قۇرئان يولى
تەۋبىسى قوبۇل بولامدۇ؟ 1

تەۋبىسى قوبۇل بولامدۇ؟

سۇئال:

دوختۇر بىر ئىنسانغا راكقا ئوخشاش ئۆلۈمدىن باشقا شىپاسى يوق بىر كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھەتتا بىر قانچە ئاي ياكى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى دېگەندىن كىيىن، ئۇ ئىنسان قىلمىشلىرىغان پۇشايمان قىلىپ، سەمىمى بىر تەۋبە قىلسا ئۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنامدۇ؟

جاۋاب:

تەۋبىنىڭ ئىشىكى ھەر ئىنسانغا ھەر زامان ئوچۇقتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئىنساننى تەۋبىگە تەشۋىق قىلىدىغان، نېمە گۇناھ ئىشلىسە ئىشلىسۇن، قىلمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلسا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەي سەمىمى تەۋبە قىلىشقا ۋە تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ قۇرۇق قول قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇ ئايەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇنداق:

۞وَسَارِعُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ أُعِدَّتۡ لِلۡمُتَّقِينَ 

«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئالدىراڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 133- ئايەت).

أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ يَقۡبَلُ ٱلتَّوۡبَةَ عَنۡ عِبَادِهِۦ وَيَأۡخُذُ ٱلصَّدَقَٰتِ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ 

«ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە سەدىقىلىرىنى ئالىدۇ. ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(9-سۈرە تەۋبە، 104- ئايەت).

وَٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي رَحِيمٞ وَدُودٞ 

«رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گۇناھلىرىڭلاردىن تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، رەببىم كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر»-(11-سۈرە ھۇد، 90- ئايەت).

وَهُوَ ٱلَّذِي يَقۡبَلُ ٱلتَّوۡبَةَ عَنۡ عِبَادِهِۦ وَيَعۡفُواْ عَنِ ٱلسَّیِّـَٔاتِوَيَعۡلَمُ مَا تَفۡعَلُونَ 

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامانلىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ»-(42-سۈرە شۇرا، 25- ئايەت).

۞قُلۡ يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ أَسۡرَفُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ لَا تَقۡنَطُواْ مِن رَّحۡمَةِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ 

«ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(39-سۈرە زۇمەر، 53- ئايەت).

تەۋبىنىڭ ئىشىكلىرى پەقەت ئىنسان، ئۆلۈم پەرىشتىسىنى كۆرگەن ۋاقىتتا يەنى سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ئىتىلىپ كىتىدۇ.  بۇ ۋاقىتتا قانداقلا دۇئا قىلسا قوبۇل بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَيْسَتِ ‌التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّى إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا

«يامانلىقلارنى قىلىپ، تاكى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: «ئەمدى تەۋبە قىلدىم» دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق»-(4-سۈرە نىسا، 18- ئايەت).

﴿حَتَّى إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ. لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ كَلَّا إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا وَمِنْ وَرَائِهِمْ ‌بَرْزَخٌ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ﴾

«ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.‏ ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا توسما بولۇپ، ئۇ توسما ئۇلارنى ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ»-(23-سۈرە مۇئمىنۇن، 99 ~ 100- ئايەتلەر).

دوختۇرنىڭ «بىر ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆلىسەن» دەپ دىئاگنوز قويىشى تەۋبىنىڭ ئالدىنى توسىيالمايدۇ. چۈنكى تېخى ئۆلۈم ۋاقتى كەلمىدى. بەلكى ئىنسان ئۇنىڭ دېگىنىدىن ئۇزۇن ياشىشى مۇمكىن. يۇقىرىدا دېگەندەك تەۋبىنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇقتۇر. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِنْ قَرِيبٍ فَأُولَئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا ﴾

«شۈبھىسىزكى ئاللاھ، نادانلىقتىن يامانلىق قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(4-سۈرە نىسا، 17- ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر