﴿۞إِنَّمَا يَسۡتَجِيبُ ٱلَّذِينَ يَسۡمَعُونَۘ وَٱلۡمَوۡتَىٰ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ ثُمَّ إِلَيۡهِ يُرۡجَعُونَ ٣٦ وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يُنَزِّلَ ءَايَةٗ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٣٧ وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا طَٰٓئِرٖ يَطِيرُ بِجَنَاحَيۡهِ إِلَّآ أُمَمٌ أَمۡثَالُكُمۚ مَّا فَرَّطۡنَا فِي ٱلۡكِتَٰبِ مِن شَيۡءٖۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يُحۡشَرُونَ ٣٨ وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بَِٔايَٰتِنَا صُمّٞ وَبُكۡمٞ فِي ٱلظُّلُمَٰتِۗ مَن يَشَإِ ٱللَّهُ يُضۡلِلۡهُ وَمَن يَشَأۡ يَجۡعَلۡهُ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ٣٩ قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ أَوۡ أَتَتۡكُمُ ٱلسَّاعَةُ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَدۡعُونَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ٤٠ بَلۡ إِيَّاهُ تَدۡعُونَ فَيَكۡشِفُ مَا تَدۡعُونَ إِلَيۡهِ إِن شَآءَ وَتَنسَوۡنَ مَا تُشۡرِكُونَ ٤١ وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ لَعَلَّهُمۡ يَتَضَرَّعُونَ ٤٢ فَلَوۡلَآ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَا تَضَرَّعُواْ وَلَٰكِن قَسَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٤٣ فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَبۡوَٰبَ كُلِّ شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ إِذَا فَرِحُواْ بِمَآ أُوتُوٓاْ أَخَذۡنَٰهُم بَغۡتَةٗ فَإِذَا هُم مُّبۡلِسُونَ ٤٤ ﴾
تەرجىمىسى
36 – پەقەت ئاڭلايدىغان كىشىلەرلا دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ.
37 – ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
38 – يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق ھايۋانلار ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان بارلىق ئۇچارقاناتلار سىلەرگە ئوخشاشلا ئۇممەتلەردۇر. بىز كىتابتا ھېچ نەرسىنى كەم قويمىدۇق. ئاخىرىدا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىدۇ.
39 – بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر گاسلاردۇر، گاچىلاردۇر، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
40 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە ياكى سىلەرگە قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار!
41 – بەلكى پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ خالىسا سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان نەرسىلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر».
42 – بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاندىن بىز ئۇلارنى يېلىنىپ -يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا -مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.
43 – ئۇلار نېمىشقا ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىگە قاتتىق ئازابىمىز كەلگەن چاغدا يېلىنىپ -يالۋۇرۇشمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتتى ۋە شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى.
44 – ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز ئۇلارغا ھەر نەرسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشال بولۇپ ئەركىلىگىلى تۇرغاندا ئۇلارنى تۇيۇقسىز جازالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى.
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 33 ~ 35 – ئايەتلەردە كافىرلارنىڭ تەرسالىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە سەۋر قىلىشى ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ. 36 ~ 41 – ئايەتلەردە ئۇ كافىرلارنىڭ تەرسالىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سەۋر قىلىشقا ئۈندەيدىغان ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىدۇ. ئۇ كافىرلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بىرەر ماددىي مۆجىزە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىىزىنى چۈشۈرۈشكە ئۆزىنىڭ قادىر ئىكەنلىكىنى، لېكىن چۈشۈرمىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ كافىرلارنىڭ قىيىنچىلىقتا تەۋھىدكە قايتىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ، ئازادىچىلىكتە شېرىك كەلتۈرۈشىنى ئەيىبلەشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ قىلمىغانلىقىغا قارىتا ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ. ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەكەلگەن قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئىشەنگەن كىشىلەرنى ئاڭلىيالايدىغان يەنى ھەقىقى ھاياتنى ياشاۋاتقان ئىنسانلار دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئاللاھنىڭ «پەقەت ئاڭلايدىغان كىشىلەرلا دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن سۆزى بۇنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، ھەقىقەتنى كۆز ئالدىدا تۇرسا كۆرمىگەنلەرنى ۋە ئاڭلىمىغانلارنى بولسا ئۆلۈككە ئوخشىتىدۇ. شۇڭا ئايەتنىڭ ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالا بۇ ئۆلۈكلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇنداقلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇنداق كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرگە قاراپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، كۈچىنى خوراتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ دەۋەت قىلىشىنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن ئۆلۈكنىڭ تىرىلىشى، مۇسانىڭ ھاسىسى، تاغنىڭ يۆتكىلىشى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدا بىللە ئاشكارا يۈرۈشىدەك بىرەر مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ بۇنىڭغا قادىر»، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ساڭا ئۇنداق بىرەر مۆجىزە بېرىلمىگەنلىكنىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيدۇ. ئۇ ھېكمەت ساڭا ئۇنداق بىرەر مۆجىزە بېرىلگەندىن كېيىن ئىشەنمىگەنلەرنىڭ ھالاك قىلىنىشىدۇر[1].
- ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شۇكى، زېمىندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەر جانلىق ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇۋاتقان ھەر ئۇچارقانات سىلەرگە ئوخشاشلا ئۇممەتتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ياراتقان، ئۇلارغا تىرىكچىلىك يولىنى كۆرسەتكەن ۋە رىزقىنى ئورۇنلاشتۇرغان، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىدۇ[2].
- ئەنە شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ئۆزى پىلانلاپ كىتابقا (لەۋھى مەھفۇزغا) يازغان ۋە ئۆزى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ ھايۋانلاردىكى قۇدرەت، ھېكمەت ۋە مەرھەمەتلىرىنى تونۇپ يەتكەنلەر ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھنىڭ ياراتقان ئايەتلىرى ئۈستىدىمۇ تەپەككۇر قىلمىغان ئىنسانلاردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرگە قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان، شۇنداقلا قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈيدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ. ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ ئازدۇرۇۋېتىشنى خالايدىغان، توغرا يول ئۈستىدە قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەردۇر[3].
- ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! سىلەر ھازىر ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر. سىلەر: ‹ئىلاھلىرىمىز پايدا – زىيان يەتكۈزەلەيدۇ› دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىپ كەلسە ياكى قىيامەت قايىم بولسا، ئۇ چاغلاردىمۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ (يېلىنىپ يالۋۇرامسىلەر؟).
- جاۋاب: ياق، سىلەر ئۇ چاغدا ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، شۇنداققۇ! سىلەر قىيىنچىلىقتا ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھ خالىسا سىلەرنى قۇتقۇزۇپ قويىدۇ، ئاندىن سىلەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپلا يەنە شېرىك كەلتۈرىسىلەر. دېمەككى، سىلەر ئاللاھتىن غەيرىينىڭ سىلەرنى بېشىڭلارغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويۇشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر. ئۇنداقتا سىلەر نېمىشقا ئېغىرچىلىقتا قالغان چېغىڭلاردىلا ئەمەس، ئەكسىچە ھەر دائىم قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا دۇئا قىلمايسىلەر؟ سىلەر ئۆتۈپ كەتكەن تۇزكور ئادەملەرسىلەر!»[4].
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئىنسانلار ھوشىنى تېپىشى، توغرا يولغا قايتىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ساقسىزلىق، ئاچارچىلىق، ئۆلۈم – يېتىم ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك بالايىئاپەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋە ئەمەلىيەتتە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ[5]. جۈملىدىن 42 ~ 45 – ئايەتلەردىمۇ ئۆتمۈشتىكى ئۇممەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىپ توغرا يولغا قايتىشلىرى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك بالايىئاپەت ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ توغرا يولغا قايتمىغانلىقىنى، ئۇلار ئىلاھىي نەسىھەتلەرنى ئۇنتۇپ، كەيپ – ساپا سۈرۈش بىلەن بولۇپ كەتكەن ئەسنادا ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب ئەۋەتىپ يىتلتىزىنى قۇرۇتۇۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلارنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلارنى) ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلار قەۋملىرىنى تەۋھىد ۋە ئىبادەتكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار ئۇ ئەلچىلەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغاندا بىز ئۇلارغا توغرا يولغا قايتسۇن دەپ يوقسۇزلۇق، ساقسىزلىق، ۋە ئۆلۈم – يېتىمگە ئوخشىغان بالايىئاپەتلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
- ئۇلار قاتتىق ئازابىمىزگە دۇچار قىلىنغان چاغلىرىدا ھوشىنى تېپىپ توغرا يولغا قايتىش تۈگۈل، ئاسىيلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرگەن ئىدى.
- ئۇلار ئەلچىلىرىمىز قىلغان نەسىھەتلەرگە ھېچ پەرۋا قىلماستىن گۇناھلارغا چۆمۈپ كەتكەندە، بىز ئۇلارغا پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق: قىيىنچىلىقنى ئازادىچىلىك، يوقسۇزلۇقنى پاراۋانلىق، ساقسىزلىقنى ساقلىق ۋە غەم – قايغۇنى خۇشال – خۇراملىق بىلەن ئالماشتۇردۇق. ئۇلار نېمەتلىرىمىز بىلەن ھەددىدىن ئېشىپ ئەركىلىگىلى تۇرغان چاغدا بىز ئۇلارنى تۇيۇقسىز جازالىدۇق، ئۇلار ئۇ نېمەتلەردىن بىردىنلا ئايرىلىپ كېتىپ ھەسرەتتە قالدى.
[1] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)نىڭ 8 – ۋە 58 – ئايەتلىرى.
[2] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 6 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 50 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 29 – ئايەت؛ 81 – سۈرە تەكۋىر، 5 – ئايەت؛ 87 – سۈرە ئەئلا، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر.
[3] قاراڭ: 13 – سۈرە رەئد، 27 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 104 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 3 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 28 – ئايەت.
[4] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 64 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 22 – ۋە 23 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 53 – ۋە 54 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 67 ~ 69 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 65 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 33 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 32 – ئايەت.
[5] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 94 – ۋە 168 – ئايەتلەر؛ 30 – سۈرە رۇم، 41 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 21 – ئايەت.





