﴿ وَإِذَا رَأَيۡتَ ٱلَّذِينَ يَخُوضُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيۡرِهِۦۚ وَإِمَّا يُنسِيَنَّكَ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَلَا تَقۡعُدۡ بَعۡدَ ٱلذِّكۡرَىٰ مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ ٦٨ وَمَا عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَلَٰكِن ذِكۡرَىٰ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ ٦٩ وَذَرِ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ دِينَهُمۡ لَعِبٗا وَلَهۡوٗا وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ وَذَكِّرۡ بِهِۦٓ أَن تُبۡسَلَ نَفۡسُۢ بِمَا كَسَبَتۡ لَيۡسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ وَإِن تَعۡدِلۡ كُلَّ عَدۡلٖ لَّا يُؤۡخَذۡ مِنۡهَآۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أُبۡسِلُواْ بِمَا كَسَبُواْۖ لَهُمۡ شَرَابٞ مِّنۡ حَمِيمٖ وَعَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ ٧٠ قُلۡ أَنَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰٓ أَعۡقَابِنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ كَٱلَّذِي ٱسۡتَهۡوَتۡهُ ٱلشَّيَٰطِينُ فِي ٱلۡأَرۡضِ حَيۡرَانَ لَهُۥٓ أَصۡحَٰبٞ يَدۡعُونَهُۥٓ إِلَى ٱلۡهُدَى ٱئۡتِنَاۗ قُلۡ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلۡهُدَىٰۖ وَأُمِرۡنَا لِنُسۡلِمَ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٧١ وَأَنۡ أَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّقُوهُۚ وَهُوَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ ٧٢ وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ وَيَوۡمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُۚ قَوۡلُهُ ٱلۡحَقُّۚ وَلَهُ ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ ٧٣﴾
تەرجىمىسى
68 -بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىشىۋاتقانلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلار باشقا سۆز توغرىسىدا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئەسلىگىنىڭدىن كېيىن ئۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن!
69 – تەقۋادار بولغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق. لېكىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا ئەسلىتىش كېرەك.
70 – ئى مۇھەممەد! دىنىنى ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان، دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان كىشىلەرنى تەرك ئەتكىن! قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنكى، ھېچ كىشى ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھالاك بولمىسۇن. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيسى ۋە شاپائەتچىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر تۈرلۈك فىدىيەنى بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا كافىر بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىق ئىچىملىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار.
71 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شەيتانلار خاھىشىغا ئەگەشتۈرۈپ چۆلدە تېڭىرقىغان ھالىتىدە تاشلىۋەتكەن، دوستلىرى: ‹يېنىمىزغا كەل› دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمدەك بولامدۇق؟» ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر. بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇق،
72 – ھەمدە بىزگە «نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
73 – ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئۇ بىر نەرسىگە: «بول» دېگەن كۈنى ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈنى ھاكىمىيەت پەقەتلا ئۇنىڭدۇر. ئۇ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر».
تەپسىرى
68 – ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ سورۇنىدا بولغان چېغىڭدا، ئۇلار ئايەتلىرىمىزگە تەنە قىلغىلى باشلىسا، ئۇلار باشقا بىرەر پاراڭغا چۈشكەنگە قەدەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرغىن. ناۋادا شەيتاننىڭ ئۇنتۇلدۇرۇشى بىلەن ئولتۇرۇپ قالغان بولساڭ، ئېسىڭگە كەلگەن ھامان ئايرىلغىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن.
- ئايەتلەرنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلارنىڭ قىلمىشىغا نارازى بولۇپ، ئۇلاردىن ئايرىلغان تەقۋادارلارغا (ساڭا ۋە ساھابىلىرىڭغا) ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق. لېكىن تەقۋادار بولغانلارنىڭ، ئۇلار «بەلكى ھوشىنى تاپار، قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن توختار، بۇ يامان قىلمىشلىرىدىن ساقلىنار» دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى ئەسلىتىشلىرى لازىم. مۇشرىكلار قۇرئانغا تەنە قىلغىلى باشلىغاندا نارازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سورۇنىدىن ئايرىلىپ كېتىشمۇ ئۇلارغا قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىشتۇر[1].
- ئى مۇھەممەد! سەن يەتكۈزگەن ھەق دىننى ئۆزلىرىنىڭ دىنى قىلىۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ دىننى مەسخىرە قىلىپ كۆڭۈل ئاچقان، ئۇنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەن ۋە دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان ئۇ غاپىللارنى تەرك ئەتكىن، ئۇلارغا بىز تېتىيمىز[2].
ئى مۇھەممەد! ھېچ كىشىنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازابقا دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. گۇناھكار ئادەم ئازابقا دۇچار بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھتىن باشقا ھىمايىچىسىمۇ بولمايدۇ، شاپائەتچىسىمۇ بولمايدۇ. ئۇ كىشى ئەگەر كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر ئۆزىنىڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى فىديە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ[3]. ئۇلارغا، كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ ئىچىش ۋە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلىنىش جازاسى بېرىلىدۇ[4].
ئەسكەرتىش:
ئاللاھ تائالا 71 ~ 73 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ باتىل يولىغا مۇئمىنلارنى دەۋەت قىلغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىشكە، ئىسلام يولىنىڭ بىردىنبىر توغرا يول ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزى باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنىڭ شۇ يولدا مېڭىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە ھېكمىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ يېگانە پادىشاھى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
71 – 72. ئى مۇھەممەد! سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنىغا دەۋەت قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، بىزدىن زىياننىمۇ دەپئى قىلالمايدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ (يېلىنىپ يالۋۇرامدۇق؟) ئاللاھ بىزنى تەۋھىدكە مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن شېرىككە قايتۇرۇلامدۇق؟ بۇ تەقدىردە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز سەپەر ئۈستىدە يولىدىن ئاداشقان ۋە ھەمراھلىرى «بېرى كەل» دەپ چاقىرىپ تۇرسىمۇ شەيتانلارغا ئەگىشىپ ئۇلاردىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بولمامدۇ؟».
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر! بىز ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا بويسۇنۇشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلدۇق. ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا يېغىدۇ ۋە سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ،
- ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتقان زاتتۇر، ئاللاھ ياراتماقچى بولغان نەرسىسىگە ‹بول› دېگەن چاغدا ئۇ نەرسە بولىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر، ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ بىردىنبىر پادىشاھىدۇر، سىلەر ئۈچۈن غەيىب ۋە ئاشكارا بولغان نەرسىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشلا ئاشكارىدۇر، ئاللاھ قىلغان ئىشلىرىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ تېشىنى، ئىچىنى ۋە ماھىيىتىنى بىلىدۇ».
[1] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 140 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[2] قاراڭ: 15- سۈرە ھىجر، 95 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 48 – ۋە 12 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 91 – ئايەت.
[4] قاراڭ: 78 – سۈرە نەبەئـ، 25 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.





