قۇرئان يولى
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار تېرىقچىلىق 1

رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار \ تېرىقچىلىق

     دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە ئورمانچىلىق

بۇ ھەر تۈرلۈك ئاشلىق ۋە كۆكتاتلارنى تېرىش، كۆچەتلەرنى تىكىش، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە باغ – بوستانلارنى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. كۆچەتچىلىك ۋە ئۇرۇقچىلىق ئىشلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلار ۋاسىتە بولىدىغان پۈتۈن كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ١٤١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭلىق باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[1].

﴿وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلۡأَرۡضُ ٱلۡمَيۡتَةُ أَحۡيَيۡنَٰهَا وَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهَا حَبّٗا فَمِنۡهُ يَأۡكُلُونَ  ٣٣ وَجَعَلۡنَا فِيهَا جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ وَفَجَّرۡنَا فِيهَا مِنَ ٱلۡعُيُونِ  ٣٤ لِيَأۡكُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتۡهُ أَيۡدِيهِمۡۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ  ٣٥﴾

«ئۇلار ئۈچۈن بىر دەلىل ئۆلۈك زېمىندۇر. بىز ئۇنى تىرىلدۈردۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقاردۇق. ئۇلار ئەنە شۇ ئاشلىقتىن يەيدۇ. بىز ئۇ زېمىندا خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردۇق، ئۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق. بىز ئۇلارنى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن ۋە ئۆز قوللىرى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەردىن يېسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»[2].

﴿وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءَۢ بِقَدَرٖ فَأَسۡكَنَّٰهُ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابِۢ بِهِۦ لَقَٰدِرُونَ  ١٨ فَأَنشَأۡنَا لَكُم بِهِۦ جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ لَّكُمۡ فِيهَا فَوَٰكِهُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ١٩ وَشَجَرَةٗ تَخۡرُجُ مِن طُورِ سَيۡنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهۡنِ وَصِبۡغٖ لِّلۡأٓكِلِينَ  ٢٠﴾

«بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ يېتىدۇ. بىز ئۇ سۇ بىلەن سىلەرگە خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. ئۇ باغلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مېۋىلەر بار. سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر. بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن بىر تۈرلۈك دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەخ سىينا تېغىدا چىقىدۇ، ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بوياق[3] بىلەن ئۆسىدۇ»[4].

﴿هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ  ١٠ يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ١١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سىلەرگە سۇ چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئېكىنلەر، زەيتۇنلار، خورمىلار، ئۈزۈملەر ۋە خىلمۇخىل مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرمەكتە. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»[5].

[1] 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[2] 36 – سۈرە ياسىن، 33 ~ 35 – ئايەتلەر.

[3] بۇ يەردىكى بوياق قوشۇمچە يېمەكلىك بولۇپ، ئۇ زەيتۇن دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇراببالىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئېلىشتۇرۇلغان ناننىڭ رەڭگىنى ئۆگەرتىدۇ. 

[4] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 18 ~ 20 – ئايەتلەر.

[5] 16 – سۈرە نەھل، 10 ~ 11 – ئايەتلەر. يەنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىل بار.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر