مَّا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا تَكۡتُمُونَ ٩٩ قُل لَّا يَسۡتَوِي ٱلۡخَبِيثُ وَٱلطَّيِّبُ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ كَثۡرَةُ ٱلۡخَبِيثِۚ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ ١٠٠ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَسَۡٔلُواْ عَنۡ أَشۡيَآءَ إِن تُبۡدَ لَكُمۡ تَسُؤۡكُمۡ وَإِن تَسَۡٔلُواْ عَنۡهَا حِينَ يُنَزَّلُ ٱلۡقُرۡءَانُ تُبۡدَ لَكُمۡ عَفَا ٱللَّهُ عَنۡهَاۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ ١٠١ قَدۡ سَأَلَهَا قَوۡمٞ مِّن قَبۡلِكُمۡ ثُمَّ أَصۡبَحُواْ بِهَا كَٰفِرِينَ ١٠٢ مَا جَعَلَ ٱللَّهُ مِنۢ بَحِيرَةٖ وَلَا سَآئِبَةٖ وَلَا وَصِيلَةٖ وَلَا حَامٖ وَلَٰكِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۖ وَأَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ ١٠٣
تەرجىمىسى
99- بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
100 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولمايدۇ، ناپاكنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ شۇنداق. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».
101 – ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرگە يامانلىق يېتىپ قالىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىماڭلار. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان ئەسنادا سورىساڭلار، سىلەرگە ئاشكارا قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ نەرسىلەردىن ئۆتۈۋەتتى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر.
102 – سىلەردىن ئىلگىرى بىر قەۋم ئۇ نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، لېكىن كېيىن ئۇ قەۋم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كافىر بولۇپ كەتتى.
103 – ئاللاھ بەھىرە، سائىبە، ۋەسىلە ۋە ھامدىن ھېچبىرىنى بەلگىلىمىدى. لېكىن كافىرلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ.
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 98 ~ 100 – ئايەتلەردە ئىنسانلارنى، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بولغانلارنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقىنى، لايىق بولغانلارغا مەغپىرەت ۋە رەھمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەلچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ناپاك بىلەن پاكنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئىنسانلارغا ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە مۇرادىغا يېتىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنى بەك قاتتىق جازالايدۇ، يامانلىقنى ھاماقەتلىكتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن تەۋبە قىلغان، شۇنداقلا سەمىمىي ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەن كىشىلەرگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدۇ،
- بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپىسى تەبلىغدۇر (ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر). ئۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئەمدى سىلەر باھانە كۆرسىتەلمەيدىغان ۋە ئۆزرە ئېيتالمايدىغان بولدۇڭلار. ئالدىڭلاردا نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىرلا يول بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئەلچىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ئەگىشىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇ ئەلچىگە ئىمان كەلتۈرسەڭلار ۋە ئەگەشسەڭلار ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىسىلەر[7]. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھ سىلەرنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭلار ۋە ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن قاتتىق ئازابلايدۇ[8]. دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، كۆرۈپ تۇرىدۇ.
- ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى، ناپاك (يالغان سۆز، يامان ئىش، ھارام مال ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى) بىلەن پاك (راست سۆز، ياخشى ئىش، ھالال مال ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى) ئوخشاش بولمايدۇ. ئى ئىنسان! ناپاكنىڭ كۆپلىكى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن، سېنى ھەيران قالدۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇ (ناپاك) پاك بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. مۇرادىڭلارغا يېتىشنى بۇ تەقدىردىلا ئۈمىد قىلساڭلار بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مۇرادىغا يېتىش – ئەبەدىي ھايات، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك ۋە چەكسىز ئېھتىرامغا ئېرىشىش دېگەن بولىدۇ[9].
100 – ئايەتتە ساغلام ئەقىل ئىگىرىلىرى ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن چەكلىنىدۇ. 101 – 102 – ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلار، ئاشكارا قىلىنسا ئۆزلىرى ئۈچۈن يامان بولىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سوراشتىن، جاۋاب بېرىلسە ۋەزىپىسى ئېغىرلىشىپ قالىدىغان سوئاللارنى سوراشتىن ۋە لازىم بولمايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا كەلسە – كەلمەس سوئاللارنى سوراشتىن چەكلىنىدۇ ۋە بۇ چەكلەشنىڭ سەۋەبى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ سەۋەب شۇكى: قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشاۋاتقان زاماندا ئۇنىڭدىن سورالغان سوئاللارنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئاللاھ تائالا ئايەت نازىل قىلاتتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئايەتنى يەتكۈزەتتى، شۇنداقلا سوئالغا جاۋاب بەرگەن بولاتتى[10]. بۇ سەۋەبتىن مۇئمىنلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنداق سوئاللارنى سورىسا، ئايەت نازىل بولاتتى – دە، ئۇلار بىرەر ئىشقا بۇيرۇلاتتى ياكى بىرەر ئىشتىن مەنئى قىلىناتتى ۋە ياكى بىرەر ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىرلىشاتتى، بىلىشى زىيانلىق بولغان ئىشلارغا ۋاقىپ بولۇپ ئىچى پۇشاتتى. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- 101. ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا يامان بولىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سورىماڭلار، زىغىرلىماڭلار، كوچىلىماڭلار. ئۇ نەرسىلەر ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ سىلەرگە ئاشكارا قىلىنغان مىقدارى بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. ناۋادا قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان زاماندا ئۇنداق نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سورىساڭلار، ئۇ نەرسىلەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنىدۇ – دە، ئىچىڭلار پۇشۇپ قالىدۇ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىلەر. ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى سىلەرگە بىلدۈرمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇ توغرىدا ئەپۇ قىلىشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالاشقا ئالدىرىمايدىغان زاتتۇر[11].
- بىلىڭلاركى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن بىر قەۋم ئەنە شۇنداق نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سورىغان، جاۋاب بېرىلسە ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا كافىر بولۇپ كەتكەن. مەسىلەن: ئىيسا ئەلەيسسالامنىڭ ھەۋارىيلىرى ئاللاھنىڭ ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، داستىخان چۈشكەندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلغانلار جازالاندۇرۇلغان[12]. شۇنىڭدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى كالا بوغۇزلاشقا ئەمر قىلىنسا، بىرەر كالا بوغۇزلاپ ئەمرنى ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تولا سوئال سورىغان، سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەنسېرى ئۇلارنىڭ ئىشى قىيىنلاشقان، ۋەزىپىسى ئېغىرلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمرنى ئادا قىلالمىغىلى تاس قالغان[13]. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا «بىزگە ئاللاھنى ئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن تەلەپنى قويغان، شۇنداقلا جازالاندۇرۇلغان[14].
- جاھىلىيەت ئەرەبلىرى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن بەزىلىرىنى ۋە بەزى ئېكىنلىرىنى نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ: «شۇ ھايۋانلار، شۇ ئېكىنلەر شۇ كىشىلەرگە ھارام، ئۇ كىشىلەرگە ھالال. شۇ ھايۋانلار ئەرلىرىمىزگە ھالال، ئاياللىرىمىزغا ھارام» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلاتتى، ئاندىن ھېچ ھايا قىلماستىن: «بۇنىڭغا ئاللاھ ئەمر قىلدى» دەيتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ قەبىھ سۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ[15]. جۈملىدىن ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن بەزىلىرىنى بەزى باھانىلەر بىلەن «بەھىيرە، سائىبە، ۋەسىيلە، ھام» دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنى، ئۇلارغا مىنىش ۋە يۈك ئارتىش، ئۇلارنىڭ يۇڭ – تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۆزلىرىگە ھارام ھېسابلايتتى ياكى ئۇ ھايۋانلارنىڭ بۇتلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرلا يېيەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئاللاھنىڭ ئەمر قىلغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى.
ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ (103) ئايەتتە، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ھايۋانلارنى ئۇنداق قىلىشنى يولغا قويمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىگە (ئاللاھقا) تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىنى ۋە تولىسىنىڭ ئەقلىنى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇپەسسىرلەرنىڭ ئارىسىدا مەزكۇر ھايۋانلارنىڭ ئۇ ئىسىملار بىلەن ئاتىلىش سەۋەبىنىڭ شەكلى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى يوق، لېكىن ئۇلار سەۋەبلەر ۋە قويۇلىدىغان بەلگىلەر توغرىسىدا ئاساسەن بىرلىشىدۇ. ئۇ سەۋەب ۋە بەلگىلەرنى بىر كەلىمە بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمىدە ئۇ كەلىمىلەر ئۆز پېتى قويۇلدى. ئۇ كەلىمىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىنگەن مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە:
«بەھىيرە» – بىرقانچىنى تۇغقاندىن كېيىن، قۇلىقىنى تىلىپ ئەن سېلىنغان، شۇنداقلا ئۆلتۈرۈپ يېيىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھارام دەپ قارالغان ھىڭگاندۇر.
«سائىبە» – مۇئەييەن مىقداردا تۇغقاندىن كېيىن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھىڭگان، ياكى بىرەر ئارزۇسىغا ئېرىشكەن كىشى ۋە ياكى بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلماقچى بولغان كىشى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن بۇغرادۇر. بۇ تۆگە ھىڭگان بولسۇن بۇغرا بولسۇن مىنىلمەيتتى، سۈتى سېغىلمايتتى، يۇڭى قىرقىلمايتتى.
«ۋەسىيلە» – ئارقا – ئارقىدىن بىرقانچە دانە چىشى تۇغقاندىن كېيىن بۇتلارغا ئاتىۋېتىلگەن ۋە يېيىش ھارام دەپ قارالغان ھىڭگان ياكى ساغلىقتۇر.
«ھام» – بىرقانچە بوتىلاقنىڭ ئاتىسى بولغاندىن كېيىن ياكى بالىسىنىڭ بالىسى مىنىلىدىغان بولغاندىن كېيىن ھارام ھېسابلىنىپ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن بۇغرا دېگەن بولىدۇ. بۇ تۆگىگە مىنىلمەيتتى، يۇڭى قىرقىلمايتتى، يايلاققا قويۇۋېتىلەتتى[16].
[1] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 92 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 97 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 197 – ۋە 203 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 27 ~ 29 – ئايەتلەر.
[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 197 – ئايەت.
[5] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 2 – ئايەت.
[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 198 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 28 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 54 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 119 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 82 – ئايەت.
[8] قاراڭ: 89 – سۈرە فەجر، 25 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[9] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 5 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[10] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 189 -، 215 -، 217 -، 219 – 220 – ۋە 222 – ئايەتلەر؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 4 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف؛ 187 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 1 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 85 – ئايەت؛ 18- سۈرە كەھف، 83 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 105 – ئايەت.
[11] قاراڭ: 35 – سۈرە فاتىر، 45 – ئايەت.
[12] قاراڭ: مۇشۇ سۈر، (مائىدە)، 78 – ۋە 112 ~ 115 – ئايەتلەر.
[13] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 67 ~ 71 – ئايەتلەر.
[14] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 55 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 153 – ئايەت.
[15] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 136 ~ 144 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 28 – ئايەت.
[16] قاراڭ: تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، 11: 124 – 133؛ زەمەخشەرى، كەششاف، 1: 684 – 685؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 12: 446 – 447؛ قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 6: 335 – 337؛ ئىبنى ئاشۇر، تەھرىر ۋە تەنۋىر، 7: 72 – 74.






