سوئالىڭىزنى سوراڭ
This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.
خەتكۈشلەر
ئاتا-ئانا
ئالتۇن
ئايال
ئىبادەت
ئىسلام
ئىسلامدا ئىبادەت
ئۆسۈم
ئېلىم-سېتىم
بەدەن
تالاق
تاھارەت
تىجارەت
تىجارەت ۋە جازانىخورلۇق
تەۋھىد
جازانىخورلۇق
جازانە
جىھاد
رامزان
روزا
روھ
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار
زاكات
سودا
سودا - سېتىق
سۇ
سۈننەت
سەدىقە
شېرىك
قۇرئان
قەرز
كىتاب
كۈمۈش
لازىملىق دىنى ئىلىملەر
مال
مىراس
مۇجتەھىدلەرنىڭ دەۋرى
مۇسۇلمانلار
مۇشرىك
مۇھىت
مەككە
ناماز
نىكاھ
ياخشىلار باغچىسى
ھىجرەت
ھەج
ئاۋات يازمىلار
- سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ھامىلىدار بولۇشقا بولامدۇ؟
- تويدا ئۇسسۇل ئويناشقا بولامدۇ؟
- نىكاھ بۇزۇلامدۇ؟
- ئۆيدە يالاڭۋاشتاق يۈرسەم بولامدۇ؟
- مۇھەببەتلىشىشنىڭ چېكى بارمۇ؟
- قازا نامىزىمنى قاچان ئوقۇيمەن؟
- ھاراقكەشنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا بولامدۇ؟
- ئاياللار ئىش قىلسا بولمامدۇ؟
- جۈمە مۇھىممۇ؟ ھېيت نامىزىمۇ؟
- دادىسى ھارامدىن تاپقان پۇلنى بالىسى مىراس ئالسا بولامدۇ؟
يېقىنقى يازمىلار
- نىكاھنىڭ نازارەت قىلىنىشى
- دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋېتى \ سېكولارىزم
- دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋىتى 1
- دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى
- بەقەرە 113 – ئايەتنىڭ تەپسىرى
- ھەيزدار ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش
- ئاق خۇن تاھارەتنى بوزامدۇ؟
- قىيىن ئىنىم بىلەن بىللە تۇرسام بولامدۇ؟
- ھايۋاننى سولاپ بېقىش ۋە ئېلىپ – سېتىش
- نىجاسەت يېگەن ھايۋاننىڭ ھۆكمى نېمە؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جانلىق سۈرەتلەرنى سىزىش ھارام بۇنى بىلىدۇق ،لىكىن ھازىر كىچىك بالىلارنىڭ ئوقۇش كىتابلىرىدا جانلىقلارنىڭ ،ئادەملەرنىڭ سۈرەتلىرى باركەن ،باللارنىڭ مۇشۇ كىتابلارنى ئوقۇشى جائىزمۇ؟ ئاندىن كومپىيوتىردا بالىلارغا ئىسلامى كارتون فىلىم ياساشچۇ توغرىمۇ؟شۇنداق سۈرەتلىك كىتابلارنى بېسىپ كۆپەيتىشچۇ؟ ئىسلامى باللار ئوقۇشلۇق كىتابىدا رەسىم كىرىشتۈرۈچۇ؟تەپسىلىرەك جاۋاب بەرگەن بولسىلا ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
قېرىندىشىم، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. سىز سۇئالنى «جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ھارام» دېگەن كەسكىن ھۆكۈم بىلەن باشلاپسىز. سىزنى بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشقا ئۈندىگەن نەرسىنى بىلسەممۇ، يەنىلا سىزگە ئاۋۋال سىزگە تور بىتىمىزدىكى «ھارام ۋە ھالالنى كىم بەلگىلەيدۇ» ناملىق ماقالىنى بىر ئوقۇپ چىىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ھەمىمىزنىڭ مەقسىتى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، توغرىلارغا ئېرىشىش.
بىز خالىغانچە ھۆكۈم بېرەلەيمىز، ئەمما بەرگەن ھۆكمىمىز ئاللاھنىڭ بەرگەن ھۆكمىگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ ھارام قىلمىغان بىر ئىش ياكى نەرسىنى ھارام قىلىش بەك چوڭ گۇناھتۇر. ھەتتا بۇ شېرىك كەلتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھارام ۋە ھالال مەسىلىسىدە ئەڭ ئاۋۋال دىنىمىزنىڭ يېگانە مەنبەسى بولغان قۇرئانغا تايىنىشىمىز كېرەك. سۈننەتلەرگە كەلسەك، ئۇ قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىگە ئۇيغۇن كەلسە، توغرا بولىدۇ، بولمىسا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئانغا زىت نەرسە دېمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ۋەھىي قىلغاندىن باشقا نەرسە سۆزلىمەيدۇ.
بۇ سەۋەپتىن ئاۋۋال سىزگە سىز سورىغان مەسىلىنىڭ قۇرئاندىكى ھۆكمىنى، ئاندىن بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى ئىزاھلايمەن.
قۇرئان كەرىمدە رەسساملىق ھەققىدە ھېچبىر ھۆكۈم يوق، ئەمما رەسساملىق ۋە نەققاشلىق بىلەن ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن، ئۇنىڭدىن ئىنچىكە سەنئەت بولغان ھەيكەلتىراشلىقنىڭ مۇباھلىقىغا كۆرسىتىدىغان ئايەتلەر بار. مەسىلەن:
ئاللاھ تائالا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ، ئۇنىڭ لايدىن قۇش ھەيكەللىرىنى ياساپ، ئۇچۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿… وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡئَةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ … ١١٠﴾
«مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى» .
دېمەككى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇچارقاناتلارنىڭ شەكلىگە ئوخشاش ھەيكەل ياسايتتى. ھەيكەل ئىچىگە پۈۋلىنىپ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەقىقىي ئۇچارقاناتقا ئايلىنىپ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولاتتى. بۇ، رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساشنىڭ جائىزلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ھەيكەل ياساش بۇ ئۈچ سەنئەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدىكىدۇر. يۇقىرى سەۋىيەدىكىنىڭ جائىز بولۇشى تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئىككىسىنىڭمۇ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئايەتنىڭ بۇ مەزمۇنىغا بەزىلەر مۇنداق دەپ ئېتىراز بىلدۈرىدۇ: بۇ ئايەت جانلىق نەرسىنىڭ رەسىمىنى سىزىش ۋە ھەيكىلىنى ياساشنىڭ جايىزلىقىغا دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ھەيكەل مۆجىزە بولۇشى ئۈچۈن ياسالغان. بۇ ئالاھىدە ئەھۋالدۇر، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن «رەسىم سىزىش، سۈرەتكە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساش جائىز» دېگەن ئومۇمىي ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىرازى ئورۇنسىزدۇر، قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى بىر پەيغەمبەرنىڭ «مۆجىزەم بولسۇن» دەپ بىرەر ھارام ئىشنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.
ھەيكەلتىراشلىقنىڭ دۇرۇسلىقىغا ئۇچۇق – ئاشكارا دەلىل بولىدىغان يەنە بىر ئايەت بولسا، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ ئايەتتۇر:
﴿يَعۡمَلُونَ لَهُۥ مَا يَشَآءُ مِن مَّحَٰرِيبَ وَتَمَٰثِيلَ وَجِفَانٖ كَٱلۡجَوَابِ وَقُدُورٖ رَّاسِيَٰتٍۚ … ١٣﴾
«ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى…» .
بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ھەيكەل ياساشقا ئەمر قىلاتتى. ئەگەر ھەيكەل ياساش ھارام بولۇپ، ئاللاھنىڭ بىر پەيغەمبىرى بولغان سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ئۇ ھارامغا ئەمر قىلغان بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن چوقۇم ئاگاھلاندۇرۇلغان بولاتتى. لېكىن بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەل ياساشنى بۇيرۇغانلىقىنى، بۇيرۇلغان جىنلارنىڭ ئۆزلىرى بۇيرۇلغان ھەيكەللەرنى ئۇنىڭغا ياساپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قىلىنغان ئىنئام سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ.
ئويلىنىپ باقايلى، مۇشرىكلارنىڭ مۇشرىك بولۇشىنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇلۇغ بىلگەن كىشىلىرىنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ چۇقۇنىشتى. مۇشۇنداق، ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان چوڭ گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان بىر ئىشقا رۇخسەت بولغان يەردە، رەسىم سىزىشنى «قەتئىي ھارام» دىيىش قانچىلىك توغرىدۇ. شۇڭا بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ «رەسىملەر» ھەققىدە دېگەن سۆزىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ، ئاندىن ھۆكۈم چىقارساقمۇ كېچىكمەيمىز.
ئەمدى رەسىم ھەققىدە كەلگەن رىۋايەتلەرگە قاراپ باقايلى، كەسكىن «ھاراملىق» ھۆكمى چىقامدۇ، چىقمامدۇ؟ بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسىملىك بىر رەخت سېتىۋېلىپ، ئۆيۈمنىڭ ئىچىگە ئىسىپ قويغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ بىر سەپەردىن قايتىپ كىلىپ، ئۆيگە كىردى ۋە قىلغان ئىشىمنى ياقتۇرمىدى ۋە ماڭا «ئى ئائىشە تاملارغا پەردە تارتىپ قويامسەن!؟» دېگەن ئىدى، مەن ئۇ رەختنى ئېلىپ، ئىككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتىم. كىيىن مەن ئۇنىڭ رەسىم بار بىر ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم».
ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدىراھماندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ تەبۇك غازىتىدىن (ياكى خەيبەر غازىتىدىن) قايتقان ئىدى. ئۇ ئەسنادا شامال چىقىپ سۇپامنىڭ پەردىسىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئويۇنچۇق قىزلىرىم كۆرۈنۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ: «ئائىشە! بۇ نېمە؟» دېدى، قىزلىرىم دېدىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى، ياماقلىقلاردىن ئېتىلگەن ئىككى دانە قانىتى بار بىر ئاتنى كۆرۈپ، «ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرگىنىمچۇ؟» دېدى، ئات دىدىم، «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نېمە؟» دېدى، ئىككى قانات دېدىم، «ئىككى قانىتى بار ئاتمۇ؟!» دېدى، سۇلەيماننىڭ قاناتلىرى بار ئاتلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا ئېزىق چىشلىرىنى كۆردۈم.
بۇ ئىككى رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ رەسىملىك نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ۋە قونچاق ئويناشتىن چەكلىمەيدۇ.
ئەسكەرتىش: رەسۇلۇللاھنىڭ تامدىن ئۇ رەختنى ئالدۇرۋېتىشىنىڭ سەۋەبى، باشقا رىۋايەتلەردە: رەسىمنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ناماز ئوقۇيدىغان يېرىدە بولغاچقا، دىققىتىنى چاچقانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىلىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «رەسىملىك بىر ياستۇق سىتىۋالغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرۈپ، ئۆيگە كىرمەي، ئىشىكتە تۇرۇپ قالدى، مەن ئۇنىڭ يۈزىدىن خاپا بولغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئى رەسۇلۇللاھ -ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭغا ئەلچىسىگە تۆبە قىلاي! -نېمە گۇناھ قىلدىم؟ دېدىم. ئۇ، بۇ قانداق ياستۇق!؟ دېدى، مەن ئۇنىڭغا «ئۇنى سېنىڭ يۆلىنىپ ئولتۇرۇشۇڭ ئۈچۈن سېتىۋالدىم» دېدىم. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «بۇ رەسىملەرنىڭ ئىگىلىرى قىيامەت كۈنى ئازاپقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا ياراتقان نەرسىلىرىڭلارنى تىرىلدۈرۈڭلار دېيىلىدۇ». ۋە يەنە «رەسىم بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دېدى .
ئەمدى بۇ ئۈچىنچى رىۋايەتكە كەلسەك، ئەسلى بۇ رىۋايەتمۇ ئوخشاشلا ئائىشەدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلا ۋەقەلىك، لېكىن ئاخىرىدىكى «بۇ رەسىملەرنىڭ ئىگىلىرى قىيامەت كۈنى ئازاپقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا ياراتقان نەرسىلىرىڭلارنى تىرىلدۈرۈڭلار دېيىلىدۇ». ۋە يەنە «رەسىم بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، دېدى» دېگەن ئىپادىلەر، رىۋايەت قىلغۇچى تەرىپىدىن باشقا رىۋايەتلەردىن بۇ رىۋايەتكە قوشۇپ قويۇلغان. بۇ ئۇسۇل ھەدىس كىتابلىرىدا كەڭ ئۇچرايدۇ؛ ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلار بىر تېما ئاستىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھەدىسلەرنى توپلايدۇ. بەزىلەر مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىكلا يېرىنى ئىلىۋېلىپ، قالغان يېرىنى ئالمايدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولغاچقا، ھەدىسلەر بىر بىرى بىلەن ئارلىشىپ كىتىدىغان ئىش چىقىدۇ. ئەمما سەنەد ئېتىبارى بىلەن سەھىھ (ئىشەنچىلىك) بۇلىۋېرىدۇ. لېكىن مەنىسى تەرەپتىن خاتا چۈشەنچىلەرگە يول ئاچىدۇ. خۇددى بۇ يەردە كۆرگىنىمىزدەك.
بەزى ئالىملار بۇلۇپمۇ زاھىرى مەزھەب ئالىملىرى بۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلىپ، جانلىق ھەر قانداق نەرسىنىڭ رەسىمىنى سىزىش ۋە ياساشنى قەتئىي ھارام دەپ قارايدۇ.
لېكىن ھەممە ئالىم مۇنداق قارىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار، رىۋايەتلەردىنمۇ بىلىنگىنىدەك ئازاپقا قالىدىغان رەسساملار پەقەت باشقىلارغا باتىل ئېتىقادتىكىلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بېرىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساپ بېرىدىغانلار دەپ قارايدۇ. بۇ ھەم ئەقىلگە، ھەم قۇرئانغا ئۇيغۇن.
چۈنكى رەسىمگە تارتىش، رەسىم سىزىش، سىنغا ئېلىش ۋە ھەيكەل ياساش قاتارلىق ئىشلارنى يامان كۆرىدىغان، ئۇلارنى مەنئى قىلىدىغان ۋە «ھارام» دەپ ھۆكۈم قىلىدىغانلار يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بىلەن بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمىغان ياكى رىۋايەتلەرنى كۆرۈپلا ئايەتلەرگە قارىماستىن ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەن ۋە ياكى رەسىم ۋە ھەيكەلدىن مەقسەت قىلىنغان نەتىجىنى ئېتىبارغا ئالمىغان، شۇنداقلا مەسىلە ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرالمىغان.
رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەل ياساشتىن مەنئى قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش يارىتىش دەيدىغان بەزى رىۋايەتلەر بار.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش ئوچۇق – ئاشكارا كۇفرىلىقتۇر، دىندىن چىققانلىقتۇر. چوقۇنۇلغان نەرسە ھەيكەل بولسۇن ياكى ئىنسان بولسۇن ياكى بىرەر ھايۋان ۋە ياكى تەبىئەت مەنزىلىرىدىن بىرەر مەنزىرە بولسۇن ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ قانداقلا بىرىگە چوقۇنۇش كۇفرىلىقتۇر، شېرىكتۇر، ھارامدۇر. لېكىن بىرەر نەرسىگە چوقۇنۇش ئۇ نەرسىنىڭ يامان نەرسە ياكى ھارام نەرسە ۋە ياكى ياسىلىشى چەكلەنگەن نەرسە ئىكەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ. مەسىلەن: خىرىستىيانلار ئىيسا ۋە مەريەم ئەلەيھىسسالاملارغا چوقۇنىدۇ، بىز مۇسۇلمانلار ئۇلارغا ئىسمى زىكىر قىلىنسا سالاتۇسالام يوللايمىز. قۇياشقا ۋە ئايغا چوقۇنىدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى ئايىتى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
ئەگەر بىرەر قەۋم بىرەر تۈرلۈك ئاپتوموبىلغا چوقۇنسا، بۇ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش ئۈچۈن ئۇ ئاپتوموبىلنى ياساشنىڭ ھاراملىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. يەر يۈزىدە كالىغا چوقۇنىدىغانلار بار، لېكىن ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشى بىلەن كالىنىڭ ھارام بولۇپ قالغىنى يوق. لېكىن ئاللاھنى قويۇپ، مۇشۇ نەرسىلەرگە ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى سىزىپ بەرگۈچىلەر ياكى ھەيكىلىنى ياساپ بەرگۈچىلەر ئازاپقا قالىدۇ.
ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش يارىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنساننىڭ ياسىشى ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن، ئىنساننىڭ ياسىغىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش ئەقىلنى ئىشلەتمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر، خالاس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿… أَمۡ جَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُواْ كَخَلۡقِهِۦ فَتَشَٰبَهَ ٱلۡخَلۡقُ عَلَيۡهِمۡۚ قُلِ ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّٰرُ ١٦﴾
«… ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر» .
بۇ ئايەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق مەنتىقلىق دەلىلىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىلاھلىق ۋە ياراتقۇچىلىق سۈپەتلىرىدە يەككە – يېگانىدۇر، ئاللاھنىڭ پېئىلى ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرىنىڭ پېئىلى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەر پېئىلى مۆجىزىدۇر (باشقىسى ئوخشىشىنى قىلالمايدىغان ئالاھىدىلىكتىدۇر)، ئىنساننىڭ پېئىلى مۆجىزە ئەمەس، بىر ئىنسان قىلغاننى يەنە بىر ئىنسان قىلالايدۇ.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالا ياراتقاندەك يارىتالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
﴿أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ ٣٥ أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ ٣٦﴾
«ياكى ئۇلار ھېچ نەرسىسىز يارىتىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار ياراتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار جەزمەن ئىشەنمەيدۇ» .
﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٞ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَن يَخۡلُقُواْ ذُبَابٗا وَلَوِ ٱجۡتَمَعُواْ لَهُۥۖ وَإِن يَسۡلُبۡهُمُ ٱلذُّبَابُ شَيۡئًا لَّا يَسۡتَنقِذُوهُ مِنۡهُۚ ضَعُفَ ٱلطَّالِبُ وَٱلۡمَطۡلُوبُ ٧٣ مَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ ٧٤﴾
«ئى ئىنسانلار! بىر مىسال بايان قىلىندى. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىرەر چىۋىن يارىتالمايدۇ، ھەتتا چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسە ئېلىپ قاچسا، چىۋىندىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئالالمايدۇ. دېمەككى، تەلەپ قىلغۇچىمۇ، تەلەپ قىلىنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر! ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر» .
توغرا، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىر دانە چىۋىن يارىتالمايدۇ. رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساش ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش ياراتقانلىق بولىدۇ دېگەنلىك، ئالدى بىلەن ئۇ ئىشلارنى قىلغانلىقنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىغا ئوخشاتقانلىق، ئاندىن رەسىم بىلەن ھەيكەلنى ئاللاھ ياراتقان مەخلۇققا ئوخشاتقانلىق، نەتىجىدە رەسسام بىلەن ھەيكەلتاراشنى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاتقانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى» دېگەن سۆزى بىلەن بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.
دەرۋەقە، رەسىمنىڭ ھاراملىقىغا دائىر رىۋايەتلەردىكى «ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش ياراتقانلىق» بولىدۇ دېگەن ئىپادە، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش يارىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رىۋايەتلەرنى ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا چۈشىنىش كېرەك، مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تاشلاپ قويۇپ رىۋايەتكە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقارماسلىق لازىم. بولمىسا ئاجىز رىۋايەتلەردىن، رىۋايەتكە قوشۇلغان جۈملىلەردىن ۋە ئويدۇرما ئىپادىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردىكى تەھدىتلەرنى، چوقۇنۇش ئۈچۈن ھەيكەل ياساش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى ھەيكەل ياساشنىڭ مۇباھلىقى (رۇخسەت بېرىلگەن ئىش ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئايەتلەر بار. ئۇ ئايەتلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. قۇرئان كەرىمدە ھەيكەل ئەيىبلەنگەن ئايەتتە ھەيكەلنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش ئەيىبلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ إِبۡرَٰهِيمَ رُشۡدَهُۥ مِن قَبۡلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَٰلِمِينَ ٥١ إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا هَٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِيٓ أَنتُمۡ لَهَا عَٰكِفُونَ ٥٢ قَالُواْ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَٰبِدِينَ ٥٣ قَالَ لَقَدۡ كُنتُمۡ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ ٥٤﴾
«بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: ‹شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟‹ دېگەن ئىدى. ئۇلار: ‹ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن‹ دېدى. ئۇ: ‹سىلەرمۇ، ئاتا – بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!› دېدى» .
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سامىرىينى ئەيىبلىشىمۇ، سامىرىينىڭ موزاينىڭ ھەيكىلىنى مۇسانىڭ ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىلاھى دەپ دەۋا قىلىشىدىن، شۇنداقلا ئىنسانلارنى دىندىن چىقىرىشىدىن بولغان .
يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە ھەيكەل ياساش ئەيىبلەنمىگەن، بەلكى ھەيكەلگە چوقۇنۇش ئەيىبلەنگەن. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەل ياساشقا ئەمر قىلغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇش ھەيكىلى ياسىغانلىقى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەلگە چوقۇنۇشنى ئەيىبلىگەنلىكى قاتارلىقلار ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى، ھەيكەلنىڭ ھۆكمىنىڭ ھارام ياكى مۇباھلىقىنى ئۇنى ياساشتىكى مەقسەت بەلگىلەيدۇ. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇش ئۈچۈن ھەيكەل ياساش قەتئىي ھارامدۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر ئەقىل ئىگىسى شەك قىلمايدۇ. لېكىن باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ھەيكەل ياساش ھارام ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىدىكى ھەيكەللەرنى ئۆرۈۋەتكەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەن چاغدا كەبىدە 360 دانە بۇت بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى ياغاچنى ئۇلارغا سانجىغان ۋە مۇنداق دېگەن :
﴿وَقُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَزَهَقَ ٱلۡبَٰطِلُۚ إِنَّ ٱلۡبَٰطِلَ كَانَ زَهُوقٗا ٨١﴾
«ھەق كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل چوقۇم يوقىلىدۇ» .
چۈنكى ئۇ بۇتلار ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە چوقۇنۇلغان تاغۇتلار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى كەبىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىدى.
خۇلاسە
ھەيكەلتاراشلىق قىلىش جائىز بولىدۇ. بۇ جائىز بولغان يەردە ياخشىلىققا ۋاسىتە قىلىش ئۈچۈن قول بىلەن ياكى كومپيۇتېر بىلەن ھەر تۈرلۈك رەسىملەرنى سىزىش (كارتۇن فىلىملەر)، فوتو ئاپپاراتى بىلەن رەسىمگە تارتىش، سىنغا ئېلىش، ھەيكەل ياساش، بالىلارنىڭ تېز ئۆگۈنىشى ئۈچۈن، ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن رەسىم سىزىلغان ئۇ كىتابلارنى ئوقۇشى، پايدىلىنىشى… قاتارلىقلارنى قىلىش تەبىئىي جائىز بولىدۇ. چۈنكى رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ھەيكەل ياساشقا ئوخشاش ھېسابلىنىدىغان، بەلكى ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىشلاردۇر.
ياخشىمۇسىز ئۇستاز مەن ئۆتكەندە (12- چىسلا) بۇ ئورۇن ئارقىلىق بېقىۋېلىنغان بالا توغرىسىدا پەتۋا سوراپ بىر مەزمۇن ئەۋەتكەن تاپشۇرۇپ ئالغانسىزمۇ؟ سىلەرنىڭ ئىلخەت قاتارلىق ئالاقىلىشش ئادىرسىڭلار بولمىغاچقا، پەقەت مۇشۇ ئورۇن ئارقىلىقلا سىلەردىن سوئال سورالايدىكەنمىز. دائىم بۇ بەتتىن جاۋاپ بەرگەنمىدۇ دەپ ئىزدەۋەتىمەن ھازىرغىچە بېكەت ئىچىدە بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر يوق. مەن ئەۋەتكەن مەزمۇننى تاپشۇرۇپ ئالغان بولساڭلار خەۋەر بەرگەن بولساڭلار رەھمەت ئاۋارە قىلدىم
ئاللاھ ئائىلىڭىزگە ۋە پۈتۈن ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭىزغا خاتىرجەملىك ۋە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن. ئۆز ئاتا-ئانىڭىزنى تاپقانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بۇ مەسىلىدە سىزنىڭ ھېچقانداق گۇناھىڭىز يوقكەن. سىز پەقەت ۋاپادارلىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپسىز. گۇناھ پەقەت سىزنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ۋە ئىنسانلىق مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلغان شۇ ئۆز ئاتا – ئانىڭىزدا. چۈنكى بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىنىڭ ئۈستىگە بىر مۇنچە مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن.
سۇئاللىرىڭىزغا كەلسەك؛ يۇرت چوڭلىرى بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ، ئاتا-ئانىڭىزغا نەسىھەت قىلىپ باقسۇن، ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ باقسۇن. ئۆز قېرىنداشلىرىڭىز بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قېرىنداش ئىكەنلىكىڭلارنى، بىر بىرىڭلارغا مەھرەم بىر ئائىلە ئىكەنلىكىڭلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۇرۇنۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. يەنە ئېتىراپ قىلمىسا ئامال يوق، ئۇلار قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سىزگە ئۇلارغا باقمىغانلىق، ياخشىلىق قىلمىغانلىقنىڭ گۇناھى ئارتىلمايدۇ. بۇ مەسىلىدىكى مۇھىم نۇقتا مىراس مەسىلىسىدۇر؛ ئۆز – ئاتا ئانىڭىزدىن بىرەسى ئۆلۈپ كەتسە- سىز ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە- ئۇلاردىن مىراس ئېلىش ھەققىڭىز بولىدۇ. بۇنى ئۇلار ئېتىراپ قىلسۇن قىلمىسۇن ئاللاھنىڭ قېتىدا شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ ئۆز بالىسى ھېسابلىنىسز. مىراستا، بالىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ مىراسىدىن ئېلىشى ئۈچۈن دادىسىغا كارغا كەلگەن بولۇشى ياكى دادىسىنىڭ يېنىدا بىللە ياشىغان بولۇشى ۋە ياكى ئۇ دادىنىڭ ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بىلەن ئەر-خوتۇنلۇقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشى ئەسلا شەرت ئەمەستۇر! پەقەت قانداشلىق مۇناسىۋەت يېتىدۇ.
سىزنى بېقىۋالغان ئاتا – ئانىڭىزغا كەلسەك، ئۇلار سىزنى كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئېمىتمىگەن بولسا سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۇ ئۆيدىكى ئاياللارغا ۋە ئەرلەرگە مەھرەم بولمايسىلەر يەنى سىز بۇ ئىشنى بىلگەندىن باشلاپ ئۇ ئۆيدىكى قىز قېرىنداشلار بىلەن يالغۇز بىر ئۆيدە قالسىڭىز بولمايدۇ. سىزنىڭ ئاياللىرىڭىز ۋە قىزلىرىڭىز بۇ ئۆيدىكى ئەركەكلەر بىلەن خالى قالسا بولمايدۇ. ئۇلارغا بۇ ئەھۋالنى بىلىپ، ئېيتىپ ھەممىسىنى خەۋەردار قىلىپ قويسىڭىز ياخشى بولىدۇ. بەلكى سىز بىلمىگەن باشقا ئىشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. سىزنى بىقىپ چوڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىىڭىزنى ئادا قىلىپ، ياخشىلىق قىلىپ ماڭسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇ ئائىلىدە سىزنىڭ ھېچقانداق مىراس ھەققىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى مىراس، پەقەت قانداشلىق مۇناسىۋېتىدىن بولىدۇ.
ئىسلام دىنىمىزنىڭ مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە بېقىۋالغان بالا مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ. چۈنكى بېقىۋېلىش بېقىۋېلىنغۇچى بىلەن باققۇچى ئارىسىدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋالغان بالا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدە ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/4-5.
بۇ ئايەتكە بولۇپمۇ ئايەتنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىغا ئاساسەن سىزگە سىزنى بېقىۋالغان دادىڭىزنىڭ ياكى بېقىۋالغان ئانىڭىزنىڭ ۋە ياكى بۇلارنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ.
4 – سۇئالىڭىزغا كەلسەك، بۇ ئىشتا سىزنىڭ ھېچقانداق گۇناھىڭىز يوق. مەيلى نىكاھسىز تۇغۇلغان بولۇڭ، مەيلى نىكاھلىق تۇغۇلغان بولۇق پۈتۈن مەسئۇلىيەت ئاتا-ئانىڭىزدا بولىدۇ. نېمە بولسا بولسۇن سىز ئۇلارنىڭ بالىسى ھېسابلىنىسىز. ئۇلارنىڭ ياكى باشقا قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ سىزنى ئەيىپلەيدىغانغا، كەمسىتىدىغانغا ھېچقانداق ھەققى يوق. سىز ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىسىز.
ئاخىرى جاۋاپ تاپشۇرۇپ ئالالىدىم رەھمەت ئۇستاز بۇ ئىش مېنى نۇرغۇن كېچىلەر ئۇيقۇسىز قويغان، ئۆزۈمنى بەكمۇ غېرىپ ھېس قىلىپ قالغانتىم ۋە قەلبىمدە بەكمۇ چوڭ بىر تۈگۈن بولۇپ قالغانتى، رەھمەت ئۇستاز رەھمەت…
ئەرزىمەيدۇ، قېرىندىشىم، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن. بىر قانچە كۈن تور بەتلىرىمىزدە بىر چاتاق چىقىپتىكەن. ۋاقتىدا كۆرمەپتىمىز. شۇڭا جاۋاب قايتۇرالماي قاپتىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز مەن ھازىر 45 ياشقا كىردىم، ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ بېقىۋېلىنغان بالا ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتىم، بۇ سىرنى ماڭا ھازىرغا قەدەر باققان ئائىلەم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىم دەپ باقمىدى. مەن بۇنى بىلگىلى يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتام يىگىرمە يىل ئاۋال كېسەل سەۋەپلىك تۈگەپ كەتكەن، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانام ھازىرغا قەدەر توي قىلمىدى.
مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئاغرىپ قېلىپ 9 يىلغا يېققىن قاتتىق كېسەل ئازابى تارتتىم، ئۆزۈمنىڭ داۋالىنىش ئىقتىسادى بولمىغاچقا، دوختۇردا ۋاقتىمدا ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەتراپىمدىكى ئاق كۆڭۈل يۇرتداشلىرىم ۋە ئاممىنىڭ ئىقتىساد توپلاپ بىرىشى بىلەن داۋالىنىش پۇللىرىمنى تاپشۇرۋالدىم. شۇندىن كىيىنمۇ مەن تۇرمۇشلۇق بولغانغا قەدەر بېقىپ چوڭ قىلغان ئانام ۋە ئىككى سىڭىل قىز قېرىندىشىم بىلەن بىر ئائىلىدە تۇردۇم. كىيىن تۇرمۇش قۇرۇپ ھازىر بىر ئوغۇل ئىككى قىز پەرزەنتىم بار. ئۆزۈمنىڭ بېقىۋېلىنغان بالا ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كىيىن، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانام ھازىر ياشقا چوڭ كېسەلچان بولغاچقا، سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمىسۇن زەربە بولۇپ قالمىسۇن دەپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلىقىمنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانامغا بىلدۈرەلمىدىم. ھازىر ئۇلارغا بىلدۈرمىگەن ئاساستا ئۆز ئائىلەمدىكىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ تاپتىم. مېنىڭ ئۆز ئاتا- ئانام ھازىر ھايات، مەن ئېنىقلىغان ئۇچۇردا مەندىن كىچىك ئۈچ ئوغۇل قېرىندىشىم ۋە ئاتامنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىبارەت ئۇرۇق – تۇققانلىرىم ھەممىسى دىگۈدەك ھايات.
ئۆز ئاتامنىڭ ئۇچۇرىنى تاپقاندىن كىيىن، دەسلەپتە ئاتامنىڭ ئۇكىسى ۋە چوڭ ئاتىمىز بىلەن ئۆز ئاتا – ئانامنى كۆرۈپ تونۇشلۇق بىرىپ، بارلىق ئۇرۇق- تۇققانلىرىم بىلەن كىيىنكى ئۆمۈرۈمدە بولسىمۇ ئىزدىشىپ ئۆتۈش ئارزويۇم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ بىر قانچە قېتىم يۈز-تۇرانە كۆرۈشتۈم. لېكىن ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى.
مەن چوڭ ئاتىمىز ۋە ئاتامنىڭ قېرىندىشىدىن بىلىشىمچە، مەن ئۇلار توي قىلىپ ئىككى ئايدىلا دۇنياغا كۆز ئېچىپتىمەن، شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى قولۇم- قوشنىلاردىن خىجىل بولۇپ مېنى باشقىلارغا بىرۋېتىپتىكەن. ھەتتاكى ھازىرغا قەدەر مېنىڭ ئىزدىرىكىمنىمۇ قىلىپ باقماپتىكەن. بۇلارنى بىلگەندىن كىيىن ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق بولدى. كىيىن يەنىلا مەن بۇ ئىشنى بىلدىم چوڭلار ئالدىغا چىقىش مەسئولىيتىم بار دەپ بىلىپ، نەچچە رەت ئاتامنىڭ قېرىندىشى ۋە چوڭ ئاتاملارنى ئىزدەپ ئۇچۇراشتۇرۇپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ باردىم. چوڭلار بۇ ئىشنى ئاتا- ئانامغا ئېيىتقاندىن كىيىن، ئاتا – ئانام ھازىرقى كېلىنلەر ۋە قوشنىلار ئارىسىدا خىجالەتتە قېلىشتىن قورقۇپ، مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ماڭا تونۇشلۇق بىرىشنى رەت قىلدى. ئۇستاز ئۆزلىرىدىن سورىماقچى بولغان سۇئالىم شۇكى:
1.مەن بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ داۋاملىق ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغا بارايمۇ ياكى توختاپ قالايمۇ؟
2. بۇ ئەھۋالدا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئائىلەمگە نىسپەتەن قانداق يول تۇتسام ئەڭ ياخشى؟ مېنىڭ باققان ئائىلەمگە مىننەتتارلىقىم بار…
3. بۇ سىرنى بىلگەنلىكىمنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانامغا ئېيىتسام ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆزى دىيىشىنى كۈتەيمۇ؟
بۇ ئىشنى دىسەم باققان ئانامنىڭ ھازىر يېشى چوڭ بولغاچقا، بۇ ئىش سەۋەپلىك زەربىگە ئۇچۇراپ بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. بۇ ئىش سەۋەپلىك بېشىم بەكمۇ قاتتى، بېشىمغا بەكمۇ چوڭ غەم چۈشتى، ماڭا ياخشى بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا ئۇستاز.
4.بۇ خىل ئەھۋالدا « بۇنداق ھالەتتە دۇنياغا كۆز ئېچىش» ماڭا نىسپەتەن ھۆكۈم قانداق؟ مەن نىكاھ ئىچىدە تۇغۇلغان بولامدىم ياكى نىكاھ سىرتىدا تۇغۇلغان بولامدىم؟ مەنمۇ گۇناھكار ھېساپلىنامدىم؟ مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟
ماڭا بۇ ئىش توغرىسىدا تەپسىلى بىر پەتۋا بەرگەن بولساڭلار…