قۇرئان يولى
مائىدە 3~5 1

مائىدە 3~5

﴿حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلۡمُنۡخَنِقَةُ وَٱلۡمَوۡقُوذَةُ وَٱلۡمُتَرَدِّيَةُ وَٱلنَّطِيحَةُ وَمَآ أَكَلَ ٱلسَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيۡتُمۡ وَمَا ذُبِحَ عَلَى ٱلنُّصُبِ وَأَن تَسۡتَقۡسِمُواْ بِٱلۡأَزۡلَٰمِۚ ذَٰلِكُمۡ فِسۡقٌۗ ٱلۡيَوۡمَ يَئِسَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن دِينِكُمۡ فَلَا تَخۡشَوۡهُمۡ وَٱخۡشَوۡنِۚ ٱلۡيَوۡمَ أَكۡمَلۡتُ لَكُمۡ دِينَكُمۡ وَأَتۡمَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ نِعۡمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ ٱلۡإِسۡلَٰمَ دِينٗاۚ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ فِي مَخۡمَصَةٍ غَيۡرَ مُتَجَانِفٖ لِّإِثۡمٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٣ يَسۡ‍َٔلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمۡۖ قُلۡ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ وَمَا عَلَّمۡتُم مِّنَ ٱلۡجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُۖ فَكُلُواْ مِمَّآ أَمۡسَكۡنَ عَلَيۡكُمۡ وَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ ٤ ٱلۡيَوۡمَ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُۖ وَطَعَامُ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ حِلّٞ لَّكُمۡ وَطَعَامُكُمۡ حِلّٞ لَّهُمۡۖ وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ إِذَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحۡصِنِينَ غَيۡرَ مُسَٰفِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِيٓ أَخۡدَانٖۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلۡإِيمَٰنِ فَقَدۡ حَبِطَ عَمَلُهُۥ وَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٥﴾

تەرجىمىسى

3 – سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، توڭگۇزنىڭ گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يەپ قويغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. بۇلاردىن جېنى چىقىپ بولغىچە بوغۇزلىۋالغىنىڭلار مۇستەسنا. شۇنىڭدەك، تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ۋە پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئەنە شۇ فىسقتۇر. بۈگۈن كافىرلار دىنىڭلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇنداقتا ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. كىم گۇناھقا قەستەن مايىل بولماستىن ئاچلىق ھالىتىدە مەجبۇر قېلىپ ئۇ ھاراملاردىن يېسە، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.

4 – ئى مۇھەممەد‍‍‍! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋاندىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار  ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر».

5 – بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ تائامى سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ تائامىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۇئمىن ئاياللاردىن ئىپپەتلىك بولغانلار ۋە سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ئىپپەتلىك بولغان ئاياللار، ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى بېرىش، ئۆيلىنىش، زىنادىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى مەخپى دوست تۇتماسلىق شەرتى بىلەن سىلەرگە ھالالدۇر. كىم ئىمانغا كافىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ، ئاخىرەتتىمۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.

تەپسىرى

  1. بىرىنچى ئايەتتە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى، لېكىن ئۇ ھايۋانلاردىن ھالال بولمايدىغانلىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئالدى بىلەن ئەنە شۇ ھالال بولمايدىغان ھايۋانلار بايان قىلىنىدۇ. ئاندىن كافىرلارنىڭ ئىسلامنى يوق قىلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنگەنلىكى، شۇڭلاشقا ئۇلاردىن قورقماسلىق لازىملىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنىنى كامالەتكە يەتكۈزگەنلىكى، تاماملىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بولۇشىغا رازى بولغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا چارىسىز قالغان كىشىنىڭ ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك مىقداردا يېسە ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، ئۇلارنى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان ھارام قىلىندى. شۇنىڭدەك، سىلەرگە چوشقا گۆشى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغانلىرى، ئۇ ھايۋانلاردىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يەپ قويغان ھايۋانلارمۇ ھارام قىلىندى، لېكىن يېرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋاننىڭ جېنى چىقىپ بولغۇچە يېتىشىپ بوغۇزلىۋالغىنىڭلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. سىلەرگە يەنە تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ۋە پال سېلىشىڭلارمۇ ھارام قىلىندى. ئەنە شۇ ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش ۋە پال سېلىش توغرا يولدىن چىققانلىقتۇر.

ئەسكەرتىش: جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلار بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۈركەپ قويۇلاتتى. بۇ ئايەت بىلەن ئەنە شۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان[1].

ئى مۇئمىنلار! بۈگۈن (ۋىدا ھەججى ئادا قىلىنغان كۈنلىرى) مۇشرىك ۋە باشقا بارلىق كافىرلار ئىسلامنى يوق قىلىشتىن، يەنى سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشتىن ۋە سىلەرگە غالىب كېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇنداقتا، ئۇ كافىرلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار.

ئى مۇئمىنلار! بۈگۈن دىنىڭلارنى ھەر جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزدۇم: ئەقىدە، ئىبادەت، مۇئامىلە، ئەخلاق ۋە باشقا بارلىق دىنىي مەسىلىلەرنى تولۇقلىدىم. بىرەر مەسىلە كەم قالمىغاندەك، بىرەر مەسىلە چالىمۇ قالمىدى. سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، يەنى سىلەرگە نۇسرەت، ئۈستۈنلۈك ۋە ئىززەت ئاتا قىلدىم، غالىبلىق ۋە ھاكىمىيەت بەردىم. ئىسلامنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا رازى بولدۇم، يەنى سىلەرگە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش بىلەن «ھۇزۇرۇمدىكى يېگانە مەقبۇل دىن» بولغان ئىسلامنى ئۆگەتتىم، بۇ ئىسلامنى سىلەرگە دىن قىلىپ بەردىم ۋە مۇشۇنداق قىلىشنى ياقتۇردۇم.

 ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە يۇقىرىدا ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى بىلدۈردۇم، لېكىن ئىچىڭلاردىن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشتىن قورققان كىشى ئۇ ھاراملاردىن جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك مىقداردا يېسە ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭ چارىسىزلىكتىن ھارام يېگەنلىكىنى ئەپۇ قىلىمەن، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىمەن.

4 – 5. ئالدىنقى ئايەتتە ھارام قىلىنغان ھايۋانلار زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئايەتتە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ھالال قىلىنغان يېمىكلىكلەر ۋە نىكاھلىنىش ئۈچۈن ھالال قىلىنغان ئاياللار بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى[2]. شۇنىڭدەك، سىلەر ئوۋچىلىققا كۆندۈرگەن (ئىت، قارچىغا، بۈركۈتكە ئوخشاش) يىرتقۇچ ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ  سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان ئوۋلىرىمۇ ھالال قىلىندى. ئۇ ھايۋانلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان ئوۋلىرىدىن يەڭلار ۋە ئۇ ھايۋانلارنى ئوۋغا ئەۋەتىش ۋە ئۇلار ئوۋلىغان ئوۋنىڭ گۆشىنى يېيىش ئالدىدا ‹بىسمىللاھ…› دەڭلار».

دېمەككى، ئوۋچى ھايۋانلار ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئوۋغا قويۇپ بېرىدىغان چاغدا ئىگىسىنىڭ «بىسمىللاھ…» دېگەن بولۇشى ۋە ئۇ ھايۋانلار ئوۋلىغان ئوۋلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ يېمەسلىكى لازىم. ناۋادا ئۇ ھايۋانلار ئوۋلىغان ئوۋلىرىدىن يېگەچ تۇرغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئوۋنى ئىگىسى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوۋلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئوۋچى ھايۋانلار يۇقىرىدىكى شەرتلەر بىلەن ئوۋلىغان ئوۋلار ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ يېگىلى بولىدۇ. ئەمما ئوۋچى ھايۋانلار ئەمەس يىرتقۇچ ھايۋانلار ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ۋە ئوۋچى ھايۋانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوۋلىغان ھايۋانلارنى تىرىك ھالدا يېتىشىپ بوغۇزلىغان تەقدىردىلا يېگىلى بولىدۇ[3].

ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بولۇپمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھاراملاردىن يېمەڭلار. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇقسىلەر.

ئى مۇئمىنلار! بۈگۈن (مەن دىنىڭلارنى كامىل قىلغان كۈنى) سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. شۇنىڭدەك، ئەھلى كىتابنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ) بوغۇزلىغان ھايۋانلىرى سىلەرگە ھالال قىلىندى، سىلەرنىڭ بوغۇزلىغان ھايۋانلىرىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالال قىلىندى. شۇنىڭدەك، سىلەرگە ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللار ۋە ئەھلى كىتابتىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارمۇ ھالال قىلىندى. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئاياللارنىڭ سىلەرگە ھالال بولۇشى، ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى بېرىش، ئۇلارنى لايىق رەۋىشتە نىكاھىڭلارغا ئېلىش ۋە ئۇلارنى مەخپىي ئاشنا قىلىۋالماسلىق شەرتلىرىنى ئورۇندىشىڭلارغا باغلىقتۇر. كىمكى يۇقىرىدىكى ھاراملارنى مۇباھ سانايدىكەن، ئۇ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.

[1] فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 11: 285.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 168 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.

[3] قاراڭ: ئالدىنقى (3 -) ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر