﴿بَلۡ بَدَا لَهُم مَّا كَانُواْ يُخۡفُونَ مِن قَبۡلُۖ وَلَوۡ رُدُّواْ لَعَادُواْ لِمَا نُهُواْ عَنۡهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ ٢٨ وَقَالُوٓاْ إِنۡ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا وَمَا نَحۡنُ بِمَبۡعُوثِينَ ٢٩ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ وُقِفُواْ عَلَىٰ رَبِّهِمۡۚ قَالَ أَلَيۡسَ هَٰذَا بِٱلۡحَقِّۚ قَالُواْ بَلَىٰ وَرَبِّنَاۚ قَالَ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ ٣٠ قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتۡهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ قَالُواْ يَٰحَسۡرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطۡنَا فِيهَا وَهُمۡ يَحۡمِلُونَ أَوۡزَارَهُمۡ عَلَىٰ ظُهُورِهِمۡۚ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ ٣١ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا لَعِبٞ وَلَهۡوٞۖ وَلَلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ ٣٢ قَدۡ نَعۡلَمُ إِنَّهُۥ لَيَحۡزُنُكَ ٱلَّذِي يَقُولُونَۖ فَإِنَّهُمۡ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ بَِٔايَٰتِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ ٣٣ وَلَقَدۡ كُذِّبَتۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَ فَصَبَرُواْ عَلَىٰ مَا كُذِّبُواْ وَأُوذُواْ حَتَّىٰٓ أَتَىٰهُمۡ نَصۡرُنَاۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ وَلَقَدۡ جَآءَكَ مِن نَّبَإِيْ ٱلۡمُرۡسَلِينَ ٣٤ وَإِن كَانَ كَبُرَ عَلَيۡكَ إِعۡرَاضُهُمۡ فَإِنِ ٱسۡتَطَعۡتَ أَن تَبۡتَغِيَ نَفَقٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ أَوۡ سُلَّمٗا فِي ٱلسَّمَآءِ فَتَأۡتِيَهُم بَِٔايَةٖۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَمَعَهُمۡ عَلَى ٱلۡهُدَىٰۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ ٣٥ ﴾
تەرجىمىسى
28 – ياق، ئۇلارغا ئىلگىرى يوشۇرغان نەرسىلىرى ئاشكارا بولدى. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا ئىدى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە يەنە قايتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
29 – ئۇلار: «ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت. ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەيتتى.
30 – ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئاللاھ ئۇ چاغدا ئۇلارغا: «بۇ ھەق ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» دەيدۇ.
31 – ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيامەت تۇيۇقسىزلا كەلگەندە گۇناھلىرىنى يۈدۈپ تۇرۇپ: «ۋاي ئىسىت! ئۇ دۇنيادا سەل قاراپتىمىز» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار يۈدۈۋالغان نەرسە نېمىدېگەن يامان!
32 – بۇ دۇنيا ھاياتى پەقەت ئويۇندۇر ۋە بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر. ئاخىرەت يۇرتى بولسا، تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
33 – ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلار سېنى يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن ئۇ زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ.
34 – شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە چاپلانغان بوھتانلارغا ۋە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى. ئاخىرى ئۇلارغا نۇسرىتىمىز كەلدى. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ساڭا ئۇ ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرى كەلدى.
35 – ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىرەر مۆجزە ئېلىپ كېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولمىغىن!
تەپسىرى
- ئۇلار بۇ ئارزۇنى دۇنياغا قايتىپ راستىنلا ھىدايەت تېپىش نىيىتىگە كېلىپ قىلامدۇ؟ ياق! ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دۇنيادا چېغىدا ھەر پۇرسەتتە كۆڭلىگە كەلگەن ۋە ئۆزلىرى يۇشۇرغان نەرسە (ھىدايەت تېپىش ئارزۇسى) دوزاختىمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ ۋە بۇ قېتىم ئۇلار بۇ ئارزۇسىنى ئاشكارا سۆزلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش، پەيغەمبەلەرنى مەسخىرە قىلىش ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىش قاتارلىق قەبىھ ئىشلىرىنى يەنە قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلمىغان ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساق» دېگەن سۆزىدە يالغانچىدۇر.
دەرۋەقە دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇغان ياكى ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سالغان ھەر كىشى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن ھەر كىشى ئايەتلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى جەزمەن چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى كۆڭلىدە ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ زەپىرى، گۈزەل ئەخلاقى، دۇرۇس مۇئامىلىسى ۋە بەختلىك ھاياتى قاتارلىقلاردىن بىرىنى كۆرگەن كافىرلارمۇ بەزىدە مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ۋە مۇسۇلمان بولغان تەقدىردە بەزى مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچىش، سەلتەنىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئېتىبارىدىن مەھرۇم قېلىش ۋە جەمئىيەتتە پېقىر – مىسكىنلەر بىلەن ئوخشاش سەۋەىيەگە چۈشۈپ قېلىش قاتارلىقلاردىن ئەندىشە قىلىپ بۇ چۈشەنچىسىنى ئاشكارا قىلمايدۇ ۋە كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە دوزاختا تۇرۇپ ئەنە شۇنداق ئاشكارىلايدۇ[1].
- ئۇ مۇشرىكلار يەنە، دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىلىدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلاتتى ۋە: «ھايات مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، بىز ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دېگەن بولاتتى، چۈنكى ئۇلار تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك قاتارلىق يامان ئىدىيىلىرى بىلەن ھازىر بۇ دۇنيادا ئايەتلەرنى ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلىشنى ئەمىلىيىتى بىلەن تەجرىبە قىلىپ ۋە ئاخىرەتنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ قايتىپ يەنە دۇنياغا كەلگەن تەقدىردە، يەنە ئۇ يامان ئىدىيىلىرى بىلەن قايتىدۇ ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلىدۈرۈلۈشىنى يەنە ئىنكار قىلىدۇ[2].
- ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئۇ مۇشرىكلارنىڭ، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى بىر كۆسەڭ ئىدىڭ، ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋال كۆرەتتىڭ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رەببى ئۇلاردىن: «ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلىشىڭلار ۋە ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلۈپ ھېساب سورىلىشىڭلار ھەق ئەمەسمىكەن؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا رەببى: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ ھەقنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار» دەيدۇ[3].
- ئى مۇھەممەد! ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئۇ مۇشرىكلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا دۇنيادا ياشاۋاتقانلىرى، قىيامەت ئۇشتۇمتۇت قايىم بولغاندا پۇشايمان قىلىدۇ ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلگەندە قەبرىلىرىدىن مەھشەرگاھقا گۇناھلىرىنى يۈدۈگەن ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ[4].
- ئى ئىنسانلار! ھايات، ئۇ مۇشرىكلار ئېيتقاندەك مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتتىنلا ئىبارەت ئەمەس، ئەكسىچە بۇ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىن ھەقىقىي ۋە ئەبەدىي ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتى بار. ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى (ئىش – ھەرىكىتى)، يا ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدىغان ۋاقىتلىق كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئاقىۋىتى جەننەت بولىدىغان تىرىشچانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنسانغا بۇ دۇنيادا بېرىلگەن ياشاش مۇددىتى (ئۆمرى) يامانلار ئۈچۈن ئويناش ۋە بىھۇدە مەشغۇلات، ياخشىلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىش ۋە پايدىلىق ئىش – پائالىيەتلەر پۇرسىتىدۇر. مەسىلە ناھايىتى ئاشكارىدۇر. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟[5].
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كافىرلارنىڭ ئىنكار، تەنە – ھاقارەت ۋە مەسخىرە قىلىشلىرى، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرمەسلىكى قاتارلىقلارغا قاراپ بەك خاپا بولاتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇنى خاپا بولۇشتىن توسىدۇ، سەۋر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ[6]. جۈملىدىن 33 ~ 35 – ئايەتلەردىمۇ تەسەللىي بېرىدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! كافىرلارنىڭ: «سېنى يالغانچى، سېھىرگەر، ئازغۇن، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دېگەن سۆزلىرى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىۋاتىدۇ، سېنى قايغۇغا سېلىۋاتىدۇ ۋە غەمكىن قىلىۋاتىدۇ. سەن پەيغەمبەر قىلىنىشتىن ئىلگىرى سېنى «راستچىل ئادەم، ئىشەنچىلىك ئادەم» دەپ بىلىدىغان، سەن تەرىپىمىزدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، سېنىڭ ھەققىڭدە مەزكۇر ناشايان سۆزلەرنى قىلغان ئۇ كافىرلار ئەسلىدە سېنى «يالغانچى» دېمەيدۇ، لېكىن ئۇ زالىملار ئايەتلىرىمىزنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئىنكار قىلماقتىدۇر. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ مەزكۇر سۆزلىرى سەۋەبلىك خاپا بولمىغىن، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن، ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن.
- ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزمۇ «يالغانچى» دېيىلگەن، ئۇلارغىمۇ ئەزىيەت قىلىنغان، ئۇلار نۇسرىتىمىز كەلگەنگە قەدەر سەۋر قىلغان. بىزنىڭ، ئەلچىلىرىمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىمىزنىڭ ئۆزگەرگىنى يوق[7]. بۇ قۇرئاندا، ساڭا ئىلگىرىكى بەزى ئەلچىلىرىمىزنىڭ قىسسىلىرىدىن سېنى نۇسرىتىمىز كەلگىچىلىك سەۋر قىلىشقا ئۈندەيدىغان بۆلۈملەر بايان قىلىندى. شۇڭلاشقا سەنمۇ ئۇ ئەلچىلىرىمىز سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، بىز ساڭىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلىمىز.
- ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن، قۇرئاندىن باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ[8]. سېنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن بىرەرىنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا كۆرسىتىشكە كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتسە ئىدى شۇنداق قىلار ئىدىڭ. بۇ سەۋەبتىن سېنىڭ سەۋر قىلىپ، نۇسرىتىمىزنى كۈتۈشتىن باشقا چارەڭ يوق. ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىز خالىساق ئىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولدا بىرلەشتۈرگەن بولاتتۇق، لېكىن خالىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى توغرا يولدا بىرلەشتۈرمىدۇق. شۇڭلاشقا سەن ھەممە ئادەمنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن نادانلاردىن بولمىغىن.
[1] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 2 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 102 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 14 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 35 ~ 37 – ئايەتلەر؛ 50 – سۈرە قاف، 3 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 52 – سۈرە تۇر، 13 ~ 16 – ئايەتلەر.
[4] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 25 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 13 – ئايەت.
[5] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 185 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 64 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 20 – ئايەت.
[6] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 176 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 68 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 65 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 97 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 103 – ۋە 127 – ئايەتلەر؛ 18 – سۈرە كەھف، 6 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 3 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 70 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 23 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 8 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 76 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 10 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 37 – سۈرە ساففات، 171 – ۋە 172 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت.
[8] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 90 ~ 93 – ئايەتلەر.





