﴿ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۖ مِّنَ ٱلضَّأۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡمَعۡزِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ نَبُِّٔونِي بِعِلۡمٍ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ١٤٣ وَمِنَ ٱلۡإِبِلِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡبَقَرِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ أَمۡ كُنتُمۡ شُهَدَآءَ إِذۡ وَصَّىٰكُمُ ٱللَّهُ بِهَٰذَاۚ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا لِّيُضِلَّ ٱلنَّاسَ بِغَيۡرِ عِلۡمٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ ١٤٤ قُل لَّآ أَجِدُ فِي مَآ أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٖ يَطۡعَمُهُۥٓ إِلَّآ أَن يَكُونَ مَيۡتَةً أَوۡ دَمٗا مَّسۡفُوحًا أَوۡ لَحۡمَ خِنزِيرٖ فَإِنَّهُۥ رِجۡسٌ أَوۡ فِسۡقًا أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۚ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَإِنَّ رَبَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ١٤٥ وَعَلَى ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا كُلَّ ذِي ظُفُرٖۖ وَمِنَ ٱلۡبَقَرِ وَٱلۡغَنَمِ حَرَّمۡنَا عَلَيۡهِمۡ شُحُومَهُمَآ إِلَّا مَا حَمَلَتۡ ظُهُورُهُمَآ أَوِ ٱلۡحَوَايَآ أَوۡ مَا ٱخۡتَلَطَ بِعَظۡمٖۚ ذَٰلِكَ جَزَيۡنَٰهُم بِبَغۡيِهِمۡۖ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ ١٤٦﴾
تەرجىمىسى
143 – يەنى ئاللاھ سەككىز جۈپنى ياراتتى: قويدىن ئىككىنى، ئۆچكىدىن ئىككىنى ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار ماڭا ئىلىم بىلەن ئېيتىپ بېرىڭلار».
144 – ئاللاھ تۆگىدىن ئىككىنى، كالىدىن ئىككىنى ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ؟ ياكى ئاللاھ سىلەرنى بۇلارغا بۇيرۇغاندا سىلەر ئاللاھنىڭ يېنىدىمىدىڭلار؟». ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
145 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ماڭا ۋەھىي قىلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىچىدە، يەيدىغان كىشىگە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ئېقىتىلغان قان، توڭگۇز گۆشى – چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر – ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان قاتارلىقلاردىن باشقا ھارام قىلىنغان ھېچ نەرسە تاپالمايمەن». كىمكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەجبۇر بولۇپ، ئۇلاردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېسە، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
146 – بىز يەھۇدىيلارغا تىرناقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق. ئۇلارغا كالىنىڭ ۋە قوينىڭ ياغلىرىنىمۇ ھارام قىلدۇق. پەقەت بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ دۈمبىلىرىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ۋە ياكى سۆڭەك ئارىسىدىكى ياغلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز.
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 142 – ئايەتتە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچىكىلەرنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇلارنىڭ رىزىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ رىزىقتىن يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىشتىن يەنى ئۇ ھايۋانلارنى خالىغىنىچە ھارام ياكى ھالال قىلىشتىن توسىدۇ. 143 – ۋە 144 – ئايەتلەردە بولسا، ئۇ تۆت تۈرلۈك ھايۋاننىڭ ھەر بىر تۈرىنىڭ ئەركەك – چىشى بولۇپ، جەمئىي سەككىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ۋە چىشىلىرىنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ھارام قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا، ئاللاھ ھالال قىلغان ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆزلىرى خالىغانچە ھارام ياكى ھالال دەپ، ھۆكۈم قىلىپ، بۇ گۇناھلىرىنى يېپىش ئۈچۈن «بۇنىڭغا ئاللاھ بۇيرۇدى» دەپ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئۇ زاماندىكى ئىنسانلارنى قاتتىق ئەيىبلەش ئارقىلىق، بۇ قىلمىشنىڭ ئىنساننى مۇشرىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى ئەركەك – چىشى قىلىپ سەككىز دانە ياراتتى، گۆش – ياغ ۋە سۈتلىرىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ سىرتىدا بىر قىسىمىنى مىنىشكە ۋە يۈك توشۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، يەنە بىر قىسمىنىڭ يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن ھەر تۈرلۈك سېلىنجالارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان قىلدى: قويدىن ئىككىنى (قوچقار بىلەن ساغلىقنى) ۋە ئۆچكىدىن ئىككىنى (تېكە بىلەن ئۇرغاچى ئۆچكىنى) ياراتتى.
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ قوچقار بىلەن تېكىنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ساغلىق بىلەن ئۇرغاچى ئۆچكىنى ھارام قىلدىمۇ؟ ۋە ياكى ساغلىقنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئۇرغاچى ئۆچكىنىڭ قورسىقىدىكى ئوغلاقنى ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلاردىن ھارام دەپ قارىغانلىرىڭلارنى ‹ئاللاھ ھارام قىلغان› دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ھارام قىلغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار قېنى!».
- شۇنىڭدەك، ئاللاھ تۆگىدىن ئىككىنى (بۇغرا بىلەن ھىڭگاننى) ۋە كالىدىن ئىككىنى (بۇقا بىلەن سىيىرنى) ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ بۇغرا بىلەن بۇقىنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ھىڭگان بىلەن سىيىرنى ھارام قىلدىمۇ؟ ۋە ياكى ھىڭگاننىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن سىيىرنىڭ قورسىقىدىكى موزاينى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى سىلەر ئاللاھ بۇ ھاراملارنى بەلگىلىگەن چاغدا ئاللاھنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟
بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى: ياق. ئۇنداقتا سىلەر ئەڭ زالىم ئادەم ھېسابلىنىسىلەر، چۈنكى يالغاننى ئويدۇرۇپ، ئاندىن ئىنسانلارنى ھېچبىر ئىلمىي دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يالغاننى ئاللاھقا چاپلىغان ئادەمدىنمۇ بەك زالىم ھېسابلىنىدىغان ئادەم يوق. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».
ئەسكەرتىش: بۇ يەردە جۈپ دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زەۋج – زوج» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «ئەزۋاج – أزواج» كەلىمىسىدۇر. بۇ كەلىمە ئەرەبچىدە، ھايۋانلارغا ئىشلىتىلگەندە، جۈپلۈك يەنى جۈپتى بار بىر دانە ھايۋان دېگەن بولغاندەك، بىر جۈپ يەنى ئىككى دانە ھايۋان دېگەنمۇ بولىدۇ[1]. بۇ كەلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولغان جۈپ كەلىمىسىمۇ ئەينەن بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: جۈپ كەلىمىسىنىڭ تاقنىڭ ئەكسى، رەپىقە، جورا دېگەن مەنىلىرى بار. بۇنىڭغا ئاساسەن سەككىز جۈپ ھايۋان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، جۈپتى بار سەككىز دانە ھايۋان دېمەكتۇر. ئايەتنىڭ داۋامى بۇنى بايان قىلماقتا.
ئاللاھ تائالا 142 ~ 144 – ئايەتلەردە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ئەركەك – چىشىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئىنسانلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ھارام قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردىن بەزىلىرىنى ھارام دەپ قارىغان مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. 145 ~ 147 – ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، بىر نەرسىنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ۋەھىي بىلەن بولىدىغانلىقىنى ۋە ۋەھىي نازىل قىلىنىپ ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى بىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا بەزى ھايۋانلارنىڭ ۋە ياغلىرىنىڭ يەھۇدىيلارغا ھارام قىلىنىشىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھارامنىڭ ئۇلارغا خاس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقىلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا يولۇققاندا ئىنكارچىلارغا ئېيتىشى كېرەك بولغان ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن خالىغانلىرىنى ھارام دەپ، ئاندىن «بىزنى بۇ ھارام قىلىشقا ئاللاھ بۇيرۇغان» دەپ تۆھمەت قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ماڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ ئىچىدە يېمەكچى بولغان كىشىگە ھارام قىلىنغان نەرسىلەر پەقەتلا مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، ئۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان، توڭگۇزنىڭ گۆشى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان». كىمكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەجبۇر بولۇپ، ئۇلاردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېسە، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[2].
- ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا (سېنىڭ ئۇممىتىڭگە) ھارام قىلىنغان ھايۋانلار ئەنە شۇلاردۇر. لېكىن بىز يەھۇدىيلارنى قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن جازالاش ئۈچۈن بەزى ھايۋانلارنى ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ بەزى ياغلىرىنى ئۇلارغىلا ۋاقىتلىق ھارام قىلغان[3].
ئى مۇھەممەد! سېنى يالغانچى دېگەنلەرگە ئېيتقىنكى: «رەببىڭلارنىڭ رەھمىتى كەڭ، شۇڭلاشقا ھەقنى ئىنكار قىلساڭلارمۇ سىلەرنى دەرھال جازالىمايدۇ، لېكىن بۇ سىلەرنىڭ جازالىنىشتىن قۇتۇلغانلىقىڭلارنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى رەببىڭلار سىلەرگە ئوخشاش گۇناھكار قەۋمگە بىر مۇددەت مۆھلەت بەرسىمۇ، ئاقىۋەت ئۇلارنى جازالىماي قالمايدۇ.
ئەسكەرتىش: يەھۇدىيلارغا ئەسلىدە ھالال بولۇپ، ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغان «تىرناقلىق ھايۋانلار»، ئايەتتە ئۇلار بىلەن قارىمۇقارشى ھالەتتە زىكىر قىلىنغان «كالا ۋە قوي» كاتېگورىيىسىگە كىرمەيدىغان بارلىق ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[4].
[1] خەلىل ئىبنى ئەھمەد، «زوج»، 6: 166؛ ئەزھەرى، «زوج»، 11: 105؛ راغىب ئىسفەھانى، «زوج»، 384؛ ئىبنى مەنزۇر، «زوج»، 2: 291.
[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 115 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 160 – ۋە 161 – ئايەتلەر.
[4] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 93 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.





