قۇرئان يولى

قەرەللىك سودا ۋە ئۆسۈم

ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك قەرەللىك سودا بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بار. چۈنكى نەق باھاسى 10 لىرا بولغان بىر مالنى ئىككى ئاي قەرەللىك 11 لىراغا سېتىش بىلەن بۈگۈن بېرىلگەن 10 لىرانىڭ ئورنىغا ئىككى ئاي كېيىن 11 لىرا ئېلىش بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھىم پەرقلەرمۇ بار. ئۆسۈم قەرزدىن ھاسىل بولغان كىرىمدۇر. قەرزلەر ئوخشىشى بىلەن تۆلىنىدۇ. يەنى 100 ئالتۇن قەرزى بولغان كىشى 100 ئالتۇن تۆلەيدۇ. ئىلگىرى تۈزۈلگەن بىر كېلىشىم بويىچە ئارتۇق تۆلىگەن ھەر نەرسە ئۆسۈم بولىدۇ. ئېلىم-سېتىم بولسا پەرقلىق ئىككى مالنى تېگىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۆسۈم مۇئامىلىسى بىلەن ئېلىم-سېتىم ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پەرق باشقا نۇرغۇن پەرقلەرنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئا- باھا
 پۇل مۇئەييەن بىر سېتىۋېلىش كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ كۈچ كىشىلەرگە ۋە ماكانغا قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى باشقا بىر مەسىلە. ماللار پۇلغا ئوخشىمايدۇ. ھېچبىر مالنىڭ پۇلغا ئوخشاش مۇئەييەن بىر قىممىتى ۋە تۇراقلىق بىر باھاسى بولمايدۇ. ئۇنىڭ نە نەق باھاسى، نە نېسى باھىسى تۇراقلىق بولمايدۇ. باھا كىشىلەرگە، شارائىتقا، ۋە ماكانغا قاراپ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىز بۇ ھەقتە بەزى مىساللار بايان قىلىمىز:
1- نەق باھا ئۆزگىرىشچان بولىدۇ
بىر كىيىم تىكىش كارخانىسىغا بىر خېرىدار كېلىپ، نەق 100 لىراغا بىر پەلتو ئالىدۇ، ئۇ پەلتو ماگىزىندا 150 لىرا بولغانلىقى ئۈچۈن خېرىدار مەمنۇن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۈچ كىشى كېلىدۇ ۋە تېخىمۇ ئوبدان باھا تالىشىپ 90 لىرادىن بىرەردىن پەلتو ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر ئوقۇتقۇچى بەش ئوقۇغۇچى بىلەن كېلىدۇ، ئالاھىدە باھا چۈشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ھەر بىر پەلتونى 80 لىرادىن ئالىدۇ.
ساتقۇچىغا بىر پەلتو 75 لىراغا توختىغان بولسا، ئۇنىڭ شۇ كۈنى تۆلەيدىغان 9000 لىرا قەرزى بولۇپ، تۆلەيدىغانغا پۇلى بولمىسا، مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا بىر خېرىدار كېلىپ نەق پۇلغا 120 دانە پەلتو تەلەپ قىلسا، خېرىدارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئاسانلىقنى كۆرسىتىدۇ،  ھەتتا تەننەرخىنىڭ ئاستىدا بىر باھادا سېتىپ ئۇ كۈنكى پۇل ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. بۇلار ئېلىم-سېتىمدا بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈم مۇئامىلىسىدە بولمايدۇ.
2- قەرەللىك باھامۇ ئۆزگىرىشچان بولىدۇ
يۇقىرىدىكى ساتقۇچىنىڭ يېنىغا بىر خېرىدار كېلىدۇ، يېرىمى نەق، يېرىمى ئۈچ ئاي قەرەللىك يىگىرمە دانە پەلتو سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوبدان بازار تالىشىپ پەلتولارنى 80 لىرادىن سېتىۋالىدۇ.
ئىككىنچى بىر خېرىدار يەنە يىگىرمە پەلتونى ئۈچ ئاي قەرەللىك 75 لىرادىن سېتىۋالالايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ دائىمىي خېرىدارىدۇر. كارخانىچى رەختنى، يىپنى، ئەستەرنى ۋەھاكازانى نېسى سېتۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ خېرىداردىن ئالغان چەكلەر ئۆزىگە نەق پۇلدەك كېلىدۇ.
ئۈچىنچى بىر خېرىدار كېلىپ ئىككى ئاي قەرەللىك 100 دانە پەلتو ئالماقچى بولىدۇ، كارخانىچى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن سېتىشنى خالىمايدۇ. خېرىدار مالنى ئېلىش ئۈچۈن ساتقۇچىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كارخانىچى يۈز پەلتونى ئىككى ئاي قەرەللىك 100 لىرادىن سېتىشقا رازى بولۇشى مۇمكىن.
بۇلار بازاردىكى نورمال ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى بۇ مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن قەرەللىك باھاسىنى قانداق ئايرىيالايمىز؟ پەلتونى بىر كىشىگە نەق 100 لىراغا ساتقانلىقىنى ئاساس قىلساق، قەرەللىك باھالارنىڭ ھەممىسى نەق باھانىڭ ئاستىدا بولىدۇ. نەق باھانى 90 لىرادىن ھېسابلىساق ئەھۋال پەرقلىق، 80 لىرادىن ھېسابلىساق تېخىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مال باھالىرى ئەھۋال ۋە شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. لېكىن زامانىمىزدا كاپىتالىزمنىڭ تەسىرى بىلەن بازارلاردا مونوپولچىلىقلار ۋە گۇرۇھۋازلىقلار شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن قەرەللىك باھاسى ئېنىق ئايرىلماقتا. مۇشۇنداق بىر بازاردىمۇ قەرەل پەرقى ئۆسۈم ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ماللارنىڭ ئىشلەپچىغارغۇچىسى، توپ ساتقۇچىسى ۋە پارچە ساتقۇچىسى بار. لېكىن پۇلنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى پەقەتلا دۆلەتتۇر. پۇلنىڭ توپ ساتقۇچىسى ياكى پارچە ساتقۇچىسىمۇ بولمايدۇ. چوڭ بىر بانكىنىڭ ساندۇقىدىكى 100 لىرا قانداق نەرسە بولسا، كىچىك بىر بالىنىڭ يانچۇقىدىكى 100 لىرامۇ شۇنداق نەرسىدۇر. بىر ئىشلەپچىقارغۇچى پەلتونى ئەرزان بېرەلەيدۇ. لېكىن مەركىزىي بانكا ئۆزى ئىشلەپچىقارغان 100 لىرانى 99 لىراغا بېرەلمەيدۇ. يەنى ئۆسۈمنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن باھالارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدۇ. تۆۋەندە مەسىلىنىڭ باشقا بىر تەرىپى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئە- مال بىلەن پۇلنىڭ مۇناسىۋىتى
 
ئەمىنۆنۈدە 10 لىرا بولغان بىر قەلەم، بەيئوغلۇدا 12.5 لىرا بولۇشى مۇمكىن[1]. ئىككى قېرىنداشنىڭ بىرى ئەمىنۆنۈدىن، يەنە بىرى بەيئوغلۇدىن بىردىن قەلەم سېتىۋالغان بولسا، قەلەمگە 12.5 لىرا تۆلىگەن قېرىنداش 2.5 لىراسىنىڭ ئارتۇق ئېلىنغانلىقىنى دەۋا قىلالايدۇ، لېكىن بۇنى ھېچكىم ئۆسۈم دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى سودا نەق ئېلىپ بېرىلغان. قەلەمنىڭ باھاسىنى بازار ئامىلى بېكىتىدۇ. قەلەمنىڭ باھاسى ئەمىنۆنۈدە 10 لىرا، بەيئوغلۇدا 12.5 لىرا بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى قېرىنداش قەلەمنى نورمال باھادا سېتىۋالغان ۋە ھېچقايسىسى ئالدانمىغان.
ئەمىنۆنۈدە قەلەم 10 لىرا تۇرۇقلۇق ساتقۇچى خېرىدارنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى 10.5 لىراغا ساتسا يەنە ئۆسۈمدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە غەبن فاھىشدىن يەنى يۇقىرى باھادا مال سېتىپ خېرىدارنى ئالداشتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. ئەمىنۆنۈ ئۈچۈن غەبن فاھىش ھېسابلىنىدىغان بىر باھا بەيئوغلۇ ئۈچۈن نورمال بولسا بولىدۇ.
بىر بازاردا بىر مالنىڭ پەرقلىق باھالىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئەمىنۆنۈدە بىر ساتقۇچى بىر قەلەمنى 9 لىراغا، يەنە بىر ساتقۇچى 10 لىراغا، ئۈچىنچى بىر ساتقۇچى 11 لىراغا سېتىشى مۇمكىن. دېمەككى قەلەمنىڭ ئەمىنۆنۈدىكى باھاسى 9 بىلەن 11 لىرا ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. فاھىش باھا بۇ چەكلەردىن ئېشىپ كەتكەن باھادۇر. مەسىلەن: بىر كىشى بازارنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ قەلەمنى 12 لىراغا ئالسا فاھىش باھا بىلەن ئالغان بولىدۇ. بو كىشى ئالدىنىپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ ئېلىم-سېتىمنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا بىر قەلەمنىڭ بەدىلى ئەمىنۆنۈدە 10 لىرا، بەيئوغلۇدا 12.5 لىرا بولسا بولىدۇ. بۇ يەردە ئارتۇقتەك كۆرۈنگەن 2.5 لىرا بەدەلسىز ئەمەس، قەلەمنىڭ بەدىلىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەمما قايسى بازاردا بولسا بولسۇن 10 لىرا بېرىپ، 11 لىرا ئېلىنسا، بۇ يەردىكى 1 لىرا بەدەلسىز ئارتۇق نەرسە بولىدۇ.
ب- نەق باھا ۋە قەرەللىك باھا
بىر كىشى بىر پەلتونى نەق 100 لىراغا سېتىۋالغان، باشقا بىر كىشى ئەينى پەلتونى ئەينى ساتقۇچىدىن ئىككى ئاي قەرەللىك 100 لىراغا سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە پەلتونى نېسى ئالغان خېرىدارنىڭ بەدەلسىز بىر ئارتۇق نەرسە قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى داۋا قىلغىلى بولمايدۇ. نەق 100 لىرا ئو پەلتونىڭ قانداق بەدىلى بولسا، ئىككى ئاي قەرەللىك 100 لىرامۇ ئۇ پەلتونىڭ شۇنداق بەدىلى بولىدۇ.
بىر مالنىڭ باھاسىنى بېكىتىشتە بازارنىڭ تەسىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. باھالارنىڭ بەلگىلىنىشىدە ئۆزئارا رازىلىق مۇھىم. ئىككى خېرىدارنىڭ ئوخشاش بىر باھاغا رازى بولۇشى كېرەك ئەمەس. مال ساتقۇچىلار بۇ توغرىدا كەڭ قۇرساق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاراپ باھا قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بازار تالىشىدۇ. ئۆسۈملۈك مۇئامىلىلەردە بۇخىل ئەھۋال بولمايدۇ.
1- نەق بىلەن نېسىنىڭ پەرقى
نەق ئالغان بەدەل بىلەن يېڭى بىر ئىش قىلغىلى بولىدۇ، نېسى بەدەلنىڭ كېيىن تۆلىنىشىنىڭ يېنىدا ھېچ تۆلەنمەسلىك خەتىرىمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن نېسى باھاسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولۇشى ئىشنىڭ تەبىئىي تەلىپىدۇر.
بەدەل نەق، مال نېسى بولسا، بۇ قېتىم مال ئارتۇق بولسا بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا نېسى مال ئۈچۈن تۆلىنىدىغان پۇل نەق مال ئۈچۈن تۆلىنىدىغان پۇلدىن ئاز بولسا بولىدۇ. بۇ خىل سودا «سەلەم» ياكى «ئىستىسنائ» شەكىلدە قىلىنىدۇ. بۇلار توغرىسىدا كېيىن توختىلىمىز.
2- نېسى سودا بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە شەكلى
تۆت مەزھەپنىڭ تۆتىلىسىنىڭ كۆزقاراشىدا قەرەللىك سودىدا تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ ھازىرلىنىشى لازىم:
1- مال مەۋجۇت ۋەئېنىق بولۇشى لازىم. مال مەۋجۇت بولمىسا سودا باتىل بولىدۇ. مال مەۋجۇت، لېكىن قانداق مال بولغانلىقى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىككە سەۋەبچى بولغۇدەك دەرىجىدە ئېنىق بولمىسا سودا فاسىد بولىدۇ[2].
2- باھا ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر باھا مۇقىملاشمىغان بولسا، سودا فاسىد بولىدۇ[3].
3- پۇلنى تۆلەش مۇددىتى ۋە بۇ مۇددەتتە تۆلىنىدىغان پۇلنىڭ مىقدارى ئېنىق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن:
مالنىڭ باھاسى 250 لىرا دەپ بېكىتىلىدۇ، بۇنىڭ 150 لىراسى نەق، قالغىنى ھەر ئاي 25 لىرادىن تۆت ئايدا تۆلىنىدۇ ياكى 250 لىرانىڭ ھەممىسى نېسى بولۇپ، تۆت ئاي توشقاندىن كېيىن بىراقلا تۆلىنىدۇ، دېگەندەك بىر كېلىشىم تۈزۈش كېرەك.
قەرەل پەرقى ۋە ھەر مۇددەتتە تۆلىنىدىغان پۇل مىقدارى ئېنىق بولمىسا سودا فاسىد بولىدۇ[4].
بۇ ئۈچ شەرتكە رىئايە قىلىنسا نەق باھانىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قارىماستىن قەرەللىك سېتىشقا بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك مۇئامىلىلەردىمۇ بۇ ئۈچ شەرت بار. بىرىنچى شەرت قەرزنىڭ ئېنىق بولۇشى، ئىككىنچى شەرت ئېلىشنىڭ ئېنىق بولۇشى، ئۈچىنچى شەرت قەرەلنىڭ ئېنىق بولۇشىدۇر. ئېلىش قەرز بىلەن ئۆسۈمنىڭ توپلىمىدۇر. 10 ئالتۇن قەرز ئالغان كىشى تۆلەش كۈنى ھەم 10 ئالتۇننى، ھەم ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى بېرىدۇ.
قەرەللىك مال سېتىۋالغان كىشىگە كەلسەك، ئۇ قەرزنى تۆلىگەندە سېتىۋالغان مالنى ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر مالنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. مال سودىدىن كېيىن ئوتتۇرىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بەدەل سېتىۋالغۇچىنىڭ قەرزى بولىدۇ.نەق باھاسى 10 ئالتۇن بولغان بىر مال قەرەللىك 11 ئالتۇنغا سېتىلغان، لېكىن پۇلنى تۆلەش ۋاقتى كەلگەندە بۇ مالنىڭ باھاسى 15 ئالتۇنغا چىققان ياكى 5 ئالتۇنغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ قەرزگە تەسىرى بولمايدۇ. ئۆسۈملۈك قەرزدە ئۇنداق ئىش يوق. چۈنكى قەرز بېرىلگەن كۈندىكى 10 ئالتۇن بىلەن تۆلەنگەن كۈندىكى 10 ئالتۇن ئوخشاش، ئون بىرىنچى ئالتۇن ئۆسۈم بولىدۇ.
قەرەلنىڭ مۇئەييەن بولۇش شەرتى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە بىلەن قەرەللىك سودىدا ئوخشاش. لېكىن ئېلىشى بولغان كىشى بۇ شەرتكە قەرەللىك سودىدا رىئايە قىلىدۇ، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدە رىئايە قىلمايدۇ. ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدە ئېلىشى بولغان كىشى قەرزدارنىڭ ماددىي ئەھۋالىنىڭ ياكى ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ بوزۇلغانلىقىدەك بەزى سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قەرزنى قىسقا مۇددەتتە ئۆسۈمى بىلەن بىرلىكتە تۆلەشنى تەلەپ قىلالايدۇ. مەسىلەن: بىر يىل قەرەللىك كىرېدىت بەرگەن بىر بانكا ئىقتىساتنىڭ بوزۇلغانلىقى باھانىسى بىلەن قەرزنىڭ 15 كۈن ئىچىدە تۆلىنىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ. بۇ بولسا، كىرېدىت ئىشلەتكەن كىشىنى كۈتۈلمىگەن بىر ۋاقىتتا ۋەيران بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ئەسلى پەرق قەرز ۋاقتىدا تۆلەنمىگەندە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قەرەللىك سودىدا قەرەلىدە تۆلەنمىگەن قەرزگە بىر نەرسە قوشۇلمايدۇ. چۈنكى بۇ نەرسە ئۆسۈم بولىدۇ. ئەمما پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان شارائىتلاردا قەرزنىڭ كېچىكىشى بىلەن يوقاپ كەتكەن قىممەتنى ئېلىشنىڭ ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇ ئېلىشى بولغان كىشىنىڭ زىيان تارتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قەرزدارنىڭ ھەقسىز پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئۆسۈملۈك ئېلىشلار ئۇنداق ئەمەس. ۋاقتىدا تۆلەنمىگەن قەرزنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن كاپالەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ قانۇنى رەسمىيەتلەر ئىجرا قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى بەلگىلىنىدۇ ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ھەر كۈن ئۈچۈن قەرزگە ئارتۇقلۇق قوشۇلىدۇ. مانا بۇ قەرزنى تۆلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتقان قەرزدارنى تامامەن ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
3- تىزىملىككە قاراپ باھا بەلگىلەش
نېسى سودىلاردا مۇددەتكە قاراپ ئۆزگىرىدىغان باھالار بەلگىلەشكە بولىدۇ. مەسىلەن: بىر بىر توڭلاتقۇنىڭ نەق باھاسى 500 لىرا بولسا، ئۇنىڭ 100 لىراسى نەق، قالغىنى ئالتە ئاي مۇددەتكە بۆلۈپ  شۇ باھادا، بىر يىلغا بۆلۈپ تۆلىگەندە شۇ باھادا بولىدۇ، دەپ پەرقلىق باھالار قويۇشقا بولىدۇ. نەق ۋە باسقۇچلارغا بۆلۈپ تۆلىنىدىغان مىقدارلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، باھامۇ ئۆزگىرىدۇ. تىزىملىك ساتقۇچىنىڭ پەرقلىق شەرتلەرگە قاراپ تەكلىپ قىلغان باھالارنى كۆرسىتىدۇ. ئاخىرىدا سودا يالغۇز بىر باھا بويىچە پۈتىدۇ. بۇنىڭ بىر زىيىنى يوق. بۇ تۆت مەزھەپنىڭ ئورتاق كۆزقارىشىدۇر.
بەزى توپ تارقاتقۇچىلار خېرىدارلىرىغا بىر باھا جەدۋىلى ئەۋەتىدۇ. جەدۋەلدە «مالنىڭ بىر ئاي قەرەللىك باھاسى مۇنچىلىك، تاپشۇرۇۋېلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن بىر ھەپتە ئىچىدە پۇل تۆلىگەنلەر ئۈچۈن شۇنچىلىك دىسكونت قىلىنىدۇ (باھاسى چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ)، بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىنكى ھەر ئاي ئۈچۈن % 5 (ياكى تېخىمۇ پەرقلىق نىسبەتتە) پەرق ئىجرا قىلىنىدۇ» دېگەندەك ئىپادىلەر ئورۇن ئالىدۇ. خېرىدار مالنىڭ بەدىلىنى قايسى شەكىلدە تۆلىسە باھا ئۇنىڭغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. تۆت مەزھەپنىڭ قارىشىچە بۇ سودا فاسىد بولىدۇ. لېكىن تەكلىپ قىلىنغان باھالاردىن بىرى قوبۇل قىلىنىپ، سودا كېلىشىمى ئۇنىڭغا قارىتا تۈزۈلسە فاسىد بولۇشتىن قۇتۇلىدۇ.
مەزھەپلەرنىڭ بۇ توغرىدىكى دەلىلى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بىر سودا ئىچىدە ئىككى سودىنى چەكلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسىدۇر[5]. ھەدىستە مالنى نەق شۇ باھادا، نېسى شۇ باھادا سېتىشنى چەكلەيدىغان بىر ھۆكۈم يوق. بۇ بىر قىسىم فەقىھلەرنىڭ ئىجتىھادىدۇر. بىزنىچە بۇ ئىجتىھات توغرا ئەمەس. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بىر ئارىغا كەلتۈرۈلسە بۇ خىل ھەدىسلەرنىڭ ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا جازانىخورلۇق قىلىشنى توسقانلىقى ئېنىق بىلىنىدۇ. بىز بۇنى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئېلىم-سېتىم باشقا، جازانىخورلۇق باشقا بولغانلىقى ئۈچۈن توپ تارقاتقۇچىلار خېرىدارلىرىغا يۇقىرىقى شەكىلدە باھا جەدۋىلى بەرسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق.
4- ئىستېمالچى كېرىدىتى ۋە قەرەللىك سودا
 مۇئەييەن ماللارنى ئىستېمالچى كىرېدىتى بىلەنمۇ قەرەللىك شەكىلدە ئېلىشقا بولىدۇ. بەزىلەر ئىستېمالچى كرېدىتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ ئېيتىدۇكى:
«ئاپتوموبىلنى ئىستېمالچى كىرېدىتى بىلەن ئالسام بانكا مەن ئۈچۈن كىرېدىت ئاجرىتىدۇ ۋە پۇلنى ساتقۇچىغا بېرىدۇ. مەن كرېدىتنى بانكىغا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيمەن. ئېلىنغان قەرز بىلەن تۆلەنگەن قەرز ئارىسىدا بىر پەرق بولىدۇ. بۇ خىل پەرق نېسى سودىدىمۇ بولىدۇ. نەتىجىدە نېسى ساتقۇچىنىڭ قىلغىنىمۇ، بانكىنىڭ قىلغىنىمۇ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتۇر. ھالال بولسا بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھالال، ھارام بولسا ھەر ئىككىسى ھارام بولۇشى كېرەك».
ئىستېمالچى كىرېدىتى بانكىدىن ئېلىنغان قەرز بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇلغان ھەر نەرسە ئۆسۈمدۇر. ئاپتوموبىلنى كىرېدىت بىلەن ئالغان كىشى ئىككى مۇئامىلە قىلغان بولىدۇ: بىرىنچى مۇئامىلىدە بانكىدىن مەسىلەن 15000 لىرا قەرز ئالىدۇ ۋە 17000 لىرا قەرزگە كىرىدۇ. بۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر. ئىككىنچى مۇئامىلىدە ئاپتوموبىلنى نەق 15000 لىراغا ئالىدۇ.
قەرەللىك ئالغان كىشى نەق باھاسى 15000 لىرا بولغان ئاپتوموبىلنى 18000 لىراغا ئالغان بولىدۇ. بۇ ئىشتا ئۆسۈم يوق.
قەرەللىك ئېلىش
ئاپتوموبىلنىڭ بەدىلى
18000 لىرا
جەمئىي قەرز
18000 لىرا
كىرېدىت بىلەن ئېلىش
ئاپتوموبىلنىڭ بەدىلى
15000 لىرا
بانكىدىن ئېلىنغان كىرېدىت
15000 لىرا
بانكىغا تۆلىنىدىغان ئۆسۈم
2000 لىرا
جەمئىي قەرز
17000 لىرا
 
بۇ مىساللاردا ئاپتوموبىل كرېدىتتە (ئۆسۈملۈك قەرزدە) ئەرزان ئېلىنىدۇ. سودىنىڭ ئەرزان ياكى قىممەت بولۇشى باشقا، ئۆسۈملۈك بولۇپ بولماسلىقى باشقىدۇر.
بۇ مەسىلىگە يەنە بىر مىسال:
ئەھمەد بىلەن مەھمەت ئوخشاش ماركا ۋە ئوخشاش تىپتىكى ئاپتوموبىلدىن بىردىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە بىر ماشىنا بازىرىغا بارىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ نەق باھاسى 15000 لىرا. ئەھمەد ئۇنى بىر يىل قەرەللىك 18000 لىراغا ئالىدۇ. ئۇ ئەسنادا ھەسەن كېلىپ مەھمەتكە: «ساڭا 15000 لىرا بېرەي، ئاپتوموبىلنى نەق ئال، ماڭا بىر يىل ئىچىدە 16000 لىرا تۆلە» دەيدۇ. مەھمەت قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئاپتوموبىلنى نەق 15000 لىراغا ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز بولغانلىقى ئېنىق، لېكىن ئاپتوموبىلنى ھەسەن ئېلىپ مەھمەتكە ساتسا ئىدى، ئۆسۈملۈك مۇئامىلە بولمايتتى.
سوئال :
ئەسلىي مەسىلە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئەمەسمۇ؟ ھەسەن ئاپتوموبىلنى ئۆز نامىغا ئېلىپ مەھمەتكە ساتقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ نىيىتى ئاپتوموبىل ئېلىش ئەمەس، مەھمەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتۇر. ئەسلىدە بۇ تەرەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. توغرا، بۇ يەردە شەكلەن بىر پەرق بار، لېكىن ئىشنىڭ ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە بىلەن بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئاپتوموبىلنى تىجارەت يولى بىلەن تېخىمۇ قىممەت، يەنە بىرى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە يولى بىلەن تېخىمۇ ئەرزان ئالغان بولىدۇ. ئىشنىڭ ئەسلى بىر ماشىنا ئېلىشتۇر. بۇ بىر ھوقۇقى پەرقتەك كۆرۈنىدۇ. سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاساسلىق بىر پەرق بارمۇ؟
جاۋاب :
ھوقۇقى پەرق ئاساسلىق پەرقتۇر. ئۇ پەرق بۇ ئىككى ئىشنى بىر ـ بىردىن ئايرىماقتا ۋە بىرىنىڭ ئېلىم-سېتىم، يەنە بىرىنىڭ ئۆسۈملۈك مۇئامىلە دېيىلىشگە سەۋەبچى بولماقتا. بۇ ئاددىي بىر پەرق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بانكىلار قاتناش ۋاسىتىسى كىرېدىتى بېرىشنىڭ ئورنىغا قاتناش ۋاسىتىسى ئېلىم-سېتىمى قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەقدىردە بانكىلار كىرېدىت ئاپپاراتى ئەمەس، تىجارەت مۇئەسسەسەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نە قۇرۇلۇشىغا، نە ئىشلەش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
«ئىشنىڭ ئەسلى بىر ماشىنا ئېلىشتۇر». شۇنداق، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى ئۆسۈملۈك يول بىلەن، يەنە بىرى ئۆسۈمسىز يول بىلەن ئېلىشتۇر. مەسىلەن: بىر تۈپ ئالما دەرىخىنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كېلىپ، بىرى خالتىسىنى ئالمىغا توشتۇرۇپ كەتسە، يەنە بىرى دەرەخنىڭ ئىگىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ خالتىسىنى توشتۇرسا، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئوغرى ھېسابلىنىپ جازالىنىدۇ. لېكىن ئىككىنچىسىگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئوغرىلىق مەسىلىسىنى «ئىشنىڭ ئەسلى ئالما يېيىشتۇر» دەپ ئاقلىغىلى بولمايدۇ.
ھوقۇقى پەرق ئاساسلىق پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتوموبىللاردا بىر كەمچىلىك ئوتتۇرىغا چىقىپ قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇنى قەرەللىك ئالغان كىشى دەسلەپتە تۆلىگەن نەق پۇلىنى، بەلگىلەنگەن مۇددەتلەردە تۆلىگەن پۇللىرىنى ۋە قول قويغان ھۆججەتلىرىنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ ۋە ئىشنى تۈگىتىدۇ. ئۇنى كىرېدىت بىلەن ئالغان كىشى بولسا پەقەت 15000 لىراسىنىلا ئالىدۇ، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرزى داۋاملىشىدۇ. ئاپتوموبىلنى ھەسەن ياكى بانكا ئېلىپ مەھمەتكە ساتسا ئىدى، «ئاپتوموبىل ئېلىش نىيىتىم يوق ئىدى، ئۇنى سەن ئۈچۈن ئالغان ئىدىم» دەپ ماشىنىنى قايتۇرۇۋالماسلىققا ئۇرۇنالمايىتتى.
شۇنىڭدەك، قەرەللىك سودىلاردا باھا پەرقىنىڭ، ئۆسۈم نىسبىتى دائىرىسى ئىچىدە ھېسابلىنىدىغانلىقى دەۋا قىلىنىدۇ. مېلىنى قەرەللىك ساتقان ھەرقانداق كىشى قەرەل پەرقى تەلەپ قىلغاندا بىر ھېساب قىلىدۇ. ھېسابنى ئۆسۈم دائىرىسىنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ قىلىشنىڭ بىر زىيىنى بولمايدۇ. نەتىجىدە ساتقۇچى خېرىدارغا بىر باھا تەكلىپ قىلىدۇ، خېرىدار بۇ باھاغا رازى بولسا سودا بولىدۇ، بولمىسا بولمايدۇ.يەنى بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىش ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ئەمەس، مال سېتىشتۇر.

[1]– ئەمىنۆنۈ ۋە بەيئوغلۇ ئىستانبۇلنىڭ ئىككى رايونىنىڭ ئىسمى.

[2]– ئۆمەر ناسۇھى بىلەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، 6/29. باتىل سودا ھېچبىر ھوقۇقى نەتىجە مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سودىنى قىلىشقان تەرەپلەر بەدەللەرنى بىر-بىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتىدە بولىدۇ. فاسىد سودا ئەسلىدە نورمال بىر سودا بولۇش بىلەن بىرلىكتە بەزى شەرتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن توغرا بولمىغان (بۇزۇق) سودا، دېمەكتۇر. كەمچىلىكلەر تۈزىتىلسە سودا توغرا ھالەتكە كېلىدۇ. بىر مال نەق 10، ئىككى ئاي 11 بولۇش شەرتى بىلەن سېتىلغان، سېتىشنىڭ قايسى باھادا ئاخىرلىشىدىغانلىقى بېكىتىلمىگەن بولسا، بۇ سودا فاسىد بولىدۇ، تەرەپلەر بۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرى ئۈستىدە كېلىشىپ سودىنى توغرا ھالەتكە كەلتۈرەلەيدۇ.

[3]– ئۆمەر ناسۇھى بىلەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، 6/39.

[4]– ئۆمەر ناسۇھى بىلەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، 6/40.

[5]– تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 18؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 73؛ ئىمام مالىك، مۇۋەتتا، بۇيۇئ 72؛ ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد، 2/71، 174، 175، 177، 179، 205.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر