﴿وَقَالُواْ هَٰذِهِۦٓ أَنۡعَٰمٞ وَحَرۡثٌ حِجۡرٞ لَّا يَطۡعَمُهَآ إِلَّا مَن نَّشَآءُ بِزَعۡمِهِمۡ وَأَنۡعَٰمٌ حُرِّمَتۡ ظُهُورُهَا وَأَنۡعَٰمٞ لَّا يَذۡكُرُونَ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا ٱفۡتِرَآءً عَلَيۡهِۚ سَيَجۡزِيهِم بِمَا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ ١٣٨ وَقَالُواْ مَا فِي بُطُونِ هَٰذِهِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ خَالِصَةٞ لِّذُكُورِنَا وَمُحَرَّمٌ عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِنَاۖ وَإِن يَكُن مَّيۡتَةٗ فَهُمۡ فِيهِ شُرَكَآءُۚ سَيَجۡزِيهِمۡ وَصۡفَهُمۡۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٞ ١٣٩ قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ قَتَلُوٓاْ أَوۡلَٰدَهُمۡ سَفَهَۢا بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَحَرَّمُواْ مَا رَزَقَهُمُ ٱللَّهُ ٱفۡتِرَآءً عَلَى ٱللَّهِۚ قَدۡ ضَلُّواْ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ ١٤٠ ۞وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ ١٤١ وَمِنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ حَمُولَةٗ وَفَرۡشٗاۚ كُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ ١٤٢﴾
تەرجىمىسى
138 – ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئېتىقادى بويىچە: «بۇلار چەكلەنگەن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە ئېكىنلەردۇر، ئۇلارنى بىز خالىغان كىشىلەرلا يېيەلەيدۇ. شۇ مىنىش ھارام قىلىنغان ھايۋانلار» دېدى. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ بىر قىسىم تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نامىدا بوغۇزلىمايتتى. ئاللاھ ئۇلارنى بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا جازالايدۇ.
139 – ئۇلار: «بۇ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى ئەرلىرىمىزگە خاستۇر، ئاياللىرىمىزغا ھارام قىلىنغاندۇر. ئەگەر ئۇ ئۆلۈك تۇغۇلسا، ئەر – ئايال ھەممەيلەن ئۇنىڭدا ئورتاقتۇر» دېدى. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىقىنى مۇشۇنداق سۈپەتلىگەنلىكىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
140 – بىلىمسىزلىكىدىن، ئەخمەقلىق قىلىپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر ۋە ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ ھارام قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتتى. ئۇلار ئېزىپ كەتتى ۋە ھىدايەت تاپمىدى.
141 – ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بېدىشلىك ۋە بېدىشسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر -بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى بار قىلدى. ھەربىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
142 – ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن يۈك توشۇيدىغانلارنى ۋە تۆشەك قىلىنىدىغانلارنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر.
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 136 – ۋە 137 – ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بىر قىسىم قەبىھلىكلىرىنى زىكىر قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 138 ~ 140 – ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر مۇشرىكلارنىڭ بىر قىسىم جاھىلىيەت ئادەتلىرىنى بىلدۈرۈىدۇ ۋە ئۆزى تەرىپىدىن يېقىندا جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ باتىل ئېتىقاد، خاتا چۈشەنچە ۋە قەبىھ قىلمىشلىرىدىن بەزىسى شۇكى، ئۇلار: «شۇ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىمىز، شۇ ئېكىن مەھسۇلاتلىرىمىز چەكلىنىدۇ، ئۇلارنى بىز خالىغان كىشىلەرلا يەيدۇ. شۇ ھايۋانلارغا مىنىش ۋە يۈك ئارتىش ھارام» دەيتتى. ئۇلار يەنە بىر قىسىم تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئەمەس، بۇتلىرىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلاتتى. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ ئۇلارغا بۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ[1].
- شۇنىڭدەك، ئۇ مۇشرىكلار مىنىشنى، يۈك ئارتىشنى ۋە ئۆلتۈرۈپ يېىشنى ھارام دەپ ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن چىشى ھايۋانلىرىنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرىنى يېيىشنىڭ ئەرلىرىگە خاس ئىكەنلىكىنى، ئاياللىرىغا ھارام قىلىنغانلىقىنى، ناۋادا ئۆلۈك تۇغۇلسا ئەر – ئايال ھەممىسىگە ھالال قىلىنغانلىقىنى ئېيتاتتى، شۇنداقلا بۇ ھارامنى ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا بۇ تۆھمەتلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ.
- شەيتانلارغا ئەگىشىپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن (قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋەتكەن)، ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزىقنىڭ بىر قىسمىنى (ئېكىن مەھسۇلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى)، «ئاللاھ ئەمرى قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن ھارام دەپ قارىغانلار چوقۇم زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقتىن بەك يىراقلاپ كەتتى ۋە توغرا يولدا بولمىدى.
ئاللاھ تائالا 136 ~ 140- ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېكىن مەھسۇلاتلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن خالىغىنىنى ھارام، خالىغىنىنى ھالال دەپ قوبۇل قىلىپ، ئاندىن «بۇنىڭغا ئاللاھ بۇيرۇغان» دېگەن تۆھمەتنى توقۇپ چىققانلىقىنى ۋە ئۇلارنى يېقىندا جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 141 – ۋە 142 – ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر ئېكىن ۋە ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى ۋە ئىنسانلارغا ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ ئۇ نېمەتلەردىن قانۇنلۇق ھالدا بەھرىمەن بولسا بولىدىغانلىقىنى ۋە شۈكرانىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىشتىن توسىدۇ ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئۆز غوللىرى بىلەن تۇرالايدىغان دەرەخلەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى ۋە شۇڭلىرى بېدىشلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان دەرەخلەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە زىرائەتلەرنى، بەزى جەھەتتىن ئوخشىشىدىغان، بەزى جەھەتتىن ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى يېتىشتۈردى. ئۇلارنىڭ مېۋە ۋە مەھسۇلاتلىرىدىن يەڭلار، ھۇسۇلىنى يىغقان كۈنۈڭلاردا ھەر بىرىنىڭ ھەققىنى (ئۆشرىسىنى ئايرىپ تېگشلىك يەرلەرگە) بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ[2].
- شۇنىڭدەك، ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن گۆش – ياغ، سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى يەپ – ئىچكىلى بولۇش بىلەن بىرگە، مىنىشكە ۋە يۈك توشۇشقا بولىدىغانلىرىنى، يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن ھەر تۈرلۈك گىلەم ۋە كىگىز – پالاسلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغانلىرىنى ياراتتى. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ گۆش – ياغ، سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن يەپ – ئىچىڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇلاردىن خالىغىنىڭلارنى ھالال، خالىغىنىڭلارنى ھارام دېمەڭلار. بىلىڭلاركى، شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنڭلاردۇر[3].
[1] قاراڭ: 5- سۈرە مائىدە، 103 – ۋە 104 – ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى.
[2] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 99 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 4 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 10 – ۋە 11 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 18 ~ 20 – ئايەتلەر؛ 36 – سۈرە ياسىن، 33 ~ 35 – ئايەتلەر؛ 80 – سۈرە ئەبەسە، 24 ~ 32 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.
[3] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 5 – ۋە 7 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 21 – ۋە 22 – ئايەتلەر؛ 36 – سۈرە ياسىن، 71 ~ 73 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 79 – ۋە 80 – ئايەتلەر.





