قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى 89 - ئايەتنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى قەسەم ھەققىدە 1

مائىدە سۈرىسى 89 – ئايەتنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ قەسەم ھەققىدە

لَا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ ٱلۡأَيۡمَٰنَۖ فَكَفَّٰرَتُهُۥٓ إِطۡعَامُ عَشَرَةِ مَسَٰكِينَ مِنۡ أَوۡسَطِ مَا تُطۡعِمُونَ أَهۡلِيكُمۡ أَوۡ كِسۡوَتُهُمۡ أَوۡ تَحۡرِيرُ رَقَبَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٖۚ ذَٰلِكَ كَفَّٰرَةُ أَيۡمَٰنِكُمۡ إِذَا حَلَفۡتُمۡۚ وَٱحۡفَظُوٓاْ  أَيۡمَٰنَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

تەرجىمىسى 

«ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىكتىن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلەرگە بېرىدىغان تائامنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تائام بېرىشتۇر ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى تاپالمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. ئەنە شۇ قەستەن قەسەم قىلىپ بۇزغان چېغىڭلاردا، ئۇنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار. ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر» – مائىدە  5 / 89.

تەپسىرى 

قەسەم –  ئەسلى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ياكى قىلمىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋە ياكى ئىرادىسىنىڭ چىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ  ئېيتىلغان سۆز دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قەسەم تىلىمىزدا «ئانت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قەسەم قىلىشقا رۇخسەت بېرىش بىلەن بىرلىكتە تايىنى يوق ئىشلارغا قەسەم قىلىشتىن ۋە قەسەم قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشتىن توسىدۇ. يالغان قەسەم قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ، قەسىمىدە تۇرمىغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ[1]. موھتاجلارغا خەيرخاھلىق قىلماسلىق ئۈچۈن قەسەم قىلىشتىن توسىدۇ[2]. بىرەر ياخشى ئىشنى قىلماسلىق ياكى بىرەر يامانلىقنى قىلىش توغرۇلۇق قىلىنغان قەسەمنى بۇزۇپ كەففارەت بېرىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «بىھۇدە قەسەم»نى كەچۈرىدىغانلىقىنى ۋە «چېگىلگەن قەسەم»نى بۇزغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[3].  بۇ ئايەتتە بولسا، «بىھۇدە قەسەم»نى كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «چېگىلگەن قەسەم»نى بۇزۇشنىڭ كەففارىتىنى (گۇناھنى يۇيۇش بەدىلىنى) بايان قىلىدۇ. بۇ كەففارەت –  قەسەم قىلىپ بۇزغان كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە بېرىدىغان تاماقنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تاماق بېرىشىدۇر ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشىدۇر ۋە ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشىدۇر. بۇلاردىن بىرىگە قۇربى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشىدۇر.

ئەسكەرتىش: «چېگىلگەن قەسەم» – قەسەم قىلىش رۇخسەت قىلىنغان بىرەر ئىش ئۈچۈن، قەسەمنى نىيەت قىلىپ قىلىنغان قەسەمنى كۆرسىتىدۇ.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 224 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 77 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 91 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 22 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 225 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر