قۇرئان يولى
ئەنئام سۈرىسى، 45 ~ 49 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

ئەنئام سۈرىسى، 45 ~ 49 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿فَقُطِعَ دَابِرُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْۚ وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٤٥ قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَخَذَ ٱللَّهُ سَمۡعَكُمۡ وَأَبۡصَٰرَكُمۡ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُم مَّنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِهِۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ هُمۡ يَصۡدِفُونَ ٤٦ قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ بَغۡتَةً أَوۡ جَهۡرَةً هَلۡ يُهۡلَكُ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلظَّٰلِمُونَ ٤٧ وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۖ فَمَنۡ ءَامَنَ وَأَصۡلَحَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٤٨ وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِ‍َٔايَٰتِنَا يَمَسُّهُمُ ٱلۡعَذَابُ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ ٤٩ ﴾

تەرجىمىسى

45 – زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

46 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئالسا، قەلبلىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ قارىغىنا! بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداق يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ.

47 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟».

48 – بىز ئەلچىلەرنى ئازاب كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كىم ئىمان ئېيتسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.

49 – ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئازاب يېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىقىپ كەتتى.

تەپسىرى

  1. زۇلۇم قىلغان يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئايەتلىرىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى، نەبىيلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر نىجاتلىققا ئېرىشتى. ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردە زالىملارنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۆزىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشى، ئۆزىنىڭ زالىملارنى ھالاك قىلىشىنىڭ مۇئمىنلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، مۇئمىنلارغا بۇ نېمەتكە ئېرىشكەن چېغىدا  ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشى ۋە شۈكۈر قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ زالىمنى ھالاك قىلىشى مەزلۇمغا قىلغان مەرھەمەتىدۇر (ۋەللاھۇ ئەئلەم).

ئاللاھ تائالا 46 ~ 49 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىشكە ۋە ئۇ مۇشرىكلارنى ئەيىبلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئەگەشمىگەنلەرنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلارغا (يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلارغا) ئېيتقىنكى: «ئى ئەقىلسىزلەر! ناۋادا ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئېلىۋالسا، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلمەيدىغان ۋە چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قالساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئاللاھتىن باشقا كىم ئۇلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟ ھېچكىم قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ، بۇنى بىلىسىلەر، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا سىلەر ئىبادىتىڭلارنى نېمىشقا ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟! نېمىشقا ئىبادىتىڭلاردا، ئۆزىگىمۇ پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىسىلەر؟!».

ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، بىز تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى پەرقلىق شەكىللەردە ناھايىتى ئېنىق بىلدۈرۈۋاتىمىز، روشەن ھالەتتە بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار يەنىلا رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتىدۇ!

  1. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى تۇيۇقسىزلا كەلسە ياكى ئاشكارا ھالدا كەلسە، ئۇ ئازاب بىلەن كىم ھالاك قىلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىبادەتنى مەبۇد بەرھەق بولغان ئاللاھقا قىلىشنى تاشلاپ، ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن زالىم قەۋم ھالاك بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ!».

48 – 49. ئى مۇھەممەد! ئەلچىلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى، جۈملىدىن سېنىڭ ۋەزىپەڭ، ئىمان ئېيتقان ۋە ئۆزلىرىنى تۈزەتكەنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئىنكار قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەلچىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ، كۇفىرلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر جازالىنىدۇ[1].

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر