قۇرئان يولى

تىجارەت ۋە جازانىخورلۇق2

كىرىش سۆز
كىشىلەرنىڭ پۇللىرىنى ئۆسۈم بېرىش شەرتى بىلەن ئېلىپ ئۈچىنچى كىشىلەرگە ئۆسۈملۈك قەرز سۈپىتىدە بېرىش سىستېمىسى كىرېدىت سىستېمىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە بۇنى فوند[1] يىغىشنىڭ ئاساسىي يولى، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىشنى ئەڭ كۆپ بانكىلار ئېلىپ بارىدۇ.
پۇللارنى شېرىكلىشىش شەرتى بىلەن يىغىپ، چوڭ سەرمايىلەر ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھەسسىدارلىق سىستېمىسى، دەپ ئاتىلىدۇ.
كىرېدىت ئۆسۈم بېرىش ھۆددىسى بىلەن ئېلىنىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش مۇددىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ مۇددىتىگە باغلىق بولمايدۇ.
ھەسسىدارلىق سەرمايىسىگە پايدا بېرىش ھۆددىسى بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ مۇددىتىگە باغلىق بولىدۇ.
ئىشلىتىلمىگەن سەرمايىگە پايدا ئايرىلمايدۇ. سەرمايىگە پايدا ئايرىلىشى ئۈچۈن ئىش باشلاشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مالنى ۋە خىزمەتنى سېتىشقا قەدەر داۋاملىشىدىغان نۇرغۇنلىغان پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەك.
كېيىن 110 لىرا قايتۇرۇش شەرتى بىلەن 100 لىرا بېرىش، يەنى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ئىقتىسادىي پائالىيەت ئەمەستۇر. ئىقتىسادىي پائالىيەت ئېلىنغان قەرزنى بىر ئىشتا ئىشلىتىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ نە قەرزنىڭ مۇددىتى ئىچىدە ئاخىرلىشىشى ھۆددە قىلىنمايدۇ، نە پايدا بىلەن ئاخىرلىشىشى ھۆددە قىلىنمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۆسۈم يۈكى ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىر يۈكتۇر.    
 پۇلنىڭ ئۆزى ھېچبىر ئېھتىياجنى قامدىيالمايدۇ. پۇلنى نە يەپ-ئىچكىلى بولمايدۇ، نە كىيگىلى بولمايدۇ. لېكىن پۇل كىمنىڭ قولىغا ئۆتسە ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىشىنىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۇل تومۇردىكى قانغا ئوخشاش ئايلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. ئايلىنىپ تۇرمىغان پۇلنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى بولمايدۇ.
قۇرئان يىغىشقا ئەمەس، ئىنفاققا (سەرپ قىلىشقا) بۇيرۇيدۇ. ئەرەبچىدە تونېل نەفەق (نَفَق)، بىر نەرسىنى تونېلدىن ئۆتكۈزۈش ئىنفاق (إِنْفَاقدەپ ئاتىلىدۇ. قان تومۇرلاردا قانداق ئايلىنىپ ۋۇجۇدقا تارقالسا، كىرىم ۋە سەرمايىمۇ ئىنفاق يولى بىلەن يەنى خىراجەت قىلىش قاناللىرى بىلەن شۇنداق جەمئىيەتكە تارقىلىدۇ.
ئايلىنىۋاتقان پۇل كىمنىڭ قولىغا ئۆتسە ئۇنىڭ ئىشىغا يارايدۇ: بەزىلەرنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە، بەزىلەرنىڭ مال ئېلىشىغا ۋە بەزىلەرنىڭ ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىلىرىنى بېرىشىگە ئەسقاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش جانلىنىدۇ، ئىشسىزلىق ئازلايدۇ. لېكىن بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇ پۇلنىڭ مىقدارى نە كۆپەيمەيدۇ، نە كېمەيمەيدۇ.   
بازارغا كىرگەن ھەر پۇل ئىقتىسادنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئەمما پۇل بازارغا ئۆسۈملۈك قەرز (كىرېدىت) سۈپىتىدە كىرسە، ھەرىكەتلىنىش ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. چۈنكى بۇ پۇلنى قەرەلىدىن بۇرۇن ئۆسۈمى بىلەن بىرلىكتە بازاردىن تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆسۈم بازاردا ئايلىنىۋاتقان پۇلنى ئازلاتقانلىقى ئۈچۈن بازار ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى جانلىقلىقىنى يوقىتىدۇ ۋە دەرھال يېڭى پۇلغا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. بۇ يېڭى پۇلمۇ ئۆسۈملۈك پۇل بولسا بازار بارغانسېرى تارىيىدۇ. بۇ ئىشلار تەكرارلانغانسېرى كىرېدىت ئېھتىياجى ئارتىدۇ ۋە بازاردا ئايلىنىۋاتقان پۇلنىڭ ئازلىشى داۋاملىشىدۇ. ئاخىرىدا ئىقتىسادىي كىرىزىس باشلىنىدۇ.  
جەمئىيەتتە تەشەببۇسكارلارنىڭ سانى ئازدۇر. قايتۇرالماسلىق خەۋپى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى سەۋەبىدىن كىرېدىت ئالالايدىغان تەشەببۇسكارلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئازدۇر.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىرقانچە كىشى بىر تەرەپتىن كىرېدىت يولى بىلەن چوڭ بىر سەرمايىگە ھۆكۈم قىلىشقا باشلايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆسۈم يۈكى ئاستىغا كىرىدۇ. ئۇلار بۇ يۈكنى باشقىلارغا توشۇتۇش ئۈچۈن چوڭ كارخانىلارنى ئېچىپ ئېلانلار بېرىش ئارقىلىق بازارنى مونوپول قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زامان ئۆتكەنسېرى كىچىك كارخانىلار تاقىلىپ قالىدۇ. ئىنسانلار كىرېدىت ئالغۇچىلار بىلەن كىرېدىت بەرگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ. ئالغان كىرېدىتلىرىنى تۆلىيەلمىگەن تەشەببۇسكارلار يېلى چىققان شاردەك سولىشىپ قالىدۇ. كىرېدىت مۇئەسسەسىلىرىمۇ بۇنىڭدىن زىيان تارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرىزىس چىقىدۇ، پۈتۈن جەمئىيەتتە زىلزىلە پەيدا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋاتقىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- بەقەرە 2/278-280.
پۇللارنى ئۆسۈملۈك قەرز سۈپىتىدە بېرىش ئۆتمۈشتىن بېرى بىلىنىدىغان بىر مۇئامىلىدۇر. بۇرۇنلاردا مەلۇم چوڭلۇقتىكى سەرمايىگە ئىگە بولغانلارلا ئۆسۈملۈك قەرز بېرەلەيتتى، لېكىن بانكىلارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئاز پۇل ئىگىلىرىمۇ ئۆسۈملۈك قەرز بېرەلەيدىغان بولدى. ئۇلار پۇللىرىنى بانكىغا قەرز بېرىدۇ، بانكا بۇ ئاز پۇللارنى يىغىپ چوڭ سەرمايىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە تەلەپ قىلغۇچىلارغا كىرېدىت سۈپىتىدە بېرىدۇ.
كىرېدىتنىڭ بىر چىقىمى بار. بۇ چىقىم مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش چىقىمى دەپ ئاتىلىدۇ. مالنى ئىشلەپچىقىرىشتىن بازارغا سېلىشقىچە بولغان ھەر باسقۇچتا باھالارغا قوشۇلغان بۇ چىقىم باھالارنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ. كىرېدىتقا تۆلەنگەن ئۆسۈم مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش چىقىمىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىدۇر. پۇلنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئالىدىغان ئۆسۈم بۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدۇ. بانكا كىرېدىت ئالغان كىشىدىن 10% ئۆسۈم ئالىدۇ، پۇلنىڭ ئىگىسىگە 7% ئۆسۈم بېرىدۇ. مالنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈلسە بۇنداق بىر شارائىتتا باھانىڭ ئۆسۈشى ئەڭ ئاز بولغاندا 10% بولىدۇ. پۇل ئىگىسىنىڭ ئالىدىغان ئۆسۈمى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈم كېتىشى ئالدىدا يوق بولۇپ كەتكەندەك، ئۇ ئانا پۇلىدىنمۇ زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن: شېكەرنىڭ كىلوسى 50 سىنت چاغدا بانكىغا 7% ئۆسۈمگە 500 لىرا ياتقۇزغان بىر كىشى قەرەل توشقاندا بانكىدىن 535 لىرا ئالىدۇ. لېكىن بۇ ئەسنادا شېكەرنىڭ باھاسى ئەڭ ئاز بولغاندا 55 سىنتقا چىقىدۇ. بىر يىل بۇرۇن 500 لىراغا 1000 كىلو شېكەر كېلەتتى، ھازىر 535 لىراغا 973 كىلو شېكەر كېلىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ پۇلىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئەنە ئاشۇنداق 3% ئەتراپىدا يوق بولۇپ كەتكەن بولىدۇ. پۇلىنى بىر يەردە ساقلىغانلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۇلار ساقلىغان 500 لىراسىغا ھازىر 909 كىلو شېكەر ئالالايدۇ. ئۇلارنىڭ زىيىنى 9% ئەتراپىدا بولىدۇ.
كىرېدىت ئىشلەتكەنلەر تۆلەيدىغان ئۆسۈملىرىنى ئۇ كىرېدىت بىلەن ئىشلەپچىقارغان مال ۋە خىزمەتلەرگە قوشقاندەك، ئوخشاش نىسبەتتە بىر چىقىمنى ئۆزىنىڭ سەرمايىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مال ۋە خىزمەتلەرگىمۇ قوشىدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى پۇرسەت چىقىمىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ ئالداىدا پۇلنى بىر مال ياكى بىر خىزمەت ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۆسۈملۈك قەرز سۈپىتىدە باشقىلارغا بېرىپ ئۆسۈم ئېلىش پۇرسىتى بار. ئۇ بۇ پۇرسەتنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ ئىشلەتكەندەك تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئالىدىغان ئۆسۈمىنى مالنىڭ ياكى خىزمەتنىڭ چىقىمىغا قوشىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئۆسۈملۈك قەرز مەيدانغا كەلتۈرگەن پۇل پاخاللىقىغا قارشى پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىدۇر. نەتىجىدە داۋاملىق ئۆرلەۋاتقان باھا ئالدىدا ئاز ۋە مۇقىم كىرىم ئىگىلىرىنىڭ پۇل-مېلى تېز سۈرئەتتە ئېرىپ تۈگەيدۇ.
  كىرېدىت سىستېمىسى مال-مۈلۈكنىڭ بايلارغا ئېقىشىغا يول ئاچىدۇ. خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن ئۇلار نېسىگە ئېلىشقا تەشۋىق قىلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشى قەرزىنى تۆلىيەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. دۇكانلاردا مال، بانكىلاردا پۇل كۆپ تۇرۇپ بازاردا تۇرغۇنلۇق پەيدا بولىدۇ ۋە قىسلىق باش كۆتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ جازانىنى تارايتىپ سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار ۋە تۇزكورنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/276.
بۇ مەسىلىنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق بايان قىلغان :
«ئۆسۈم نەقەدەر كۆپ بولسا بولسۇن ئاقىۋىتى ئازلىققا ئۆزگىرىدۇ»[2].
ئايەت زاكات بىلەن ئۆسۈمنى سېلىشتۇرىدۇ. زاكات دەرھال سەرپ قىلىدىغان كىشى ۋە يەرلەرگە بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن زاكات قىسقا مۇددەت ئىچىدە بازارغا كىرىدۇ ۋە مۇقىم بىر جانلىقلىق پەيدا قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت (نىڭ مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى) مۇنداق:
«ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغانلارنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مېلىنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان بولغان بىر ئۇرۇقنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- بەقەرە 2/261.
  بازارغا پۇل كىرگۈزۈشنىڭ بىر يولى مۇدارەبە، يەنى ئەمگەك ۋە سەرمايە شېرىكچىلىكىدۇر. بۇ ئىشتا بىر تەرەپ سەرمايىسىنى، يەنە بىر تەرەپ كۈچىنى چىقىرىدۇ. پۇلى بار تۇرۇپ ئىشلىتەلمەيدىغانلار ئۇنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر بىلەن شېرىك بولىدۇ. پايدا كېلىشىم بويىچە ئايرىلىدۇ. زىيان سەرمايىدىن ئېلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا كۈچىنى چىقارغان تەرەپنىڭ زىيىنى قىلغان ئىشىدىن پايدا ئالالماسلىق بىلەن چەكلىك بولىدۇ.
مۇدارەبە شېرىكچىلىكىگە بانكىچىلىق خىزمەتلىرىنى قىلىش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى بىلەن ئۆسۈمسىز بانكىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈركىيەدە بۇلار دەسلەپتە «ئۆسۈمسىز مال بىلەن تەمىنلەش مۇئەسسەسەسى» ئىسمى بىلەن ئىش قىلغان ئىدى، كېيىن بۇ مۇئەسسەسەلەر بىلەن ئۆسۈملۈك بانكىلار ھەققىدە ئوخشاش بىر قانۇن چىقىرىلغاندا ئۇلار «ھەسسىدارلىق بانكىسى» دەپ ئاتالدى. بۇ قانۇن ئۇلارغا ئۆسۈملۈك بانكىلار قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆسۈملۈك بانكىلاردىن پەرقى فوندلىرىنى ئۆسۈمسىز يىغىش، سېتىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان شەكىلدە ئىجارىگە بېرىش[3] ۋە تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەت.
بۇ قانۇن چىققاندىن كېيىن مەزكۇر ھەسسىدارلىق بانكىلىرى خالىسا تولۇق ئۆسۈملۈك، خالىسا قىسمەن ئۆسۈملۈك، خالىسا ئۆسۈمسىز ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قانداق بانكىلار ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. ھەسسىدارلىق بانكىلىرىنىڭ بانكىچىلىق خىزمەتلىرىنىڭ سىرتىدا قىلىدىغان ئىشى پەقەتلا تىجارەت بولۇشى لازىم. ئۇ بانكىلار خۇددى بىر تىجارەتچىگە ئوخشاش سېتىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان شەكىلدە ئىجارىگە بېرىش، مۇدارەبە[4]، مۇرابەھە[5] ۋە مۇشارەكە[6] مۇئاملىلىرىنى قىلىشى لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىجارىي مۇئامىلىلەردۇر. بۇ ھەقتە ئالدىمىزدا توختىلىمىز.
 پۇلنى مۇدارىبىگە بېرىش ئۆتمۈشتىن بېرى بار ئىشتۇر. لېكىن بۇرۇنلاردا كۆپ پۇلى بار كىشىلەر شېرىك تاپالايتتى يەنى پۇللىرىنى مۇدارىبىگە بېرەلەيتتى، ئەمما كۈنىمىزدە ئۆسۈمسىز بانكىلارنىڭ سايىسىدا ئاز پۇل ئىگىلىرىمۇ شېرىك تاپالايدىغان بولدى. ئۇلار ئاز پۇللارنى توپلاپ بۈيۈك فوندلارنى ھاسىل قىلىدۇ.
ھەسسىدارلىق سىستېمىسىدا سەرمايە ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بىر بەدەل بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەرمايە بىلەن تەمىنلەش بەدىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سىستېمىدا پۇلدىن كىرىم قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولى يا ئۇنى بىر ئىشتا ئايلاندۇرۇش ياكى بىر ھەسسىدارلىققا قوشۇلۇشتۇر. بۇ سىستېما ئىقتىسادىي ھاياتقا ھاكىم بولسا، نە جازانىخورلۇقتىن كېلىپ چىققان پۇرسەت چىقىمى بولمايدۇ، نە جازانىخورلۇق سەۋەبچى بولغان پۇل پاخاللىقى مەيدانغا كەلمەيدۇ. مال باھاسى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئېقىشى ئىچىدە بەزىدە ئۆرلەيدۇ، بەزىدە چۈشىدۇ. سەرمايە ئىگىرىلىرى ھەسسىدارلىرى بىلەن بىرلىكتە چوڭىيىدۇ ياكى كىچىكلەيدۇ.
كىرېدىت سىستېمىسى پۇل ئىگىلىرىنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ سىستېمىدا ئۇلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ئەمەس. ئۇلار بىر مۇددەت پۇللىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن دۆتلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىدىغان ئىش بىر يەردە ئىشلەش بولىدۇ. ئۇلار ئالىدىغان ئىش ھەققى ياكى مائاش ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىش ئورنىنىڭ يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ھەققىلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ پۇللىرى زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئېرىپ تۈگەيدۇ، ئىش ھەققى ياكى مائاشلىرى يەتمىگىلى باشلايدۇ، جەمئىيەتتە زور كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ ئىنسانلار جىمىغۇر ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ، ئۆزلىرىنى خاپا قىلغان بۇ ھادىسىلەرگە قارشىلىق ھېس قىلىدۇ، كۈن ئۆتكەنسېرى ئۇلارنىڭ قارشىلىقى ئارتىدۇ. نەتىجىدە بەختسىز ۋە ئۈمىدسىز گۇرۇھلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
باشقا بىر تەرەپتىن بايلار كۆپەيگەن مال-دۇنياسى ئاچقان ئىشتىھالىرى يۈزىسىدىن تويمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ.
ھەسسىدارلىق سىستېمىسىدىمۇ چوڭ بايلار بولىدۇ، لېكىن بۇ سىستېمىدا پۈتۈن ھەسسىدارلار بىرلىكتە چوڭايغانلىقى ياكى بىرلىكتە كىچىكلىگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلار ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قارشى ھوشيار تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ھېچكىمگە يۈك بولمىغان ۋە ھەر كىشى ئىشنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ئەركىن ئىش مۇھىتى شەكىللىنىدۇ.
كىرېدىت سىستېمىسى سەرمايىنى ئىگىسىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ھەسسىدارلىق سىستېمىسىدا سەرمايىنىڭ ئىگىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەجبۇرىي داۋاملىشىدۇ. چۈنكى بۇ سىستېمىدا كىشى پۇلىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىشىنى كۆزىتىپ تۇرۇش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ. شېرىك بولۇش يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ئۇنى ھوشيار تۇرىدىغان قىلىدۇ، پائالىيەتچان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. سەۋەب شۇكى، ئۇ شېرىك بولىدىغان كىشىلەرنى تونۇشقا ۋە بولغان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېھتىياج ھېس قىلىدۇ، بولمىسا ئۇ پايدا كۈتۈۋېتىپ زىيان تارتىۋالىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا بازارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىدە مۇستەقىل ئىش قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.
ھەسسىدارلىق سىستېمىسىدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جىددىيلىكلەر ئازلايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلىنىدۇ، ئىش ئىگىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىنچ ۋە خاتىرجەم بىر مۇھىت بارلىققا كېلىدۇ. بۇ سىستېما پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن يولغا قويۇلسا ئىش ئىگىلىرى بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولمايدۇ.
ئۆسۈمنى چەكلەش كىرېدىت سىستېمىسىنى ئىشلىمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. «ئاللاھ، ئېلىم-سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان »- (بەقەرە 2/275). بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار ھەسسىدارلىق سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.
نۇرغۇن كىشى ئېلىم-سېتىم بىلەن ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ئوخشاش كۆرىدۇ، ئۇلار بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرققە ئەمەس، ئوخشاشلىقلارغا قارايدۇ. ھالبۇكى، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە قاراپ ئۇلارنىڭ ئايرىم ـ ئايرىم نەرسىلەر بولغانلىقىنى كۆرۈش لازىم. بۇ مەسىلە كىتابنىڭ بىر بۆلۈمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۆسۈم، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئېغىر چەكلىمىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ چەكلىمىنى بايان قىلىدىغان ھەدىسلەر ۋە فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرى بار. نېمىنىڭ ئاللاھنىڭ چەكلىمىسى، نېمىنىڭ رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بايانى ۋە نېمىنىڭ فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرى بولغانلىقىنى بىلىش كېرەك. كىتابتا بۇ پەرققە دىققەت قىلىندى.
بۇ كىتابنى تۈزۈشتە قۇرئان كەرىمگە ئاساسلاندۇق ۋە ئادەتتىكى ئۇسۇلدىن باشقا بىر ئۇسۇل ئىجرا قىلدۇق. بۇ قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن ئۇسۇلدۇر. بۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈمدە بۇ ئۇسۇل ھەققىدە توختىلىمىز.
ئاساسلىق فىقىھ كىتابلىرى پۇللار ئالتۇندىن ۋە كۈمۈشتىن بېسىلىدىغان دەۋرلەردە يېزىلغان. ئۇ پۇللار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىممەتكە ئىگە ئىدى. لېكىن قەغەز پۇللار پەقەتلا سىياسىي كۈچنىڭ قارارى ۋە ئىنسانلارنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن قىممەت قازىنىدۇ. بۇنىڭ دۆلەت سىرتىدا پۇل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرگە، ئۇ پۇلنى چىقارغان دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇنى پۇل، دەپ قوبۇل قىلىشىغا باغلىقتۇر.
قەرز تۆلىگەندە، ئالغان قىممەت بىلەن تۆلىگەن قىممەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ھازىرغىچىلىك تارازا (ۋەزن) ياكى كەمچەن (كەيل) ۋە ياكى سان (ئەدەدى مۇتەقارىبە) بىلەن ھېسابلىناتتى. 100 گىرام ئالتۇن قەرزى بولغان بىر ئادەم ئوخشاش ئۆلچەمدە 100 گىرام ئالتۇننى مال ئىگىسىگە تۆلىسە قەرزدىن قۇتۇلاتتى. بۇغداي قەرزى بولغان كىشى  قەرزىنى كەمچەن بىلەن، تۇخۇم قەرزى بولغان ئادەم قەرزىنى سان بىلەن تۆلەيتتى.
مېتال پۇل سىستېمىسىدىن قالغان ئادەت بىلەن قەغەز پۇل ئەدەدى مال ھېسابلانماقتىدۇر. ئەدەدىي مال تۇخۇم، ياڭاق ۋە مەلۇم ئۆلچەمدىكى ماللارغا ئوخشاش ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە قىممەت پەرقى بولمىغان ۋە مۇئامىلىسى سان بىلەن قىلىنىدىغان ھەقىقىي مالدۇر. قەغەز پۇل بۇ ئالاھىدىلىكتە ئەمەس، شۇنداقلا ئەدەدىي مال ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان 1 ئامېرىكا  دوللىرى بىلەن 100 ئامېرىكا دوللىرى ئوخشاش قىممەتكە ئىگە بولاتتى. چۈنكى ئىككى تۇخۇمنىڭ بىرىگە يېزىلغان «100» رەقەم ئۇنى يەنە بىر تۇخۇمدىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە قىلمايدۇ. 100 تۈرك لىراسى بىلەن 100 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوخشاش قىممەتكە ئىگە بولماسلىقىمۇ ئۇلارنىڭ ماددىسى ۋە شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەستۇر. بۇ سەۋەبتىن قەغەز پۇلغا ئۈستىدىكى رەقەمگە ئەمەس، ئۇنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئۇنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە ئوخشاش ئەدەدىي مال ھېسابلاش بۈيۈك ناھەقچىلىكلەرگە سەۋەب بولماقتا. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ تۈزىتىلىشى لازىم: قەغەز پۇلغا ئۈستىدىكى رەقەمگە ئەمەس، ۋەكىللىك قىلغان سېتىۋېلىش كۈچىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. ئۇ چاغدا بۇ يول بىلەن قىلىنغان ناھەقچىلىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ كىتابتا ئۆز ساھەسىدە تۇنجى تەتقىقات ھېسابلىنىدىغان بۆلۈملەر بار. ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئۆسۈم ۋە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە پەرقلىق بىر ئۇسلۇب بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۆلۈملەردۇر. بۇ بۆلۈملەردە ئالتۇن، كۈمۈش، ئارپا، بۇغداي، خورما ۋە تۇز قاتارلىق ماددىلارنىڭ سېتىش ۋە سېتىۋېلىش پىرىنسىپىنى تۇرغۇزىدىغان ھەدىسلەرنىڭ ئۆسۈمنى چەكلەيدىغان ئايەتلەرگە ئىلاۋە سۈپىتىدە بىر ھۆكۈم ئېلىپ كەلمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئېلىم-سېتىم نامى بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. ھالبۇكى، بۈگۈنگىچىلىك ئۇ ھەدىسلەرنىڭ پەرقلىق بىر ساھەنى تەرتىپكە سالغانلىقى پەرەز قىلىنىپ، ئۆسۈم ۋە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە چۈشەنگىلى بولمايدىغان ۋە ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. بۇ يېڭى ئۇسلۇب بىلەن مەسىلە پەرقلىق بىر شەكىلگە كىردى. ئۆسۈمنى ۋە ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى مەلۇم بىر ئاساس ئۈستىگە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بۇ شەكىل ناھايىتى مۇھىمدۇر.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىد ۋە پىكىرلىرى بۇ تەتقىقاتقا يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.

[1]– فوند (fonds)فرانسۇزچە بىر سۆز بولۇپ كۆپ پۇل، سەرمايە ۋە مەلۇم بىر ئىش ئاجرىتىلغان پۇل، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.- تەھسىن ساراچ، فرانسۇزچە-تۈركچە چوڭ لۇغەت، ئەنقەرە 1976، 1- جىلد، 575- بەت.

[2]– ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 1/395.

[3]– بۇ بىر مالنى پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن سېتىشقا ئوخشاش بىر مۇئامىلىدۇر. بۇ مۇئامىلىدە بىر مالنىڭ باھاسى تەرەپلەر ئارىسىدا ئالدىن بەلگىلىنىدۇ، ئاندىن مالنىڭ ئىگىسى مالنى ئالغۇچىغا ئىجارىگە بېرىدۇ، ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ھەر قېتىم تۆلىگەن ئىجارىسى مالنىڭ پۇلىدىن چۈشۈرۈلىدۇ، ئۇ بۇ شەكىلدە ئاخىرقى ئىجارىنى تۆلەش بىلەن مەزكۇر مالنىڭ ئىگىسى بولىدۇ.

[4]– بىرى كۈچ، يەنە بىرى سەرمايە سېلىپ ئىش قىلىش مۇئامىلىسى.

[5]– ئېرىشكەن پايدىنى تەڭ بۆلۈشۈش شەرتى بىلەن مەبلەغ سېلىش مۇئامىلىسى.

[6]– ئورتاقلىشىش مۇئامىلىسى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر