قۇرئان يولى
پەيغەمبەر ۋە ئەسھابى گۇناھكارمۇ؟ 1

پەيغەمبەر ۋە ئەسھابى گۇناھكارمۇ؟

پەيغەمبىرىمىز مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتى ۋە مەككىگە قايتىۋاتقان كارۋانلارغا ھۇجۇم قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن قۇرەيشلىكلەرمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىغان. بۇ ۋەقە توغرىمۇ؟ بۇ ۋەقەدە پەيغەمبىرىمىز ۋە ئەسھابى گۇناھكاردەك كۆرىنىدىكەن! ئەگەر بۇ رىۋايەتلەر توغرا بولمىسا، مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن قايسى سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىندى؟

جاۋاب:

ئالدى بىلەن، تارىخىي ۋەقەلەرنى تەكشۈرگەندە، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى بىلەن بىر پۈتۈن ھالدا، ئىلگىرى-كېيىنكى ئەھۋاللار بىلەن بىللە ئانالىز قىلىش، پارچە-پارچە يېقىنلاشماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ قوياي.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئەسھابى پەقەت دىنىي ئېتىقادلىرى سەۋەبىدىن يۇرتلىرىنى ۋە بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى تاشلاشقا؛ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھەبەشىستانغا، بىر قىسمى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. مەككىلىكلەر مۇسۇلمانلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىپ، مال-مۈلۈكلىرىنى ئىگەللىۋىلىش بىلەنلا قالماي، ئۇلار پاناھلانغان ھەبەشىستان، مەدىنە ھۆكۈمدارلىرىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئەمەلدارلارغا ھەر خىل سىياسىي بېسىملارنى ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى ھىمايىسىگە ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. (قاراڭ: ئىبنى ھىشام، سىرەتۇ ئىبنى ھىشام، 217-بەت ۋە باشقىلار؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 4-جىلد، 198-بەت)

قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنىڭ كافىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان قىزىل سىزىقلار مۇنداق كۆرسىتىلمەكتە:

لَّا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَلَمۡ يُخۡرِجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ أَن تَبَرُّوهُمۡ وَتُقۡسِطُوٓاْ إِلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ  إِنَّمَا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَٰتَلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَأَخۡرَجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ وَظَٰهَرُواْ عَلَىٰٓ إِخۡرَاجِكُمۡ أَن تَوَلَّوۡهُمۡۚ وَمَن يَتَوَلَّهُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ 

«ئاللاھ، دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر»-(60-سۈرە مۇمتەھىنە، 8 ~ 9- ئايەتلەر).

ئايەتلەرگە ئاساسەن، كافىرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۈچ قىزىل سىزىقىمىز بار:

1- دىنىمىز سەۋەبىدىن بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىشى،

2- بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىشى،

3- يۇرتىمىزدىن چىقارغانلارغا ياردەم بېرىشى.

مەككىلىكلەرنىڭ بۇ ئۈچ قىزىل سىزىقنىڭ ھەممىسىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئېنىق كۆرۈنمەكتە. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، مەككىدە ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي بېسىم قىلغان ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولغان قۇرەيىشلەرنىڭ كارۋانلىرىنى مەدىنە ئەتراپىدىن ئۆتىشىنى چەكلەش ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بەرگەن. (قاراڭ: مۇھەممەد ھامىدۇللاھ، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى، ياغمۇر نەشرىياتى، 4-نەشرى، 56-بەت)

شۇڭا، مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرەيشكە ئائىت كارۋانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بۇلاڭچىلىق ياكى ناھەقچىلىك ئەمەس، بەلكى دۈشمەنگە قارشى ئېلىنغان ناھايىتى نورمال بىر ئۇرۇش تاكتىكىسىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر