قۇرئان يولى
مائىدە 10 ~ 13 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە 10 ~ 13 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِ‍َٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ ١٠ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ هَمَّ قَوۡمٌ أَن يَبۡسُطُوٓاْ إِلَيۡكُمۡ أَيۡدِيَهُمۡ فَكَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ١١ ۞وَلَقَدۡ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَٰقَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَبَعَثۡنَا مِنۡهُمُ ٱثۡنَيۡ عَشَرَ نَقِيبٗاۖ وَقَالَ ٱللَّهُ إِنِّي مَعَكُمۡۖ لَئِنۡ أَقَمۡتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَيۡتُمُ ٱلزَّكَوٰةَ وَءَامَنتُم بِرُسُلِي وَعَزَّرۡتُمُوهُمۡ وَأَقۡرَضۡتُمُ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا لَّأُكَفِّرَنَّ عَنكُمۡ سَيِّ‍َٔاتِكُمۡ وَلَأُدۡخِلَنَّكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ فَمَن كَفَرَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ مِنكُمۡ فَقَدۡ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ ١٢ فَبِمَا نَقۡضِهِم مِّيثَٰقَهُمۡ لَعَنَّٰهُمۡ وَجَعَلۡنَا قُلُوبَهُمۡ قَٰسِيَةٗۖ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ وَنَسُواْ حَظّٗا مِّمَّا ذُكِّرُواْ بِهِۦۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَآئِنَةٖ مِّنۡهُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۖ فَٱعۡفُ عَنۡهُمۡ وَٱصۡفَحۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ١٣﴾

تەرجىمىسى

10 – كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.

11 – ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋم سىلەرگە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسقان ئىدى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.

12 – شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى. بىز ئۇلاردىن ئون ئىككى رەھبەرنى خىزمەتكە بەلگىلىدۇق. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار، ئۇلارنى قوللاپ ھۆرمەتلىسەڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. سىلەردىن كىم ئۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ».

13 – ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

تەپسىرى

  1. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، تەقۋادارلىق قىلمىغانلارنى (كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ياشىغانلارنى) دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ[1].
  2. يۇقىرىدا (7 – ئايەتتە) مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ياد ئېتىشكە، شۇنداقلا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئاندىن (8 – ئايەتتە) تەقۋادارلىقنىڭ تەۋھىد ۋە ئادالەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، ئاندىن (9 – ئايەتتە) تەۋھىد ۋە ئادالەت ئۈستىدە تۇرغانلارنىڭ مۇكاپاتى، (10 – ئايەتتە) تەۋھىد ۋە ئادالەت ئۈستىدە تۇرمىغانلارنىڭ جازاسى بىلدۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇلار (مۇئمىنلار) بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ باشقا بىر خۇسۇسىي نېمىتىنى ياد ئېتىشكە ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. نېمەتنى ياد ئېتىشكە قىلىنغان ئەمردىن كېيىن تەقۋادارلىققا ئەمر قىلىنىشى، نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى دىلدا نېمەتنى ياد ئېتىش ياكى تىلدا: «ئاللاھ بۇ نېمەتنى ئاتا قىلدى» دېيىشلا شۈكۈر قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ، ئەكسىچە شۈكۈر – نېمەتنى ئاللانىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى دىلدا ئېتىراپ قىلىش، تىلدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە قول – پۇت ئەزالار بىلەن ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى خۇسۇسىي نېمەتكە كەلسەك، بۇ نېمەت – ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلارنى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىشىدۇر، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدىكى كۇفۇر قەۋمى (ئەھلى كىتاب، مۇشرىك، مۇنافىق ۋە باشقا بارلىق كافىرلار گۇرۇھى) مۇئمىنلارنى ئۆلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىش ۋە مال – مۈلكىنى بۇلاش قاتارلىق مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى مۇئمىنلارغا قول سېلىشتىن توسقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر قېتىملىق ھۇجۇمىدا مەغلۇپ بولغان، بەزىدە غالىب كەلگەندەك بولسىمۇ مۇئمىنلارنى يوق قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. نەتىجىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن غالىب كەلگەن، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى بولغان مەككىنى ۋە ئەتراپتىكى بارلىق كۇفۇر دىيارلىرىنى فەتھ قىلىپ ھەممىسىنى ئىسلام دىيارىغا ئايلاندۇرغان[2].

ئەنە شۇ نېمەتنىڭ شۈكرانىسىمۇ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ، مۇئمىنلارنىڭ ھازىرغىچە قۇچقان زەپەر، ئېرىشكەن غەلىبە ۋە ئالغان غەنىيمەتلەرنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاللاھقا تايىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقى، ھېچبىر زامان ئۆز كۈچ – قۇۋۋىتى بىلەن مەغرۇرلىنىش غەپلىتىگە چۈشمەسلىكى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى مۇئمىنلارنىڭ سەمىگە سېلىش ئۈچۈندۇر.

ئاللاھ تائالا  7 ~ 10 – ئايەتلەردە بۇ ئۇممەتتىن ئەھدە ئالغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇممەتنىڭ ئۇ ئەھدىنى ئېسىدە تۇتۇپ ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش يولىنى ئۆگىتىدۇ، ئەھدىگە ۋاپا قىلغانلارغا مۇكاپات، ۋاپا قىلمىغانلارغا جازا ۋەدە قىلىدۇ. 12 ~ 14 – ئايەتلەردە بولسا، بۇ ئۇممەتكە زامان ۋە ماكان جەھەتتىن يېقىن بولغان ئىككى ئۇممەتتىنمۇ (يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلاردىنمۇ) ئۆز ۋاقتىدا ئەھدە ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلماي ئىلاھىي جازاغا دۇچار قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇممەتنى (ئۇممەتى مۇھەممەدنى) ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىپ ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە تەرغىب قىلىدۇ، ئەھدىگە ۋاپا قىلماي ئىلاھىي جازاغا دۇچار بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇئمىنلار! بىز ئۆز ۋاقتىدا بەنى ئىسرائىلدىنمۇ ئەھدە ئالغان ئىدۇق[3]. ئۇلارنىڭ ھەر قەبىلىسىدىن بىر مۇپەتتىش بەلگىلەپ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان ئىدۇق. ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق:

سىلەر ئەھدىگە ۋاپا قىلساڭلارلا مەن سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىمەن، ياردەم بېرىمەن، سىلەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋەتىدىغان ئەلچىلىرىمگە (ئۇلارنىڭ قۇرئاندا زىكىر قىلىنغانلىرىنىڭ ئىسىملىرى داۋۇد، سۇلەيمان، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردۇر) ئىشەنسەڭلار ۋە ئۇلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىسەڭلار، ياخشى ئىشلارغا پۇل – مال چىقىم قىلساڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. ئەمما بۇ ئەھدىنى بەرگەندىن كېيىن ئىچىڭلاردىن كىم كۇفرىلىق قىلىدىكەن، يەنى ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدىكەن، ئۇ توغرا يولدىن ئاداشقان بولىدۇ.

  1. ئى مۇئمىنلار! ئۇلار بىزگە بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزدى، تەۋراتقا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىدى، ئەلچىلىرىمىزدىن ئىيسا ۋە مۇھەممەدكە (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن) ئىشەنمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق (رەھمىتىمىزدىن يىراقلاشتۇردۇق) ۋە قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتتۇق، يەنى بىز ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ، قىلغۇچىسىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان قىلىپ بېكىتكەن سىستېما بويىچە ئەھدىنى بۇزۇش ئۇلارنىڭ نەپسلىرىنى بۇلغىدى، پىترەتلىرىنى بۇزدى ۋە قەلبلىرىنى قاتتىقلاشتۇردى[4]. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈردى، مەريەمگە تۆھمەت چاپلىدى، مەريەمنىڭ ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن ئوغلىغا ھاقارەت قىلدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇندى[5]. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلىكنىڭ يەنە بىر ئالامىتى شۇكى، ئۇلار قولىدىكى ئىلاھىي كىتابلارنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلىدى، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلىمدىن (كىتابتىن) نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن ھەمىشە خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن. شۇڭلاشقا ئۇلار ساڭا سەمىمىيلىك توغرىسىدا كاپالەت بەرسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمىگىن. چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى ماڭا (ئاللاھقا) بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان خەق، ساڭا بەرگەن كاپالىتىنى ئاللىبۇرۇن بۇزىدۇ. لېكىن ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر (مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سەلام ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى) ئۇنداق ئەمەس، بۇلار ئەھدىسىگە سادىق قالغان كىشىلەر بولۇپ، خائىنلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلمايدۇ. سەن بۇ ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشىگە سالاۋات، ئۇلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

[1] قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 42 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 123 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 25 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 9 -، 24 ~ 26 – ئايەتلەر؛ 48 – سۈرە فەتھ، 24 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 2 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 154 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.

[4] قاراڭ: 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 14 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 155 ~ 157 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر