قۇرئان يولى
ئەنئام، 45 ~ 52 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى ئاللاھنىڭ ۋەھيىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنىڭ ئاقېۋىتى 1

ئەنئام، 45 ~ 52 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ ئاللاھنىڭ ۋەھيىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنىڭ ئاقېۋىتى

﴿فَقُطِعَ دَابِرُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْۚ وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٤٥ قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَخَذَ ٱللَّهُ سَمۡعَكُمۡ وَأَبۡصَٰرَكُمۡ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُم مَّنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِهِۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ هُمۡ يَصۡدِفُونَ ٤٦ قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ بَغۡتَةً أَوۡ جَهۡرَةً هَلۡ يُهۡلَكُ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلظَّٰلِمُونَ ٤٧ وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۖ فَمَنۡ ءَامَنَ وَأَصۡلَحَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٤٨ وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِ‍َٔايَٰتِنَا يَمَسُّهُمُ ٱلۡعَذَابُ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ ٤٩ قُل لَّآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ إِنِّي مَلَكٌۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ ٥٠ وَأَنذِرۡ بِهِ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحۡشَرُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ لَيۡسَ لَهُم مِّن دُونِهِۦ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ ٥١ وَلَا تَطۡرُدِ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ مَا عَلَيۡكَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَمَا مِنۡ حِسَابِكَ عَلَيۡهِم مِّن شَيۡءٖ فَتَطۡرُدَهُمۡ فَتَكُونَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ ٥٢﴾

تەرجىمىسى

45 – زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

46 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئالسا، قەلبلىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ قارىغىنا! بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداق يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ.

47 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟».

48 – بىز ئەلچىلەرنى ئازاب كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كىم ئىمان ئېيتسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.

49 – ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئازاب يېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىقىپ كەتتى.

50 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن. مەن غەيىبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: ‹مەن چوقۇم پەرىشتە› دېمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن». ئېيتقىنكى: «كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟».

51 – رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا، رەببىدىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچىسى يوق ھالدا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار تەقۋادار بولغاي!

52 – ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلارنى قوغلىۋەتمىگىن! ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھېسابى سەندىن ئېلىنمايدۇ. سېنىڭ ھېچبىر ھېسابىڭ ئۇلاردىن ئېلىنمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنى قوغلىۋېتەر ئىدىڭ. ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.

تەپسىرى

  1. زۇلۇم قىلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر نىجاتلىققا ئېرىشتى. ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردە زالىملارنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۆزىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشى، ئۆزىنىڭ زالىملارنى ھالاك قىلىشىنىڭ مۇئمىنلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، مۇئمىنلارغا بۇ نېمەتكە ئېرىشكەن چېغىدا  ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشى ۋە شۈكۈر قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ زالىمنى ھالاك قىلىشى مەزلۇمغا قىلغان مەرھەمەتىدۇر (ۋەللاھۇ ئەئلەم).

ئاللاھ تائالا 46 ~ 49 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىشكە ۋە ئۇ مۇشرىكلارنى ئەيىبلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئەگەشمىگەنلەرنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلارغا (يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلارغا) ئېيتقىنكى: «ئى ئەقىلسىزلەر! ناۋادا ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئېلىۋالسا، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلمەيدىغان ۋە چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قالساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ ئۇلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟ ھېچكىم قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ، بۇنى بىلىسىلەر، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا سىلەر ئىبادىتىڭلارنى نېمىشقا ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟! نېمىشقا ئىبادىتىڭلاردا، ئۆزىگىمۇ پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىسىلەر؟!».

ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، بىز تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى پەرقلىق شەكىللەردە ناھايىتى ئېنىق بىلدۈرۈۋاتىمىز، روشەن ھالەتتە بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار يەنىلا رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتىدۇ!

  1. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى تۇيۇقسىزلا كەلسە ياكى ئاشكارا ھالدا كەلسە، ئۇ ئازاب بىلەن كىم ھالاك قىلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىبادەتنى مەبۇد بەرھەق بولغان ئاللاھقا قىلىشنى تاشلاپ، ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن زالىم قەۋم ھالاك بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ!».

48 – 49. ئى مۇھەممەد! ئەلچىلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى، جۈملىدىن سېنىڭ ۋەزىپەڭ، ئىمان ئېيتقان ۋە ئۆزلىرىنى تۈزەتكەنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئىنكار قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەلچىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ، كۇفىرلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر جازالىنىدۇ[1].

ئاللاھ تائالا 50 ~ 52 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ناشايان تەلەپلەردە بولغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىشكە ۋە قىيامەت كۈنى رەببى (ئاللاھ)نىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاجىز مۇئمىنلارنى يېنىدىن قوغلىۋېتىشتىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتقان ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشىنىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە: ‹مەن ئاللاھنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە› دەپ دەۋا قىلمايمەن. ئەگەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقۇم بولسا ئىدى، سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى دەرھال كەلتۈرۈپ ئالدىڭلاردا قويغان بولاتتىم. مەن غەيىبنى بىلمەيمەن، ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام، نۇرغۇنلىغان پايدىلارنى قولغان كەلتۈرگەن بولاتتىم، ھەمدە بېشىمغا يامانلىق كەلمىگەن بولاتتى. مەن سىلەرگە: ‹مەن بىر پەرىشتە› دېگەن دەۋانىمۇ قىلمايمەن. مەن بىر ئىنسان، ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىمەن، شۇڭلاشقا مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن، ۋەھىينىڭ سىرتىغا چىقمايمەن»[2].

ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: «ھەقنى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن ھەقنى كۆرگەن ئادەم ئوخشاش بولامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا نېمىشقا ئويلانمايسىلەر؟ نېمىشقا مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ھەقنى چۈشەنمەستىن ئىنكار قىلىسىلەر؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلساڭلار بولمامدۇ؟»[3].

  1. ئى مۇھەممەد! قۇرئان بىلەن، قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ۋە رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا يالغۇز تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلار سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭنى دىققەتكە ئالىدۇ، شۇنداقلا بۇ دۇنيادا ئەمەل قىلىپ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ[4].
  2. ئى مۇھەممەد! ھاكاۋۇر كافىرلارنىڭ، يېنىڭدىكى ئاجىز – ئورۇق مۇئمىنلارنى قوغلىۋېتىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ھەرگىزمۇ بويسۇنمىغىن. ئۇلارنى مەمنۇن قىلىمەن دەپ ئاجىز – ئورۇق مۇئمىنلارنى يېنىڭدىن كېتىشكە زورلىمىغىن، ئەكسىچە ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشقا ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇرغۇزغىن، كافىرلار ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ بىرەر كەمچىلىكى ياكى بىرەر خاتالىقى بولسا، ئۇنىڭدىن سەن جاۋابكار ئەمەس، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ناۋادا ئۇلارنى يېنىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[5].

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 188 – ۋە 203 – ئايەتلەر؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 15 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 93 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 110- ئاايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 6 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 9 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 24 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 16 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 19 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 58 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 124 – ۋە 125 – ئايەتلەر؛ 17 -سۈرە ئىسرا، 82 – ئايەت؛ 20 – سۈرە  تاھا، 3 – ئايەت؛ 36 – سۈرە  ياسىن، 11 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 44 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 45 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 28 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 18 – ئايەت؛ 53 – سۈرە  نەجم، 38 ~ 41 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر