ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى سەۋەبدىن ئاجىرىشىپ كەتكەن ئىدۇق. ھازىر ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزدىكى خاتالىقلارنى تونۇپ يەتتۇق. مەنمۇ بىر مۇسۇلمان ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن نۇرغۇن مەسئوليەتلەرنى ئادا قىلشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، يولدىشىممۇ شۇنداق.
ھازىر ھەر ئىككىلىمىزنىڭ قايتا يارشىۋالغۇمىز بار، شۇنداقلا كېلىنلىك ۋە ئوغۇللۇق بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ چوڭلارنى رازى قىلىش ئىشەنچىمىزمۇ بار. لېكىن يولدىشىمنىڭ ئاتسى (قېيىناتام) يارشىۋىلىشىمىزغا قەتئىي قوشۇلمايۋاتىدۇ، يارشىۋىلىشىمىزغا قەتئىي رازىلىق بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. دىنىمىزدا قېيناتامنىڭ بىزنى ياراشتۇرماسلىق ھەققى بارمۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: سالىھە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
دىنىمىزدا قېيناتىڭىزنىڭ ئۇنداق ھەققى يوق. يەنى سىز ۋە يولدىشىڭىز يارىشىۋېلىش قارارىغا كەلگەن بولساڭلار، يولدىشىڭىزنىڭ دادىسىنىڭ سىلەرنى يارىشىۋالغىلى قويمايدىغان ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق! چۈنكى دىنىمىز ھەر ئىنسانغا ئايرىم – ئايرىم ۋەزىپە يۈكلەيدۇ. دىنىمىز ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن بالىلارنىڭ زىممىسىگە بىرقانچە ھەق يۈكلىگەن، بالىلار ئۈچۈنمۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ زىممىسىگە بىرقانچە ھەق يۈكلىگەن. دىنىمىزدا بالىلار ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، لېكىن بالىلارنىڭ گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ياكى ئۆز ئائىلىسى زىيانغا ئۇچرايدىغان ئىشتا، بولۇپمۇ مۇشۇنداق يامانلىشىپ قالغانلارنىڭ يارىشىۋېلىشىغا قارشىلىق قىلىش ئىشىدا ئاتا – ئانىلىرىغا ئىتائەت قىلىشى قەتئىي توغرا ئەمەس.
يەنى ئاتا – ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنىڭ ئىچىدە، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئايالىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلىش، ئۇلارنى يارىشىۋالغىلى قويماسلىق، شۇنداقلا ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ھەققى يوق. بالىلارنىڭمۇ ئۇنداق بۇيرۇققا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوق. كېلىننىڭ قېيىناتا ۋە قېينانىسىغا خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ يوق، لېكىن قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشى لازىم. چۈنكى قېيىناتا ۋە قېينانىغا ياخشىلىق قىلىش، بىر تەرەپىتن چوڭغا ھۆرمەت قىلغانلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېرىگە ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى لازىم. كېلىنلىرىنىڭ تۇل، نەۋرىلىرىنىڭ پەرىشان ۋە ئۆز ئوغۇللىرنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماسلىقلىرى لازىم. ئاتا-ئانىلار ئەگەر كېلىنىدە شەرىئەتكە خىلاپ بىر ئىش بايقىسا، ئۇنىڭغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى لازىم. قايتا – قايتا قىلىنغان نەسىھەتمۇ ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇ چاغدا ئوغلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسا بولىدۇ. شۇ چاغدىمۇ قارارنى ئوغلى بېرىدۇ.
نىكاھ، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۈزۈلگەن بىر توختام بولۇپ، بۇ توختامنى ئەر كىشى ئۆز ئىرادىسى بىلەن يەنە شۇ شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇزالايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ، ھالال ئىشلارنىڭ ئاللاھ تەئالاغا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغىنىنى قىلغان بولىدۇ. باشقا بىر كىشىنىڭ (كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ھەر قانداق باھانە بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىغا كىرىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر. بۇ توغرىدا تور بېتىمىزدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردۇق. بۇ مەلۇماتلار قۇرئان تەتقىقاتى بۆلۈمىدە «تالاق» ماۋزۇسى ئاستىدا نەشىر قىلىنماقتا. پەتىۋا بانكىسىدىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ مەلۇماتلار بار.
قۇرئان كەرىم نىكاھ ۋە تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە بايان قىلىدۇ. دىنىمىز ئىسلامدا، مەيلى بۇ ئايەتلەردە بولمىسۇن، مەيلى ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن مۇناسىەۋتلىك ئايەتلەردە بولمىسۇن ھېچبىر ئايەتتە ياكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ماھىيىتىدىكى ھەدىسلەردە ئاتا- ئانىغا ئوغلىنى ئايالىدىن ئايرىۋېتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى بېرىلمىگەن.
بۇ ئايەتلەرگە ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتا- ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى، ئۇلارنى «رازى بولدۇم» دېگۈزۈشىمىزنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز. يەنى بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشىمىز مۇھىم، ئۇلارنىڭ «رازى بولدۇم» دېيىشى مۇھىم ئەمەس. چۈنكى بىز ھېسابنى ئاللاھ تەئالاغا بېرىمىز.
بالىلار ئاتا- ئانىسى ئايالى توغرۇلۇق بىر گەپ قىلىپ بولغۇچە چاچراپ قوپماي، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئىش قىلىشى لازىم. كىچىككىنە بىر ئىشنىڭ يۈزسىدىن ئايالىغا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى ئايال كىشى ئاللاھ تەئالانىڭ ئەرگە قويغان بىر ئامانىتى بولۇپ، ئەرنىڭ ئۇ ئامانەتنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ساقلاپ ئاللاھ تەئالانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلمىغان بولىدۇ. ھەر قانداق ئىش بولسا نەسىھەت بىلەن تۈزىتىشكە تىرىشىشى كېرەك.
بالىلار ئاتا- ئانىسىغا قىلىدىغان ياخشىلىقنى ئۆز جايىدا ئادا قىلسا، ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە ۋە قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلمىسا بىر گۇناھ بولمايدۇ. بەلكىدە ئۇ چاغدا ئىتائەت قىلسا گۇناھ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ».
**********************************
مەنبەلەر:
بەقەرە 2/227،228، 230، 241؛ تالاق 65- سۈرە؛ نىسا 3- سۈرە؛ مۇمتەھىنە 60- سۈرىىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى؛ نۇر 24- سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى.
بەقەرە 2/83، 180، 215، نىسا 4/36؛ ئەنئام 6/151؛ ئىسرا 17/23؛ ئەنكەبۇت 29/8؛ لۇقمان 31/14؛ ئەھقاف 46/15؛ ئىبراھىم 14/41.
مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد.
مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131.