قۇرئان يولى

خۇراپاتلار \ خەتمە قۇرئان

          خەتمە ئوقۇش

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بىرقانچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە سۈرە ۋە ئايەت ياكى دۇرۇد ۋە دۇئالارنى تاللاپ، بۇنىڭغا ئەرەبچە، پارىسچە ۋە چاغاتايچە بىرقانچە سۆزنى قوشۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىر كىشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەلۇم بىر ساندا ئوقۇش «خەتمە ئوقۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.

خەتمىخانلار ئوقۇلغان نەرسىلەرنىڭ سانىنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئۆرۈك ئۇرۇقچىسىدەك ياكى ئۇنىڭدىن سەل كىچىكرەك تاشلار بىلەن ھېسابلايدۇ. بۇ تاشلار «خەتمە تېشى» دەپ ئاتىلىدۇ. «خەتمە تېشى» بىر مەھەللىدە بىر ياكى ئىككى كىشىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. بۇ تاشنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا مىڭ بولىدۇ. بەزىلەر بۇ تاشلارنى ياغلاپ قويىدۇ. تولا ياغلانغانلىقتىنمۇ ياكى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىنمۇ بۇ تاشلار پارقىراپ چىرايلىقلىشىپ قالىدۇ. بۇ تاشلار بىر خالتىدا ساقلىنىدۇ.

 ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنى مانا مۇشۇ تاشلار بىلەن ساناپ   7 قېتىم ئوقۇش «كىچىك خەتمە» ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىر كەپتەر ياكى بىر توخۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ). 11 قېتىم ئوقۇش «چوڭ خەتمە» ھېسابلىندۇ. بۇنىڭغا بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە قان قىلىنىدۇ. بەزىدە بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياكى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ كالىمۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ).

قان قىلىنغان مالنىڭ گۆشى پىشۇرۇلۇپ شۇ خەتمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە شۇ سورۇنغا ھازىر بولغۇچىلارغا يېگۈزۈلىدۇ.

خەتمە ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. خەتمىنىڭ ئىچىدە ئىنساننى مۇشرىك قىلىۋىتىدىغان سۆزلەرمۇ بار. مەسىلەن:

  • يا ھەزرەتى سەييىدى شەيخ مۇھيىددىن، مۈشكىل كۇشايى بىلخەيرى ئەلمەدەد.

تەرجىمىسى: ئى مۇھيىددىن غوجام ئالىيلىرى! مۈشكۈلۈمنى ياخشىلىق بىلەن ھەل قىلىپ بەرسلە، ماڭا ياردەم قىلسىلا.

  • يا ھەزرەتى غەۋس ئەغىسنا!

تەرجىمىسى: ئى دادقا يەتكۈچى ئالىيلىرى، دادىمىزغا يەتسىلە.

دېمەك، ئۇلار مۇھيىددىن ئىسىملىك بىر ئىشاندىن ياردەم تىلەيدۇ. ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىدىن دادىغا يېتىشنى تىلەيدۇ.

بۇ ئىش 1 – سۈرە فاتىھەنىڭ ﴿إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز دېگەن ئايىتىگە خىلاپتۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ئوچۇق ـ ئاشكارا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭدىن باشقا «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»… دېگەندەك بىرقانچە تۈرلۈك «ئوقۇش»لار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ئىشلار بولۇپ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

خەتمىنىڭ پايدا – زىيىنىغا كەلسەك، ئوقۇتقۇچى قان قىلىمەن دەپ بىر توخۇسىدىن ياكى بىر قويىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھېلىقى شېرىك سۆزلەرنى قىلىش ۋە قىلىشقا ياردەملىشىش تۈپەيلىدىن ئىمانىغا دەخلى يېتىدۇ.

ئوقۇغۇچى مۇشۇ باھانە بىلەن گۆش يەۋالىدۇ ۋە بىر مىقدار پۇلغا «دۇئا» قىلىدۇ، لېكن مەزكۇر شېرىك سۆزلەرنى قىلىپ مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ.

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى شېرىك، بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن ساقلىسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر