قۇرئان يولى
ئەنئام سۈرىسى، 50 ~ 52 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى رەسۇلۇللاھنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى 1

ئەنئام سۈرىسى، 50 ~ 52 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ رەسۇلۇللاھنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى

﴿ قُل لَّآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ إِنِّي مَلَكٌۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ ٥٠ وَأَنذِرۡ بِهِ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحۡشَرُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ لَيۡسَ لَهُم مِّن دُونِهِۦ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ ٥١ وَلَا تَطۡرُدِ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ مَا عَلَيۡكَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَمَا مِنۡ حِسَابِكَ عَلَيۡهِم مِّن شَيۡءٖ فَتَطۡرُدَهُمۡ فَتَكُونَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ ٥٢﴾

تەرجىمىسى

50 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن. مەن غەيىبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: ‹مەن چوقۇم پەرىشتە› دېمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن». ئېيتقىنكى: «كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟».

51 – رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا، رەببىدىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچىسى يوق ھالدا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار تەقۋادار بولغاي!

52 – ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلارنى قوغلىۋەتمىگىن! ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھېسابى سەندىن ئېلىنمايدۇ. سېنىڭ ھېچبىر ھېسابىڭ ئۇلاردىن ئېلىنمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنى قوغلىۋېتەر ئىدىڭ. ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.

تەپسىرى

ئاللاھ تائالا 50 ~ 52 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ناشايان تەلەپلەردە بولغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىشكە ۋە قىيامەت كۈنى رەببى (ئاللاھ)نىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاجىز مۇئمىنلارنى يېنىدىن قوغلىۋېتىشتىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتقان ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشىنىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك شەرتلەرنى قويىۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە: ‹مەن ئاللاھنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە› دەپ دەۋا قىلمايمەن. ئەگەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقۇم بولسا ئىدى، سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى دەرھال كەلتۈرۈپ ئالدىڭلارغا قويغان بولاتتىم. مەن غەيىبنى بىلمەيمەن، ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام نۇرغۇنلىغان پايدىلارنى قولغان كەلتۈرگەن بولاتتىم، ھەمدە بېشىمغا يامانلىق كەلمىگەن بولاتتى. مەن سىلەرگە: ‹مەن بىر پەرىشتە› دېگەن دەۋانىمۇ قىلمايمەن. مەن بىر ئىنسان، ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىمەن، شۇڭلاشقا مەن، پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن، ۋەھىينىڭ سىرتىغا چىقمايمەن»[2].

ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: «ھەقنى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن ھەقنى كۆرگەن ئادەم ئوخشاش بولامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا نېمىشقا ئويلانمايسىلەر؟ نېمىشقا مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ھەقنى چۈشەنمەستىن ئىنكار قىلىسىلەر؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلساڭلار بولمامدۇ؟»[3].

  1. ئى مۇھەممەد! قۇرئان بىلەن، قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ۋە رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا يالغۇز تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلار سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭنى چىن قەلبىدىن قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ دۇنيادا ئەمەل قىلىپ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ[4].
  2. ئى مۇھەممەد! ھاكاۋۇر كافىرلارنىڭ، يېنىڭدىكى ئاجىز – مىسكىن مۇئمىنلارنى قوغلىۋېتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمىغىن. ئۇلارنى مەمنۇن قىلىمەن دەپ، ئاجىز ۋە غېرىپ مۇئمىنلارنى يېنىڭدىن كېتىشكە زورلىمىغىن، ئەكسىچە ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغىن، كافىرلار ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ بىرەر كەمچىلىكى ياكى بىرەر خاتالىقى بولسا، ئۇنىڭدىن سەن جاۋابكار ئەمەس، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ناۋادا ئۇلارنى يېنىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[5].

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 188 – ۋە 203 – ئايەتلەر؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 15 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 93 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 110- ئاايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 6 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 9 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 24 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 16 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 19 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 58 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 124 – ۋە 125 – ئايەتلەر؛ 17 -سۈرە ئىسرا، 82 – ئايەت؛ 20 – سۈرە  تاھا، 3 – ئايەت؛ 36 – سۈرە  ياسىن، 11 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 44 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 45 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 28 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 18 – ئايەت؛ 53 – سۈرە  نەجم، 38 ~ 41 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر