قۇرئان يولى
ئەنئام، 91 ~ 94 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى ئاللاھنى لايىقىدا قەدىرلەش قانداق بولىدۇ؟ 1

ئەنئام، 91 ~ 94 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ ئاللاھنى لايىقىدا قەدىرلەش قانداق بولىدۇ؟

﴿وَمَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓ إِذۡ قَالُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ بَشَرٖ مِّن شَيۡءٖۗ قُلۡ مَنۡ أَنزَلَ ٱلۡكِتَٰبَ ٱلَّذِي جَآءَ بِهِۦ مُوسَىٰ نُورٗا وَهُدٗى لِّلنَّاسِۖ تَجۡعَلُونَهُۥ قَرَاطِيسَ تُبۡدُونَهَا وَتُخۡفُونَ كَثِيرٗاۖ وَعُلِّمۡتُم مَّا لَمۡ تَعۡلَمُوٓاْ أَنتُمۡ وَلَآ ءَابَآؤُكُمۡۖ قُلِ ٱللَّهُۖ ثُمَّ ذَرۡهُمۡ فِي خَوۡضِهِمۡ يَلۡعَبُونَ ٩١ وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ مُّصَدِّقُ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَلِتُنذِرَ أُمَّ ٱلۡقُرَىٰ وَمَنۡ حَوۡلَهَاۚ وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَهُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ ٩٢ وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمۡ يُوحَ إِلَيۡهِ شَيۡءٞ وَمَن قَالَ سَأُنزِلُ مِثۡلَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي غَمَرَٰتِ ٱلۡمَوۡتِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ بَاسِطُوٓاْ أَيۡدِيهِمۡ أَخۡرِجُوٓاْ أَنفُسَكُمُۖ ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ وَكُنتُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهِۦ تَسۡتَكۡبِرُونَ ٩٣ وَلَقَدۡ جِئۡتُمُونَا فُرَٰدَىٰ كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَتَرَكۡتُم مَّا خَوَّلۡنَٰكُمۡ وَرَآءَ ظُهُورِكُمۡۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمۡ شُفَعَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُمۡ أَنَّهُمۡ فِيكُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْۚ لَقَد تَّقَطَّعَ بَيۡنَكُمۡ وَضَلَّ عَنكُم مَّا كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ ٩٤﴾

تەرجىمىسى

91 – ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. چۈنكى ئۇلار: «ئاللاھ ھېچبىر كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مۇسا ئېلىپ كەلگەن، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇر ۋە ھىدايەت بولغان، سىلەر پارچە  – پارچە قەغەزلەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلايدىغان ۋە بىر قىسمىنى يوشۇرىدىغان، سىلەر ۋە ئاتا  – بوۋىلىرىڭلار بىلمىگەن نەرسىلەرنىڭ سىلەرگە ئۆگىتىلىشىگە ۋاسىتە بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟». ئى مۇھەممەد! «ئۇ كىتابنى ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن، ئاندىن ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئويناۋاتقان ھالەتلىرىدە تەرك ئەتكىن.

92 – ئى مۇھەممەد! بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. بۇ كىتابنى ساڭا نازىل قىلىشىمىز ئۇممۇل قۇرا يەنى مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار ئۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ. ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

93 – ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: «ماڭا ۋەھىي قىلىندى» دېگەن ۋە: «مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلالايمەن» دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ! ئۇ چاغدا  پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: «قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا نالايىق سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار» دەيدۇ.

94 – ئۇلارغا: «شۈبھىسىزكى، ھۇزۇرىمىزغا خۇددى بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك يالغۇز كەلدىڭلار. بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ قويدۇڭلار. ‹شېرىكلىرىمىز› دەپ ئېتىقاد قىلغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى يېنىڭلاردا كۆرمەيۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ۋە ئويدۇرغان نەرسىلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى» دېيىلىدۇ.

تەپسىرى

91 – 92. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئسپاتلىغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە نازىل قىلىنىش سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇھەممەد! «ئاللاھ ھېچ كىشىگە بىر نەرسە نازىل قىلمىدى» دېگەنلەر ئاللاھنى لايىق رەۋىشتە قەدىرلىمىدى، ئۇلاردىن، «ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئېلىپ كەلگەن كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟» دەپ سورىغىن ۋە: «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگەن جاۋابنى بەرگىن،  ئاندىن ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئويناۋاتقان ھالەتلىرىدە تەرك ئەتكىن.

ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان، ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان ياخشىلىقى تۈگىمەيدىغان، پايدىسى ئازىيىپ قالمايدىغان ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىغان كىتابتۇر. بىز بۇ كىتابنى ساڭا مەككە ئاھالىسىنى ۋە مەككىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغان ۋە نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلار بۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: «مەككىنىڭ ئەتراپى»[1] يەر شارىنىڭ مەككىدىن باشقا بارلىق جايلىرىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر[2].

93 – 94. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىش سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن بۇ ئىككى ئايەتتە، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ئادەتلەرنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا نىسبەت بېرىپ «دىن» دەپ تۆھمەت قىلغانلارنى ۋە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىش، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام، ئاللاھ ھالال قىلمىغان نەرسىنى ھالال دەپ قاراش ۋە باشقا ئاللاھ ئەمىر قىلمىغان ئىشلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشنى  قەبىھ ئىشلاردىن سانايدۇ ۋە بۇنداق ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغان ئادەملەر ئەڭ زالىم ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، مەيلى پەيغەمبەر بولسۇن، مەيلى باشقا ئىنسانلار بولسۇن ئۆزىگە ئاللاھتىن ۋەھىي نازىل قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىگە ۋەھىي نازىل قىلىنغانلىقىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھىينىڭ ئوخشىشىنى سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئادەملەرمۇ ئەڭ زالىم ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ زالىملارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ[3]. ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنىڭ ۋە باشقا بارلىق زالىملارنىڭ سەكراتقا چۈشكەن چاغلىرىدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ناھايىتى دەھشەتلىك ئەھۋالنى كۆرەتتىڭ. ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۆزلىرىگە ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا، «جېنىڭلارنى ئۆزۈڭلار چىقىرىڭلار، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازابنى تېتىيسىلەر!» دەيدۇ.

ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، ھۇزۇرىمىزغا شۇنداق يالغۇز كەلدىڭلار، بىز ئاتا قىلغان مال – مۈلۈك ۋە بالا – چاقىلىرىڭلارنى تەرك ئەتتىڭلار، دۇنيادىكى چېغىڭلاردا بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن شاپائەتچىلىرىڭلار ھازىر يېنىڭلاردا يوق، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار ئۈزۈلۈپ كەتتى ۋە: ‹بۇلار قىيامەت كۈنى بىزنى قوللايدۇ، قوغدايدۇ، شاپائەت قىلىدۇ› دېگەن خام خىياللىرىڭلار ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۈمىدلىرىڭلار سۇغا چىلاشتى»[4].

[1] بۇ ئىپادە 42 – سۈرە شۇرانىڭ 7 – ئايىتىدىمۇ ئۆتىدۇ.

[2] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 19 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158- ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 28 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 48 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 103 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 21 -، 136 ~ 138 – ۋە 144 – ئايەتلەر؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 30 – ۋە 31 – ئايەتلەر؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 59 -، 60 -، 68 – ۋە 69 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 18 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 56 -، 86 -، 87 – ۋە 116 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 68 – ئايەت؛ 61- سۈرە سەف، 7 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 19 – سۈرە مەريەم، 82 – ۋە 94 – ئايەتلەر؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 4 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 25 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 6 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر