﴿قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ هَلۡ تَنقِمُونَ مِنَّآ إِلَّآ أَنۡ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلُ وَأَنَّ أَكۡثَرَكُمۡ فَٰسِقُونَ ٥٩ قُلۡ هَلۡ أُنَبِّئُكُم بِشَرّٖ مِّن ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِندَ ٱللَّهِۚ مَن لَّعَنَهُ ٱللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيۡهِ وَجَعَلَ مِنۡهُمُ ٱلۡقِرَدَةَ وَٱلۡخَنَازِيرَ وَعَبَدَ ٱلطَّٰغُوتَۚ أُوْلَٰٓئِكَ شَرّٞمَّكَانٗا وَأَضَلُّ عَن سَوَآءِ ٱلسَّبِيلِ ٦٠ وَإِذَا جَآءُوكُمۡ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَقَد دَّخَلُواْ بِٱلۡكُفۡرِ وَهُمۡ قَدۡ خَرَجُواْ بِهِۦۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا كَانُواْ يَكۡتُمُونَ ٦١ وَتَرَىٰ كَثِيرٗا مِّنۡهُمۡ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَأَكۡلِهِمُ ٱلسُّحۡتَۚ لَبِئۡسَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٦٢ لَوۡلَا يَنۡهَىٰهُمُ ٱلرَّبَّٰنِيُّونَ وَٱلۡأَحۡبَارُ عَن قَوۡلِهِمُ ٱلۡإِثۡمَ وَأَكۡلِهِمُ ٱلسُّحۡتَۚ لَبِئۡسَ مَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ ٦٣ وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ يَدُ ٱللَّهِ مَغۡلُولَةٌۚ غُلَّتۡ أَيۡدِيهِمۡ وَلُعِنُواْ بِمَا قَالُواْۘ بَلۡ يَدَاهُ مَبۡسُوطَتَانِ يُنفِقُ كَيۡفَ يَشَآءُۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُم مَّآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ طُغۡيَٰنٗا وَكُفۡرٗاۚ وَأَلۡقَيۡنَا بَيۡنَهُمُ ٱلۡعَدَٰوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ كُلَّمَآ أَوۡقَدُواْ نَارٗا لِّلۡحَرۡبِ أَطۡفَأَهَا ٱللَّهُۚ وَيَسۡعَوۡنَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَسَادٗاۚ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُفۡسِدِينَ ٦٤﴾
تەرجىمىسى
59 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! بىز ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا، ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار فاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزگە نەپرەت قىلىۋاتامسىلەر؟».
60 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا جازاسى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان، غەزەپ قىلغان، بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىشىلەردۇر، شۇنداقلا ئۇلار تاغۇتقا ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان بولغان ۋە توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقان كىشىلەردۇر».
61 – ئۇلار يېنىڭلارغا كەلگەندە: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلار يوشۇرغان نەرسىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
62 – ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ تولىسىنى گۇناھ قىلىشتا، دۈشمەنلىك قىلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بەسلىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
63 – زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار نېمىشقا ئۇلارنى گۇناھ سۆزنى ئېيتىشتىن ۋە ھارامنى يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
64 – يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق» دېدى. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن قوللىرى باغلانسۇن ۋە ئۇلار لەنەتكە قالسۇن! ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، خالىغىنىچە چىقىم قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئۈچۈن ئوت ياقسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈردى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
تەپسىرى
- بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ مۇئمىنلارنى يامان كۆرۈش سەۋەبلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ سەۋەبلەر – مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەنلىكى، ئاللاھ نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ كۆپچىلىكىنى ئازغۇن دەپ قارىغانلىقىدۇر. دېمەككى، مۇئمىنلار بىلەن ئەھلى كىتاب ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ھەق بىلەن باتىل، توغرا بىلەن خاتا ۋە ئادالەت بىلەن زۇلۇمنىڭ پەرقلىق بولۇشىدۇر. شۇڭلاشقا، كافىرلار بىلەن مۇئمىنلار بىرى – بىرىگە زىت ئىككى قۇتۇپتۇر. مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيدىن يىراقلاشقان تەقدىردىلا دوست تۇتىدىغانلىقىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ[1].
- ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز زامانىسىىدىكى ئەھلى كىتابقا، ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ تېخىمۇ يامان ۋە تېخىمۇ ئازغۇن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئېغىر جازالارغا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
61 ~ 63. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە، 57 – ئايەتتىكى چەكلىمىنىڭ يەنى مۇئمىنلارنىڭ ئەھلى كىتابنى ۋە باشقا كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلىشىنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارنىڭ يېنىغا مۇنافىقلىق قىلىش ئۈچۈن كېلىشى، گۇناھ قىلىشتا ۋە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك قىلىشتا ئۆزئارا بەسلىشىشى، ھارام يېيىشى، ئۇلارنىڭ زاھىتلىرىنىڭ ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپلىرىنى ئادا قىلماسلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىلگىرى يەھۇدىيلار گۇناھ قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە غەزىپىگە يولۇققان قەۋمدۇر[2]. ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان گۇناھى ئاللاھ تائالا ھەققىدە ئەڭ قەبىھ ئىككى سۆزنى قىلىشىدۇر: ئۇ سۆزلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» ديىشى[3]. ئىككىنچىسى بولسا، ئۇلارنىڭ: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاغلىق (ئاللاھ بېخىل)» دېيىشىدۇر. ئاللاھ تائالا 64 ~ 66 – ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ بۇ ئىككىنچى قەبىھ سۆزنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى «ئۇلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن، ئۇلارغا لەنەت ياغسۇن!» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرى بىلەن قارغايدۇ ۋە لەنەت ئوقۇيدۇ[4]، ئاندىن ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ قۇرئانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈشى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈشىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشىنىڭ تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاغلىق (ئاللاھ بېخىل)» دېدى، «يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن، ئۇلارغا لەنەت ياغسۇن!» – يەنى يەھۇدىيلار بېخىل ۋە لەنەتگەردى بولۇپ كەتسۇن -، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككىلا قولى ھەر زامان بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئوچۇقتۇر؛ ئاللاھ تائالا پۈتكۈل جانلىقلارنى لازىملىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، خۇسۇسەن ئىنسانىيەتكە سان – ساناقسىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى ياغدۇرۇۋاتىدۇ[5]. لېكىن ئاللاھ ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزى خالىغان كىشىنى باي، ئۆزى خالىغان كىشىنى پېقىر قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى پادىشاھ، ئۆزى خالىغان كىشىنى پۇقرا قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى ئەزىز، ئۆزى خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە ھېكمىتى چوڭقۇر زات ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا باشقۇرۇشتا يەككە – يېگانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر[6].
ئى مۇھەممەد! كۆپىنچە يەھۇدىينىڭ ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ھەسەت قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەنلا توختاپ قالماي مۇئمىنلارنىمۇ ئىمانىدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنىشلىرى، ئاللاھنىڭ قېتىدا ئۇلارنى تېخمۇ بەك ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن قىلىپ قويدى ۋە بۇ قىلمىشلىرى كۇفرىلىقىغا كۇفرىلىق قوشتى[7].
ئى مۇھەممەد! بىز يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشلىرىغا دۇنيادا بىر جازا سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك سالدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن، ھەر پىرقە ئۆز قارىشىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ باشقا قاراشتىكى پىرقىلەرنى ئەيىبلەيدىغان، ھەتتا دىنسىز دەپ قارايدىغان تارقاق ۋە قورقۇنچاق قەۋمگە ئايلاندى، نەگە بارسا خارلىقتا ۋە موھتاجلىقتا قالدى[8]. ئۇلار قاچان ئۇرۇش ئوتى ياقسا (يەنى ئۇلار قاچانىكى مۇئمىنلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىسا) ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەقستىگە يېتەلمىدى. بۇ ئىش قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىدۇ[9]. شۇنىڭدەك، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ[10].
[1] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 73 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 61 – ۋە 88 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 112 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 46 – ۋە 52 – ئايەتلەر؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 13 -، 60 – ۋە 64 – ئايەتلەر.
[3] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 181 – ئايەت.
[4] بۇ خىل قارغىش ئىپادىلىرى قۇرئان كەرىمدە ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: 111 – سۈرە مەسەد، 1 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[5] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 6 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 34 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 18 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ئايەت.
[6] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 26 – ۋە 27 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 30 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 62 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 27 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 83 – ئايەت؛ 85 – سۈرە بۇرۇج، 16 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 90 – ۋە 109 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 54- ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 125 – ئايەت.
[8] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 111 – ۋە 112 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 159- ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 53 ~ 56 – ئايەتلەر؛ 59 – سۈرە ھەشر، 14 – ئايەت.
[9] قاراڭ: 30 – سۈرە رۇم، 47 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت.
[10] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 167 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 8 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 43 – ئايەت.






