قۇرئان يولى

قازا روزىسىنى مەن تۇتامدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەن بىر ھەدىس ئوقۇغانىدىم، مەزمۇنى «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: (كىمكى گەدىنىدە قازا روزىسى قېلىپ ئۆلۈپ كەتسە ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋارىسى تۇتۇپ قويسۇن)»ـ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ يەردە پەرزەنتى ئاتا ـ ئانىسى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىپ قويسا بولىدۇ دېمەكچىمۇ؟ بۇ باشقا ئىبادەتلەرگىمۇ بولامدۇ ياكى پەقەت روزىغا تۇتۇشقا قارىتا ئېيتىلغانمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
 ئۇ ھەدىس ھەدىس كىتابلىرىدا پەرقلىق شەكىللەردە كېلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئەر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
«ئانام ئۆلگەن، ئانامنىڭ زىممىسىدە بىر ئايلىق روزىسى بار ئىدى. ئانامنىڭ ئورنىغا مەن ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتسام بولامدۇ؟»- بۇخارىي، روزا 1953- نومۇرلۇق ھەدىس. مۇسلىم، روزا 154، 155 (1148) نومۇرلۇق ھەدىس.
2- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئدىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن پەتىۋا سوراپ مۇنداق دېدى:
«ئانام ئۆلگەن، ئانامنىڭ زىممىسىدە نەزرىسى بار ئىدى. ئانامنىڭ ئورنىغا مەن ئۇ نەزرىنىڭ قازاسىنى قىلسام بولامدۇ؟»- بۇخارىي، ۋەسايا 2761. ئەبۇ داۋۇد، قەسەملەر ۋە نەزىرلەر، 3307- نومۇرلۇق ھەدىس.
3- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئەر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
«ئانام ئۆلگەن، ئانامنىڭ زىممىسىدە نەزىر روزىسى بار ئىدى. ئانامنىڭ ئورنىغا مەن ئۇ نەزىر روزىنىڭ قازاسىنى تۇتسام بولامدۇ؟»- مۇسلىم، روزا 156 (1148) نومۇرلۇق ھەدىس.
4- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئد رەسۇلۇللاھدىن «ئانام ۋەسىيەت قىلمايلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئانام ئۈچۈن مەن سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟»- نەسەئىي، ۋەسايا 3654- نومۇرلۇق ھەدىس.
4- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئدىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ دىن مۇنداق دېدى:
«ئانام ئۆلگەن، ئانامنىڭ زىممىسىدە نەزرىسى بار ئىدى. مەن ئانامنىڭ ئورنىغا قۇل ئازاد قىلسام ئانامغا ھېساب بولامدۇ؟»- نەسەئىي، ۋەسايا 3656- نومۇرلۇق ھەدىس.
بۇ ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنىشىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە بەرگەن جاۋابى: «ئاناڭنىڭ قەرزى بولسا ئىدى، ئاناڭنىڭ ئورنىغا سەن ئادا قىلامتىڭ؟ ئاللاھقا بولغان قەرز ئادا قىلىنىشقا تېخىمۇ لايىقتۇر» دېگەن شەكىلدە بولغان.
قېرىندىشىم! سىز «ئوقۇغانىدىم» دېگەن ھەدىسنىڭ پەرقلىق شەكىللىرى ئەنە شۇ يۇقىرىدىكىلەردىن ئىبارەت. ئەمدى مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى قۇرئان ۋە ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۈشىنىشكە تىرىشايلى:
ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494.
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتنى باشقا بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ئادا قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ روزا تۇرۇش ئىبادىتى بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىبادەتنى قىلغان بىر مۇسۇلمان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇنداق ئەمەلنى كىم قىلغان بولسا، ئەجىرنى (ساۋابىنى) شۇ قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان ئايەتتە بايان قىلىدۇ.
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم» دېگەن ئىپادە بىلەن بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» دېگەن ئىپادە ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ. بىرى تەن، يەنە بىرى روھ. ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدىنىنى) غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەل-ئىبادەت بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ- ئىچكەن نەرسە بىلەن بەدىنى غىزالانمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ»
«بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن بىزنىڭ يولىمىزدا سەرپ قىلىڭلار. بۇنى بېرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: ‹رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنە ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بۇلار ئىدىم› دېيىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار»- مۇنافىقۇن 63/10.
ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئىبادىتىنى باشقا بىر كىشى قىلىپ قويسىمۇ بولىدىغان ئىش بولسا، ئۆلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان كىشى يۇقىرىدىكى سۆزنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ‹رەببىم! مەن قىلماپتىمەن. لېكىن باللا قىلىۋەتمەكچى ياكى قىلىپ قويار، ساقلاپ بەرسىلەر› دېمەمدۇ؟
شۇنىڭدەك، ئەگەر ئۆلۈپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ بالىسى ياكى ئايالى ئۇنىڭ ئورنىغا بەزى ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىپ قويىدىغان ئىش بولسا، ئۆلۈپ قەبرىسىدە قويۇلغان كىشىدىن ياكى قىيامەت كۈنى قەبرىسىدىن چىققان كىشىدىن پەرىشتىلەر «ماۋۇ ئىشنى نېمىشقا قىلمىدىڭ؟» دەپ سورىغاندا «توختاڭلار، باللا قىلىۋەتمەكچى ئىدى» ياكى «خوتۇن قىلىۋەتمەكچى ئىدى» ۋە ياكى «باللارنىڭ دەپتىرىگە بىر قاراپ بېقىڭلار، خوتۇننىڭ دەپتىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، باللا قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، بىزنىڭ خوتۇن قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرىشتىلەرنىڭ سوئالىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشمامدۇ؟
دېمەككى، ھەر كىشى ئىبادىتىنى ھايات چېغىنىڭ ئۆزىدە ئۆزى قىلىدۇ ۋە ئۆزى قىلىشى لازىم!
يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرگە كەلسەك،
ئۇ ھەدىسلەر (قايسى كىتابتا بولسا بولسۇن) سەنەد ئېتىبارى بىلەن خەبىرى ۋاھىددۇر، مەنا ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. ئۇ ھەدىسنىڭ پەرقلىق شەكىللەردە كېلىشىمۇ ئىنساننى گۇمانغا سالىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر