ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھازىر جەمئىيەتتە ئۇزۇن چاچ قويۇۋالغان، قۇلاقلىرىنى تەشتۈرۋالغان ئوغۇللارمۇ بار. ئويلىنىپ قالدىم، ئوغۇللار ئۇزۇن چاچ قويسا بولامدۇ؟ ئوغۇللارنىڭ چېچى ئۇزۇن بولغاندا قانچىلىك دائىرىدە چەكلىنىدۇ؟ قۇلاقلىرىنى تېشىۋېلىش دۇرۇسمۇ؟ بۇ سوئاللىرىمغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشىڭلارنى ئېھتىرام بىلەن سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇمىجىت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئەسلىدە دىنىمىز ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەت تاقىشىغا يول قويىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ 43 ـ سۈرىسى بولغان زۇخرۇف سۈرىسىنىڭ 18 ـ ئايىتىدە قىزلارنىڭ ئادەتتە زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى توي قىلماقچى بولغان ساھابىلىرىغا: «بىر تال ئۈزۈك بولسىمۇ ئايالىڭغا تويلۇق بەرگىن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
يەنە ھەدىس كىتابلىرىدا مەشھۇر ئىفكى (ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا چاپلانغان بوھتان) ۋەقەسىگە ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بوينىدىكى قىلادەسى (بۇلاپكىسى) نىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن قىز – ئاياللار ئۆز ئۆرپ ـ ئادەتلىرى بويىچە زىبۇزىننەت تاقىسا، نۇر سۈرىسىنىڭ 31 ـ ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە يۈزى ۋە قولىدىن باشقا يەرلىرىنى قېلىن ۋە كەڭ كىيىملەرنى كىيىش، بېشىغا ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق يۆگىسە، ئەۋرەت يەرلىرى ۋە يۆگەلگەن زىبۇزىننەتلىرى يۆگەلگەن پېتى قالسا، «تاشقى زىننەتلىرى» كۆرۈنۈپ تۇرسا ئۇلارغا بىر گۇناھ بولمايدۇ.
لېكىن بىر قىز (بىر ئايال) نىڭ زىبۇزىننەتلىرى زاكات كېلىش ئۆلچىمىگە يەتسە يەنى بىر ئايالنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ توپلام مىقدارى 85 گرامغا يەتسە ئۇ نەرسىلەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىشى لازىم. «زاكات ھەققىدە ساۋات» دا بۇ مەسىلە تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا- ئانىلارنىڭ، قىز بالىلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈپ قويۇشى ياخشى ئىش (مۇستەھەپ) تۇر. شۇنداقلا ئۇلارغا كېچىكىدىن باشلاپ ئالتۇندىن، كۈمۈشتىن ۋە باشقا قىممەتلىك تاشلاردىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىدىن ئېلىپ بېرىشلىرى ياخشى ئىشتۇر.
ئەمما ئوغۇل بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈش، ياكى ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزى قۇلىقىنى تەشتۈرۈشى، كىيىم – كېچەكتە، چاچ پاسونىدا، چاچنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىدا ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى دىنىمىزدا قاتتىق چەكلىنىدۇ. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان» دېگەن ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇـ (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
ئوغۇل بالا (ئەر كىشى) نىڭ، ئۆزىنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئىچكى دۇنياسى «خىنىم مىجەز» بولۇپ قالغاندا، ئەنە ئاشۇنداق ئىشلاردىمۇ يەنى تاشقى كۆرۈنۈشىدىمۇ ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇسى كېلىدۇ. ئاندىن شەيتاننىڭ «ھە!» دەپ جاسارەت بېرىشى بىلەن «ھاياجانلىنىپ كېتىپ» دەرھال ئۆزىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىنى، كىيىم – كېچىكىنى، ھەتتا گەپ – سۆزلىرىنى ئاياللارنىڭكىگە ئوخشىتىۋالىدۇ.
بارا – بارا ئۇنداقلار «چىمدىپ» قوپىدىغان، «نايناقلاپ» ماڭىدىغان، «نازلاپ» گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە قارىماققا ئەرمۇ ئەمەس، ئايالمۇ ئەمەس بىر خىل «سۈرىتى مۇبەددەل (شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن)» «مەخلۇقاتلار» پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە جەمئىيەت ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قېلىشقا باشلايدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئاللاھدىن يىراقلىشىپ شەيتانغا يېقىنلىشىش، گۇناھقا بېرىلىش ئارقىلىق قەلبنىڭ قارىيىپ كېتىشى، شۇنداقلا فىترەتنىڭ (خۇي، مىجەز ۋە خاراكتېرنىڭ) بۇزۇلۇشى، نەتىجىدە ئۇنداقلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى تامامەن ئۆزگىرىپ توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا دەپ چۈشىنىدىغان ھالەتكە كېلىشى… قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
بۇنداقلارنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇلاردەك بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.