قۇرئان يولى

ئەجەلنىڭ قىسقىرىشى

ئەجەلنىڭ قىسقىرىشى

ئەجەل، بىر نەرسە ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇددەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنْذِرُوا مُعْرِضُونَ.

«ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر»- ئەھقاف، 46/3.

ئاللاھ ئىنسانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ طِينٍ ثُمَّ قَضَى أَجَلًا وَأَجَلٌ مُسَمًّى عِنْدَهُ

«اﷲ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر »- ئەنئام،6/2.

بۇ ئايەتلەر كائىنات ئۈچۈن بىرلا ئەجەلنىڭ بارلىقىنى، ئىنسان ئۈچۈن ئىككى ئەجەلنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ.

 بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى پۈتۈن مەخلۇقلاردا بار بولغان ئەجەلى مۇسەمما (بىكىتىلگەن) ئەجەلدۇر. يەنە بىرى بولسا، تەبىئىي ئەجەلدۇر. تەبىئى ئەجەل دېگىنىمىز، بەدەنننىڭ، كۈچىنىڭ يىتىشىچە ھاياتلىقىنى داۋام قىلالايدىغان بىر مۇددەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مۇددەت توشقاندا، ئىنسان خۇددى شېخىدا قۇرۇپ قالغان گۈلگە ئوخشاش ئۆلىدۇ. دوختۇرلار كېسەلگە مۇنچىلىك ئۆمۈر كۆرىدىكەن دەپ، ئۆمۈر تەخمىنى قىلغاندا بەدەننىڭ بۇ ئەجەلى (تەبىئى ئەجەل)گە قارىتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەجەلى مۇسەمما (بىكىتىلگەن ئەجەل) بولسا، ئىنسان، ھاياتىنى داۋام قىلىدىغان بەلگىلىك بىر مۇددەتتۇر. بۇ مۇددەت ئاخىرلاشقاندا، ئىنسان خۇددى شېخىدىن ئۈزىۋىتىلگەن گۈلگە ئوخشاش ئۆلىدۇ. مەسىلەن: بىر ئىنساننىڭ تەبىئىي ئەجىلى يۈز يىل بولسا، ئەجەلى مۇسەمماسى (بىكىتىلگەن ئەجىلى) 60 يىل بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇددەتنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان لاي، سۇ بىلەن تۇپراقنىڭ ئارلاشقان ھالىتىدۇر. دۇنيادا سۇ بىلەن تۇپراق ئارلاشتۇرۇلغاندىلا ھاياتلىق مەۋجۇت بولىدۇ. ئىنساننىڭ تۇخۇمىمۇ تۇپراقتىن كەلگەن ئوزۇقلۇقتىن شەكىللىنىدۇ. ئۇ، ئانا رەھمىدىمۇ يەنە تۇپراقتىن كەلگەن ئوزۇقلۇق بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ئىنسان ئۆلگۈچە تۇپراقتىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ھەر قانداق نەرسە يەنە تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا شُيُوخًا وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّى مِنْ قَبْلُ وَلِتَبْلُغُوا أَجَلًا مُسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ.

«ئۇ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن، ئاندىن يېپىشقاق قاندىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن سىلەرنى قىرانلىق چېغىڭلارغا يەتكۈزىدۇ، ئاندىن قېرىتىدۇ. ئۇ بەزىڭلارنى بۇرۇن ئۆلتۈرىدۇ، بەزىڭلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە يەتكۈزىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!»-مۇئمىن، 40/67.

ئەجەلى مۇسەمما (بىكىتىلگەن ئەجەل) بولسا، ئىنسان ياشايدىغانغا بەلگىلەنگەن بىر مۇددەتتۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالا ئۆلۈمدىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈچۈن ياراتقان ۋە مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان روھنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ئەجەلدۇر.  بۇ مۇددەت ئىچىدە روھ، بەدەننى بىر ئۆيگە ئوخشاش قوللىنىدۇ. بەدەن ئۇيقۇغا كەتكەندە چىقىپ كېتىدۇ، ئويغانغاندا قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن، ئۆلگەن بەدەن بۇزۇلغان ئۆيگە ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەتتە يېڭىدىن يارىتىلغىچە روھ ئۇنىڭغا قايتىپ كەلمەيدۇ.

بەدەن، قىيامەت كۈنى يېڭىدىن يارىتىلغاندىن كېيىن ئۆلمەيدۇ، قېرىمايدۇ ۋە كېسەل بولمايدۇ.  نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ.

«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا، جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»-بەقەرە،2/82.

جەھەننەمدىكىلەرگىمۇ ئۆلۈم بولمايدۇ. ئۇلار ھەققىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآَيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَاخَالِدُونَ

«كاپىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر بولسا، دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۇ قالىدۇ»-بەقەرە،2/39.

 جەھەننەمدىكىلەرنىڭ تېرىلىرى داۋاملىق ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآَيَاتِنَا سَوْفَ نُصْلِيهِمْ نَارًا كُلَّمَا نَضِجَتْ جُلُودُهُمْ بَدَّلْنَاهُمْ جُلُودًا غَيْرَهَا لِيَذُوقُوا الْعَذَابَ.

«شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى يېقىندا ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. قاچانىكى ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشسا، ئازابنى تېتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا باشقا تېرىلەر يەڭگۈشلەپ قويىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىب كەلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-نىسا،4/56.

دۇنيادا ئىنسان ياشىغان مۇددەت، بەدەننىڭ ھايات تۇرغان مۇددىتىدۇر. ئىنسان ئۆزىدىن كەلگەن سەۋەبلەر ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كەلگەن سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈشى مۇمكىن. بۇنداق سەۋەبكە باغلانغان ئۆلۈم ئۇنىڭ ياشىشىغا بىكىتىلگەن ئەجەلدىن بۇرۇن يۈز بەرگە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ. يَمْحُوا اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ وَعِنْدَهُ أُمُّ الْكِتَابِ.

«ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ»-«كىتابنىڭ ئاساسى ( لەۋھۇلمەھپۇز) اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر»-رەئد،13/38-39.

وَمَا يُعَمَّرُ مِن مُّعَمَّرٍوَلَا يُنقَصُ مِنْ عُمُرِهِ إِلَّا فِي كِتَابٍ إِنَّ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ

«ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن اﷲ قا ئاسان»-فاتىر،35/11.

بۇ ئايەتلەردىن ئىككى نەرسىنىڭ ئۆمۈرنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. بىرى خاتا يولدا مېڭىش. يەنە بىرى ئاللاھ يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلىش. ئىنساننىڭ ئەجىلى ئۆزىنىڭ خاتا قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن قىسقىرايدۇ، ھەم شۇنداقلا خاتا يول باشقىلارنىڭ ئەجىلىنىڭمۇ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

داۋامى بار….

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار  

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر