ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە فىردەۋس جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ دۇنيادا قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿قَدۡ أَفۡلَحَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ١ ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي صَلَاتِهِمۡ خَٰشِعُونَ ٢ وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَنِ ٱللَّغۡوِ مُعۡرِضُونَ ٣ وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِلزَّكَوٰةِ فَٰعِلُونَ ٤ وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ ٥ إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ ٦ فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ ٧ وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ ٨ وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَوَٰتِهِمۡ يُحَافِظُونَ ٩ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡوَٰرِثُونَ ١٠ ٱلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلۡفِرۡدَوۡسَ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ ١١
«1 – مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ. 2 – ئۇلار نامىزىدا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچى كىشىلەردۇر. 3 – ئۇلار بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر. 4 – ئۇلار زاكاتنى بېرىپ ئۆزىنى پاكلىغۇچى كىشىلەردۇر. 5 – ئۇلار ئىپپىتىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر، 6 – پەقەت ئۆز جۈپتىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مالامەت قىلىنمايدۇ، 7 – كىم ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. 8 – ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر. 9 – ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى كىشىلەردۇر. 10 – ئەنە شۇلار ۋارىس بولغۇچى كىشلەردۇر. 11 – ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر» – (23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 1 ~ 11 – ئايەتلەر).
بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
ئاللاھ تائالا 91 – سۈرە (شەمس)نىڭ بېشىدا 11 قېتىم قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى پاكلىغان كىشىنىڭ مۇرادىغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا 11 ئايەتتە ئۆزىنى پاكلاشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ ۋە مۇرادىغا يېتىشنىڭ نېمىكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئاللاھقا ۋە ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە لايىق رەۋىشتە ئىشەنگەن كىشىلەر چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.
بۇ ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە «مۇرادىغا يېتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «فەلاھ – فلاح» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن «ئەفلەھە -أفلح» پېئىلىدۇر، جەزمەنلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆتكەن زامان پېئىلى كەلگەن، پېئىلنىڭ بېشىدىكى «قەد – قد» بۇ جەزمەنلىكنى تەكىتلەيدۇ.
فەلاھ – ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىققا ئېرىشىش دېگەن بولۇپ، بۇنى ھەر كىشى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا شەرتلەرنى ئورۇندىغان كىشى ئېرىشىدۇ[1]. مەزكۇر نېمەتلەر ھەر ئىنساننىڭ فىترىتىگە سىڭىپ كەتكەن مۇراد – مەقسەت بولغانلىقى ۋە ھەر ئىنساننىڭ ئۇلارغا يېتىشنى ئارزۇ قىلغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارغا مۇئەييەن سۈپەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغانلىقى «فەلاھ – فلاح» كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ۋە سۈپەتلەر بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ پېئىل ۋە سۈپەتلەر «مۇرادىغا يېتىش» دېگەن ئىپادىنىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن ئىزاھلاندى[2].
- ئۇ مۇئمىنلار ئۆتىگەن ھەر نامىزىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى كىشىلەردۇر؛ مۇرادىغا يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىنكى بىرىنچى سۈپىتى نامىزىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ ئاللاھقا ئېھتىرام قىلىشتۇر.
بۇ ئايەتتە «ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى» دەپ مەنە بېرىلگەن كەلىمە «خۇشۇئـ» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن كۆپلۈك ئېنىق سۈپەتداش بولغان «خاشىئىنە -خاشعين»دۇر. «خۇشۇئ – خشوع» – ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، ئېھتىرام قىلىش ۋە قورقۇشنىڭ بىرلەشكەن ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، ناماز ئۆتەش ئېغىر كەلمەيدىغان مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتىدۇر[3].
نامازنىڭ ئىچىدىكى «خۇشۇئـ» بولسا، ئۇ ناماز ئۆتىگۈچىنىڭ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولغانلىق چۈشەنچىسى بىلەن تەۋازۇ كۆرسىتىپ بويۇن ئېگىشى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ دىلىنىڭ كامالى ئېھتىرام تۇيغۇسى ئىچىدە بولۇشى، ۋۇجۇد ئورگانلىرىدا ئۇ ئېھتىرام تۇيغۇسى بىلەن بىر جىمجىتلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى، كۆزلەرنىڭ سەجدە قىلىدىغان يەرگە تىكىلىپ، باشقا بىر نەرسە بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى قاتارلىق ھالەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر[4].
«خۇشۇئـ» نامازنىڭ روھى بولۇپ، مۇئمىن بىلەن مۇنافىقنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ نامازلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتۇر؛ مۇئمىنغا ناماز ئېغىر كەلمەيدۇ، مۇنافىققا ئېغىر كېلىدۇ، مۇئمىن نامازغا روھلۇق ھالەتتە كېلىدۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆتەيدۇ، مۇنافىق ھۇرۇنلۇق بىلەن كېلىدۇ، خۇشياقماسلىق بىلەن ئۆتەيدۇ[5].
- ئۇ مۇئمىنلار پايدىسىز سۆز – ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر. مۇرادىغا يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىنكى ئىككىنچى سۈپىتى كېرەكسىز ئوي – خىيال، بىھۇدە گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشتۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ بىھۇدىلىكلەردىن يىراق تۇرۇشنى مۇرادىغا يەتكۈچى مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىدۇ. باشقا ئىككى ئايەتتە ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ياخشى خىسلەتلىرىنىڭ قاتارىدا زىكىر قىلىدۇ[6]. دېمەككى، بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، گۈزەل ئەخلاققا زىت بولۇپ، نىجاتلىققا ئېرىشىشكە توسالغۇ بولىدۇ.
- ئۇ مۇئمىنلار پۇل – ماللىرىنىڭ زاكاتلىرىنى بېرىپ ئۆزلىرىنى پاكلاش ئۈچۈن تىرىشقۇچى كىشىلەردۇر. مۇرادىغا يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىنكى ئۈچىنچى سۈپىتى زاكىتىنى ئايرىپ تېگىشلىك ئورۇنغا بېرىش بىلەن ئۆزىنى گۇناھتىن، مېلىنى ھارامدىن پاكلاشتۇر.
«زاكات» – مۇئەييەن ئۆلچەمگە يەتكەن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا نەق پۇل، تىجارەت ماللىرى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر، زىرائەت مەھسۇلاتى قاتارلىق نەرسىلەردىن، مەلۇم شەخس ۋە ئورۇنلارغا سەرپ قىلىنىش ئۈچۈن ئېلىنغان مۇئەييەن مىقدار دېگەن بولىدۇ. مەزكۇر ماللاردىن بۇ مىقدارنى ئايرىش، «زاكات ئايرىش»، ئۇنى تېگىشلىك شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىش «زاكات بېرىش» دەپ ئاتىلىدۇ[7].
5 – 7. ئۇلار ئىپپىتىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر، پەقەت ئۆز جۈپتىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مالامەت قىلىنمايدۇ. كىم ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.
ئاللاھ تائالا نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بىردىن كۆپ (تۆتكىچە) ئايالنى نىكاھىغا ئالغان تەقدىردە ئادىل مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورققان ئەرلەرنى بىر ئايالنى ياكى بىر چۆرىنى نىكاھىغا ئالسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[8]، ئەرلەرگە نىكاھىغا ئېلىش ھالال قىلىنغان ئاياللارنىڭ قاتارىدا چۆرىلەرنىمۇ زىكىر قىلىدۇ[9]، ئازاد مۇئمىن ئايالنى نىكاھىغا ئېلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمەيدىغان ئەرلەرگە مۇئمىن چۆرىلەردىن نىكاھىغا ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ[10].
مۇناسىۋەتلىك ئۇ ئايەتلەر مۇئمىننىڭ ھۆر (قۇل ئەمەس) مۇئمىن ئايالنى، قادىر بولالمىسا مۇئمىن چۆرىنى نىكاھىغا ئېلىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھۆر مۇئمىننىڭ ھۆر مۇئمىن ئايالى ياكى چۆرە مۇئمىن ئايالى بولىدۇ. چۈنكى ھۆر مۇئمىن ئەرنىڭ چۆرە مۇئمىن ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھۆر مۇئمىن ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشقا قادىر بولالماسلىقى شەرت قىلىنغان. بۇ سەۋەبتىن بىر ھۆر مۇئمىن ئەرنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايالى بولغان تەقدىردە ھەممىسىنىڭ ھۆر بولۇشى لازىم. ناۋادا ھۆر ئايالىنىڭ ئۈستىگە بىرەر چۆرىنى ئالماقچى بولسا ئۇنى قۇللىقتىن ئازاد قىلىپ ئاندىن نىكاھىغا ئالالايدۇ.
مۇئمىن ئايالغا كەلسەك، ئۇ (ۋەلىيلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن) خالىسا ھۆر مۇئمىن ئەرگە، خالىسا مۇئمىن قۇلغا ياتلىق بولىدۇ. 2 – سۈرە (بەقەرە)نىڭ 221 – ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئايال كىشى پەقەت بىرلا ئەر بىلەن نىكاھلىنالىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولدىشى يا ھۆر مۇئمىن ياكى قۇل مۇئمىن بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھۆر مۇئمىننىڭ يا ھۆر ياكى قۇل جۈپتى بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئايەتتە ۋە 70 – سۈرە (مەئارىج)نىڭ 29 ~ 31 – ئايەتلىرىدە ئۆز ئىپپىتىنى ھۆر بولسۇن قۇل بولسۇن ئۆز جۈپتىلىرىدىن باشقا كىشىلەردىن ساقلاش مۇرادىغا يېتىدىغان مۇئمىنلارنىڭ تۆتىنچى سۈپىتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
- ئۇ مۇئمىنلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
بۇ ئايەتتە ئامانەت ۋە ئەھدىگە رىئايە قىلىش مۇرادىغا يېتىدىغان مۇئمىنلارنىڭ بەشىنچى سۈپىتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئەھدىگە رىئايە قىلىشنىڭ مەنىسى ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى[11]. ئامانەتكە رىئايە قىلىشنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، ئۇ تۆۋەندىكىچە:
1) ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنىڭ ھەر بىرى بىرەر ئامانەت بولۇپ، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئىلاھىي ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقىتۇر[12].
2) ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئىش، شىركەت، مۇئەسسە ۋە تەشكىل، بولۇپمۇ دۆلەت بىرەر ئامانەت بولۇپ، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى لاياقەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇش، دۆلەت مېخانىزمىنى قۇرۇشتا، ھۆكۈمەت تەشكىللەشتە ۋە ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى بەلگىلەشتە ھەر جەھەتتىن لايىق كىشىلەرنى تاللاش، بۇ ئامانەتلەرگە رىئايە قىلغانلىقتۇر[13].
3) بىراۋ، ۋاقتىنچە ساقلاپ بېرىش ياكى بىرەر كىشىگە ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن تاپشۇرغان نەرسە، باشقا بىرەر كىشى ياكى بىرەر جامائەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاپشۇرغان سۆز ئامانەت بولۇپ، ئۇلارنى تاپشۇرۇۋېلىنغان بويىچە ئىگىسىگە قايتۇرۇش ۋە جايىغا يەتكۈزۈش بۇ ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقتۇر[14].
- ئۇ مۇئمىنلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى كىشىلەردۇر. نامازلارنى مۇھاپىزەت قىلىش بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش دېگەن بولۇپ، مۇرادىغا يېتىدىغان مۇئمىنلارنىڭ ئالتىنچى سۈپىتىدۇر. بۇ ھەقتە ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى[15].
10 – 11. ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئۇلارنى ھاياتىدا ئەكس ئەتتۈرگەن مۇئمىنلار ۋارىس بولغۇچى كىشلەردۇر. ئۇلار نېمىگە ۋارىس بولىدۇ: ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ بەخت – سائادەتكە ئېرىشىدۇ.
«فىردەۋس»، جەننەتنىڭ ئالاھىدە يېرى بولۇپ بۇ ھەقتە ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى[16].
ئاللاھ تائالا 1 ~ 11 – ئايەتلەردە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ئىبادەتلەرنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغان ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
[1] بۇ ھەقتە 2 – سۈرە (بەقەرە)نىڭ 5 – ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى.
[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 5 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 8 – ۋە 157 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 88 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مۇئمىنۇن)، 102 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 51 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 67 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 5 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 22 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 16 – ئايەت؛ 87 – سۈرە ئەئلا، 14 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 45 – ئايەت.
[4] فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيىب، 3: 490، 23: 259؛ ئىبنى ئاشۇر، تەھرىر ۋە تەنۋىر، 1: 480، 18: 9؛ قاھىرە ئەرەب تىلىى ئاكادېمىيىسى، «خۇشۇئـ»، 1: 235؛ ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، «خۇشۇئـ»، 1: 645؛
سەمىن ھەلەبى، «خۇشۇئـ»، 1: 504.
[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 142 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 54 – ئايەت.
[6] قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 72 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 55 – ئايەت.
[7] زاكات ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، 1: 75 – 96.
[8] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 3 – ئايەت.
[9] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 24 – ئايەت.
[10] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 25 – ئايەت.
[11] قاراڭ: 5 – سۈرە (مائىدە)، 1 – ئايەتنىڭ تەپسرى؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 34 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[12] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 72 – ئايەت.
[13] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 58 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[14] قاراڭ: 8 – سۈرە ئەنفال، 27 – ئايەت.
[15] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 238 – ئايەت؛11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 78 – ئايەت ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرلىرى.
[16] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 107 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.