قۇرئان يولى

زۇلۇمنىڭ مەنىسى

زۇلۇمنىڭ مەنىسى
زۇلۇمنىڭ لۇغەت مەنىسى نەرسىنى ئۆز ئورنىدىن غەيرىيدە قويۇش، دېمەكتۇر[1]. زۇلۇمنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى بولسا ھەقسىزلىق قىلىش، ھەددىدىن ئېشىش، زىيانكەشلىك قىلىش، ئېزىش، خارلاش، قىيناش، جەبىر-جاپا سېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا زۇلۇمنىڭ مەنىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز:
1- ئاللاھ تەئالا زۇلۇمدىن پاكتۇر
ئاللاھ تەئالا چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسىدۇر. ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ تەئالا ئادىلدۇر، قىلغان ھەر ئىشى توغرىدۇر ۋە دەل جايىدا قىلىنغاندۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ ياخشىلىققا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىشى، يامانلىققا بىرگە بىر جازا بېرىشى ئۇنىڭ ئادىللىقىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:   
«إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِنْ لَدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا»
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىر ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە  ئۆز تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ»- نىسا 4/40.
2- ئىنسانلار زۇلۇم قىلغۇچىدۇر
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئاللاھ تەئالا ئەسلا زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار زۇلۇم قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇ زۇلمى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئىنساننىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى، ئىككىنچىسى ئىنساننىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشى، ئۈچىنچىسى ئىنساننىڭ باشقىسىغا زۇلۇم قىلىشىدۇر. تۆۋەندە بۇ زۇلۇملەر ھەققىدە توختىلىمىز:
1- ئىنساننىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەۋھىدكە ئەمىر قىلغان. مۇشرىك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۇ ئەمرگە بويسۇنمىغان، شۇنداقلا ئاللاھقا قىلىشقا تېگىشلىك قۇللۇقنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلغان ۋە بۇ شەكىلدە ھەددىدىن ئاشقان. نەتىجىدە ئۇ زالىم بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن لۇقمان ھېكىم ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتنى ئۇنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن مەنئى قىلىش بىلەن باشلىغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ»
«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر»- لۇقمان 31/13.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قايسى گۇناھ چوڭ؟» دېگەن سوئالغا: «ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۇڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن[2].
دېمەك، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش زۇلۇملەرنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشرىكنىڭ جازاسى ئاخىرەتتە دوزاختا مەڭگۈ قىلىپ كۆيۈشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ»
«…كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدى. ئۇنىڭ جايى دوزاختۇر. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ»- مائىدە 5/72.
ئاللاھ تەئالا خالىغان كىشىنىڭ خالىغان گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، لېكىن ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
 «إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُأَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاءُ»
«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئاستىدىكى گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ»- نىسا 34/48.
شېرىك ئورتاق قىلماق دېمەكتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، ئاللاھقا ئائىت خۇسۇسىيەتلەردىن بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى باشقا بىر مەۋجۇداتتىمۇ بار دەپ قاراپ، ئاللاھقا قىلىشقا تېگىشلىك ھۆرمەت، ئېھتىرام، ئىتائەت، قۇللۇق قاتارلىق ئىشلارنى ئۇ مەۋجۇداتقا قىلىشتۇر. مەسىلەن:
دۇئا قىلىش، تېۋىنىش، يېلىنىپ يالۋۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئاللاھقا قىلىش لازىم. بۇلارنىڭ قانداقلا بىرىنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلغان كىشى مۇشرىك، قىلغان ئىشى شېرىك، شۇنداقلا قىلغۇچى زالىم، قىلغان ئىشى زۇلۇم بولىدۇ.
«ئاللاھقا تاپشۇردۇم، مەدەت ئى ئاللاھ! داد ئى ئاللاھىم!» دېگەن دۇئا ۋە تىلەكلەرنىڭ ئورنىغا «پىرىمگە تاپشۇردۇم، پىرىم ئۇرغاي، داد پىرىم، مازار غوجام ئۇرسۇن، پىر دەستىگىر، مەدەت يا جەيلانىي…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئولتۇرغان ـ قوپقان چاغلىرىدا «پىرىم، يا پىرىم، يا پىرىم مەدەت!»، «غەۋسىلئەزەم ئەلمەدەت!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر، شۇنداقلا زۇلۇمدۇر.
شۇنىڭدەك، مازار-ماشايىخلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىش، مازار-غوجاملارغا بېرىپ قان قىلىش، بالىنىڭ ئېتىنى قويۇش ۋە تاۋاپ قىلىش، ئوغرىنىڭ بالا-قازاغا مۇپتىلا بولۇشىنى تىلەپ مازارلىقتىكى شاخنى يېرىش، پەرزەنت كۆرۈش ئۈمىدىدە مازار-غوجاملارغا بېرىپ مازارلىقدىكى كونا دەرەخلەرنى قۇچاقلاپ پەرزەنت تەلەپ قىلىش، قىز تىلەپيىڭنە سانجىش، ئوغۇل تىلەپ پىچاق چوقۇش، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇلاردىن پايدا كۈتۈش، ئۇلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش، شەھەرنى ئەۋلىيالار تۇتۇپ تۇرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئۇلۇغلىرىم، چىلتەنلىرىم باي قىلالايدۇ، پېقىر قىلالايدۇ، ئەزىز قىلالايدۇ، خار قىلالايدۇ،… دېگەندەك ئېتىقادلاردا بولۇش ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئوچۇق شېرىكتۇر، شۇنداقلا زۇلۇمدۇر.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ»
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن ‹ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى كىم؟› دەپ سورىغىن، ئۇلارغا ‹ئاللاھ!› دەپ جاۋابمۇ بەرگىن. ئاندىن ئېيتقىنكى: ‹ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا-زىيانغا ئىگە بولالمايدىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا قوغدىغۇچىلار قىلىۋالامسىلەر؟›. ئېيتقىنكى: ‹كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق باراۋەر بولامدۇ؟›. ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ[3] ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر›.»- رەئد 13/16.
2- ئىنساننىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشى
تائەت-ئىبادەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا سەۋەب بولغاندەك، گۇناھ-مەئسىيەت ئاللاھنىڭ غەزىپىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاسىيلىق قىلىشتىن توسقان، ئەكسى تەقدىردە زالىملاردىن بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى سەمىگە سېلىپ قويغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ»
«بىز ‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە يەرلەشكىن، ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار. لېكىن شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر!› دېدۇق»- بەقەرە 2/35.
بۇ ئايەتتىكى «مِنَ الظَّالِمِينَ(زالىملاردىن)» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن، دېگەن بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىپ، توسقىنىدىن يېنىپ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلماي، توسقىنىدىن يانماي ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق قىلىش ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى «ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۆزىدۇر» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزمۇ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا توغرىدۇر. 
شۇنىڭ ئۈچۈن كىم توغرا يولدىن چىقسا مەزكۇر «زالىملار»دىن بولۇپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[4]، «ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[5]، يەنى ئاللاھ زالىم قەۋمنى مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
كىم توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭسا «ياخشىلىق قىلغۇچىلار»دىن بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»[6].
3- ئىنساننىڭ باشقىسىغا زۇلۇم قىلىشى
مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، بەلكىدە ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زالىم بولسا زۇلۇمدىن توسۇش بىلەن، مەزلۇم بولسا يېنىدا تۇرۇش بىلەن ياردەم قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇ ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»[7].  
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭ زۇلۇم قىلغۇچى بولسۇن ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولسۇن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن»، دېگەندە، بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىندىشىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىغۇ ياردەم قىلارمەن، ئېيتىپ باققىنا، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم قىلىمەن؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسقىن، بۇ ھەقىقەتەن ئۇ ئۇنىڭغا ياردەم ھېسابلىنىدۇ»، دېدى[8].
ئىنساننىڭ ئىنسانغا زۇلۇم قىلىشى پەرقلىق شەكىللەردە ۋە خىلمۇخىل تۈرلەردە بولىدۇ. زامان تەرەققىي قىلغانسېرى مۇناسىۋەتلەر مەنپەئەتلەرگە قارىتا ئورنىتىلغانلىقى ۋە ساقلاپ قېلىنغانلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى يېڭى بىر زۇلۇم تۈرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. تۆۋەندە ئۇ زۇلۇملاردىن بىرقانچىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمىز:
ئا- ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىش
ئىنساننى پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇش بۇرۇندىن تارتىپ زۇلۇملارنىڭ ئەڭ قەبىھى ھېسابلىنىپ كەلگەن. بۇ كۈنىمىزدىمۇ ئەڭ قەبىھ زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَى فِي خَرَابِهَا أُولَئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ»
«ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىلى قويمىغان ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئۇ مەسچىتلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ بىر ئازاب بار»- بەقەرە 2/114.
ئە- يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش
زۇلۇمنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. زۇلۇمنىڭ ئەڭ قەبىھى كۈچلۈكنىڭ ئاجىزغا زۇلۇم قىلىشىدۇر. يېتىمنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىش بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَى ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا»
يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى زۇلۇم قىلىپ يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى قورساقلىرىغا ئوت يەۋالغان بولىدۇ. ئۇلار لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئوتىغا كىرىپ كۆيىدۇ»- نىسا 4/10.
ب- يەر ئىگىلىۋېلىش
 يەر ئىگىلىۋېلىش باشقىسىنىڭ يېرىگە كىرىۋېلىش، يەر پاسىللىرىنى ئۆزگەرتىش، باشقىسىنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش، قوشۇۋېلىش، پاسىلغا دەرەخ سېلىش ئارقىلىق يەر قوشنىسىغا زىيان سېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەن:
«كىمكى باشقىلارنىڭ بىر غېرىچ يېرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىندىن ئۇ بىر غېرىچ يەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا چەمبىرەك شەكلىدە ئوراپ قويىدۇ»[9].
 پ- ئىشچىنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك ياكى كەم بېرىش
ئايلىق مائاشقا ئىشلەيدىغان ئىشچىنىڭ ياكى كۈنلۈك ئىش ھەققىگە ئىشلەيدىغان كۈنلۈكچىنىڭ ۋە ياكى بىرەر ئىشنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىش قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك، كېچىكتۈرۈش، كېمەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇمدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى، ئۈچ تۈرلۈك ئادەم قىيامەت كۈنى مېنىڭ دۈشمىنىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنچى خىلى، مەن بىلەن قەسەم قىلىپ ۋەدە بېرىپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ئادەم. ئىككىنچى خىلى، ھۆر ئادەمنى سېتىپ پۇلىنى يېگەن ئادەم. ئۈچىنچى خىلى، بىر ئادەمنى ياللاپ ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئادەم»[10].
ئىشچىنىڭ ھەققىنى تېز بېرىۋېتىش ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز: «ئىشچىنىڭ ھەققىنى ئۇنىڭ تەرى قۇرۇماستىن بېرىۋېتىڭلار» دېگەن[11].
ت- ھەقلەرنى ئادا قىلىشنى ئارقىغا سۈرۈش
بۇ ئۆتنىنى ياكى قەرزنى ۋە ياكى نېسى ئالغان نەرسىنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمەسلىك بىلەن بولىدۇ. بۇمۇ بىر زۇلۇمدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باي ئادەمنىڭ قەرزنى ئارقىغا سۈرۈپ ۋاقتىدا بەرمەسلىكى، زۇلۇم سالغانلىق بولىدۇ. بىر كىمنىڭ بىر ئادەمدە ئېلىشى بولۇپ، قەرزدار ئادەم ئۇنى بىر باي كىشىنىڭ بېرىپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلسا، ئۇ بۇ ھاۋالىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ»[12].
ج- مۇھىتنى بۇلغاش
ئىنساننىڭ، ھەتتا پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى تەبىئىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىتنىڭ قوغدىلىشى لازىم. تاماكا چېكىش، زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ زەھەرلىك گاز ۋە تۈتۈنلىرىنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش، مەينەت سۇلىرىنى قالايمىقان ئېقىتىۋېتىش ئارقىلىق ھاۋانىڭ بۇلغىنىشا، سۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ۋە يېشىللىقنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇش مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، شەھەردە، ئادەملەر زىچ ئورۇنلاشقان جايلاردا ۋە قەۋەتلىك بىنالاردا گۈلدۈر-گۇپپاڭ قىلىش، توي-تۆكۈنلەردە كېچىنىڭ بىر مەھەلىگىچە داقا-دۇمباق چېلىش، ۋارقىراپ–جارقىراش، ئىنسان توشۇۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش، يوللاردا ماشىنىنىڭ مىكروفونىنى يۇقىرى ئېچىپ قويۇپ بىر نەرسە ئاڭلاش، ناخشا توۋىلاپ مېڭىش، ئىنسانلار مېڭىۋاتقان يوللاردا ماشىنا، موتوسىكلىت ۋەھاكازالارنى تېز سۈرئەت بىلەن ھەيدەش، ئۇلارنىڭ لاباسىنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق بېسىش قاتارلىقلار مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، يېزىلاردا توخۇ-ئۆردەك، قوزا-ئوغلاق ۋە باشقا مال-ۋارانلارنى باشقىلارنىڭ باغ ۋە ئېكىنزارلىقلىرىغا كىرەلەيدىغان شەكىلدە قويۇپ بېرىش، ئېكىنزارلىقلاردا مېڭىپ مايسا ۋە زىرائەتلەرگە دەسسەش، ئومۇمىي يول ۋە كوچا-كويلارغا كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان شەكىلدە جىرىم تىكىش ۋە دەرەخ يەتكۈزۈش، باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىغا سۇ قويۇپ بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىنى سۇغىرىشىغا توسالغۇ بولۇش، ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە توسما سېلىش ئۈچۈن يولنى ياكى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىنى كولاپ قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، يول ۋە كوچا-كويلارغا، سۇ بويلىرىغا، دەل-دەرەخلەرنىڭ تۈۋىلىرىگە تەرەت سۇندۇرۇپ قويۇش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، قالايمىقان نەرسە ۋە ئەخلەت-چاۋارلارنى تاشلاش… قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرى كىشىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.  
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ. وَسَخَّرَ لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَائِبَيْنِ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ. وَآتَاكُمْ مِنْ كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَتَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ»
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك- تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا ئېقىپ يۈرىدىغان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئايلىنىپ تۇرىدىغان كۈننى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»- ئىبراھىم 14/32-34.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېمىتىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ نېمەت ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانىيەتكە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن كېرەك بولغان بارلىق لازىمەتلەرنى يارىتىپ خىزمىتىگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىدۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ بويسۇندۇرۇشى يارىتىش قانۇنلىرىغا ۋە بار قىلىش نىزاملىرىغا ماس ھالدا داۋاملىشىدۇ. ئىنسان ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بويىچە مەزكۇر قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلسا، ھاياتى تەبىئىي بىر شەكىلدە داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادا بەخت-سائادەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە. ئىنسان ئوغلىنىڭ يامانلىق قىلىش، ھەددىدىن ئېشىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جانلىقلارنىڭ ھايات مەنبەسى بولغان سۇ ۋە ھاۋا بۇلغاندى، ئىقلىم ئۆزگەردى، تەبىئەت ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى يوقاتتى.
ئىنسانىيەتنىڭ بۇ زۇلۇملىرىنى سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) جازاسىز قويمىدى. ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان تۈرلۈك-تۈرلۈك بالالار، خىلمۇخىل يۇقۇملۇق ۋابالار، ئىسمى ھېچ تۇيۇلمىغان يېڭىدىن-يېڭى كېسەللىكلەر، يەر تەۋرەش، سەل ۋە تسۇنامى ئاپەتلىرى، زىرائەتلەرنىڭ پىتلاپ، مېۋىلەرنىڭ قۇرتلاپ كېتىشى… قاتارلىقلار بۇ جازانىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ»
«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- رۇم 30/41.
3- زالىمنىڭ ئاقىۋىتى
تۆۋەندىكى ئايەتلەر زالىمنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُمْ مِنْ أَرْضِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا فَأَوْحَى إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ الظَّالِمِينَ»
«كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «يا سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋېتىمىز ياكى بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەيغەمبەرلەرگە رەببى مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «بىز زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز»- ئىبراھىم 14/13.
ئاللاھ تەئالا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان بىرقانچە قەۋمنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَكِنْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَمَا أَغْنَتْ عَنْهُمْ آلِهَتُهُمُ الَّتِي يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ لَمَّا جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ. وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ»
«ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى، زىيانلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا بىر نەرسىگە يارىمىدى. رەببىڭ ئاھالىسى زالىم كەنتلەرنى جازالىغاندا، ئەنە شۇنداق جازالايدۇ. ئۇنىڭ جازالىشى بەك ئەلەملىك، بەك ئېغىر بولىدۇ»- ھۇد 11/101-102.
«إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّى يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ وَكَذَلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ. لَهُمْ مِنْ جَهَنَّمَ مِهَادٌ وَمِنْ فَوْقِهِمْ غَوَاشٍ وَكَذَلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ»
«بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەرگە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئەسلا ئېچىلمايدۇ ۋە ئۇلار، تۆگە يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق جازالايمىز. ئۇلارغا جەھەننەمدىن بىر تۆشەك، ئۈستىلىرىگە يوتقانلار بار. بىز زالىملارنى مانا مۇشۇنداق جازالايمىز»- ئەئراف 7/40-41.
4- زالىمغىمۇ تەۋبە دەرۋازىسى ئوچۇق
تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى ھەر دائىم ئوچۇقتۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رەببىمىز ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىنى كېچىكتۈرمەستىن تەۋبە قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ»
«ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: ئى ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، چۈنكى ئاللاھ پۈتۈن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- زۇمەر 39/53.
تەۋبە ئاللاھدىن ئەپۇ تىلەش، قىلمىشقا پۇشايمان قىلىش، گۇناھدىن قول ئۈزۈش ۋە گۇناھ قىلماسلىققا ئىرادە باغلاش بىلەن بولىدۇ. ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش (تۈزىتىش) ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى كىشىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: 
«وَمَنْ يَعْمَلْ سُوءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللَّهَ يَجِدِ اللَّهَ غَفُورًا رَحِيمًا»
«كىم بىرەر يامانلىق ئىشلەپ ياكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ ئاندىن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھنىڭ بەك مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مەرھەمەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ»- نىسا 4/110.
 «فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ»
«كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- مائىدە 5/39.
 
 تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
ئاپتۇرى: ئالىم ئوغلى

 


[1] – مۇئجەمۇ مەقەيىسۇللۇغە، زۇلۇم ماددىسى.

[2] – بۇخارى، 4207، مۇسلىم، 86.

[3]– ياق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىبادەتلىرىنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قارىتىشى، مەسىلەن ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلىشى، ئاللاھدىن غەيرىيدىن مەدەد تىلىشى ۋە ئاللاھدىن غەيرىيدىن شاپائەت تىلىشى… ئاللاھدىن غەيرىيدە خالىقلىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ھەددىدىن زىيادە دېۋەڭلىكى ۋە ئەقىللىرىنى ھېچ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مۇشرىكتىن «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟ رىزىق بېرىش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟» دەپ سورالسا، ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىشى لازىمكى، بۇ جاۋاب ئۇلارنى مۇسۇلمان قىلىشقا يەتمەيدۇ. پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلمىگەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ھەر ئىنسان بىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئىبادەت قىلىشقا ۋە ياردەم تىلەشكە ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ۋە ھېچنېمىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[4] – ئال ئىمران 3/57.

[5] – مائىدە 5/51؛ ئەنئام 6/144؛ قەسەس 28/50؛ ئەھقاف 46/10.

[6] – ئەئراف 7/56.

[7] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[8] – بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

[9]بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[10]بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

[11] – ئىنبى ماجە رىۋايەت قىلغان.

[12]بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر