قۇرئان يولى

مېيىت نامىزى1

مېيىت نامىزى
تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمگە ناماز ئوقۇمىغىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولدى ھەمدە فاسىق[1] ھالىتى بىلەن ئۆلدى»[2].
بۇ ئايەت، كاپىر ھالەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ۋە ھەرقانداق مەقسەتتە (دەپنە-مۇراسىم ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە) ئۇلارنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن ۋاپات بولغانلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ۋە قەبرىسى ئۈستىدە (دەپنە قىلىش ۋە قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن) تۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
مېيىت نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق، قۇرئان – سۈننەتتە ئاسان بولغان مېيىت نامىزىنىڭ مەزھەپلەردە قىيىنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتتا مېيىت نامىزىنىڭ لۇغەت مەنىسى، قۇرئان – سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا مېيىت نامىزى، مېيىت نامىزىنىڭ مەزھەبلەردىكى شەكلى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمەن.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
بىرىنچى باب
مېيىت نامىزىنىڭ مەنىسى
مېيىتقا ناماز ئوقۇش دېگەنلىك؛ مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، مېيىت ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنى، مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئۆلگەن ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆزلەردىن[3] چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭدەك سالات ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ «ئەلا (غا، قا، گە، كە)» دېگەن قۇشۇمچە بىلەن بىللە كېلىشىمۇ يۇقارقى مەنانى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تۆۋەندە «ئەلا (غا، قا، گە، كە)» ھەرىپى بىلەن كەلگەن سالات ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئايەت ھەدىسلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويىمىز:
مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر:
1- «ئەنە شۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەتلەر ۋە رەھمەت بار»[4]. بۇ ئايەتتىكى «سەلەۋات» كەلىمىسى «ئەلا (غا)» بىلەن كەلگەنلىكى ئۈچۈن «مەغپىرەتلەر» دېگەن مەنانى ئىپادىلىگەن. 
2- «ئۇلارغا دۇئا قىلغىن. چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا بىر خاتىرجەملىكتۇر»[5]. بۇ ئايەتتىكى «سەللى» دېگەن بۇيرۇق پېئىلى «ئەلا (غا)» بىلەن كەلگەنلىكى ئۈچۈن «دۇئا قىلغىن» دېگەن مەنانى ئىپادىلىگەن. 
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
1- «ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە مەدەت بەرگىن. خۇددى ئىبراھىم ۋە ئىبراھىمنىڭ جەمەتىگە مەدەت بەرگىنىڭدەك. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىقسەن، ئۇلۇغسەن»[8].
2- «روزا تۇتقۇچىلار سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا ئىپتار قىلدى، تامىقىڭلارنى ياخشىلار يېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغفىرەت تەلەپ قىلدى»[9].
3- «روزىدارنىڭ يېنىدا تاماق يېيىلسە، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مەغفىرەت تەلەپ قىلىدۇ»[10]. مانا بۇ ئۈچ ھەدىستىكى «سەللى»، «سەللەيتە»، «سەللەت» پېئىللىرى «ئەلا (كە، گە، غا، قا» بىلەن كەلگەنلى ئۈچۈن «مەدەت بېرىش، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش» دېگەن مەنالارنى ئىپادىلىگەن.
بەزى ھاللاردا «سەلات» كەلىمىسى «ئەلا» ھەرىپى بىلەن بىرگە كەلمەيمۇ «دۇئا» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ: «…پەيغەمبەرنىڭ دۇئالىرى…»[11] دېگەن ئايىتىدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسىدە كەلگەندەك:
«كىمكى تاماققا چاقىرىلىدىكەن، ئۇ بارسۇن. ئەگەر روزىدار بولسا چاقىرغۇچى ھەققىدە دۇئا قىلسۇن»[12].
«كىمىكى تاماققا چاقىرىلىدىكەن ئۇ بارسۇن، ئەگەر ئاغزى ئوچۇق بولسا تاماقنى يەۋەرسۇن، روزىدار بولسا چاقىرغۇچى ھەققىدە دۇئا قىلسۇن»[13].
خۇلاسە
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمگە ناماز ئوقۇمىغىن»[14]، دېگەن سۆزىدىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمىكى بىر مېيتقا ناماز ئۇقۇسا»، «قېرىندىشىڭلارغا ناماز ئوقۇڭلار»، «نەجاشىغا ناماز ئۇقۇڭلار»[15] دېگەن سۆزلىرىدىكى «سەلات (ناماز)» سۆزى «ئەلا (گە، قا، غا)» بىلەن بىرگە كەلگەچكە، ئۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى «سەلات (ناماز ئوقۇش)» نىڭ مەنىسى «دۇئا قىلىش، رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىش» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئىككىنچى باب
قۇرئان-سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا مېيىتقا ئالاقىدار ئىشلار
بىرى كىشى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار، ئۇنىڭغا دۇئا ۋە ئىستىغپار ماھىيىتىدە بىر ناماز ئوقۇش بىلەنلا تۈگىمىگەنلىكى ئۈچۈن تۆۋەندە مېيىتقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى، بىرقانچە باسقۇچقا بۆلۈپ مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى دەلىل قىلغان ئاساستا بايان قىلىپ ئۆتىمىىز.
1- سەكراتتىن نامازغىچە
ئا- سەكراتتىكى كىشىگە (ئۆلۈم ئالدىدا شاھادەت ئېيتىۋېلىشى ئۈچۈن) شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىش كېرەك. يەنى ئۆلۈم ئالدىدا تۇرۇۋاتقان كىشىگە كەلىمە شاھادەتنى ئۆگىتىش، ئوقۇيالمىسا ئاۋازلىق ئوقۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزىنىڭ شاھادەت كەلىمىسى ئوقۇش بولۇشىنى تەمىن قىلىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئادىمىڭلار[16]غا ‹لائىلاھە ئىللەللاھ›، دېگەن سۆزنى تەلقىن قىلىپ بېرىڭلار»[17]، «ئاخىرقى سۆزى ‹لائىلاھە ئىللەللاھ› بولغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن[18].
ئە- سەكراتتىكى كىشى جان ئۈزگەن ھامانلا كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىش كېرەك. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ سەلەمەنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ: «روھ ئېلىنسا، كۆز روھقا ئەگىشىدۇ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مېيىت ئەھلى ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزۈڭلارغا پەقەت ياخشىلىقنىلا تىلەڭلار، چۈنكى سىلەر نېمە دېسەڭلار پەرىشتىلەر ‹ئامىن›، دەيدۇ» دېدى. ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمەنى مەغپىرەت قىلغىن، دەرىجىسىنى ھىدايەت تاپقانلار ئارىسىدا يۇقىرى قىلغىن، ئارقىسىدا قالغانلارغا پاناھ بولۇپ بەرگىن، ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! بىزنى ۋە ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭ ۋە نۇرلۇق قىلغىن» دېدى[19].
ب- ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ سەۋر قىلىش، «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن (بىز چوقۇم ئاللاھنىڭدۇرمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز)» دېيىش ۋە دۇئا قىلىش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇسىبەت كەلگەندە يۇقارقى دۇئانى ئوقۇپ سەۋر قىلغۇچىلارغا، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەتلەر ۋە رەھمەت ياغىدىغانلىقى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشىگە بۇيرۇغان[20]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دېگەن:
«بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن قانداقلا بىر بەندە: ‹بىز چوقۇم ئاللاھنىڭدۇرمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز. ئى ئاللاھ! مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن، ماڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن›، دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە مۇسىبىتىدە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ»[21].
پ- مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئۇنى ئادا قىلىپ قويۇش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «(ئۆلگەن) مۇئمىننىڭ روھى تاكى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغانغا قەدەر (يۇقىرى ئورۇنغا يېتىشتىن) ئېسىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن[22]. بۇ ھەقتە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلماي ئۈلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇشتىن ئۆزىنى تارتاتتى» دېگەن ھەدىسمۇ بار[23].
ت- مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تىز تۇتۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى مېيىت ئەھلى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى، دوست-بۇرادەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجاشى ۋاپات بولغان كۈنى، ئۇنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، نامازگاھقا چىقىپ تۆت تەكبىر ئوقۇغان»[24]، يەنە باشقا ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ بېرىپ: «مەن تەلھەنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، ئۇ قازا قىلغان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار ۋە ئۇنى دەپنە قىلىشقا ئالدىراڭلار، مۇسۇلماننىڭ جەسىتىنىڭ ئۆز ئەھلى ئارىسىدا تۇرۇپ قېلىشى توغرا بولمايدۇ» دېگەن[25].
ج- قولۇم-قوشنا ۋە يېقىنلىرىنىڭ مېيىت ئەھلىگە تاماق ھازىرلىشى كېرەك. چۈنكى ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى: جەئفەرنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋرى رەسۇلۇللاھقا يەتكەندە ئۇ: «جەئفەرنىڭ ئائىلە-تاۋابئاتلىرىغا تاماق ھازىرلاڭلار، چۈنكى ئۇلارغا ئۇلارنى ئۆز ئىشىدىن مەشغۇل قىلىدىغان ۋەقە ياكى ئىش كېلىپ قالدى» دېگەن[26].
چ- مېيىتنى يۇيۇش كېرەك. ئۇممە ئەتىييەتۇل ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : رەسۇلۇللاھ، قىزى ۋاپات بولغاندا يېنىمىزغا كىرىپ: «ئۇنى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئەڭ ئاخىرقى يۇيۇشتا كافۇر ئىشلىتىڭلار، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىڭلار» دېدى. بىز يۇيۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھغا خەۋەر قىلىدۇق، ئۇ كىرىپ بىزگە تاشقى كىيىمىنى بەردى ۋە: «قىزىمغا بۇنى ئىچ كىيىم قىلىڭلار» دېدى[27].
خ- مېيىتنى بىر كىيىم بىلەن بولسىمۇ، جەسىتىنى يۆگىگۈدەك شەكىلدە كېپەنلەش كېرەك. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن مېيىتنى بىر، ئىككى ۋە ياكى ئۈچ تال كىيىمدە كېپەنلەشكە بولىدىغانلىقى چىقىدۇ[28].
2- ناماز
ھۆكمى
بىر مۇسۇلمان ئۆلۈپ قالسا باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۆلۈپ قالغان مۇسۇلمانغا مېيىت نامىزى ئوقۇش تەۋبە سۈرىسىنىڭ 84 – ئايىتىنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىدا ۋاپات بولغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مېيىت نامىزى ئوقۇغان ۋە مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ: سالامنى ئىلىك ئېلىش، كېسەلنى يوقلاش، ماتەم مۇراسىمىگە قاتنىشىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرگەن كىشى ئەلھەمدۇ لىللاھ يەنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن دېسە، يەرھەمۇكەللاھ يەنى ئاللاھ تائالا ساڭا رەھمەت قىلسۇن، دېيىش»[29].
ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمگە ناماز ئوقۇمىغىن»[30] دېگەن سۆزىنىڭ خىلاپىدىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېيىت نامىزى ئوقۇشنى «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەقلىرى» دىن سانىشىدىن مېيىت نامىزى ئوقۇشنىڭ قەتئىي پەرز (پەرىزى ئەيىن) ئىكەنلىكى چىقسىمۇ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلماي ئۈلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇشتىن ئۆزىنى تارتىشى» دىن[31] ۋە بەزى ھەدىسلىرىدا مېيىت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇق ئەمەس، تەشۋىق قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ (مېيىت نامىزى ئوقۇشنىڭ) پەرىزى كۇپايە يەنى قاتنىشالمىغانلار گۇناھكار بولمايدىغان بىر پەرز ئىكەنلىكى چىقىدۇ.
پەزىلىتى 
ماتەم مۇراسىمىگە مېيىتقا ناماز ئوقۇلغۇچە قاتناشقان كىشى بىر قىيرات ساۋابقا، دەپنە قىلىشقىمۇ قاتناشقان كىشى ئىككى قىيرات ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق ھەدىسى بار «كىمكى ماتەم مۇراسىمىگە مېيىتقا ناماز ئوقۇلغۇچە قاتناشسا، ئۇنىڭغا بىر قىيرات ساۋاب بولىدۇ، دەپنە قىلىشقىمۇ قاتناشسا، ئىككى قىيرات ساۋاب بولىدۇ»، «ئىككى قىيرات دېگەن قانچىلىك كېلىدۇ؟»، دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئىككى چوڭ تاغدەك كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن[32].
ئەركانى:
ئا- نىيەت قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەر كىشىگە نىيەت قىلغىنى بولىدۇ» دېگەن[33].
ئە- قىيامدا تۇرۇش. سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: كەئبنىڭ ئانىسى تۇغۇتتىدىن كېيىن ۋاپات بولغاندا مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقانىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنازىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان[34]. دېمەككى جىنازا نامىزى ئولتۇرۇپ ئەمەس، باشتىن ئاخىر ئۆرە تۇرۇپ رۇكۇ، سەجدىسىز ئوقۇلىدىغان نامازدۇر.
ب- تۆت تەكبىر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجاشى ۋاپات بولغان كۈنى كىشىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ نامازگاھقا جامائەت بولۇپ چىقىپ تۆت تەكبىر ئېيتقان[35]. بۇ تەكبىرنىڭ بىرىنچىسى ناماز باشلاش تەكبىرى[36] بولۇپ، مېيىت نامىزى ئوقۇغۇچى بۇ تەكبىر بىلەن تەڭ ئىككى قۇلىنى كۈتۈرۈپ پەسكە تاشلىغاندىن كىيىن ئوڭ قۇلىنى سول قۇلى ئۈستىگە قۇيۇپ تۇرىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مېيىت نامىزىدا تەكبىر ئېيتىپ بىرىنچى تەكبىردە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ تاشلىغاندىن كىيىن ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويدى»[37].
پ- مېيتقا دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر بىرەر مېيىتكە جىنازا نامىزى ئوقۇساڭلار، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار»دېگەن[38]. تۆۋەندىكى دۇئالاردىن بىرىنى ئوقىسا بۇلىۋىرىدۇ:
I– «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلغىن[39]، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئاخىرەتتىكى جايىنى ئېسىل قىلغىن[40]، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، گۇناھلىرىنى سۇ، قار ۋە مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئۇنى خاتالىقلىرىدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغىنىڭدەك پاكلىغىن، ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىدىن ياخشى ئۆي، ئۆز ئەھلىدىن ياخشى ئەھىل، ئۆز جۈپتىدىن ياخشى جۈپت ئاتا قىلغىن، ئۇنى جەننەتكە داخىل قىلغىن، ئۇنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن». ئەۋف، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر مېيىت ئۈچۈن بۇ دۇئالارنى ئوقۇغانلىقى ئاڭلاپ: «كاشكى، ئاشۇ مېيىت مەن بولۇپ قالسامچۇ؟» دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتتىم، دەيدۇ. ئەۋف يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن يۇقارىقى دۇئالارنى رەسۇلۇللاھنىڭ بىر مېيىتقا ئوقۇغان دۇئالىرى ئىچىدىن يادلىۋالغان ئىدىم[41].
II– «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك ۋە تىرىكلىرىمىزگە، چوڭ ۋە كىچىكلىرىمىزگە، ئەر ۋە ئاياللىرىمىزغا، بۇ يەرگە ھازىر بولغانلىرىمىز ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام بىلەن تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئۇنى ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن»[42].
III– «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك ۋەتىرىكلىرىمىزگە، چوڭ ۋە كىچىكلىرىمىزگە، ئەر ۋە ئاياللىرىمىزغا، بۇ يەرگە ھازىر بولغانلىرىمىز ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىمان بىلەن تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن. بىزنى ئۇنىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قويمىغىن. بىزنى ئۇنىڭدىن كىيىن ئازدۇرۋرەتمىگىن»[43].
IV– «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى مۆلدۈرلەر (راھەت بېغىشلايدىغان رەھمەتلىرىڭ) بىلەن يۇغىن، ئۇنى كىيىم يۇيۇلۇپ پاكىزلانغاندەك يۇپ پاكىزلىغىن»[44].
V– «ئى ئاللاھ! پالانچىنىڭ بالىسى پالانچى سېنىڭ ئامانلىقىڭدا ۋە سېنىڭ پاناھىڭدىدۇر، ئۇنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، سەن ۋاپالىقسەن، مەدھىيىگە لايىقسەن. ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن، چۈنكى سەن مەغفىرەت قىلغۇچى ۋە مېھرىبان زاتتۇرسەن»[45].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مېيىت نامىزىنىڭ دۇئاسىنى مېيىت نامىزى ئىچىدە قانداق يەردە ئوقۇش توغرۇلۇق ھېچبىر مەلۇمات كەلمىگەن. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىت نامىزى دۇئاسى ئۈچۈن مېيىت نامىزى ئىچىدىن مۇقىم ئورۇن بەلگىلەپ بەرمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەۋكانى (ر.ھ .) مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ دۇئالارنىڭ مۇقىم ئورنى توغرىسىدا بىر مەلۇمات يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مېيىت نامىزى ئوقۇغان ئادەم خالىسا ئۇ دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى بىر يولى ئوقۇيدۇ، خالىسا تەكبىرلەردىن كېيىن ئوقۇيدۇ، خالىسا بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن يا ئىككىنچى تەكبىردىن كېيىن ياكى ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن ئوقۇيدۇ. خالىسا تەكبىرلەرنىڭ ئارىسىدا بۆلۈپ ئوقۇيدۇ، خالىسا ھەر ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىسىدا بىر دۇئا ئوقۇيدۇ. بۇنداق ئۇقۇغاندا بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرگە تولۇقى بىلەن ئەمەل قىلغان بولىدۇ»[46].
ت- نامازدىن چىقىش ئۈچۈن سالام بىرىش. يەنى مېيىت نامىزى ئوقۇغان كىشى ئادەتتىكى نامازلاردىكىگە ئوخشاشلا ئوڭ تەرەپتىن بىر، سول تەرەپتىن بىر، جەمى ئىككى سالام بېرىپ مېيىت نامىزىدىن چىقىدۇ. بۇ ھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى كىشىلەر قىلمايۋاتقان لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىپ كەلگەن ئۈچ خىل ياخشى ئىش بار بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرى: مېيىت نامىزىدا ئادەتتىكى نامازلاردىكى سالامغا ئوخشاش سالام بىرشتۇر»[47].
 مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەتتىكى نامازلاردا ئىككى يانغا سالام بىرىدىغانلىقى ئېنىق بايان قىلىنغان[48]. ئۇنداقتا «ئادەتتىكى نامازلاردىكى سالامغا ئوخشاش سالام بىرش» نىڭ مەنىسى، مېيىت نامىزىدىكى سالام ئادەتتىكى نامازلاردىكى سالام بېرىشكە ئوخشاش ئىككى يانغا سالام بېرىشتۇر، دېمەكتۇر.
مېيىت نامىزىنى بىر يانغىلا سالام بېرىپ تۆگەتسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مېيىت نامىزىنى تۆت تەكبىر ئېيتىپ، بىر سالام بېرىپ ئوقۇغان»[49].
شەكلى
مېيىت يۇيۇلۇپ، كىپەنلەنگەندىن كېيىن جىنازىغا قويۇلۇپ نامازگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە قىبلە تەرەپتە قويۇلىدۇ. ئىمام جىنازا بىلەن جامائەتنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ، جامائەت ئىمامنىڭ ئارقىسىدا سەپ بولۇپ تۇرىدۇ[50].
ئىمام ئاندىن شۇ مېيتقا دۇئا ۋە ئىستىغپار ماھىيىتىدە بىر ناماز ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ (نىيەت قىلىپ) ئۈنلۈك «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇئ قىلىدۇ (باشلايدۇ). جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇئ قىلىدۇ. ئىمام بۇ تەكبىردىن كېيىن يەنە ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك تەكبىر ئېيتىدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.
ئىمام ۋە جامائەت بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئارىسىدا مېيىت ئۈچۈن يۇقىرىدىكى دۇئالارنى ئوقۇيدۇ. چۈنكى بۇ دۇئالارنىڭ ئورنى توغرىسىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك بىر بەلگىلىمە يوق.
ئىمام ۋە جامائەت بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن فاتىھە سۈرىسىنى، ئىككىنچى تەبىردىن كېيىن دۇرۇت، ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن مېيىت ئۈچۈن دۇئا ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى تۆۋەندىكى رىۋايەت مېيىت نامىزىنى مۇشۇ شەكىلدە ئوقۇشقىمۇ بولىدىغانلىققا دالالەت قىلىدۇ:
ئەبى ئۇمامە ئىبنى سەھل مۇنداق دەيدۇ: ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشى مۇنداق دەپ بەردى: جىنازا نامىزىدىكى سۈننەت (قائىدە) شۇكى، ئىمام بىرىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ ئىچىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت ئېيتىدۇ، قالغان تەكبىرلەردىن كېيىن مېيىت ئۈچۈن چىن قەلبىدىن دۇئا قىلىدۇ ۋە بۇ تەكبىرلەردىن كېيىن قۇرئاندىن بىر نەرسە ئوقۇمايدۇ. ئاندىن ئىچىدە سالام بېرىدۇ[51].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جىنازا نامىزى ئوقۇدى ۋە نامازدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇدى. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباستىن سوئال سورالغان ئىدى، ئۇ: «فاتىھە ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى (يولغا قويۇلغانلىقىنى) بىلىۋالسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم» دەپ جاۋاپ بەرگەن[52].
خۇلاسە:
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېيىت نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئالارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ بەرمەسلىكى، مېيىت نامىزىدا ئۆزىنىڭ فاتىھە ۋە دۇرۇت ئوقۇغانلىقى ياكى بۇنى ئەمر قىلغانلىقى توغرىسىدا بىر مەلۇماتنىڭ يوقلۇقى، ئىبنى ئابباس ئوقۇغان مېيىت نامىزىغا ھازىر بولغانلارنىڭ ئىچىدىن مېيىت نامىزىدا فاتىھە سۈرىسى ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن ئىبنى ئابباستىن باشقىلارنىڭ خەۋەردار ئەمەسلىكى، مېيىت نامىزىدا فاتىھە سۈرىسى ۋە دۇرۇت ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەبى ئۇمامە ئىبنى سەھلگە خەۋەر قىلغان كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ نامەلۇملۇقى قاتارلىقلار دالالەت قىلىدۇكى:
1- مېيىت نامىزى ئوقۇش ناھايىتى ئاساندۇر. يەنى مېيىت نامىزىنى تۆت تەكبىر كەلتۈرۈپ، بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن فاتىھە، ئىككىنچى تەكبىردىن كېيىن دۇرۇت، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى تەكبىرلەردىن كېيىن مېيىت ئۈچۈن دۇئا ئوقۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ.
2- مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇش ئۇنچە مۇھىم ئىش ئەمەس. ئەگەر مۇھىم بولسا ئىدى، بۇنى پەيغەمبىرىمىز ئىشنىڭ بېشىدىلا ساھابىلىرىغا ئۆگەتكەن بولاتتى، بۇلاردىن بارلىق ساھابىلار خەۋەردار بولغان بولاتتى، شۇنداقلا ئىبنى ئابباس مېيىت نامىزىدا فاتىھە سۈرىسى ئوقۇغاندا ھېچكىم ھەيران قالمىغان بولاتتى. 
3- نامازدىن دەپنىگىچە
مېيىتقا ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى دەپنە قىلىش (تۇپراق ئاستىغا كۆمۈش) كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى بىر قاغا ئەۋەتىپ ئۆگەتكەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا يەرنى كولىدى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ: «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۇشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى»[53].
تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
«سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتتۇق، سىلەرنى يەنە تۇپراقنىڭ ئىچىگە قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم تۇپراقتىن چىقىرىمىز»[54]،
«زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟ تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى»[55]،
«ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا قەبرىنى بەرپا قىلدى»[56].
يۇقارقى ئايەتلەر مېيتنى نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ دەپنە قىلىشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن نامازگاھتىن مېيىت دەپنە قىلىنىدىغان يەرگىچە قىلىنىدىغان ئىشلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز:
ئا- مېيتقا ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان جىنازىنى دەرھال قەبرىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىنازىنى تېز ئېلىپ مېڭىڭلار، ئەگەر مېيىت ياخشى بەندە بولسا، ئۇنى ياخشى ئەمىلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشكە تېز ئېلىپ ماڭغان بولىسىلەر، ئەگەر ئۇ يامان بەندە بولسا، مۈرەڭلاردىن يامان ئادەمنى تېزرەك چۈشۈرۈۋەتكەن بولىسىلەر»[57].
ئە- مېيىت قەبرىگە ئايىغى تۇرىدىغان تەرەپتىن كىرگۈزۈلىدۇ. ئەبۇ ئىسھاق رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھارىس مەن ئۆلۈپ قالسام نامىزىمنى ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد چۈشۈرسۇن دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغانىدى. ھارىس ئۆلۈپ قالغاندا نامىزىنى ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد چۈشۈردى، قەبرىگە ئىككى پۇتى تۇرىدىغان تەرەپتىن كىرگۈزدى: ۋە «مانا بۇ، سۇننەت[58]. مانا بۇ، ئەۋزەل» دېدى. بۇ، ئىشنىڭ ئەۋزەل تەرىپىدۇر، لېكىن مېيىتنى مۇمكىن بولغان شەكىلدە يەرلىكىدە قويۇشقىمۇ بولىدۇ.
ب- مېيتنى قەبرىگە ئېلىپ كىرگەن كىشى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۇننىتى بويىچە» دەيدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ شۇنداق ئېتىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيتنى قەبرىگە قويسا «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۇننىتى بويىچە» دەيتتى[59].
پ- مېيت قەبرىسىدە ئوڭ يېنىنى باستۇرۇپ، قىبلىگە يۈزىنى قىلدۇرۇپ ياتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «چوڭ گۇناھلار قايسىلار؟» دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «توققۇز» دەپ بىر-بىرلەپ ساناپ كىلىپ…«بەيتۇللاھنى ھالال ساناش. ئۇ، مەيلى ئۆلۈك مەيلى تىرىك بولۇڭلار سىلەرنىڭ قىبلەڭلاردۇر» دەپ جاۋاپ بەرگەن[60].
بۇ ھەدىستىن بەيتۇللاھنىڭ، بىزنىڭ ھاياتتىمۇ ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قىبلىمىز ئىكەنلىكى ئوچۇق بىلىنىدۇ. ميېت قەبرىگە قويۇلغاندا يۈزى قىبلىگە قارىتىپ قويۇلسا بەيتۇللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىبلە بولغان بولىدۇ.
4- دەپنىدىن كېيىن
1- تۇپراق بېشىدىكىلەر مېيىتنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتىنى ۋە سۇئال-سوراقتا مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. چۈنكى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مېيىت قەبرىسىدە سۇئال-سۇراققا تارتىلىۋاتقان بولىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولۇپ قەبىر يېنىدا بىر ئاز تۇراتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ (سوئال-سوراق) ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھازىر سوئال-سوراق قىلىنىۋاتىدۇ»[61].
2- مېيت ئەھلىگە دەپنىدىن بۇرۇن تەزىيە بىلدۇرگەنگە ئوخشاش دەپنىدىن كىيىنمۇ ئۇلارغا تەزىيەنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىنىڭ مۇسىبىتىگە تەزىيە بىلدۇرگەن مۇئمىنغا ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئېسىل تونلاردىن كىيدۈرىدۇ»[62].
يۇقارقىلار مەن مېيت نامىزىغا ئالاقىدار ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مەلۇماتلاردۇر. بۇ تەتقىقاتىمدا مەسىلىنى ئايەت-ھەدىستا بايان قىلىنغان بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم. ئىنشائاللاھ بۇ توغرىدىكى ئىككىنچى تەتقىقاتىمدا بۇ مەسىلىنىڭ مەزھەبلەردىكى شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن.

ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن

بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى:

مېيىت نامىزى2

——————————————

[1]– فاسىقۇن سۆزى ف س ق سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن كۆپلۈك ئېنىق سۈپەتداش بولۇپ، مەنىسى ئەقىل ۋە پىترەتكە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەرك ئەتكۈچىلەر، ھەق يولدىن چىققۇچىلار، گۇناھ قىلغۇچىلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار، شەرىئەت چەكلىگەن ئىشنى قىلغۇلار، دېگەن بولىدۇ.– مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان، لىسانۇلئەرەب، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغە، ئەلقامۇسۇلمۇھىت، ئەسسىھاھ فىللۇغە، ف س ق ماددىسى.
[2]– تەۋبە 9/84.
[3] بۇخارىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ۋاپات بولغاندا، ئوغلى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ دادىسىنى كېپەنلەش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن كۆينىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا كۆينىكىنى بەرگەن. ئۇ يەنە رەسۇلۇللاھتىن دادىسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ بېرىشنى سورىغان. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ) نامىزىنى چۈشۈرەي دەپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ پېشىنى تۇتۇپ: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەمسەن؟ ھالبۇكى رەببىڭ سېنى ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن توسقان تۇرسا!» دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بۇ ئىشنى مىنىڭ ئىختىيارلىقىمغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: ‹ئى مۇھەممەد! مۇناپىقلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما بەرىبىر ئوخشاشتۇر، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ…» (تەۋبە 9/80). مەن يەتمىش قېتىمدىن ئاشۇرۇپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ باقىمەن» دېگەن. ئۆمەر رەزييەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇ مۇناپىق تۇرسا» دېگەن. شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىۋەرگەن. كەينىدىنلا ئاللاھ تەئالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: «ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمگە ناماز ئوقۇمىغىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن..»- بۇخارى، تەفسىيرۇلقۇرئان سۈرە بەرائە 12.
مانا بۇ رىۋايەتتىن مېيىتقا ناماز ئوقۇش دېگەنلىك مېيتقا دۇئا-ئىستىغپار ئېيتىش دېگەنلىك بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. يەنە ئۇ رىۋايەتتىن مېيىت نامىزىنىڭ تەۋبە سۈرىسىنىڭ 84- ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يولغا قۇيۇلغانلىقىمۇ چىقىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندىمۇ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈشنىڭ مېيتقا دۇئا-ئىستىغپار ئېيتىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
[4]– بەقەرە 2/157.
[5]– تەۋبە 103.
[6]– ئەھزاب 33/56.
[7]– ئەھزاب 33/43.
[8]– بۇخارى، ئەنبىيا 10.
[9]– ئىبنى ماجە، سىيام 45؛ مۇسنەد ئەھمەد، 3/138؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 54.
[10]– ئىبنى ماجە، سىيام 46؛ تىرمىزىي، سەۋم 3؛ دارىمىي، سەۋم 32.
[11]– تەۋبە 9/99.
[12]– تىرمىزى، سەۋم 64.
[13]– مۇسلىم، نىكاھ 106؛ مۇسنەد ئەھمەد 3/392؛ ئەش-شەرھۇس سۈننەھ 6/375. نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىچە «فەليۇسەللى» دېگەن سۆز ساھىبخانغا مەغپىرەت، بەرىكەت ۋە… بىلەن «دۇئا قىلسۇن» دېگەنلىك بولىدۇ. «سالات» نىڭ ئەسلى مەنىسى دۇئا دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ «ۋە سەللى ئەلەيھىم (ئۇلارغا دۇئا قىل)» (تەۋبە 9/103) دېگەن سۆزىمۇ شۇ مەنىدە كەلگەن. -نەۋەۋىي شەرھىلىگەن سەھى مۇسلىم 5/236، نىكاھ 16.
[14]– تەۋبە 9/84.
[15]– بۇخارى، جەنائىز 56.
[16]– سەكراتتىكى مۇسۇلمانغا.
[17]– مۇسلىم، جەنائىز1،2؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز3؛ نەسەئىي، جەنائىز 4؛ تىرمىزىي، جەنائىز 7؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 20.
[18]– ئەبۇ داۋۇا، جەنائىز 20؛ تىرمىزى، جەنائىز 7.
[19]– مۇسلىم، جەنائىز7؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز6؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 21.
[20]– بەقەرە 2/157.
[21]– بۇخارى، جەنائىز42؛ مۇسلىم، جەنائىز 4؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز22.
[22]– تىرمىزى، جەنائىز 77؛مۇسنەد ئەھمەد 2/508؛ بەيھەقى 4/61، 9/25.
[23]– بۇخارى، كاپالەت 2/803؛ مۇسلىم، فەرائىز 3؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 143؛ تىرمىزى، جەنائىز 70؛ نەسەئى، جەنائىز 67.
[24]– بۇخارى، جەنائىز 4، 54، 60، 64؛ مەناقىبۇل ئەنسار 48؛ مۇسلىم، جەنائىز 62، 63، 64؛ مۇۋەتتا، جەنائىز 14؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 62؛ تىرمىزى، جەنائىز 37؛ نەسەئى، جەنائىز 76.
[25]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 38؛ نەيلۇل ئەۋتار 4/52.
[26]– ئىبنى ماجە، جەنائىز 59؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ مۇسنەد ئەھمەد 2/205.
[27]– بۇخارى، جەنائىز 8. مۇسلىم جەنائىز 36. تىرمىزى، جەنائىز 15. نەسەئى، جەنائىز 28. ئىبنى ماجە، جەنائىز 8. ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 33. مۇۋەتتا، جەنائىز 1.
[28]– بۇخارى، جەنائىز 18، 19، 20، 21؛ مۇسلىم، جەنائىز 44، 45، 46، 47؛ تىرمىزى، جەنائىز 18، 19، 20؛ نەسەئى، جەنائىز 37، 38، 39، 40؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 11، 12؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 34؛ مۇۋەتتا، جەنائىز2.
[29]– بۇخارى، جەنائىز 2؛ مۇسلىم، سالام 3، 4؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب 90؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز1.
[30]– تەۋبە 9/84.
[31]– بۇخارى، كاپالەت 2/803؛ مۇسلىم، فەرائىز 3؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 143؛ تىرمىزى، جەنائىز 70؛ نەسەئى، جەنائىز 67.
[32]– بۇخارى، جەنائىز 59؛ مۇسلىم، جەنائىز57؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 45؛ نەسەئىي، جەنائىز 54، 59، ؛ تىرمىزىي، جەنائىز 49؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 34.
[33]– بۇخارى، بەدئۇل ۋەھيى، 1، ئەتەق 6، مەناقىبۇل ئەنسار 45، نىكاھ 5، ئەيمان 23، ھىيەل 1؛ مۇسلىم، ئىمارەت 155؛ ئەبۇداۋۇد، تالاق 11؛ تىرمىزى، فەزائىلۇل جىھاد 16؛ نەسەئى، تاھارەت 60.
[34]– بۇخارى، جەنائىز 62، 63؛ مۇسلىم، جەنائىز 87؛ نەسەئى، جەنائىز 73.
[35]– بۇخارى، جەنائىز 4، 54، 60، 64؛ مەناقىبۇل ئەنسار 48؛ مۇسلىم، جەنائىز 62، 63، 64؛ مۇۋەتتا، جەنائىز 14؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 62؛ تىرمىزى، جەنائىز 37؛ نەسەئى، جەنائىز 76.
[36]– بۇخارى، جەنائىز 56.
[37]– تىرمىزىي، جەنائىز 76.
[38]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 23.
[39]– يەنى ئۇنى قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىغىن.
[40]– يەنى جەننەتتىكى نېسىۋىسىنى ئېسىل قىل. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ»- كەھف 18/107.
[41]– مۇسلىم، جەنائىز 85؛ تىرمىزى، جەنائىز 38؛ نەسەئى، جەنائىز 77.
[42]– تىرمىزى، جەنائىز 37.
[43]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60.
[44]– تىرمىزى، جەنائىز 38.
[45]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز22.
[46]– نەيلۇل ئەۋتار، 7/74.
[47]– ئەلبانى ئېيتىدۇ: بۇ ھەدىسنى بەيھەقى(4/34) ھەسەن سەنەد (ياخشى سەنەد) بىلەن رىۋايەت قىلغان. نەۋەۋىي (5/239) ئېيتىدۇ: بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى تازا ياخشى. مەجمەئۇز زاۋائىد (3/34) دېگەن كىتابتا: بۇ ھەدىسنى تەبەرانى «كەبىر» ناملىق كىتاۋىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ بۇ ھەدسىنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئىشەنچىلىك كىشىلەردۇر، دېيىلگەن.
[48]– مۇسلىم، مەساجىد ۋە مەۋازىئۇسسالات 119. مۇسنەد ئەھمەد 1/394. نەسەئى، سەھۋ 70.
[49]– ئەلبانى ئېيتىدۇ: بۇ ھەدىسنى دارۇلقۇتنى (191) رىۋايەت قىلغان، ھاكىم رىۋايەت قىلغان (1/360). ھاكىمدىن بەيھەقى (4/43) رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ھەسەن (ياخشى) دۇر. مەن بۇنى (ئەت-تەئلىقاتۇل جىياد) ناملىق كىتابتا بايان قىلدىم.
[50]– بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇ ھەدىستۇر: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭلار نەجاشى ۋاپات بولدى. تۇرۇڭلار ئۇنىڭ نامىزىنى ئۇقۇڭلار» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىزنى مېيت نامىزىدا، نورمال نامازدا سەپكە تۇرغۇزغاندەك سەپكە تۇرغۇزۇپ نەجاشىغا ناماز ئوقۇدى دېگەن. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەبەشلىك سالىھ بىر كىشى ۋاپات بولدى» دېگەن ۋە دەرھال نامىزىنى ئوقۇغان. رىۋايەت قىلغۇچى ئېيتىدۇ: بىز شۇ ۋاقىتتا سەپ باغلاپ تۇردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ناماز ئوقۇدى. – بۇخارى، جەنائىز 54؛ مۇسلىم، جەنائىز 87، 88؛ نەسەئى، جەنائىز 72؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 57؛ تىرمىزى، جەنائىز 45؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 21.
[51]– نەيلۇلئەۋتار 4/69؛ بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇل كۇبرا 4/39؛ ئەلبانى، ئەھكامۇل جەنائىز 155.
[52]– بۇخارى، جەنائىز 65؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 59؛ نەسەئىي، جەنائىز 77؛ تىرمىزىي، جەنائىز 39.
[53]– مائىدە 5/31.
[54]– تاھا 20/55.
[55]– مۇرسەلات 77/25، 26.
[56]– ئەبەسە 80/21.
[57]– بۇخارى، جەنائىز 51؛ مۇسلىم، جەنائىز 50، 51؛ تىرمىزى، جەنائىز 30؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 50؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 15؛ مۇسنەد ئەھمەد 2/240.
[58]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 67.
[59]– تىرمىزىي، جەنائىز 54؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 69؛ مۇسنەدىي ئەھمەد، 2/27، 59، 69، 127؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 38. ھەدىسنىڭ بۇ لەۋزى ئەبۇ داۋۇتتىن ئېلىندى. تىرمىزىنىڭ بىر رىۋايىتىدە «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئاللاھ بىلەن ۋە رەسۇلۇللاھ يولى بويىچە» دېگەن دەپمۇ زىكىر قىلىنىدۇ.
[60]– ئەبۇ داۋۇا، ۋەسايا 10.
[61]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 73.
[62]– ئىبنى ماجە، جەنائىز 56؛ تىرمىزى، جەنائىز 72، 75؛ نەسەئى، جەنائىز 120.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر