﴿فَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يَهۡدِيَهُۥ يَشۡرَحۡ صَدۡرَهُۥ لِلۡإِسۡلَٰمِۖ وَمَن يُرِدۡ أَن يُضِلَّهُۥ يَجۡعَلۡ صَدۡرَهُۥ ضَيِّقًا حَرَجٗا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي ٱلسَّمَآءِۚ كَذَٰلِكَ يَجۡعَلُ ٱللَّهُ ٱلرِّجۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ ١٢٥ وَهَٰذَا صِرَٰطُ رَبِّكَ مُسۡتَقِيمٗاۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ ١٢٦ ۞لَهُمۡ دَارُ ٱلسَّلَٰمِ عِندَ رَبِّهِمۡۖ وَهُوَ وَلِيُّهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ١٢٧ وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ قَدِ ٱسۡتَكۡثَرۡتُم مِّنَ ٱلۡإِنسِۖ وَقَالَ أَوۡلِيَآؤُهُم مِّنَ ٱلۡإِنسِ رَبَّنَا ٱسۡتَمۡتَعَ بَعۡضُنَا بِبَعۡضٖ وَبَلَغۡنَآ أَجَلَنَا ٱلَّذِيٓ أَجَّلۡتَ لَنَاۚ قَالَ ٱلنَّارُ مَثۡوَىٰكُمۡ خَٰلِدِينَ فِيهَآ إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ ١٢٨ وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعۡضَ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعۡضَۢا بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ ١٢٩ يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَقُصُّونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِي وَيُنذِرُونَكُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَاۚ قَالُواْ شَهِدۡنَا عَلَىٰٓ أَنفُسِنَاۖ وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَشَهِدُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰفِرِينَ ١٣٠﴾
تەرجىمىسى
125 – ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ. كىمنى ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىدۇ ۋە سىقىدۇ. ئۇ گويا ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك بولىدۇ. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ ئۈستىدە مانا مۇشۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
126 – مانا بۇ رەببىڭنىڭ توغرا يولىدۇر. شۈبھىسىزكى، بىز نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
127 – ئۇلارغا، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا خاتىرجەملىك يۇرتى بار. ئۇلار ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن رەببى ئۇلارنىڭ ۋەلىيىسىدۇر.
128 – بىر كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىدۇ ۋە: «ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: «رەببىمىز! بىز بىر – بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
129 – بىز زالىملارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىر – بىرىگە ئاشۇنداق ۋەلىي قىلىمىز.
130 – ئۇلارغا «ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئەينەن بايان قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، گۇناھ بىزدە» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالدىغان ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
تەپسىرى
122 ~ 124 – ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلغان ئادەم بىلەن ئۆز كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان ئادەمنىڭ تەرسالىقى ۋە جازاسى بىلدۈرۈلىدۇ. 125 ~ 127 – ئايەتلەردە ئاللاھ ھىدايەت قىلىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان ئىچكى ھۇزۇر بىلەن ئاللاھ ئازدۇرىۋېتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى دۇچار قىلىدىغان روھىي ئازاب بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىمگە نېمىنى ئىرادە قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ؛ ئاللاھنىڭ توغرا يولى، ئۇ يولغا كىرگەنلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- كىمكى ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشىنى تاللاپ ئىمان كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ھەق بىلەن ئارام تاپتۇرىدۇ، دىلىنى ئىمان بىلەن يورۇتىدۇ، ئەقلىنى ئىلىم بىلەن كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە توغرا يولدا مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاتا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن كۆڭلى ئېچىلىدىغان، يامان ئىشلاردىن يىرگىنىدىغان بولىدۇ. كىمكى ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشىنى تاللاپ ئىمان كەلتۈرمەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۇفۇر بىلەن بىئارام قىلىدۇ، دىلىنى شەك ۋە شۈبھىلەر بىلەن تارايتىدۇ، ئەقلىنى جاھالەت بىلەن ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يامان ئىشلاردىن زوقلىنىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولىدۇ. ئاللاھ مەينەتچىلىكنى ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە ئەنە شۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ[1].
دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى – يامان ئىككى يولنى قويغان ۋە ئۇنىڭغا قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن[2]. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياخشى يولنى تاللىغانلارغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان، ئۆز ئىختىيارى بىلەن يامان يولنى تاللىغانلارنى ياردەمسىز قويىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلدۈرگەن[3].
ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە تەبىئەتنىڭ بىر قانۇنىغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ؛ ئاسمانغا ئۆرلىگەنسېرى بېسىم تۆۋەنلىگەنلىكى ئۈچۈن نەپەس ئېلىشمۇ ئۇ نىسبەتتە قىيىنلىشىدۇ. ھەتتا 20.000 مېتىردىن ئۆتكەندە مەخسۇس نەپەس ئېلىش ئەسۋابى بولمىسا ئىنسان نەپەس ئالالماي ئۆلىدۇ. بۇ ئايەتتە مانا بۇ قانۇنغا ئىشارەت قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ، ئىسلامغا كىرمىگەنلەرنىڭ كۆكسلىرى ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك تار ۋە بىئارام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
126 – 127. ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يول رەببىڭنىڭ توغرا يولىدۇر. بىز ئايەتلەرنى، نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئېنىق بايان قىلدۇق. ئۇلار ئەمەللىرى سەۋەبلىك رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا خاتىرجەملىك يۇرتى بولغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ، رەببى ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھىمايىسىگە ئالىدۇ.
ئاللاھ تائالا 127 – ئايەتتە توغرا يولنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرغانلارغا ئاتا قىلىدىغان مۇكاپاتنى بىلدۈرىدۇ. 128 ~ 131 – ئايەتلەردە بولسا، توغرا يولنى قوبۇل قىلمىغان ۋە خاتا يولدا ئەزۋەيلىگەنلەرنى دۇچار قىلىدىغان جازانى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىمۇ ياخشىلارغا بېشارەت، يامانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرلىكتە زىكىر قىلىنغان، شۇنداقلا نەسىھەت تولۇق بېرىلگەن بولىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىدۇ ۋە گۇناھكار جىنلارغا: «ئى جىنلار گۇرۇھى! ئىنسانلاردىن بەك كۆپ كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ ئۆزۈڭلارغا ئەگشتۈردۈڭلار» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسان دوستلىرى ئەپسۇسلىنىپ ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: «رەببىمىز! بىز بىر – بىرىمىزدىن مەنپەئەتلەندۇق (بىز بۇ جىنلارغا ئىتائەت قىلىپ ۋاقتلىق مەنپەئەتكە ئېرىشتۇق، بۇلار بىزنى ئەگەشتۈرۈپ ۋەسۋەسىلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ۋە كۆرەڭلەپ مەنپەئەتلەندى)، سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنى توشقۇزۇپ ھۇزۇرۇڭغا كەلدۇق يارەب!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر، ئاللاھ خالىغان ۋاقىت بۇنىڭدىن مۇستەسنا». ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ھەر ئىشىنى، جۈملىدىن ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاشنى ئۆز ھېكمىتى ۋە ئىلمى بويىچە قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 11 – سۈرە (ھۇد)نىڭ 107 – ئايىتىدە دوزاخ ئەھلىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى (ئاللاھ) خالىغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دوزاختا قالمايدىغانلىقىنى ئىستىسنا قىلىدۇ. بۇ ئىستىسنا ھەر ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ۋە خاھىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، يەنى بۇ ئىستىسنا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ دوزاختىن چىقىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازالاش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قېلىپ ئازاب چېكىشلىرىگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدىغانلىقىنى، قەتئىي چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[4].
- ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ گۇناھكارلىرىنى بىر – بىرىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان دوستلار ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغىنىمىزدەك، زالىملارنىمۇ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك بىر – بىرىنىڭ دوستى قىلىپ قويىمىز.
- شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ گۇناھكارلىرىغا: «ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار گۇرۇھلىرى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچىلەر كېلىپ، ئايەتلىرىمنى يەتكۈزمىگەنمۇ ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا يېتىپ كېلىشىڭلاردىن ئاگاھلاندۇرمىغانمۇ؟» دەيدۇ، ئۇ گۇناھكارلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن، بىزگە ئايەتلىرىڭنى يەتكۈزگەن ۋە بىزنى بۇ كۈندىن ئاگاھلاندۇرغان، لېكىن بىز ئۇلارنى يالغانچى دەپ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىغان، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىغان» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە ئالدانغان كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كافىر ئىكەنلىكىگە دائىر ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا ئەنە شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
[1] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 100 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[2] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 1 ~ 3 – ئايەتلەر؛ 90 – سۈرە بەلەد، 4 ~ 10 – ئايەتلەر.
[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 115 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 127 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 9 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 76 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 69 – ئايەت؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 17 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 11 – ئايەت؛ 91 – سۈرە شەمس، 9 – ۋە 10 – ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى؛ 92 – سۈرە لەيل، 5 ~ 10 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.
[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 166 ~ 167 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 168 – ۋە 169 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 36 – ۋە 37 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 19 ~ 22 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 106 ~ 108 – ئايەتلەر؛ 32 – سۈرە سەجدە، 20 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 64 – ۋە 65 – ئايەتلەر؛ 72 – سۈرە جىن، 23 – ئايەت.





