﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قُمۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغۡسِلُواْ وُجُوهَكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ إِلَى ٱلۡمَرَافِقِ وَٱمۡسَحُواْ بِرُءُوسِكُمۡ وَأَرۡجُلَكُمۡ إِلَى ٱلۡكَعۡبَيۡنِۚ وَإِن كُنتُمۡ جُنُبٗا فَٱطَّهَّرُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ مَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيَجۡعَلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ حَرَجٖ وَلَٰكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمۡ وَلِيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ ٦ وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَمِيثَٰقَهُ ٱلَّذِي وَاثَقَكُم بِهِۦٓ إِذۡ قُلۡتُمۡ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ ٧ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُواْ قَوَّٰمِينَ لِلَّهِ شُهَدَآءَ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنََٔانُ قَوۡمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعۡدِلُواْۚ ٱعۡدِلُواْ هُوَ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ ٨ وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٌ عَظِيمٞ ٩﴾
تەرجىمىسى
6 – ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار. ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!
7 – ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە سىلەردىن ئالغان مۇستەھكەم ئەھدىنى ياد ئېتىڭلار؛ سىلەر ئۇ چاغدا: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
8 – ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن مۇستەھكەم تۇرۇرۇڭلار، ھەققانىيەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار. بىرەر قەۋمگە ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار سىلەرنى ئادالەتسىزلىك قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن. ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا يېقىندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
9 – ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە كاتتا ئەجر بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
تەپسىرى
- ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ناماز ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ شەرتلىكى، تاھارەتنىڭ كىچىك ۋە چوڭ بولۇپ ئىككى تۈرلۈك بولىدىغانلىقى، بۇ تاھارەتلەرنىڭ سۇ بىلەن ئېلىنىدىغانلىقى ۋە سۇ بىلەن ئېلىشقا قادىر بولالمىغانلارنىڭ تەيەممۇم قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى، تەيەممۇمنىڭ شەكلى ۋە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللار قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1) ناماز ئۆتىمەكچى بولغان كىشىنىڭ تاھارەتلىك بولۇشى، تاھارىتى بولمىسا تاھارەت ئېلىشى كېرەكلىكى.
2) تاھارەت كىچىك ۋە چوڭ بولۇپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. كىچىك تاھارەت – يۈزنى يۇيۇش، ئىككى قولنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش، باشقا مەسىھ قىلىش، پۇتلاردا ئاياغ كىيىمى بولسا ۋە ئۇنى تاھارەت بىلەن كىيگـەن بولسا مەسىھ قىلىش، يالاڭ ئاياغ بولسا ئىككى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. چوڭ تاھارەت بولسا، غۇسۇل قىلىش (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش) بىلەن ئېلىنىدۇ[1].
3) كىچىك تاھارەت ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (ھاجەتخانىنىڭ تېشىدا بولسىمۇ ئوخشاش) سۇنۇپ كېتىدۇ. چوڭ تاھارەت بولسا، جۇنۇپ بولۇش (ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇش، ئېھتىلام بولۇش) بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ.
4) كىچىك تاھارىتى ياكى چوڭ تاھارىتى سۇنۇپ كېتىپ، سۇ بىلەن ئۇ تاھارەتلەرنى ئېلىشقا قادىر بولمىغانلار ئىككى ئالىقىنىنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى سىلاش ئارقىلىق تەيەممۇم قىلىدۇ.
ئى مۇئمىنلار! بۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمىغانلىقى، سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۈكۈر قىلغايسىلەر!
ئەسكەرتىش: تەپسىرلەردە بۇ ئايەتتىكى «ئەرجۇلەكۇم – پۇتلىرىڭلار» دېگەن سۆزنىڭ، ئالدىدىكى قايسى سۆزگە باغلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا، شۇنداقلا تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى (كىيىمسىز، يالىڭاچ ھالىتىدە) يۇيۇش كېرەكمۇ ياكى مەسىھ قىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەن ھەقتە ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم – پۇتلىرىڭلار›، ‹ئەيدىيەكۇم – قوللىرىڭلار›غا باغلىنىدۇ، شۇنداقلا تاھارەتتە پۇتلارنى يۇيۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ فەقىھلەرنىڭ ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ كۆپچىلىكى (جۇمھۇر)نىڭ كۆزقارىشىدۇر. يەنە بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم – پۇتلىرىڭلار›، ‹رۇئۇسىكۇم – بېشىڭلار›غا باغلىنىدۇ ۋە تاھارەتتە ئىككى پۇتقا يالىڭاچ ھالىتىدە مەسىھ قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ شىيئىلەردىن ئىمامىييە مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشىدۇر[2].
بۇ ئىشىنىڭ توغرىسى پۇتلىرىغا تاھارەت بىلەن ئاياغ كىيىمى كىيگەنلەرنىڭ مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە، تاھارەت ئالغاندا ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىشى، پۇتلىرى يالاڭ ئاياغ (يالىڭاچ) ھالەتتە تاھارەت ئالغانلارنىڭ پۇتلىرىنى ئىككى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇشىدۇر، چۈنكى بۇ تەقدىردە ئىككى تۈرلۈك قىرائەت (ۋە ئەرجۇلەكۇم، ۋە ئەرجۇلىكۇم)تىن پەرقلىق ئىككى ھۆكۈم چىققان بولىدۇ. ئەمەلىي سۈننەت (پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ تاھارەت ئېلىشى) ۋە مۇناسىۋەتلىك (يازما) ھەدىسلەرمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم).
- بۇ ئايەتتە مۇئمىنلار ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا بەرگەن مۇستەھكەم ئەھدىسىنى ياد ئېتىشكە، شۇنداقلا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇنلىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، بولۇپمۇ ئىسلام نېمىتىنى ئاتا قىلىپ، سىلەرنى قېرىنداشلار ھالىتىگە كەلتۈردى[3]. بۇ نېمەتلەرنى ئەسلەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىڭلار. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەردىن ئالغان، سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دەپ ئاللاھقا بەرگەن مۇستەھكەم ئەھدىنى ياد ئېتىڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىڭلار.
بۇ ئەھدە، ئاللاھ ياراتقان ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرى بىلەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان، ئۇلار ئىمان ئېيتىش بىلەن «ئىتائەت قىلىمىز» دەپ قوبۇل قىلغان ئەھدە بىلەن، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى كائىناتتىكى مەخلۇقاتلار ئۆزلىرىنىڭ مۆجىزىلىك مەۋجۇدىيىتى بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنى تونۇشقا ۋە ئاللاھنىڭ يولىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئۇلارغا بۇ دەۋەتنى يېڭىلاش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ، بۇ دەۋەتلەرنى يەتكۈزگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا مەخلۇقاتنى ياراتقان ۋە قۇرئاننى نازىل قىلغان «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق»، قۇرئاننى يەتكۈزگەن «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ ئىمان ئېيتقان. ئۇلارنىڭ بۇ ئىمانى – ئاللاھنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ چاقىرىقلىرىنى «ئاڭلىدۇق»، ئاللاھ ۋە ئاللاھنبڭ ئەلچىسىگە «چوقۇم ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەنلىكى بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلاردىن ئەنە شۇ شەكىلدە مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان، مۇئمىنلار ئاللاھقا بۇ ئەھدىنى بەرگەن. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلاردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىقمۇ بىرقانچە قېتىم ئەھدە ئالغان، مۇئمىنلار ھەر قېتىمدا: «ئاڭلىدۇق» ۋە ھەرقانداق شارائىتتا «ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن. مەسىلەن: ئىسلام تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق «ئەقەبە بەيئىتى»، «رىزۋان بەيئىتى» ۋە «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى»دىن كېيىن مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان مۇئمىن ئاياللاردىن قوبۇل قىلىنغان «بەيئەت» قاتارلىق بەيئەتلەر ئەنە شۇ ئەھدىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر[4].
ئاللاھ تائالا سۈرىنىڭ بېشىدا بارلىق توختاملارغا رىئايە قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، بۇ ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىشقىمۇ بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئالدىن مۇئمىنلارغا نېمەتلىرىنى ياد ئېتىشنى ۋە ئۇ توختاملارنىڭ ئىچىدىن بۇ ئەھدىلەرنى ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى، شۇنداقلا رىئايە قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ، ئەكسى تەقدىردە جازالاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ.
- ئىسلام دىنى – ئىنسان ھاياتىنى باشقۇرىدىغان ئىلاھىي تۈزۈمدۇر. ئىسلامىي ھايات ئىككى ئىشتا نامايان بولىدۇ: بىرى ئاللاھ تائالاغا تەۋھىد ئېتىقادى بىلەن ئىبادەت قىلىش، يەنە بىرى ئىنسانلارغا ئادالەت ئۆلچىمى بىلەن مۇئامىلە قىلىش. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، نازىل قىلىنغان كىتابلار بۇنىڭ ئۈچۈن نازىل قىلىنغان[5]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ تەۋھىد بىلەن ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋۇرۇس تۇرغۇچىلار بولۇڭلار»، يەنى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ قىلغان نەسىھەتلەرگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ، تەزىم، ئېھتىرام، ئەيمىنىش، ئۈمىد ۋە ئىختىيارىي ئىتائەت قاتارلىقلاردا (ئىبادەتتە) ھېچكىمنى ۋە ھېچ نەرسىنى ئاللاھقا تەڭ قىلماڭلار، شۇنداقلا بۇ قەلبىي ۋە بەدەنىي ئىبادەتلەردىن ئەسلا ۋاز كەچمەڭلار، بۇ ھەقتە ھېچكىم بىلەن مۇرەسسە قىلماڭلار[6].
شۇنىڭدەك، «ھەققانىيەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار»، يەنى گۇۋاھلىق بېرىشتە تۇغقان، دوست ۋە يېقىنلىرىڭلارغا يان باسماڭلار. يات، دۈشمەن ۋە رەقىبلىرڭلارغا ھەقسىزلىق قىلماڭلار. بولۇپمۇ بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ناھەقچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغان بولسىمۇ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا ئادىل بولۇڭلار، ئۇلار ئىچىڭلارنى پۇشۇرغان بولسىمۇ ئۇلارغا ھەققانىي مۇئامىلە قىلىڭلار[7]، ئۇلار توغرىسىدا ئادىل بولۇشۇڭلار ۋە ئۇلارغا ھەققانىي مۇئامىلە قىلىشىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ يېنقىنلاشتۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ.
- ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا تەقۋادارلىققا بۇيرۇش بىلەن ئايەتنىڭ بېشىدا تەۋھىد ۋە ئادالەتكە قىلغان بۇيرۇقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئايەتتە تەقۋادارلىق (تەۋھىد ۋە ئادالەت)نىڭ ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، تەقۋادارلارغا مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى (ئۇلاردىن جازانى ساقىت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئۆز پاناھىغا ئالىدىغانلىقىنى)، شۇنداقلا بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.
[1] قاراڭ 4 – سۈرە نىسا، 43 – ئايەت.
[2] فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 11: 305؛ قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 6: 91.
[3] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 103 – ئايەت.
[4] قاراڭ: 48 – سۈرە فەتھ، 10 – ۋە 18 – ئايەتلەر؛ 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 12 – ئايەت.
[5] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 25 – ئايەت.
[6] مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئېغىزنىڭ ئۇچىدا كۇفۇر سۆزىنى قىلىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا – قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 106 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 199 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 34 – ۋە 35 – ئايەتلەر.