قۇرئان يولى
ئەنئام، 95 ~ 101 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى ئاللاھ يېگانە ياراتقۇچىدۇر 1

ئەنئام، 95 ~ 101 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ ئاللاھ يېگانە ياراتقۇچىدۇر

﴿۞إِنَّ ٱللَّهَ فَالِقُ ٱلۡحَبِّ وَٱلنَّوَىٰۖ يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَمُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتِ مِنَ ٱلۡحَيِّۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ ٩٥ فَالِقُ ٱلۡإِصۡبَاحِ وَجَعَلَ ٱلَّيۡلَ سَكَنٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ حُسۡبَانٗاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ ٩٦ وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلنُّجُومَ لِتَهۡتَدُواْ بِهَا فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ ٩٧ وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ فَمُسۡتَقَرّٞ وَمُسۡتَوۡدَعٞۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَفۡقَهُونَ ٩٨ وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ نَبَاتَ كُلِّ شَيۡءٖ فَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهُ خَضِرٗا نُّخۡرِجُ مِنۡهُ حَبّٗا مُّتَرَاكِبٗا وَمِنَ ٱلنَّخۡلِ مِن طَلۡعِهَا قِنۡوَانٞ دَانِيَةٞ وَجَنَّٰتٖ مِّنۡ أَعۡنَابٖ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُشۡتَبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٍۗ ٱنظُرُوٓاْ إِلَىٰ ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَيَنۡعِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمۡ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ ٩٩ وَجَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ ٱلۡجِنَّ وَخَلَقَهُمۡۖ وَخَرَقُواْ لَهُۥ بَنِينَ وَبَنَٰتِۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ ١٠٠ بَدِيعُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُۥ وَلَدٞ وَلَمۡ تَكُن لَّهُۥ صَٰحِبَةٞۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ ١٠١﴾

تەرجىمىسى

95 – شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇرۇقلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق قانداقمۇ ئۇنىڭ يولىدىن بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟

96 – ئاللاھ قاراڭغۇلۇقلارنى يېرىپ تاڭنى چىقارغۇچىدۇر. ئۇ كېچىنى ئىستىراھەت ۋاقتى، قۇياشنى ۋە ئاينى بىرەر ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلدى. بۇ غالىپ ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ بەلگىلىشىدۇر.

97 – ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.

98 – ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۈچۈن قارارگاھ ۋە ئامانەت قويۇلىدىغان جاي بار قىلدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.

99 – ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر ئۆسۈملۈكنىڭ بىخىنى چىقاردۇق، ئۇ ئۆسۈملۈكتىن نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر – بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمىنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى، بىرى – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى چىقاردۇق. ھەربىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.

100 – ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار» دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.

101 – ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ رەپىقىسى بولمىغان تۇرسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ياراتقان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.

تەپسىرى

يۇقرىدىكى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى، ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ھېساب ئېلىنىشى ۋە شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلدۈرۈلىدۇ. 95 ~ 99 – ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مەزمۇنلارنىڭ دەلىللىرى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاللاھ يەرگە تېرىلغان ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرىدۇ. ئۆلۈكتىن تىرىك، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقىرىدۇ. مەسىلەن: تۇخۇمدىن چۈجە، قۇشتىن تۇخۇم چىقىرىدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئىبادەتنى ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا قىلىشنى تەرك ئېتىپ، قانداقمۇ جانسىز ۋە ئاجىز نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدىغانسىلەر؟! ھەقىقەت ناھايىتى ئاشكارا تۇرۇقلۇق سىلەر تەۋھىدتىن شېرىككە قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟! [1].
  2. ئاللاھ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى يېرىپ تاڭنى چىقىرىۋاتقان، كېچىنى ئارام ئېلىش ۋاقتى، قۇياش بىلەن ئاينى كۈن، ئاي ۋە يىللارنى ھېسابلاش ۋاسىتىسى قىلىپ خىزمىتىلارغا سېلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇ ئىشلار قۇدرىتى ئۇلۇغ ۋە ئىلمى چەكسىز ئاللاھ پىلانلىغان، ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلاردۇر. ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار قايسى ئىشلارنى قىلدى؟ ھېچ ئىش قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمە؟[2].
  3. ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ۋە ئېزىپ قالغان بولساڭلار يولۇڭلارنى تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ، خىزمىتىڭلارغا سۇندى. ئى مۇشرىكلار! بىز (ئاللاھ) قۇدرەت ۋە مەرھەمىتىمىزنىڭ بۇ دەلىللىرىنى ئىلىملىك كىشىلەرگە تەپسىلىي بايان قىلدۇق. ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىدىغانسىلەر؟![3].
  4. ئاللاھ، سىلەرنى بىر نەفستىن (ئاتاڭلار ئادەمدىن) ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن يارىتىلىشىڭلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن تارتىپ ئۆلۈپ قايتا تىرىلدۈرۈلگىنىڭلارغا قەدەر ئورۇنلىشىپ تۇرىدىغان ۋە ۋاقىتلىق تۇرىدىغان جايلارنى بەلگىلىگەن زاتتۇر[4]. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) بىز ئىنچىكە كۆزىتىپ تەكشۈرىدىغان، زەن قويۇپ چۈشىنىدىغان ۋە دىققەت بىلەن پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.

 ئەسكەرتىش: ئۇ جايلار – ئاتا پۇشتى، ئانا بالىياتقۇسى، يەر يۈزى ۋە قەبرە قاتارلىق مەنزىللەرنى كۆرسىتىدۇ.

  1. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر قاتارلىقلارنى ياغدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن زېمىندىن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرگەن، ئاشلىق بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى ۋە تۈرلۈك – تۈرلۈك مېۋىلەرنى يېتىشتۈرگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى سىلەرگە بەرگەن زاتتۇر. مانا بۇلاردا ھەقنى ئىزدەيدىغان ۋە ھەقكە بويسۇنىدىغانلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە مەرھەمىتىنىڭ دەلىللىرى بار. ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدۇر. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىدىغانسىلەر؟! سىلەرنىڭ ھېچبىر ئېھتىياجىڭلارنى قامداپ بېرەلمەيدىغان، ئۆزىگىمۇ پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە قانداقمۇ چوقۇنىدىغانسىلەر؟![5].

ئاللاھ تائالا 95 ~ 99 – ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 100 ~ 103 – ئايەتلەردە مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۆزىنى تونۇتىدۇ ۋە  ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. كافىرلار يۇقىرىدىكى شۇنچىۋالا كۆپ دەلىلگە قارىماستىن جىنلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ئۆزىلىرىگە ئوخشاش مەخلۇق بولغان جىنلارغا قانداقمۇ ئىبادەت قىلىدۇ؟! ئۇلارنىڭ ئەقلى، پىترىتى ۋە ۋىجدانى بۇنىڭغا قانداقمۇ يول قويىدۇ؟!

ئۇلار ئاللاھنىڭ شۇنچە كۆپ نېمىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا شۇ نېمەتلەرنىڭ ئىگىسىگىلا ئىبادەت قىلمايدۇ؟!

بۇ يەردىكى «جىنلار»، جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ۋە يامانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلىش – ئۇ شەيتانلارغا ئەگىشىپ، ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى ھالال دەپ بىلىش، ئۇلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش، ئۇلارنى ھامىي قىلىۋېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ[6]. شۇنىڭدەك، ئۇلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلىش – غەمدىن خالاس بولۇش، قورقۇنچتىن خاتىرجەم بولۇش، غەيىبىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش قاتارلىق مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا سېغىنىشنى ۋە يامان ئىشلارنى قىلىپ ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ[7].

كافىرلارنىڭ باشقا بىر قەبىھلىكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئوغۇل – قىز پەرزەنت نىسبەت بېرىشىدۇر. مەسىلەن: يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى، ناسارالار: «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى، مەككە مۇشرىكلىرى: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېدى[8]. ئاللاھ تائالا كافىرلارنىڭ بۇ تۆھمىتىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇزەير، ئىيسا، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولۇپ، ئۇلارنى ۋە باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممىسى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا ۋە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا، ھەممىسى ئاللاھقا موھتاج، ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەس، ھېچ نەرسە ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ.

  1. ئى ئەخمەقلەر! ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھنىڭ قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھنىڭ رەپىقىسى يوق ئەمەسمۇ! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ، جۈملىدىن ئۇ كافىرلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى» دېگەن كىشىلەرنى يوقتىن ياراتقان، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ؟![9].

ئى غاپىللار! ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، خۇسۇسەن سىلەرنىڭ بۇ ناشايان سۆزلىرىڭلارنى ۋە قەبىھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنى جازالايدۇ[10].

[1] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 27 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 31 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 19 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 5 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 13 – سۈرە رەئد، 2 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 33 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 12 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 71 ~ 73 – ئايەتلەر؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 29 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 40 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 54 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 – ۋە 16 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.

[5] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام،) 141 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 11 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 18 – ۋە 19 – ئايەتلەر؛ 36 – سۈرە ياسىن، 33 ~ 35 – ئايەتلەر؛ 80 – سۈرە ئەبەسە، 24 ~ 32 – ئايەتلەر.

[6] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 117 ~ 120 – ئايەتلەر؛ 18 – سۈرە كەھف، 50 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 60 – ۋە 61 – ئايەتلەر.

[7] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 128 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 40 – ۋە 41 – ئايەتلەر؛ 72 – سۈرە جىن، 6 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 30 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 57 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 116 -، 117 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 68 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 35 – ۋە 90 ~ 95 – ئايەتلەر؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 26 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 11 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 5 – ئايەتنىڭ تەپسىرى ۋە 25 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 27 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 90 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر