قۇرئان يولى
ئەنئام، 131 ~ 137 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى ئاللاھ ھېچكىمگە ناھەقچىلىق قىلمايدۇ 1

ئەنئام، 131 ~ 137 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ ئاللاھ ھېچكىمگە ناھەقچىلىق قىلمايدۇ

﴿ذَٰلِكَ أَن لَّمۡ يَكُن رَّبُّكَ مُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ بِظُلۡمٖ وَأَهۡلُهَا غَٰفِلُونَ ١٣١ وَلِكُلّٖ دَرَجَٰتٞ مِّمَّا عَمِلُواْۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ ١٣٢ وَرَبُّكَ ٱلۡغَنِيُّ ذُو ٱلرَّحۡمَةِۚ إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَسۡتَخۡلِفۡ مِنۢ بَعۡدِكُم مَّا يَشَآءُ كَمَآ أَنشَأَكُم مِّن ذُرِّيَّةِ قَوۡمٍ ءَاخَرِينَ ١٣٣ إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَأٓتٖۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ ١٣٤ قُلۡ يَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَامِلٞۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن تَكُونُ لَهُۥ عَٰقِبَةُ ٱلدَّارِۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ ١٣٥ وَجَعَلُواْ لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ ٱلۡحَرۡثِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ نَصِيبٗا فَقَالُواْ هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعۡمِهِمۡ وَهَٰذَا لِشُرَكَآئِنَاۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَآئِهِمۡ فَلَا يَصِلُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَآئِهِمۡۗ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ ١٣٦ وَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٖ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ قَتۡلَ أَوۡلَٰدِهِمۡ شُرَكَآؤُهُمۡ لِيُرۡدُوهُمۡ وَلِيَلۡبِسُواْ عَلَيۡهِمۡ دِينَهُمۡۖ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا فَعَلُوهُۖ فَذَرۡهُمۡ وَمَا يَفۡتَرُونَ ١٣٧﴾

تەرجىمىسى

131 – بۇ مۇشۇنداقتۇر، چۈنكى رەببىڭ ئاھالىسى بىخەۋەر ھالەتتىكى يۇرتلارنى ناھەق ھالاك قىلمايدۇ.

132 – ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.

133 – رەببىڭ غەنىيدۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، خۇددى سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن پەيدا قىلغاندەك سىلەردىن كېيىن ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.

134 – بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم كېلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.

135 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار. مەنمۇ قىلىمەن. بۇ دۇنيا يۇرتىنىڭ ئاقىۋىتى كىمگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».

136 – مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەردىن ئاللاھ ئۈچۈن نېسىۋە ئايرىپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئېتىقادى بويىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن شېرىكلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى ئاللاھنىڭكىگە قوشۇلمايتتى. ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى شېرىكلىرىنىڭكىگە قوشۇلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!

137 – شۇنىڭدەك، مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى مۇشرىكلارغا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆز دىنلىرىنى مۈجمەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.

تەپسىرى

  1. ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ تارىخ بويىچە جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا ياخشى – ياماننى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشى، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى «بىز بىلمىگەن، ئۇقمىغان، خەۋرىمىز يوق ئىدى، ئەلچى كېلىپ چۈشەندۈرگەن بولسا ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېگەندەك ئۆزرىلەرنى بايان قىلماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى سېنىڭ رەببىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ھەقنى چۈشەندۈرمەستىن ھېچكىمنى جازالىمايدۇ، ئەكسىچە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەلچى ھەقنى يەتكۈزىدۇ ۋە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغانلارنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاندىن باتىلدا ئەزۋەيلىگەنلەرنى جازالايدۇ[1].

126 ~ 131 – ئايەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ياخشىلىرىغا مۇكاپات، يامانلىرىغا جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 132 ~ 135 – ئايەتلەردە ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە قارىتا دەرىجىلىرى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەسلىكى بايان قىلىنىدۇ، مۇشرىكلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاخىرەتتە ئىنسانلار ۋە جىنلار قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، يامان ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار دوزاخنىڭ قىززىق ئوتى بىلەن جازالاندۇرىلىدۇ[2]. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئەمەلنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ.
  2. ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. شۇڭلاشقا رەببىڭنىڭ ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇشى، يامان ئىشلاردىن توسىشى ئۆزى موھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، چۈنكى رەببىڭنىڭ ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ تائەت – ئىبادىتىگە ئەسلا ئېھتىياجى يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ رەببىڭنىڭ رەھمىتى ۋە ئىلتىپاتىغا ئېھتىياجى بار، ئۇلار ئىلاھىي رەھمەت ۋە ئىلتىپاتقا ئېرىشىشنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ، بۇ يولنى رەببىڭ بىلىدۇ ۋە شۇڭلاشقا، ئەلچىلەر ئەۋەتىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرەلەيتتى، ئاللاھ بۇنىڭغا ئەلۋەتتە قادىردۇر، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى يوقتىن ياراتقان زاتتۇر.
  3. ئى مۇشرىكلار! بىلىڭلاركى: ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلىشىڭلار، دۇنيادا چېغىڭلاردا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىشىڭلار ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن جازالىنىشىڭلار…  ۋە ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن يامان ئاقىۋەتلەر بېشىڭلارغا چۇقۇم كېلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
  4. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا چىڭ تۇرۇشقا بەل باغلىغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا قولۇڭلاردىن كەلگەن يامانلىقلارنى قىلىڭلار. مەنمۇ ھەق يولدا قولۇمدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىمەن. پات يېقىندا ئاخىرەت يۇرتىنىڭ ياخشى ئاقۋىتىگە (جەننەتكە) كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى: زالىملار قەتئىي مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. سىلەر كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن زالىم بولغان قەۋمسىلەر. بىز بولساق، پاك ئىمان ۋە خالىس ئىبادەت بىلەن ئادىل بولغان جامائەتدۇرمىز. شۇڭلاشقا ئاخىرەتتىكى ئورنۇڭلارنى ھازىرلا كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ!».

بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ ئايەتكىچە ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىنى (بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن ئۇلارنى تەمىنلىگۈچى ئىكەنلىكىنى) قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىنى (ئىبادەت قىلىنىشقا يالغۇز ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى) قوبۇل قىلمىغان مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادى، تەرسالىقى، تەقلىدچىلىكى ۋە تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە دۇچار قىلىنىدىغان يامان ئاقىۋەت زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، مەرھىمىتى، ئىلمى ۋە ھېكمىتى ئەسلىتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا دۇنيانىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىتى بىلدۈرۈلىدۇ، نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتىكى ھېساب ۋە جازانىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى سەمىگە سېلىنىدۇ. 136 – ۋە 137 – ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بىر قىسىم قەبىھ قىلمىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئۇ مۇشرىكلار (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە كافىرلىرى) ئېكىن مەھسۇلاتلىرىنى ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلاردىن بىر بۆلىكىنى مېھمان ۋە موھتاجلارغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ، «بۇ ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى» دېدى، بۇتخانا خادىملىرىغا ۋە بۇتخانا چىقىملىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر بۆلىكىنى ئايرىپ، «بۇ شېرىكلىرىمىزنىڭ نېسىۋىسى» دېدى. «شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى»دىن «ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى»گە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، «ئاللاھ بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس» دەپ ئۇنى ئېىلىپ «شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى»گە قوشۇپ قوياتتى، لېكىن «ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى»دىن بىرەر نەرسە «شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى»گە قوشۇلۇپ قالسا، «شېرىكلىرىمىز بۇنىڭغا موھتاج» دەپ ئۇنى ئالماي قوياتتى[3]. ئۇلار بۇ ئىشنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئېتىقادى بويىچە مۇشۇنداق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان، قىلمىشلىرى نېمىدېگەن قەبىھ!

ئەسكەرتىش: ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ بۇتىنى «ئاللاھنىڭ شېرىكى» دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى «شېرىكلىرىمىز» – «بۇتلىرىمىز» دېگەن بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى: «خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەت بىرلا شېرىكىڭ بار، ئۇ شېرىكىڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى سەندۇرسەن ئى ئاللاھ!». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: ئۇلار «خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى[4].

  1. شۇنىڭدەك، يەنى ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان شەيتانلار، مۇشرىكلارغا ئېكىنلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك، ئۇ شەيتانلار مۇشرىكلارنىڭ تولىسىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى (قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋېتىشنى) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇ شەيتانلار بۇ ئىشنى ئىككى مەقسەت بىلەن قىلدى: بىرى ئۇ مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ (ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملاردىن كەلگەن) دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يوقىتىش.

ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، يەنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بەرمىسە ئىدى، ئۇلار بۇ قەبىھلىكلەرنى قىلمىغان بولاتتى، شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلىغان بۇ تۆھمەتلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن، ئۇلار يېقىندا جازالاندۇرۇلىدۇ.

[1] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 165 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 15 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 59 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 17- سۈرە ئىسرا، 21 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 19 – ئايەت.

[3] تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، 12: 131 – 132؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 13: 158.

[4] مۇسلىم، «ھەج» 22.

ئاۋات يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر