قۇرئان يولى
مائىدە 1 ~2 1

مائىدە 1 ~2

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَوۡفُواْ بِٱلۡعُقُودِۚ أُحِلَّتۡ لَكُم بَهِيمَةُ ٱلۡأَنۡعَٰمِ إِلَّا مَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ غَيۡرَ مُحِلِّي ٱلصَّيۡدِ وَأَنتُمۡ حُرُمٌۗ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ مَا يُرِيدُ ١ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحِلُّواْ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ وَلَا ٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَلَا ٱلۡهَدۡيَ وَلَا ٱلۡقَلَٰٓئِدَ وَلَآ ءَآمِّينَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّهِمۡ وَرِضۡوَٰنٗاۚ وَإِذَا حَلَلۡتُمۡ فَٱصۡطَادُواْۚ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَ‍َٔانُ قَوۡمٍ أَن صَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ أَن تَعۡتَدُواْۘ وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ ٢﴾

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

1 – ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلار ھالال قىلىندى. پەقەت ئۇلاردىن سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.

2 – ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ نىشانلىرىنى، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى، رەببىدىن ئىلتىپات ۋە رازىلىق تىلەپ ھۆرمەتلىك بەيتۇللاھنى نىيەت قىلىپ ماڭغانلارنى ھالال سانىماڭلار. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋلىساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمگە بىزنى مەسجىدى ھەرەمدىن توسقان دەپ ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار، سىلەرنى ھەددىڭلاردىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن! ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.

تەپسىرى

  1. «توختاملار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە توختام، شەرتنامە، ئالاقە، ھۆججەت دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ئەقد – عقد»نىڭ كۆپلۈك شەكلى «ئۇقۇد – عقود» بولۇپ، بېشىدا كەلگەن ئېلىپ لام (ال) بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسى، كافىرلار بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىسى ۋە ئۆزئارا قىلىشقان كېلىشىملىرى قاتارلىق توختاملارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1) «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ ئىمان كەلتۈرگەن كىشى، بۇ تەۋھىد كەلىمىسىنى تىلغا جارى قىلغان ۋە دىلى بىلەن تەستىقلىغان چاغدا، ئاللاھنىڭ: «ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئەمرىگە بويسۇنۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىسىدا ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن بۇ توغرىدا ئەھدە ئالغان بولىدۇ[1].

2) مۇئمىنلار كافىرلار بىلەن ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ۋە ئىسلام رۇخسەت قىلغان دائىرىدە ھەر تۈرلۈك شەرتنامە تۈزۈشسە بولىدۇ[2].

3) مۇئمىنلار بىر – بىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك توختام تۈزۈشىدۇ ۋە ئۆزئارا ۋەدىلىشىدۇ. مەسىلەن: مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا بولىدىغان نىكاھ، سودا – سېتىق، ئېلىش – بېرىش، ۋە ئۆتنە – يېرىم قاتارلىق مۇئامىلىلەرنىڭ ھەر بىرى بىرەر توختامدۇر[3].

شۇڭلاشقا ئايەتنىڭ «توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار» دېگەن مەنىدىكى قىسمى، «ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ بىلەن قىلىشقان ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئىسلام دائىرىسى ئىچىدە ئىنسانلار بىلەن تۈزۈشكەن ھەر تۈرلۈك توختام ۋە پۈتۈشكەن ھەر تۈرلۈك كېلىشىملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار دېگەن» بولىدۇ.

ئايەتنىڭ قالغان قىسمى بولسا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇئەييەن شەكىلدە ئۆلگەنلىرىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[4]. شۇنىڭدەك، ئېھرامدىكى چاغدا ۋە ھەرەم تەۋەلىكىدە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئوۋلىرىنى ھالال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلاپ ئېھرامدا تۇرۇۋاتقان كىشىگە ۋە ئېھرامدا بولمىسىمۇ ھەرەم تەۋەلىكىدە بولغان كىشىگە سىناش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئوۋلاشنى ھارام قىلغان[5].

ئەسكەرتىش: ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان كىشى ھەرەم تەۋەلىكىگە كىرمىگەن بولسىمۇ ئوۋ ئوۋلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ھەرەم تەۋەلىكىدىكى كىشى ئېھرامدىن چىققان بولسىمۇ ئوۋ ئوۋلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  1. بۇ ئايەتتە بىرقانچە ھۆكۈم بايان قىلىنىدۇ:

1) «ئاللاھنىڭ نىشانلىرىنى ھالال سانىماڭلار». بۇ بىرەر ئىبادەتنى كەم – زىيادە قىلماڭلار، بىرەر ئىبادەتنىڭ ۋاقتىنى ئىلگىرى – كېيىن  قىلماڭلار، بىرەر ھارامغا يېقىنلاشماڭلار دېگەن بولىدۇ.‏ جۈملىدىن ھەج پائالىيەتلىرىنى زامان ۋە ماكانىلىرىغا رىئايە قىلغان ھالدا ئادا قىلىڭلار، ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىماڭلار دېگەن بولىدۇ، چۈنكى «ئاللاھنىڭ نىشانلىرى» – ئىبادەت ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ماكان ۋە زامانلارنى، شۇنداقلا ئىبادەتنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان پەرز ۋە بەلگىلەنگەن ھاراملارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

2) «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ھالال سانىماڭلار». بۇ زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال سانىماڭلار، شۇنداقلا ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلماڭلار دېگەن بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇ ئايلاردا باشقىلار مۇئمىنلارغا ئۇرۇش ئېچىپ ھۇجۇم قىلسا، ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا بولىدۇ[6].

3) «ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ھالال سانىماڭلار». بۇ ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە چېقىلماڭلار، ئۇلارنى ھەرەمگە ئېلىپ ماڭغانلاردىن ئېلىۋالماڭلار، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايىغا (ھەرەمگە) يېتىپ بېرىشتىن توسماڭلار دېگەن بولىدۇ[7].

4) «قۇربانلىقلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرگە چېقىلماڭلار». مەزكۇر قۇربانلىق ھايۋانلارنى ھەرەمگە ئېلىپ ماڭغانلارنىڭ ھاجىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇ ھايۋانلارنىڭ قۇربانلىقلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن، ئۇ ھايۋانلارنىڭ بويۇنلىرىغا ھەر تۈرلۈك نەرسىلەر ئېسىپ قويۇلاتتى، شۇنداقلا ئۇ ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاي بولغان ھەرەمگىچە شۇ نەرسىلەر بىلەن ئېلىپ مېڭىلاتتى. ئايەتتە قۇربانلىق ھايۋانلىرىغا چېقىلىش مەنئى قىلىنغاندەك، ئۇ ھايۋانلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان ئۇ نەرسىلەرگە چېقىلىشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرمۇ «ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىلىرى»دىن بىرىدۇر[8].

5) «رەببىدىن ئىلتىپات ۋە رازىلىق تىلەپ ھۆرمەتلىك بەيتۇللاھنى نىيەت قىلىپ ماڭغانلارغا چېقىلماڭلار»، يەنى ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى نىيەت قىلىپ ھەرەمگە ماڭغانلارغا زىيانكەشلىك قىلماڭلار، ئۇلارنى يولىدىن توسماڭلار ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەڭلار[9].

6) «ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋلىساڭلار بولىدۇ»، يەنى ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىڭلارنى ئادا قىلىپ ئېھرامدىن چىققان ۋە ھەرەم تەۋەلىكىدىن ئايرىلغان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، چۈنكى بىرىنچى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك چەكلىمە ئېھرامدا تۇرۇش ۋە ھەرەمدە بولۇش ئاخىرلاشقاندا تۈگەيدۇ.

7) «بىرەر قەۋمگە بىزنى مەسجىدى ھەرەمدىن توسقان دەپ ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار، سىلەرنى ھەددىڭلاردىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن!»، چۈنكى ئادالەتنى بەرپا قىلىش مۇھىم ۋەزىپەڭلار بولۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشىڭلارغا شەخسىي چۈشەنچەڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىڭلار، ئەيىبلەنگۈچىنىڭ سىلەرگە دوست ياكى دۈشمەن بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھېچبىرى توسالغۇ بولماسلىقى لازىم[10].

8) «ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار». ئاللاھ تائالا بۇ مەنىدىكى سۆزىدە ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىشكە بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىق ۋە تەقۋالىقنىڭ نېمىلىكىنى باشقا بىر ئايەتتە بايان قىلىدۇ[11]. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردىكى ياردەملىشىشكە قىلغان بۇيرۇقىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

ئى مۇئمىنلار! ئىمان نۇرىنىڭ يورۇشى، ئىسلام ئادالىتىنىڭ قانات يېيىشى، ياخشىلىقنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىڭلار، ياردەملىشىڭلار ۋە بىر – بىرىڭلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەڭلار.

9) «گۇناھقا ۋە ھەددىن ئېشىشقا ياردەملەشمەڭلار»، يەنى قىلغان كىشى ۋە باشلىغان كىشى گۇناھكار بولىدىغان ھېچقانداق سۆز – ھەرىكەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، يېيىلىشى ۋە راۋاجلىنىشى قاتارلىق ئىشلاردىن ھېچبىرىگە يارەدملەشمەڭلار. شۇنىڭدەك، بىراۋغا زىيانكەشلىك، ھەقسىزلىق ۋە تاجاۋۇز قاتارلىق زۇلۇملارنىڭ قىلىنىشىغىمۇ ياردەملەشمەڭلار.

10) «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر»، يەنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىڭلار، توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن يېنىڭلار، قىلغان نەسىھەتلەرگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، ئەكسى تەقدىردە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر.

[1] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 170 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 8 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 4 – ئايەت؛ 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 182 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 21 – ۋە 29 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)نىڭ 3 – ئايىتى.

[5] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)نىڭ 94 ~ 96 – ئايەتلىرى.

[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 194 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 36 – ئايەت.

[7] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 95 – ئايەت؛ 48- سۈرە فەتھ، 25 – ئايەت.

[8] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 97 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 158 – ۋە 195 – ئايەتلەر.

[10] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 58 -، 135 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.

[11] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر