سوئال:
ئەرلەر چاچ ياساتقاندا ساتىراش چاچنى قايچا بىلەن ياسىسا بولامدۇ؟
ناماز ئوقۇغاندا ئۆزىنىڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇننى چوڭلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ سىزگە ئەجىر ئاتا قىلسۇن.
جاۋاب:
1- ئەرلەرنىڭ چېچى ئاياللارنىڭ چېچىغا ياكى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ چېچىغا ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان»- بۇخارى 5885؛ ئىبنى ماجە 558)،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ» بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.
دېمەككى، مۇھىمى چاچنى نېمە بىلەن ياساش ئەمەس، چاچنى قانداق ياساشتۇر.
2- جامائەتنىڭ سەپتە تۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر مۇنداق:
ھەر مۇسۇلماننىڭ نامازنى جامائەت بىلەن ئالدى سەپتە ئوقۇشقا غەيرەت قىلىشى لازىم.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر كىشىلەر ئەزاننىڭ ۋە ئاۋۋالقى سەپتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەك تاشلىغان بولاتتى»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ سەپنى ئۆزىدىن يىراقراق قىلىپ تۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا:
«ئالدىغا ئۆتۈڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرگە سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىكى كىشىلەر ئەگەشسۇن، بىرەر قەۋم پەزىلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن كەينىگە چېكىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇ قەۋمنى ساۋابنى قولغا كەلتۈرۈشتىن چېكىندۈرۈۋېتىدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئالدى سەپنى توشقۇزۇش، سەپتە تۈز تۇرۇش ۋە ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئىلىم ئەھلى كىشىلەرنىڭ تۇرۇشى كېرەك:
ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا بىزنىڭ مۈرىلىرىمىزنى تۇتۇپ، سەپنى تۈزەيتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سەپراس تۇرۇڭلار، نېرى-بېرى تۇرماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار باشقا-باشقا بولۇپ كېتىدۇ. ماڭا سىلەردىن بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاقىلراق بولغانلىرىڭلار يېقىن تۇرسۇن، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغان كىشىلەر، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغان كىشىلەر يېقىن تۇرسۇن»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
1) ئىمامنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپلىرىنى توغرىلىشىغا بۇيرۇشى. ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن سەپتە تۈز تۇرمىسا، ئىمام ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى بىۋاسىتە تۈزىلىشى لازىملىقى.
2) ئىمامنىڭ كەينىدىكى سەپتە ئىلىم، ئەقىل ۋە ياشقا چوڭراق كىشىلەرنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەپلەردە ئادەتتىكى كىشىلەر، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىدە كىچىك بالىلار، ئۇلارنىڭمۇ كەينىدە ئاياللارنىڭ تۇرۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
3) ئىمامنىڭ ئارقىسىدا كىچىك بالا ياكى ئىمامنىڭ تاھارىتى سۇنۇپ كەتسە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ نامازنى داۋاملاشتۇرالىغۇدەك سەۋىيەدە دىنى مەلۇماتى بولمىغانلار تۇرۇپ قالغان بولسا، بۇنداقلار ئارقا سەپتە تۇرۇۋاتقان ئىلىم ئەھلى كىشىلەرگە ئورنىنى بىكارلاپ بېرىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
4) سەپنىڭ ئىمامنىڭ ئارقىسى ھېسابلانمايدىغان يەرلىرىدە تۇرغانلارنىڭ ئورۇنلىرىنى ئارقىسىدىكى مويسىپىتلارغا بىكارلاپ بېرىشلىرىنىڭ لازىم ئەمەسلىكى.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەپراس تۇرۇڭلار، مۈرەڭلەرنى تەكشى قىلىڭلار، بوش قالغان يەرنى تولدۇرۇڭلار، سەپ تۈزىگۈچى قېرىندىشىڭلارغا مۇلايىم بولۇڭلار، شەيتانغا يوچۇق قالدۇرماڭلار، كىم ئالدىنقى سەپكە يەتسە ئاللاھ تائالامۇ ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزىدۇ. كىمكى ئالدىنقى سەپنى ئۈزۈپ قويسىلا (بوشلۇق تولدۇرۇلمىسا) ئاللاھ تائالامۇ ئۇنى ئۈزۈپ قويىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
1) سەپلەرنى تۈز قىلىشنىڭ ۋە تولدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئالدىنقى سەپ توشقۇزۇلماي تۇرۇپ، يېڭىدىن سەپ تۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى.
2) بۇ ھەدىستە سەپلەرنى بوش قويۇپ قويۇشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئالدىنقى سەپ توشقۇزۇلماي ياكى ئازراق بوش ئورۇن بار تۇرۇپ ئۆزى يەنە بىر سەپتە تۇرۇش ۋە سەپلەرنى تۈز قىلماسلىق بولسا، شەيتاننىڭ شۇنداق ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە ۋەسۋەسىسى ئىكەنلىكى.