قۇرئان يولى
ئەنئام، 82 ~ 90 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى شېرىك ۋە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى 1

ئەنئام، 82 ~ 90 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ شېرىك ۋە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى

﴿ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يَلۡبِسُوٓاْ إِيمَٰنَهُم بِظُلۡمٍ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلۡأَمۡنُ وَهُم مُّهۡتَدُونَ ٨٢ وَتِلۡكَ حُجَّتُنَآ ءَاتَيۡنَٰهَآ إِبۡرَٰهِيمَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦۚ نَرۡفَعُ دَرَجَٰتٖ مَّن نَّشَآءُۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ ٨٣ وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ كُلًّا هَدَيۡنَاۚ وَنُوحًا هَدَيۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَمِن ذُرِّيَّتِهِۦ دَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَٰرُونَۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٨٤ وَزَكَرِيَّا وَيَحۡيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلۡيَاسَۖ كُلّٞ مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ ٨٥ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَٱلۡيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطٗاۚ وَكُلّٗا فَضَّلۡنَا عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ ٨٦ وَمِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡ وَإِخۡوَٰنِهِمۡۖ وَٱجۡتَبَيۡنَٰهُمۡ وَهَدَيۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ٨٧ ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهۡدِي بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَلَوۡ أَشۡرَكُواْ لَحَبِطَ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٨٨ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَۚ فَإِن يَكۡفُرۡ بِهَا هَٰٓؤُلَآءِ فَقَدۡ وَكَّلۡنَا بِهَا قَوۡمٗا لَّيۡسُواْ بِهَا بِكَٰفِرِينَ ٨٩ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُۖ فَبِهُدَىٰهُمُ ٱقۡتَدِهۡۗ قُل لَّآ أَسۡ‍َٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًاۖ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡعَٰلَمِينَ ٩٠﴾

تەرجىمىسى

82 – ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار توغرا يولدىكى كىشىلەردۇر.

83 – ئەنە شۇ بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر. بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى تۇرالىشى ئۈچۈن بەردۇق. بىز ئۆزىمىز تاللىغان كىشىلەرنىڭ  دەرىجىلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

84 – بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى توغرا يولدا قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى توغرا يولدا قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ توغرا يولدا قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

85 – بىز زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ توغرا يولدا قىلغان ئىدۇق. ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى.

86 – بىز ئىسمائىل، ئەليەسەئـ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەربىرىنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.

87 – بىز ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىلىرىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق.

88 – ئەنە شۇ ئاللاھ قوبۇل قىلغان توغرا يولدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن  خالىغان كىشىنى ئۇ يولغا قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.

89 – ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋمگە تاپشۇرىمىز.

90 – ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن ۋە ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قۇرئان يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئەجر تەلەپ قىلمايمەن. قۇرئان پۈتۈن بارلىقلارغا پەقەت ئەسلەتكۈچىدۇر».

تەپسىرى

  1. (ئاللاھ جاۋاب بېرىدۇ:) ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغانلار  دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەخت – سائادەت يولىغا مۇۋەپپەق بولىدىغان كىشىلەردۇر.

بۇ ئايەتتە «شېرىك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زۇلۇم – ظلم» دۇر. بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ئايەت ۋە لۇقمان سۈرىسىنىڭ 13  – ئايىتىدىكى «شېرىك ھەقىقەتەن بۈيۈك زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىپادە دالالەت قىلىدۇكى، بۇ زۇلۇمنىڭ مەنىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن بولىدۇ.

  1. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئەنە شۇ يۇقىرىدا ئىبراھىم قەۋمىگە قارشى كەلتۈرگەن ئەقلىي دەلىللەر بىرنىڭ دەلىلىمىز بولۇپ، بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىنىڭ يالغان تۆھمەتلىرىگە قارشى دەلىل قىلسۇن دەپ بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە ئىلىم ۋە ھېكمەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ (ئاللاھ) ھەر ئىشنى لايىقىدا قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىگە كىمنىڭ لايىق، كىمنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.

84 ~ 89. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بىرىنچى ئايەتنىڭ بېشىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقنى بالا، يەئقۇبنى نەۋرە سۈپىتىدە ئاتا قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ئىككىسىدىن ئىلگىرى ئبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسمائىل دەپ بىر بالا ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىشنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

يۇقىرىدىكى (74 ~ 81 -) ئايەتلەردە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بىلدۈرۈلگەن بويىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسى ئازەرنى ۋە قەۋمىنى ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان، ئۇلار شېرىكتە ئەزۋەيلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇيغۇن پۇرسەت تېپىپ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى چېقىۋەتكەن. ئۇلار بۇتلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن گۇمانلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىنسانلار يىغىلغان بىر جايغا چاقىرتىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭدىن بۇنى «سەن قىلدىڭمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى ۋە ھەق سۆزلىرى ئالدىدا تېڭىرقاپ قالغان مۇشرىكلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى (نەمرۇد)نىڭ يېنىغا ئېلىپ بارغان، ئۇ پادىشاھمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلىشىپ يېڭىلىپ كەتكەن. ئاندىن ئۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مۇشرىك خەلقى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئالماقچى بولۇپ، ئۇنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىغان. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتتىن ساق – سالامەت چىقىپ ئۇ مۇشرىكلارنىڭ دىيارىدىن باشقا دىيارغا (پەلەستىنگە) ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ تائالادىن ياخشى پەرزەنت تىلىگەن. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا ئوغلى ئىسمائىلنى ئاتا قىلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلىملىك، پەيغەمبەر ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاقنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۇشتىدىن دۇياغا كېلىدىغان نەۋرىسى يەئقۇبنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەن، ئاندىن ئۇ ئىككىسىنى ئاتا قىلغان[1].

ئاللاھ تائالا بۇ (84 ~ 89 -) ئايەتلەردە ئىسھاق ۋە يەئقۇبقا، ئىلگىرى نۇھقا ۋە ئۇنىڭ نەسلىدىن يۇقىرىدا ئىسىملىرى زىكىر قىلىنغان كىشىلەرگە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى، نەسىللىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىسىگىمۇ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىنئامىغا ئېرىشكەن ئۇ پەيغەمبەرلەر ناۋادا شېرىك كەلتۈرگەن تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، شېرىكنىڭ نە قەدەر قەبىھ ۋە نە قەدەر خەتەرلىك گۇناھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ[2]. ئاندىن ئۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىنى، مەككە مۇشرىكلىرى ئۇلارنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارنى ساقلاشنى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنشنى ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان بىر قەۋمگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە 18 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى گۈزەل ئەخلاق، ياخشى خىسلەت ۋە سەۋرچانلىقتا ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە، تەبلىغ قىلغانلىقىغا ھەق ئالمايدىغانلىقىنى قەۋمىگە ئېيتىشقا ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

«قۇرئان پۈتۈن بارلىقلارغا ئەسلەتكۈچىدۇر» دېگەن ئىپادىنىڭ ئىزاھاتى تۆۋەندىكىچە:

ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە، چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىگە بىرەر ئايەت (ئالامەت) سۈپىتىدە ياراتقان. ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىنساننى ياراتقان چېغىدا ئۇنىڭ فىترىتىگىمۇ بۇ ھەقىقەتنى سىڭدۈرگەن. شۇڭا ھەر ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان ئايەتلىرىگە قارايدۇ ۋە ئۇلاردىكى ھەقىقەتنىڭ ئۆز فىتىرىتىدىكى ھەقىقەت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمى ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. خاتا يولغا كىرگەنلەر ئۆز زېھىنلىرىدىكى بىلىمگە ئەمەل قىلماي فىترەتلىرىنى بۇزغان كىشىلەردۇر.

 قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشىنىڭ «تەزكىر – ئەسلىتىش»، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى قوبۇل قىلىشىنىڭ «تەزەككۇر – ئەسلەش» دەپ ئاتىلىشى ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆز فىترەتلىرىنى (تەبىئىي ھالەتلىرىنى)، زېھىنلىرىدىكى بىلىملەرنى ئەسلەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى ئەسلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىنساپ بىلەن قارىغان ھەر كىشى: «توغرا، شۇنداق، ئەلۋەتتە» دەپ ھەر ئايەت ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىمنىڭ ئۆز زېھنىدىكى ئىلىمگە ماس كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب، بۇ كىتابنى ئېلىپ كەلگەن كىشى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلچە شۈبھىسى قالمايدۇ.

ئاندىن ھاياتىدا بۇ ئىمانىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشىمىغانلار كافىر (ئىمانىنى يۇشۇرغۇچى)، بۇ ئىمانىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشىغانلار مۇسۇلمان (تەسلىم بولغۇچى) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلار قارا يۈزلۈكلەر ۋە ئاق يۈزلۈكلەر بولۇپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قارا يۈزلۈكلەرگە: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا شۇ ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار»[3] دەيدۇ.

دېمەككى،  ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەر، ئىنسانغا ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان چېغىدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا ياراتقان ئايەتلەردىن ھاسىل قىلغان بىلىمىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئىككى ئىلىم ئۇنىڭغا ئۆز فىترىتىنى (تەبىئىي ھالىتىنى) ئەسلىتىدۇ.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 258 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 71 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 41 ~ 50 – ئايەتلەر؛  21 – سۈرە ئەنبىيا، 51 ~ 72 – ئايەتلەر؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 69 ~ 82 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 16 – ۋە 17- ئايەتلەر؛ 37 – سۈرە ساففات، 83 ~ 112 – ئايەتلەر؛ 51 – سۈرە زارىيات، 28 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 65 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 106 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر