قۇرئان يولى

جۈمە ھەققىدە ساۋات

جۈمە ھەققىدە ساۋات
 
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
 
ئىسلام دىنىدا ناماز ئىبادىتى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى مۇسۇلمان دېيىلمەيدۇ. جۈمە نامىزىمۇ شۇ نامازلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ئورنى يۇقىرى بولغانلىقتىن قۇرئان كەرىمدىكى بىر سۈرىمۇ شۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. جەمئيىتىمىزدە بەزى كىشىلەر ئىسلامىي بولمىغان بىر قىسىم دەلىللەرگە تاينىپ جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىكى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ. بۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس. بۇ ئەسەردە جۈمە نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر رەت تەرتىپى بويىچە بىر- بىرلەپ دەلىللىرى بىلەن بايان قىلىنىدۇ.  
1- جۇمە نامىزى كىملەرگە پەرز:
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِن فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»-(الجمعة9/10)
«ئى مۇئمىنلار جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار. ئېلىم- سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان زېمىنغا تارقىلىڭلار. ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مەقسىتىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.»- (جۇمۇئە سۈرىسى، 9/10)
بۇ ئايەتكە ئاساسلانغاندا، جۈمە نامىزىنىڭ ھەممە ئادەمگە پەرز قىلىنمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى سودا- سېتىق مەلۇم جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلار يەر يۈزىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، جۈمە نامىزى ئۆتىلىدىغان يەرلەرگە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر پېشىن نامىزىنى ئادا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تارىق ئىبنى شىھاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مۇنداق ھەدىس بار:
«جۇمە نامىزى بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان قۇل، ئايال كىشى، كىچىك بالا ۋە كېسەللەردىن باشقا ھەر قانداق مۇسۇلمانغا پەرز.»- (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە، 1067)
لېكىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئەبۇ داۋۇد، تارىق ئىبنى شىھابنىڭ رەسۇلۇللاھنى كۆرگەنلىكىنى ئەمما ئۇنىڭدىن بىر سۆز ئىشىتمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغاندا بۇ ھەدىس مۇرسەل، يەنى تابىئىين ئالىملىرىدىن بىرىسىنىڭ ساھابىدىن بىرىنى تىلغا ئالماستىن بىۋاستە پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل قىلغان سۆزى ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق بىر سۆزگە ئاساسلىنىپ جۈمە نامىزى شۇ كىشىلەرگە پەرز، شۇ كىشىلەرگە پەرز ئەمەس دەپ بىر ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويغىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان: «جۈمە نامىزى ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەمگە پەرز» (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1067) دېگەن رىۋايىتىنى ئاساس قىلىش لازىم. چۈنكى بۇ رىۋايەت، جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەزاننى ئاڭلىيالمىغۇدەك يىراقتا بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە نامىزىغا كەلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ھېچقانداق بىر ناماز ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە «تېخىمۇ ياخشى» دەيدىغان بىر ئىپادە ئۆتمەيدۇ. چۈنكى بەش ۋاقىت ناماز ھەر ۋاقىت ئادا قىلىنىدۇ. لېكىن جۈمە نامىزى بەزىدە ئوقۇلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس يامغۇرلۇق بىر كۈنى مۇئەززىنگە: «ئەزان ئوقۇغاندا «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دەپ بولغاندىن كېيىن «ھەييە ئەلەسسەلاھ» دېمە. ئۇنىڭ ئورنىغا «نامىزىڭلارنى ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇڭلار» دە، دېگەن. ئىنسانلارنىڭ بۇ سۆزگە ھەيران قېلىشقانلىقىنى كۆرگەن ئىبنى ئابباس: «بۇ ئىشنى مەندىن ياخشى بىر كىشى قىلغان. جۈمە ئۆتەش بىر ۋەزىپە. سىزگە قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى خالىمىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا پاتقاقلىق ۋە تېيلغاق بىر يەردە ماڭغان بولاتتىڭىز» دېگەن. (بۇخارى، جۇمۇئە 14)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە ئانىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ:
«خەلق تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدىن ۋە شەھەر سىرتىدىن نۆۋەتلىشىپ جۈمە نامىزى ئۆتىگىلى كېلەتتى. چاڭ- توزان ئىچىدە كېلەتتى، تەرلەيىتتى ۋە تەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمدا ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «كاشكى بۇگۈن ئۈچۈن بىر يۇيۇنغان بولساڭلار» دېدى». (بۇخارى، جۇمۇئە 15)
شامدا مۇئاۋىيە، زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ئىككى بايرامنىڭ بىر كۈنگە توغرا كەلگىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ دەپ سورىدى. زەيد :«كۆردۈم» دەپ جاۋاپ بەردى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بايرام نامىزىغا ئىماملىق قىلدى. جۈمە نامىزىنى ئىختىيارىمىزغا قويۇپ قويدى ۋە «خالىغانلار ئۆتىسۇن» دېدى». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1070، نەسەئىي، ئىيد 1592، ئىبنى ماجە، سالات 1310)
ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بۇگۈن ئىككى بايرام بىر كۈنگە توغرا كەلدى. خالىغانلار جۈمە نامىزىنى ئۆتىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بىز ئۆتەيمىز». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1073)
 2- جۈمەگە ئەزان
«ئى مۇئمىنلار جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار. ئېلىم- سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېيىلگىنىدىن قارىغاندا ئەزان سودا- سېتىق قىلىنىدىغان ۋە بازار مۇھىتىدا بىر يەردە بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلماقتا.
مەدىنىنىڭ دۇكانلىرى، بازىرى ۋە بىردىن كۆپ جامەسى بار ئىدى. لېكىن جۈمە نامىزى پەقەت بىر يەردە، يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسجىدىدىلا ئۆتىلەتتى. ئىبنى ئابباسنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسجىدىدىن سىرت دەسلەپكى قەدەمدە جۇۋاسا دېگەن يەردە ئوقۇلغان. جۇۋاسا بولسا بەھرەين كەنتلىرىدىن بىر كەنتتۇر. ئوسماننىڭ دېيىشىچە ئابدۇلقەيس كەنتلىرىدىن بىر كەنتتۇر. (ئەلئينى، ئۇمدەتۇلقارى، 5/270)
سائىب ئىبنى يەزىد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «جۈمە كۈنى ئوقۇلىدىغان ئىككىنچى ئەزان، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا قويۇلغان، ئەسلىدە جۈمە كۈنىدىكى ئەزان ئىمام مۇنبەردە ئولتۇرغان چاغدا ئوقۇلاتتى». (بۇخارى، جۇمۇئە 24)
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەبۇ بەكىر بىلەن ئۆمەرنىڭ زامانىسىدا بىرىنچى ئەزان ئىمام مۇنبەرگە چىققاندا ئوقۇلاتتى. ئوسماننىڭ زامانىسىدا ئىنسانلار كۆپەيگەنلىكتىن بۇنىڭغا، زەۋرا ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان ئۈچىنچى ئەزان ئىلاۋە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئەزان مەسىلىسى مۇشۇ بويىچە مۇقىملاشتى» (بۇخارى، جۇمۇئە 25)
ئىلاۋە قىلىنغان بۇ ئەزان پىشىن ۋاقتىنىڭ كىرىشى بىلەن ئوقۇلىدىغان بىرىنچى ئەزان ئىدى. ئىككىنچىسى ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. جۈمە نامىزىنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلغان ئىقامەتمۇ ئەزان دەپ ئاتالغانلىقتىن كېيىن ئوقۇلغان ئەزان ئۈچىنچى ئەزان ھېساپلانماقتا.
ئەبۇ ئۇمامە ئىبنى سەھل ئىبنى ھۇنەيف مۇنداق دەيدۇ: «مۇئاۋىيە(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئولتۇغاندا مۇئەززىن ئوقۇغان ئەزاننى ئاڭلاپ ئولتۇردى. مۇئەززىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندە ئۇمۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېدى. مۇئەززىن «ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەندە ئۇ «مەنمۇ» دېدى. مۇئەززىن «ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دېگەندە ئۇ «مەنمۇ » دېدى. ئەزان ئاخىرلاشقاندا ئۇ: «ئەي ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ بۇ مۇنبەر ئۈستىدە مۇئەززىن ئەزان ئوقۇغاندا سىلەر مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى تەكرارلىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دېدى. (بۇخارى، جۇمۇئە 23)
3- جۈمەدىن ئىلگىرىكى ئىشلار
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«ناماز ئۆتەشكە يۈگۈرگەن ھالەتتە كەلمەي ۋەزمىنلىك بىلەن ماڭغان ھالەتتە كېلىڭلار. يېتىشەلىگەنلىرىڭلارنى ئۆتەڭلار، يېتىشەلمىگىنىڭلارنى تولۇقلاڭلار». (بۇخارى، جۇمۇئە 8)   
4- جۈمەدىن كېيىنكى ئىشلار
ئەبۇ مۇسا ئەل- ئەشئەرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ ئېتىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى، ئىمامنىڭ مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدىن باشلاپ ناماز ئاخىرلاشقانغا قەدەر». (مۇسلىم، جۇمۇئە 16؛ ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1048).
جۈمە نامىزى ئىككى رەكئەتلىك بىر ناماز. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسجىدتىن ئايرىلماي تۇرۇپ ناماز ئۆتىمىگەن. مەسجىدتىن ئايرىلىپ ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتىگەن. (بۇخارى، جۇمۇئە 39؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 71)
«ئۆيدە ئىككى رەكئەت ئۆتىدى» دېگەن سۆز مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە بار. لېكىن بۇخارىدا يوق.
ئايەتتە «ناماز ئاخىرلاشقان ھامان يەر يۈزىگە تارقىلىڭلار» دېيىلگىنىدىن قارىغاندا بۇ يەردە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر بۇيرۇق بار. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن مەسجىددىن چىقماي تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتىگەن بىر ئادەمنى كۆردى ۋە ئۇنى سىلكىپ تۇرۇپ «جۈمە نامىزىنى تۆت رەكئەت ئۆتىمەكچىمۇسەن؟» دېدى. ئادەتتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى ركئەت ناماز ئۆتەيتتى ۋە < پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلاتتى > دەيتتى». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1127)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مەككىدە تۇرغان چاغلىرىدا جۈمە نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپ ئازراق ئىلگىرلەپ ئىككى رەكئەت، ئاندىن كېيىن يەنە بىرئاز ئىلگىرلەپ تۆت رەكئەت ناماز ئۆتەيتتى. ئەگەر مەدىنىدە بولسا جۈمە نامىزىنى ئۆتەيتتى ۋە ئۆيىگە قايتىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتەيتتى. بۇ نامازنى مەسجىدتە ئۆتىمەيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلغان». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1130)
ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) جۈمەدىن ئىلگىرى نامازنى ئۇزۇن ئۆتەيتتى. جۈمەدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتەيتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلاتتى» دەيتتى. (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1128)
سائىب ئىبنى يەزىد مۇنداق دەيدۇ: «مۇئاۋىيە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بىلەن بىللە مەقسۇرەدە جۈمە نامىزىنى ئۆتىدۇق. ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ناماز ئۆتىگىلى باشلىدىم. مۇئاۋىيە ماڭا بىر كىشىنى ئەۋەتتى ۋە ئۇ كىشى ماڭا: «بۇ ئىشنى قايتا قىلىپ سالما. جۈمە نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپ سىرتقا چىقماستىن ياكى بىر ئاز پاراڭ سالماستىن نامازغا تۇرما. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇشۇنداق ئۆگەتكەن. ئۇ بىزنى پاراڭ سالماي ياكى سىرتقا چىقماي تۇرۇپ بىر نامازغا يەنە بىر نامازنى ئۇلاپ ئوقۇشتىن توسقان. (مۇسلىم، جۇمۇئە 73؛ ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1128)
5- جۈمە كۈنى
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان شۇ سۆزلىرىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى:
«ئەڭ ئاخىرقى ئۇممەت بولغان بىزلەر قىيامەت كۈنى ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولىمىز. ۋاھالەنكى، باشقا ئۇممەتلەرگە بىزدىن ئىلگىرى كىتاپ بېرىلگەن ۋە ئەسلىدە جۈمە كۈنىمۇ ئۇلارغا بېرىلگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ كۈن ھەققىدە ئىختىلاپلاشتى. شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ بۇ كۈننى بىزگە بەردى. باشقا ئۇممەتلەر بولسا، بىزگە ئەگەشتۈرۈلدى. يەھۇدىيلارنىڭ كۈنى ئەتە (شەنبە)، خرىستىئانلارنىڭ كۈنى بولسا، ئۆگۈنلۈككە (يەكشەنبە)». (بۇخارى، جۇمۇئە 1؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 21)
6- جۈمە نامىزىنىڭ پەزىلىتى
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «جۈمە كۈنى جانابەتتىن غۇسلى قىلغاندەك غۇسۇل قىلىپ بىرىنچى پەيتتە جۈمە نامىزىغا بارغان كىشى، ئاللاھ يولىدا بىر تۆگە، ئىككىنچى پەيتتە كەلگەن كىشى بىر كالا، ئۈچىنچى پەيتتە كەلگەن كىشى مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار، تۆتىنىچى پەيتتە كەلگەن كىشى بىر توخۇ، بەشىنچى پەيتتە كەلگەن كىشى بىر دانە تۇخۇم بەرگەندەك بولىدۇ. ئىمام خۇتبىگە چىققان ھامان پەرىشتىلەر تەييار بولىدۇ ۋە خۇتبىگە قۇلاق سالىدۇ». (بۇخارى، جۇمۇئە 4؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 10)
سەلمان پارىسىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كىشى جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە پاكلىنىپ، بولسا بەدىنىنى ياغلاپ ياكى ئۆيىدىكى خۇشپۇراق نەرسىلەردىن ئىشلىتىپ نامازغا چىقسا، ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىمىسا، ئاندىن كېيىن پەرز قىلىنغان نامازنى ئۆتىسە، ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا گەپ قىلمىسا شۇ كىشىنىڭ بۇ جۈمەدىن كېلىدىغان جۈمە كۈنىگىچە بولغان گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ». (بۇخارى، جۇمۇئە 6)
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«كىم غۇسۇل قىلىپ جۈمە نامىزىغا كەلسە، كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەفلە ناماز ئۆتىسە، خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، كېيىن ئىمام بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى ئۆتىسە، شۇ جۈمە بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جۈمە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشاپ يەنە ئۈچ كۈنلۈك گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ». (مۇسلىم، جۇمۇئە 27)
7- جۈمە كۈنىگە خاس كېيىم
مۇھەممەد ئىبنى يەھيا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەگەر ئىمكانىيىتىڭ يار بەرسە ئىش كېيىمىڭدىن باشقا جۈمە ئۈچۈن مەخسۇس بىر قۇر كېيىمىڭ بولسۇن». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1078)
8- جۈمە نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ چىقىش
سەمۇرە ئىبنى جۈندۈب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئالسا بولىدۇ. لېكىن غۇسۇل قىلسا تېخىمۇ ياخشى». (تىرمىزى، جۇمۇئە 497)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى  رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەردىن بىر كىشى جۈمە نامىزىغا چىقىدىغان چاغدا غۇسۇل قىلسۇن». (بۇخارى ۋە مۇسلىم، جۇمۇئە 2)
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) جۈمە كۈنى ئۆرە تۇرپ خۇتبە ئوقۇۋاتاتتى. دەسلەپكى مۇھاجىرلاردىن بىر كىشىنڭ مەسجىدكە كىرگىنىنى كۆردى ۋە ئۇنى چاقىرىپ «بۇ قايسى ۋاقىت؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «ئىشىم بار ئىدى. ئەزان ئوقۇلغانغا قەدەر ئۆيگە قايتالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاران تاھارەت ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم» دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۆمەر: «يەنە تاھارەت ئالدىڭمۇ؟» ھالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشقا بۇيرىغانىلىقىنى بىلىسەن ئەمەسمۇ؟» دەپ كايىپ كەتتى. (بۇخارى، جۇمۇئە 2 مۇسلىم، جۇمۇئە 3)
بۇ ھەقتە باشقا رىۋايەتلەرمۇ بار. بىز مۇشۇنچلىك بولسا يېتەرلىك بولا دەپ قارىدۇق.
9- جۈمە نامىزىغا خۇشپۇراق نەرسە ئىشلىتىپ چىقىش
ئەبۇ سەئىد ئەل- خۇدرى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى. چىشلىرىنى تازىلاش ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشمۇ شۇنداق». . (بۇخارى، جۇمۇئە 3)
10- جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى
ئەنەس ئىبنى مالىك(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە نامىزىنى كۈن غەرپكە ئېگىلگەندە ئۆتىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. (بۇخارى، جۇمۇئە 16؛ ئەبۇ داۋۇا، جۇمۇئە 1084؛ تىرمىزى، جۇمۇئە 503)
يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دېگەن: «جۈمەگە بالدۇر ھازىرلىناتتۇق. چۈشلۈك ئۇيقۇمىزنى جۈمەدىن كېيىن ئۇخلايتتۇق. (بۇخارى، جۇمۇئە 16)
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىنى ھاۋا سوغۇق چاغدا بالدۇر ئوقۇيتتى. ئىسسىق بولغان چاغلاردا ھاۋانىڭ سوغۇشىنى كۈتەتتى». (بۇخارى، جۇمۇئە 17)
سەلەمە ئىبنى ئەل- ئەكۋەئ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق ديدۇ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى قۇياش غەرپكە ئېگىلگەندە ئۆتەيتتۇق. ئاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ سايە ئىزدەيتتۇق». (مۇسلىم، جۇمۇئە 32)
سەلەمە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى ئۆتەيتتۇق ۋە تام تۈۋىلىرىدىن ئىزدەپ بىر سايا تاپالمايتتۇق». (مۇسلىم، جۇمۇئە 32)
11- خۇتبە
   ئەممار ئىبنى ياسىر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزنى جۇمە خۇتبىسىنى قىسقا ئوقۇشقا بۇيرىدى»- (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1106)
جابىر ئىبنى سەمۇرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دېگەن: « ئاللاھنىڭ ئەلچىسى جۈمە كۈنى خۇتبنى قىسقا ئوقۇيتتى. قىلغان بارلىق سۆزلىرى بىر نەچچە كەلىمىدىن ئاشمايتتى». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1107)
جابىر ئىبنى سەمۇرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ناماز ئۆتىدىم. نامازنىمۇ ئوتتۇرا ھال ئۆتەيتتى، خۇتبنىمۇ شۇنداق ئوقۇيتتى. قۇرئاندىن ئايەتلەر ئوقۇپ ئىنسانلارغا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسلىتەتتى». (مۇسلىم، جۇمۇئە 41؛ (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1101)
ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دەيدۇ:
«ئەممار بىزگە نۇتۇق سۆزلىدى. نۇتقى قىسقا ۋە قىلغان گەپلىرى ياخشى گەپلەر ئىدى. مۇنبەردىن چۈشكەندە ئۇنىڭغا: «ئەبۇليەقزان، ياخشى ۋە مەنىلىك بىر نۇتۇق سۆزلىدىڭ. كاشكى بىر ئاز ئۇزۇنراق سۆزلىگەن بولساڭ» دېدۇق. ئۇ بىزگە: «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇنداق دېگەنكلىكىنى ئىشىتكەنىدىم: «كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئۇزۇن، خۇتبىسىنىڭ قىسقا بولۇشى دىننى چۈشەنگەنلىكدىن دېرەك بېرىدۇ. نامازنى ئۇزۇن ئۆتەڭلار، خۇتبىنى قىسقا سۆزلەڭلار» دېگەن، دەيدۇ». (مۇسلىم، (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 47)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى. مۇنبەرگە چىققاندا ئەزان ئوقۇلۇپ بولغانغا قەدەر ئولتۇراتتى. مۇئەززىن ئەزان ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ئۇنى كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كېلەتتىم. ئەزاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى، ئاندىن كېيىن ئولتۇراتتى ۋە بۇ ئەسنادا گەپ قلمايىتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە خۇتبە ئوقۇيتتى». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1092)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:
« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىنى ئۈرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى. ئارىدا بىر ئولتۇرۇپ خۇددى شۇئان سىلەر تۇرغاندەك تۇراتتى». (بۇخارى، جۇمۇئە 27؛ مۇسلىم، جۇمۇئە، 33)
جابىر ئىبنى سەمۇرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى ۋە ئىككى خۇتبە ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. قۇرئان ئوقۇپ ئىنسانلارغا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتەتتى». (مۇسلىم، جۇمۇئە، 34؛ ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1094؛ نەسەئى، جۇمۇئە 1419؛ ئىبنى ماجە، جۇمۇئە 1106)
12- خۇتبە ئەسناسىدا ناماز ئۆتەش
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا بىر ئادەم مەسچىتكە كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ناماز ئۆتىدىڭمۇ» دەپ سوردى. ھېلىقى كىشى «ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتەشكە بۇيرىدى». (بۇخارى، جۇمۇئە 33؛ مۇسلىم، جۇمۇئە، 55. بىرلەشتۈرۈلگەن تەرجىمە)
يەنە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەردىن بىر كىشى ئىمام مۇنبەرگە چىقىپ بولغاندىن كېيىن كەلسە ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتىسۇن». (مۇسلىم، جۇمۇئە 57)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان شۇ سۆزىنىمۇ بۇ يەردە كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«جۈمە كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا غەتەفان قەبىلىسىدىن سۇلەيك ئىسىملىك بىر كىشى چىقىپ كەلدى ۋە ئولتۇردى. ئۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئورنۇڭدىن تۇر! ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتە. مۇمكىن قەدەر قىسقا بولسۇن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەردىن كىم ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرسە، ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتىسۇن ۋە مۇمكىن قەدەر قىسقا ئۆتىسۇن». (مۇسلىم، جۇمۇئە 60)  
ئا- خۇتبە ئەسناسىدا گەپ قىلماسلىق
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى كىشىگە «گەپ قىلما» دېسەڭ بىكار (پايدىسىز) گەپ قىلغان بولىسەن». (بۇخارى، جۇمۇئە 36؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 11)
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«كىم كامىل تاھارەت ئېلىپ جۈمە نامىزىغا كەلسە، خۇتبىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسا، خۇتبە ئەسناسىدا گەپ قىلمىسا، شۇ جۈمە بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جۈمە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشاپ يەنە ئۈچ كۈنلۈك گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىم تاشنى سىلىسا ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1050)
ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۇفەدە جامائەتكە مۇنداق دەپ خىتاپ قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «جۈمە كۈنى كېلىش بىلەن تەڭ شەيتانلار بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ بازارلارنى ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ئىنسانلارنى جۈمە نامىزىن توسۇش ئۈچۈن ھەرخىل باھانىلەرنى توقۇپ چىقىدۇ. پەرىشتىلەر بولسا، بالدۇر كېلىپ مەسچىتنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرىدۇ. ئىمام مۇنبەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى پەيىتتە كەلگەنلەرنى تىزىملايدۇ. كىشى ئىمامنى كۆرۈپ خۇتبىنى ئاڭلىيالايدىغان بىر يەردە جىم ئولتۇرۇپ خۇتبىنى تىڭشىسا ۋە ئورۇنسىز ئىش قىلمىسا ئىككى ساۋاپ ئالىدۇ. خۇتبىنى ئاڭلىيالمايدىغان بىر يەردە ئولتۇرۇپ خۇتبىنى تىڭشىيالمىسا ۋە ئورۇنسىز ئىش قىلمىسا ئۇنىڭغا بىر ساۋاب بولىدۇ. كىم ئىمامنى كۆرەلەيدىغان ۋە خۇتبىنى تىڭشىيالايدىغان يەردە ئولتۇرۇپ، خۇتبىنى تىڭشىماي بىكار ئىش قىلسا، بىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. كىم يېنىدىكى كىشىگە «جىم ئولتۇر!» دېسە ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ. بىكار ئىش قىلغان كىشى ئۆتىگەن جۈمەدىن نەسىۋىسىنى ئالالمىغان بولىدۇ. ئەلى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1051)
ب- خۇتبە دۇئاسى
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبىنى مۇنداق باشلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ:
«اَلْحَمْدُ للهِ نَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، ونَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِيَ لَهُ وَأَشْهَدُ أَنْ لاَّ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ أَرْسَلَهُ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا بَيْنَ يَدَيِ السَّاعَةِ، مَنْ يُطِعِ اللهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ رَشَدَ، ومَنْ يَعْصِهِمَا فَإِنَّهُ لاَ يَضُرُّ إِلاَّ نَفْسَهُ، وَلاَ يَضُرُّ اللهَ شَيْئًا.»
«ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. بىز ئاللاھدىن ياردەم تىلەيمىز، ئاللاھدىن گۇناھلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىنى سورايمىز. نەپىسلىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سېغىنىمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرۋېتەلمەيدۇ. ئاللاھ ئازدۇرىۋەتكەن كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. ئاللاھ ئۇنى قىيامەتنىڭ ئالدىدا خۇشخەۋەرچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلسا توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلسا، ئۆزىگىلا زىيان يەتكۈزگەن بولىدۇ. ئۇ، ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1097) 
ئىبنى شىھاب بۇ دۇئاغا مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلىدۇ: «رەببىمىز ئاللاھتىن بىزنى ئۆزىگە ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغان ۋە ئۇنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرغۇچىلاردىن قىلىشىنى تىلەيمىز. بىزنىڭ بار بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبى ئاللاھتۇر ۋە بىز ئاخىرىدا ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز.
پ- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا ئىمامغا يېقىن ئولتۇرۇش
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«خۇتبىگە ھازىر بولۇڭلار ۋە ئىمامغا يېقىن ئولتۇرۇڭلار». ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1108)
13-جۈمە نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
1- جۈمە نامىزى ئىككى رەكئەت.
2- مەسچىتكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسچىت نامىزىنىڭ جۈمە نامىزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنى باشقا ۋاقىتلاردا مەسچىتكە كىرگە چېغىمىزدىمۇ ئوقۇشىمىز سۈننەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسچىتنى جۈمەنىڭ سۈننىتى دېيىش توغرا ئەمەس.
تەھىييەتۇلمەسچىد قانداق ناماز؟
تەھىييەتۇلمەسچىد نامىزى بىر نەپلە نامازدۇر. بىر كىشى باشقا بىر كىشى بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى سالام بېرىش بولغاندەك، ئاللاھنىڭ ئۆيىگە كىرگەن كىشىمۇ تۇنجى بولۇپ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتكە كىرىپ سالام بەرگەنلىكى بولىدۇ. بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ئادەم مەسجىدكە كىرگەن چاغدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن ئولتۇرسۇن» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم، مەسجىدتە ئولتۇرغانىكەن، ماڭا: «ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغىن»، دېدى. – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسلەردە ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى، مەزكۇر نامازنىڭ چوقۇم ئوقۇمىسا بولمايدىغان ناماز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكىدە بۇ نامازغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ھەدىسلەرنى ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەدىسلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى مەسچىتكە كىرگەن چېغىدا پەرز نامازغا باشلانغان بولسا ياكى بىر كىشى مەسچىتكە كىرىپلا پەرز نامازنىڭ ئالدىدا ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازنى ئوقۇماقچى بولسا، بۇ كىشىلەرنىڭ تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزىنى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ شۇ نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى مەسچىتكە كىرىپلا قىلىنىدىغان ئىشنىڭ ناماز ئوقۇش بولۇشىدۇر. بۇ نامازنىڭ قايسى ناماز بولۇشى مۇھىم ئەمەس.
يىغىپ ئېيتقاندا: تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزىنى مەسچىتكە سالام بېرىش نامىزى دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن نىيەت قىلغاندا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇش نىيىتىنى قىلىش لازىم. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتكە كىرگەن كىشى ئەگەر مەسچىتكە كىرىپ بىر پەرز نامازغا ئاران ئۈلگۈرمىگەن بولسا ياكى پەرزنىڭ ئالدىدىكى سۈننەتلەردىن بىرىنى ئوقۇيدىغان ئىشى بولمىسا، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا تەھىييەتۇلمەسچىت نامىزى ئوقۇغان بولىدۇ.
2- جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى جۈمەنىڭ سۈننىتى دەپ بىر ناماز يوق. لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ئىمام خۇتبىگە چىققۇچە كۈچى يەتكەن مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر.
3- سالامدىن كېيىن يـۆتكىلپ باشقا يەردە ياكى نامازدىن قايتقاندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ياخشىدۇر. بۇ سۈننەتنى مەسچىتتە ئوقۇسا تۆت رەكئەت ئوقۇش توغرۇلۇق رىۋايەتمۇ بار. لېكىن پەرزدىن قايتىپ ئۆيدە ياكى جامەنىڭ سىرتىدا بىر يەردە ئىككى رەكئەت ئوقۇش ياخشىدۇر بۇ سۈننەتنى ئوقۇمىغان گۇناھكار بولمايدۇ.
 4-  جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس، ھەتتا ئوقۇسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزنى قاچان قەيەردە قانداق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇ ئىشنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشىمىز ئىبادەت بولىدۇ.
تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ ۋەئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇ نەرسىنى ئىبادەت دەپ كۆرسەتكەن بولۇشى ۋە ئۇ نەرسىنىڭ پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى شەرت.
5- جۈمەدىن كېيىنكى سۈننەت توغرىسىدا ئىككى ھەدىس بار .  بۇ ھەدىسلەرنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ئوقۇغان» دېگەن شەكىلدىكىسى، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەڭ سەھىھ (توغرا) دۇر. ھەمدە بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى جۇمۇئە) جۈمە) سۈرىسىنىڭ 10ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:  «فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ– ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىڭلار» بۇ ئايەتتىكى «الصَّلَاةُ– ناماز» دىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ.  «فَانتَشِرُوا– تارقىلىڭلار» دېگەن سۆزنىڭ بېشىدىكى «ف» ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەناسى «دەرھال» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەت، ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان سالات «الصَّلَاةُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام «ال» ۋە تارقىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىنتەشىرۇ «انتَشِرُوا» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ «جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تولۇق تەرجىمە قىلىنغان بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن جۈمە ئوقۇغان كىشى جۈمەدىن قايتىپ ئۆيىدە، ياكى ئىشخانىسىدا ياكى ھەر قانداق بىريەردە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسىدۇر. جۈمە ئوقۇلغان يەردە تۆت رەكئەت ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. شۇنىمۇئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچ سۈننەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۈننەت دېگەن ئىسمى بۇنى ئوقۇسىڭىزساۋاب، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھ ئەمەس دېگەن بولىدۇ.
بىزدە جاھىللىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئۈچۈن ھارام بىلەن كارىمىز يوق مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان، پەرز بىلەن كارىمىز يوق سۈننەتكە ئېسىلىۋالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلاربىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاشتاق مەسچىتكە كىرگەنلەرنى قوغلىۋېتىغان ئىشلار بار. ئاللاھ ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
 (بۇ ھەقتىكى ئايەت: جۇمۇئە سۈرىسى، 9-، 10 ۋە 11- ئايەتلەر. ھەدىسلەر  :بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، تىرمىزى، بەيھەقى)
14- جۈمە كۈنى دۇئا قوبۇل بولىدىغان پەيت
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنكلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«جۈمە كۈنى ئىككى پەيت بار. مۇسۇلمان كىشى ئۇ پەيتتە ئاللاھتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تىلىگەن نەرسىسىنى بېرىدۇ. ئۇ پەيىتنى نامازدىگەردىن كېيىنىكى ۋاقىتلاردىن ئىزدەڭلار». (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1048) 
ئەنەس ئىبنى مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنكلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«جۈمە كۈنى ئالاھقا دۇئا قىلىدىغان پەيىتنى ناماز دىگەردىن كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىن ئىزدەڭلار». (تىرمىزى، جۇمۇئە 489)
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۇمە كۈنى ھەققىدە بەرگەن تەلىماتلىرىدىن بەزىسىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «جۇمە كۈنىدە بىر پەيت باركى، ئۇ پەيىتتە بىر مۇسۇلمان ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلىسە، تىلىگەن نەرسىسىنى چوقۇم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتنىڭ ناھايىتى قىسقا ئىكەنلىكىنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتكەن». (بۇخارى، جۇمۇئە 37؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 13)
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر