﴿ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ فَٱعۡبُدُوهُۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٞ ١٠٢ لَّا تُدۡرِكُهُ ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَهُوَ يُدۡرِكُ ٱلۡأَبۡصَٰرَۖ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلۡخَبِيرُ ١٠٣ قَدۡ جَآءَكُم بَصَآئِرُ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَنۡ أَبۡصَرَ فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ عَمِيَ فَعَلَيۡهَاۚ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِحَفِيظٖ ١٠٤ وَكَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ وَلِيَقُولُواْ دَرَسۡتَ وَلِنُبَيِّنَهُۥ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ ١٠٥ ٱتَّبِعۡ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ١٠٦ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَآ أَشۡرَكُواْۗ وَمَا جَعَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ حَفِيظٗاۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِوَكِيلٖ ١٠٧ وَلَا تَسُبُّواْ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَسُبُّواْ ٱللَّهَ عَدۡوَۢا بِغَيۡرِ عِلۡمٖۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمۡ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِم مَّرۡجِعُهُمۡ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ١٠٨ وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِن جَآءَتۡهُمۡ ءَايَةٞ لَّيُؤۡمِنُنَّ بِهَاۚ قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡأٓيَٰتُ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَا يُشۡعِرُكُمۡ أَنَّهَآ إِذَا جَآءَتۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ١٠٩ وَنُقَلِّبُ أَفِۡٔدَتَهُمۡ وَأَبۡصَٰرَهُمۡ كَمَا لَمۡ يُؤۡمِنُواْ بِهِۦٓ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَنَذَرُهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ ١١٠﴾
تەرجىمىسى
102 – ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر.
103 – كۆزلەر ئاللاھنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئاللاھ كۆزلەرنى ئىدراك قىلىدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر!
104 – «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر كەلدى. كىم ھەقىقەتنى كۆرسە پايدىسى ئۆزىگە، كىم ھەقىقەتكە كۆز يۇمسا زىيىنى ئۆزىگە. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچى ئەمەسمەن!».
105 – بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا ئەنە شۇنداق بايان قىلىمىز. ئى مۇھەممەد! بىز بۇنى ئۇلارنىڭ ساڭا: «ئۆگىنىپسەن» دېيىشى ئۈچۈن ۋە بىلىدىغان قەۋمگە قۇرئاننى بايان قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدۇق.
106 – رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.
107 – ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى. بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى قىلمىدۇق. سەن ئۇلارغا مەسئۇلمۇ ئەمەسسەن.
108 – ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان زاتلىرىنى تىللىماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىلمەستىن ئاللاھنى تىللايدۇ. بىز ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئەمىلىنى ئاشۇنداق چىرايلىق كۆرسەتتۇق. ئاخىردا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن رەببى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ.
109 – ئۇلار: «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر». ئى مۇئمىنلار! سىلەر نەدىن بىلىسىلەركى، ئۇلار مۆجىزە كەلگەندىمۇ ئىشەنمەيدۇ.
110 – بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە ئىشەنمىگىنىدەك يەنە ئىشەنمەيدۇ، بىز ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
تەپسىرى
- ئەنە شۇ مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنداقتا ئىبادەت قىلىنشقا ئاللاھلا لايىقتۇر. شۇڭلاشقا ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، بولمىسا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر[1]. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى، مەۋجۇدىيىتىگە ئالاقىدار ئىشلىرىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچىسىدۇر[2].
- كۆزلەر ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلمەيدۇ، ماھىيىتىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ كۆزلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئىچكى تەرەپلىرىنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[3].
ئاللاھ تائالا 95 ~ 103 – ئايەتلەردە ئىنسانلارغا ئۆزىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، 104 ~ 107 – ئايەتلەردە، ئىبادەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگتىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئىرادە ئەركىنلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن رەببىڭلاردىن سىلەرگە، ھەقنى كۆرسىتىدىغان ۋە توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان روشەن دەلىللەر كەلدى. كىم ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ھەقنى كۆرسە ۋە ھەقكە بويسۇنسا پايدىسى ئۆزىگە، كىم يۈز ئۆرۈسە زىيىنى ئۆزىگە[4]. مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىمەن، ۋەزىپەم ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر، خالاس. مېنىڭ ھەقكە بويسۇنۇپ بويسۇنمىغانلىقىڭلارنى كۆزىتىش ۋەزىپەم، بويسۇنغانلىرىڭلارنى مۇكاپاتلاش، بويسۇنمىغانلىرىڭلارنى جازالاش ھوقۇقۇم يوق».
- ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاندا قۇدرەت، ئىلىم ۋە مەرھەمىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلغىنىمىزدەك، باشقا مەنە ۋە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنىمۇ پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلىمىز. ئايەتلەرنى بۇ شەكىلدە بايان قىلىشىمىز، ھەقكە ئىنتىلگەن ۋە يۆنەلگەنلەرنىڭ ھەقنى تېپىشى، ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ قىيامەت كۈنى «بىزگە ھەق كەلمىگەن» دەپ باھانە كۆرسىتەلمەسلىكى ۋە ساڭا: «بۇ قۇرئاننى باشقىلاردىن ئوقۇپ ئۆگەندىڭ» دەپ تۆھمەت قىلىشى، شۇنداقلا دوزاخ ئازابىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! بىز ئايەتلەرنى ھەقنى بىلمەكچى ۋە ئەگەشمەكچى بولغانلارغا بايان قىلىمىز[5].
- ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭدىن ساڭا قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن: ئۆزۈڭ ئەمەل قىلغىن ۋە ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن، رەببىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭغا تايانغىن، مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقى ۋە بويۇنتاۋلىقىغا پەرۋا قىلمىغىن[6].
- ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ھەقتىن يۈز ئۆرۈشىگە خاپا بولۇپ كەتمىگىن. رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى. بىز سېنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر[7]. بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق، ۋەزىپەڭ ئۇلارنىڭ ھەقكە بويسۇنۇپ بوسۇنمىغانلىقىنى كۆزىتىش، شۇنداقلا بويسۇنغانلارنى مۇكاپاتلاش، بويسۇنمىغانلارنى جازالاش ئەمەس. سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ تاپمىغانلىقىغا مەسئۇلمۇ ئەمەس. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر[8].
- ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا ۋە مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىشتا بەلگىلىگەن قانۇنىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ھەر مۇئمىننى مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىللاشتىن توسۇش ۋە بۇنىڭ سەۋبىنى بايان قىلىش ئارقىلىق «ۋەھىيگە ئەمەل قىلىش»نىڭ ۋەھىينى يەتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، «ۋەھىينى يەتكۈزۈش»نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭلا ئەمەس ئەكسىچە بارلىق مۇئمىنلارنىڭمۇ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى، ۋەھىينى يەتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇن سۆز ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن بولىدىغانلىقى، «مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈش»نىڭ مۇشرىكلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىشنى تەرك ئېتىش دېگەن بولمايدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىن! ۋەھىينى يەتكۈزۈڭلار، مۇشرىكلارنىڭ تەنە – ھاقارىتى ۋە ناشايان سۆزلىرىگە سەۋر قىلىڭلار، تەبلىغ ئەسناسىدا ھاياجانغا كېلىپ ئۇلارنىڭ «تەۋەررۈكلىرى»گە ھۇجۇم قىلماڭلار ۋە بىلىڭلاركى: ئۇلارنىڭ تەۋەررۈكلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلارنى ھەقتىن ئۈركۈتۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بىز بۇ مۇشرىكلارغا خاتا تاللاشلىرى سەۋەبلىك بۇتقا چوقۇنۇشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك، ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئەمىلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ھېسابىنى ئالىمىز[9].
مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە رەب ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئىبادەتتە بولۇپمۇ ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى بولغان دۇئادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، مەسىلەن: ئۇلار ئادەتتىكى چاغلىرىدا، ئاللاھتىن غەيرىي قىلالمايدىغان ئىشلاردا ئاللاھتىن غەيرىيدىن مەدەت تەلەپ قىلىدۇ، بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغلىرىدا ئاللاھتىنلا مەدەت تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ قىيىنىچلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويسا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مەسىلە بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بىرقانچە ئىزاھاتتا زىكىر قىلىندى.
ئاللاھ تائالا 109 ~ 111 – ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىرەر ماددىي مۆجىزە كۆرسەتكەن تەقدىردە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىغا دائىر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزە كەلسىمۇ ئىمان كەلتۈرمەي، يەنىلا ھەددىدىن ئىشىشلرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىدىن چوڭ مۆجىزىلەردىن بىرقانچىسى كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- مۇشرىكلار: «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە چوقۇم ئىمان كەلتۈرىمىز» دەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەسەم قىلدى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇ ئىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ۋەزىپەم ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى يەتكۈزۈش. مەن بۇ ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم، ئادا قىلىۋاتىمەن». ئى مۇئمىنلار! بۇ مۇشرىكلار مۆجىزە كەلسىمۇ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.
- سىلەر شۇنىمۇ بىلمەيسىلەركى، ئۇلارنىڭ تەرسالىقى، تەقلىدچىلىكى ۋە ھەقكە ئىنتىلمەسلىكى سەۋەبلىك، ئۇلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەر كەلگەندە بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھازىر قۇرئان ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگەندەك، مۆجىزىلەر كەلگەندە ئۇلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئەقلىي مۆجىزىگە قايىل بولمىغان كىشى ماددىي مۆجىزىگىمۇ قايىل بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى كۇفرىلىق قىلىش ۋە ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا تېڭىرىغان ھالەتلىرىدە قويۇۋېتىمىز.
[1] قاراڭ: 1 – سۈرە فاتىھە، 5 – ئايەت؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 163 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 116 – ۋە 117 – ئايەتلەر.
[2] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 50 – ئايەت؛ 87 – سۈرە ئەئلا، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر.
[3] 59 – سۈرە ھەشر، 22 ~ 24 – ئايەتلەر؛ 67 – سۈرە مۇلك، 13 – ۋە 14 – ئايەتلەر.
[4] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 174 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 108 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 15 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 92 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 41 – ئايەت.
[5] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 103 ~ 105 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 41 – ۋە 82 – ئايەتلەر؛ 20 – سۈرە تاھا، 113 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 4 ~ 14 – ئايەتلەر؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 44 – ئايەت.
[6] قاراڭ: 43 – سۈرە زۇخرۇف، 43 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 94 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 27 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 79 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 18 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 20 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 40 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 82 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 48 – ئايەت.
[8] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 80 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 107 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 40 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 48 – ئايەت.
[9] قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 108 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 125 – ئايەت.





