سۇئال:
توي قىلىشقا پۈتۈشكەن يىگىت بىلەن قىز نىكاھتىن بۇرۇن يالغۇز كۆرۈشسە بولامدۇ؟ ھازىر بەزى ياشلار توي قىلىدىغانغا پۈتۈشتۇق دەپلا، نىكاھ قىلغاندەك بولۇپ كېتىدىكەن؟
جاۋاب:
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەسلى پرىنسىپى بويىچە، ئارىسىدا نىكاھ بولمىغان ئەر بىلەن ئايال بىر-بىرىگە نامەھرەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كىشىلەر كۆرەلمەيدىغان جايدا يالغۇز قېلىشى جايىز ئەمەس. چۈنكى نامەھرەم بىلەن خىلۋەتتە قېلىش، شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇ ئىسلام قوغدىغان نومۇس ۋە ئەخلاق چېگرىلىرىدىن ئېشىپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
تەرەپلەرنىڭ نىيىتى توي قىلىش بولسىمۇ بۇ ھۆكۈم ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى ياخشى نىيەت، شەرىئەت ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىۋەتمەيدۇ. شەرىئەت پەقەت نىيەتنىڭ ياخشى بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ نىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول ۋە ۋاسىتىلەرنىڭمۇ ساغلام بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
خىلوەتتىن چەكلەنگەنلىك ھەققىدە شەرئىي دەلىلەر كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەرگىز بىر ئەر كىشى بىر ئايال بىلەن مەھرەمسىز يالغۇز قالمىسۇن».
بۇ ھەدىس، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىددەت ئىچىدىكى ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇش ھەققىدىكى ئايىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ ئاياللارغا ئۆيلىنىش تەكلىپىنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىش نىيىتىڭلارنى ئىچىڭلاردا ساقلىساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنى زىكىر قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدى. ئۇلار بىلەن يوشۇرۇنچە ۋەدىلەشمەڭلار، لېكىن ئۇلارغا مەئرۇفقا ئۇيغۇن گەپ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشماستىن نىكاھ توختامىنى تۈزۈشكە بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى نىيەت ۋە ئىرادەڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر»-(2 – سۈرە بەقەرە، 235 – ئايەت).
بۇ ئايەتتە ئۆلۈمنىڭ ياكى ئۈچىنچى قېتىملىق تالاقنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپىنى پۇرىتىپ ئۆتۈشكە ياكى ئىددىتى توشقاندا ئۇ ئايال بىلەن ئۆيلىنىش نىيىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈشكە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئايال بىلەن مەخپىي ۋەدىلىشىشكە، توي قىلىش تەكلىپىنى ئوچۇق ئېيتىشقا ۋە توي قىلىش ئۈچۈن پۈتۈشۈشكە بولمايدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلىدۇ. ئەمما بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قېتىملىق تالاقنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى پۇرىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئايال ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە تالاق قىلغان ئېرىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇمكى، توي تەكلىپى قويۇش، نىكاھ ئەمەس. شۇڭا تويغا پۈتۈشكەن يىگىت بىلەن قىز شەرئىي نىكاھتىن ئىلگىرى يەنىلا نامەھرەم ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئايرىم ئۆيدە يالغۇز تۇرۇشقا، ئورمانلىق، دەرەخلىق، تام تۈۋى… دېگەندەك ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىغان خىلۋەت جايلاردا ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ. لېكىن شەرىئەت كىشىلەرنىڭ تويدىن بۇرۇن بىر-بىرىنى تونۇش ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىپ، سۆز قويغۇچى يىگىتكە توي قىلماقچى بولغان قىزنى كۆرۈشكە، ئائىلىسىنىڭ بىلىشى بىلەن، خىلوەتسىز ھالدا، ئېھتىياج دائىرىسىدە، توي مەقسىتىدىن چىقىپ كەتمەيدىغان چەكتە سۆزلىشىشكە رۇخسەت قىلغان.
بۇ ھۆكۈملەردىكى ھېكمەت، ئىنسانلارغا قىيىنچىلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەر-ئايالنىڭ ئىپپەت – نومۇسىنى ۋە قەدر – قىممىتىنى قوغداش، ئۇلارنى ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشىغا يول ئاچىدىغان يالغان – ياۋداق سۆز چۆچەكلەردىن يىراق تۇتۇپ، پاك ۋە ئپپەتلىك بىر ئائىلە قۇرۇشتۇر.





