننى ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان (ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىنى مەسخىرە قىلغان ۋە كەمسىتكەن) ۋە دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان ئۇ غاپىللارنى تەرك ئېتىشكە ۋە ئىنسانلارغا قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ سورۇنىدا بولغان چېغىڭدا، ئۇلار ئايەتلىرىمىزگە تەنە قىلغىلى باشلىسا، ئۇلار باشقا بىرەر پاراڭغا چۈشكەنگە قەدەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرغىن. ناۋادا شەيتاننىڭ ئۇنتۇلدۇرۇشى بىلەن ئولتۇرۇپ قالغان بولساڭ، ئېسىڭگە كەلگەن ھامان ئايرىلغىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن.
[1] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 42 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 26 – ۋە 27 – ئايەتلەر.
[3] قاراڭ: 82 – سۈرە ئىنفىتار، 10 ~ 12 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.
[4] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 42 – ئايەت.
[5] قاراڭ: 81 – سۈرە تەكۋىر، 7 – ئايەت.
[6] قاراڭ: 32 – سۈرە سەجدە، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر.
[7] قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 48 – ئايەت؛ 88 – سۈرە غاشىيە، 22 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[8] قاراڭ: 38 – سۈرە ساد، 88 – ئايەت.





