تالاق
(ئەرنىڭ نىكاھ توختامىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تۈزىدىغان توختامى)
«ئۇلارغا (ئاياللارغا)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەچچىدانلىرىدا ياراتقان نەرسىنى يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ»- (بەقەرە 2/228). بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئايال ھەيز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىدىم دېسە گۇناھكار بولىدۇ.
تالاقتىن بۇرۇنقى | ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان | تالاقتىن كېيىنكى بىرىنچى | تالاقتىن كېيىنكى ئىككىنچى | تالاقتىن كېيىنكى ئىككىنچى | تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى | تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى |
ھەيز مەزگىلى | پاكىزلىق مەزگىلى | ھەيز مەزگىلى | پاكىزلىق مەزگىلى | ھەيز مەزگىلى | پاكىزلىق مەزگىلى | ھەيز مەزگىلى |
بۇ مەزگىلدە قىلىنغان تالاق كۆچكە ئىگە ئەمەس. | ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى مۇشۇ پاكىزلىق ئىچىدە بىر تالاق قىلالايدۇ ۋە بۇ پاكىزلىق ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ. | تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان بىرىنچى ھەيز | بۇ پاكىزلىق ئىچىدە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. | تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان ئىككىنچى ھەيز | بۇ پاكىزلىقنىڭ ئاخىرىغىچە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. | بۇ ھەيز باشلانغان ھامان ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىدۇ. |
تالاق قىلىنغان ئاي | ئىككىنچى ئاي | ئۈچىنچى ئاي | تۆتىنچى ئاي |
ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ | ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ | ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ | بۇ ئاينىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ. |
تالاق قىلىنغان مەزگىل | تۇغقان ۋاقتى |
ئايال بۇ مۇددەت داۋامىدا «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. | بۇ ۋاقىت بىلەن ئىددەت چىقىپ بولىدۇ |