قۇرئان يولى
مائىدە 14 ~17 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە 14 ~17 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿وَمِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّا نَصَٰرَىٰٓ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَهُمۡ فَنَسُواْ حَظّٗا مِّمَّا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَأَغۡرَيۡنَا بَيۡنَهُمُ ٱلۡعَدَاوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَسَوۡفَ يُنَبِّئُهُمُ ٱللَّهُ بِمَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ ١٤ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ قَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمۡ كَثِيرٗا مِّمَّا كُنتُمۡ تُخۡفُونَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖۚ قَدۡ جَآءَكُم مِّنَ ٱللَّهِ نُورٞ وَكِتَٰبٞ مُّبِينٞ ١٥ يَهۡدِي بِهِ ٱللَّهُ مَنِ ٱتَّبَعَ رِضۡوَٰنَهُۥ سُبُلَ ٱلسَّلَٰمِ وَيُخۡرِجُهُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذۡنِهِۦ وَيَهۡدِيهِمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ١٦ لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡ‍ًٔا إِنۡ أَرَادَ أَن يُهۡلِكَ ٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَأُمَّهُۥ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗاۗ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ١٧﴾

تەرجىمىسى

14 – بىز «شۈبھىسىزكى، بىز ناسارا» دېگەنلەردىنمۇ مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

15 – ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھتىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى.

16 – ئاللاھ، ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىنى ئۇ كىتاب بىلەن قۇتۇلۇش يوللىرىغا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رۇخسىتى بىلەن زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ.

17 – شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھنى بۇ ئىرادىسىدىن توسۇپ قالالايدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».

تەپسىرى

  1. ئى مۇئمىنلار! بىز خرىستىئانلاردىنمۇ ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئەھدىسىنى بۇزدى ۋە ئۆزلىرىگە ئۆگىتىلگەن ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك سالدۇق. بۇ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسىدۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە قىلمىشلىرىنىڭ ئەسلىي جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ. 12 ~ 14 – ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ خۇلاسىسى شۇكى:

ئى مۇئمىنلار! سىلەر بەنى ئىسرائىل ۋە خرىستىئانلاردەك بولماڭلار، ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەكسى تەقدىردە دۇنيادا لەنەتكە ئۇچرايسىلەر، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر.

15 – 16. ئەھلى كىتابنىڭ ئەسكى ئۆلىمالىرى ئۆز كىتابلىرى (تەۋرات ۋە ئىنجىل)دىكى ئەھكام ۋە مەلۇماتلارنىڭ تولىسىنى يوشۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىلىمسىزلىرى ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشەتتى. بۇ ئىككى تەبىقە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بەزى ياخشى ئۆلىمالىرى ئۇلارغا قارشى چىقسىمۇ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايتتى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر پەيغەمبەر كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى[1]، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ئەمەس، ئەرەبلەردىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى چىدىماي ئىنكار قىلغان[2]. ئەمما ئاز ساندىكى ياخشى ئۆلىمالىرى ئىمان كەلتۈرگەن ئىدى[3].

شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە ئۇ كۆپچىلىككە «ئى ئەھلى كىتاب!» ئىپادىسى بىلەن خىتاب قىلىنىپ، ئۇلار تەنقىدلىنىدۇ ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئاز سانلىق كىشىلەر بولسا مەدھىيىلىنىدۇ[4].

ئەنە شۇ كۆپچىلىكنىڭ زۇلۇم ۋە قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا «باشتا ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلغان»[5]. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم ۋە قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى يوشۇراتتى[6]. شۇنىڭدەك، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىكى سۈپەتلىرىنى ۋە پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ يوشۇراتتى[7].

 ئاللاھ تائالا بۇ (15 – ۋە 16 -) ئايەتلەردە مەزكۇر كۆپچىلىك ئەھلى كىتابقا خىتاب قىلىپ، ئۆز ئەلچىسىنىڭ ئۇلارغا كەلگەنلىكىنى، ئۇ ئەلچىنىڭ ئۇلار يوشۇرۇپ كەلگەن ئەھكام ۋە مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ، بىر قىسمىنى بايان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى ئەھلى كىتاب! (ئى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان كىتابنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان موللىلار! ئى ئۇ موللىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتقان جاھىللار گۇرۇھى!) سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز (مۇھەممەد) كەلدى. ئۇ ئەلچى سىلەر ئۆز كىتابىڭلاردىن يوشۇرۇپ كەلگەن نۇرغۇن ئەھكام ۋە مەلۇماتلارنى سىلەرگە ئاشكارىلايدۇ، نۇرغۇنلىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرگە يولۇڭلارنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ۋە ھەر نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان كىتاب (قۇرئان) كەلدى[8]. ئاللاھ ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشىنى ئۇ كىتاب بىلەن خاتىرجەملىك يوللىرىغا باشلايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىپ قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ[9].

  1. خرىستىئانلار: «ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھ (ئىيسا)دۇر»، «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر»، «ئىلاھ ئۈچتۇر»، «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەن سۆزلەرنى قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن توسىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىش بىلەن كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ[10]. جۈملىدىن بۇ ئايەتتىمۇ باشتا «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ (ئىيسا)دۇر» دېگەن بۇ خرىستىئانلارنىڭ كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇھەممەد! «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ (ئىيسا)دۇر» دېگەن خرىستىئانلار ھەقىقەتەن كافىر بولۇپ كەتتى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى:

ئاللاھ مەسىھ ئىيسانى، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھنىڭ بۇ ئىرادىسىگە قارشى تۇرالايدۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى  ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى خالىغان چاغدا خالىغىنى بويىچە يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئادەمنى تۇپراقتىن ئاتا – ئانىسىز ياراتقان، ئىيسانى مەريەمدىن ئاتىسىز ياراتقان. ئاللاھ بىرەر نەرسە ياراتماقچى بولسا «بولغىن» دەيدۇ، ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئاسمانلار، زېمىن، باشقا مەخلۇقاتلار، ئادەم ۋە ئىيسا ھەممىسى ئەنە شۇ «بولغىن» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇق بىلەن ئاپىرىدە بولغان.

ئى خرىستىئانلار! ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرى بولغان ئىيسا قانداقمۇ ئاللاھ بولسۇن؟! قانداقمۇ ئاللاھنىڭ ئوغلى بولسۇن؟! ئاللاھ تەرىپىدىن مۆجىزىلىك ھالەتتە ئاتىسىز يارىتىلغان ئەنە شۇ ئىيسا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كېلىپ بۇ ئىيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمگە بەرگەن پەرىشتە جىبرىئىل ۋە ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ، ئۈچى بىرلىشىپ قانداقمۇ «ئۈچلۈك بىر ئىلاھ» بولسۇن؟! بۇ ئېتىقادىڭلاردا زىتلىق يوقمۇ؟ «بىر» قانداقچىسىغا «ئۈچ»، «ئۈچ» قانداقچىسىغا «بىر» بولىدۇ؟

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 89 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 90 – ۋە 91 – ئايەتلەر.

[3] قاراڭ: 13 – سۈرە رەئد، 36 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 47 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 121 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.

[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 160 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 146 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 93 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.

[7] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 6 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 174 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 89 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 138 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 82 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 106 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 20 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 171 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 72 – ۋە 73 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 30 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر