قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى 50 ~ 58 - ئايەيلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە سۈرىسى 50 ~ 58 – ئايەيلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ ٱلۡيَهُودَ وَٱلنَّصَٰرَىٰٓ أَوۡلِيَآءَۘ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمۡ فَإِنَّهُۥ مِنۡهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ ٥١ فَتَرَى ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ يُسَٰرِعُونَ فِيهِمۡ يَقُولُونَ نَخۡشَىٰٓ أَن تُصِيبَنَا دَآئِرَةٞۚ فَعَسَى ٱللَّهُ أَن يَأۡتِيَ بِٱلۡفَتۡحِ أَوۡ أَمۡرٖ مِّنۡ عِندِهِۦ فَيُصۡبِحُواْ عَلَىٰ مَآ أَسَرُّواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ نَٰدِمِينَ ٥٢ وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَهَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ إِنَّهُمۡ لَمَعَكُمۡۚ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فَأَصۡبَحُواْ خَٰسِرِينَ ٥٣ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَن يَرۡتَدَّ مِنكُمۡ عَن دِينِهِۦ فَسَوۡفَ يَأۡتِي ٱللَّهُ بِقَوۡمٖ يُحِبُّهُمۡ وَيُحِبُّونَهُۥٓ أَذِلَّةٍ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ يُجَٰهِدُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوۡمَةَ لَآئِمٖۚ ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ ٥٤ إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُمۡ رَٰكِعُونَ ٥٥ وَمَن يَتَوَلَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَإِنَّ حِزۡبَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ ٥٦ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ دِينَكُمۡ هُزُوٗا وَلَعِبٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَٱلۡكُفَّارَ أَوۡلِيَآءَۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ ٥٧ وَإِذَا نَادَيۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ ٱتَّخَذُوهَا هُزُوٗا وَلَعِبٗاۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡقِلُونَ ٥٨﴾

تەرجىمىسى

51 – ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر – بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. سىلەردىن كىم ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە ئۇلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

52 – ئى مۇھەممەد! سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنىڭ: «بىزگە پالاكەت كېلىشىدىن قورقىمىز» دەپ ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. يېقىندا ئاللاھ پەتىھنى ياكى ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، ئاندىن ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان نەرسىگە پۇشايمان قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

53 – ئۇ چاغدا مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە دېگەنلەر شۇلارمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالدى.

54 – ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن يانىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا باشقا بىر قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارغا كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ ۋە ھېچبىر مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ رەھمىتى كەڭدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

55 – شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ۋەلىيىڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان مۇئمىنلاردۇر. ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر.

56 – كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ۋە مۇئمىنلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھى چوقۇم غالىب كەلگۈچىلەردۇر.

57 – ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالغانلار بىلەن كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.

58 – سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر.

تەپسىرى

يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار بىر – بىرىنى يامان كۆرگەندەك، ھەر پىرقە ئۆز ئىچىدىمۇ بىر – بىرىنى يامان كۆرىدۇ[1]، لېكىن ئۇلار مۇئمىنلارنى يامان كۆرۈشتە ۋە ئۇلارغا يامانلىق قىلىشتا بىرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن ۋە سىرداش قىلىۋېلىشتىن توسىدۇ[2]. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (51 ~ 53 – ئايەتلەردە) ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ ۋە دوست تۇتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىيلارنى ۋە خىرىستىئانلارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار مۇئمىنلارغا قارشى بىر – بىرلىرىنىڭ دوستىدۇر. سىلەردىن كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن ئۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇلارنى دوست تۇتۇش بىلەن ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
  2. ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى دوست تۇتۇشتا بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار بۇ قىلمىشىغا بىرەر بالا – مۇسىبەتكە يولۇقۇشتىن قورققانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۇلار: «بىز يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياكى باشقا يەردىن يامانلىق كەلسە يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى دوست تۇتىمىز» دەيدۇ. يېقىندا ئاللاھ مۇئمىنلارغا زەپەر نېسىپ قىلىشى ياكى بىرەر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ (مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ) ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىغا (يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتقانلىقىغا) پۇشايمان قىلىپ قېلىشى،
  3. مۇئمىنلار: «بىزگە، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ‹بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە› دېگەن ئادەملەر شۇلارمۇ» دېيىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ئادەملەرنىڭ (يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتقانلارنىڭ) قىلمىشلىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنداقلا ئۇلار زىيان تارتقۇچىلارغا ئايلاندى، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ[3].

 ئەسكەرتىش: يەھۇدىيلارنى، خرىستىئانلارنى ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنى كۇفرىلىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈش كېرەك بولسىمۇ[4]، ئۇلارغا مۇئامىلىدە ئادىل بولۇش ۋە ئۇلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشكە توغرا كەلسە ھەققانىيەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش لازىم، ھەتتا ئۇلارنىڭ مۇئمىنلار بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە بولمىغانلىرىغا ياخشىلىق قىلىشقا بولىدۇ. ناۋادا بۇلار ئاتا – ئانا ياكى ئۇرۇق – تۇغقان بولغان تەقدىردە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە سىيلە – رەھىم قىلىش كېرەك[5].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئۆزىنىڭ دىنى بولغان ئىسلامنى باشقا دىنلار ئۈستىدىن، ئۆز دىنىنىڭ دىندارلىرىنى باشقا دىنلارنىڭ دىندارلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلارنى ئاخىرەتتە ئازابقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[6]. جۈملىدىن يۇقىرىدا بىرقانچە ئايەتتە (41 ~ 53 – ئايەتلەردە) ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئەنە شۇ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇئمىنلارنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ، شۇنداقلا ئەكسى تەقدىردە ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. 54 ~ 56 – ئايەتلەردە بولسا، ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېنىۋالغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئاللاھ ئۆز دىنىنى ۋە ئۆز دىنىنىڭ دىندارلىرىنى غالىب قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇئمىنلار! ئىچىڭلاردىن كىم دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەمما دىنىدىن يانغانلارنىڭ بىلىشى لازىمكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشى بىر قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇ قەۋمنى سۆيۈپ ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئۇ قەۋم ئاللاھنى سۆيۈپ لايىق رەۋىشتە تائەت – ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇ، بىر – بىرىگە كەمتەر، كافىرلارغا قاتتىق قول، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە ھېچبىر ئەيىبلىگۈچىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقمايدىغان قەۋمدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسلامنىڭ زەپىرىدە مۇنافىق ۋە مۇرتەتلەرنىڭ تۆھپىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ يامان ئادەمگە ياخشى ئىشنى نېسىپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئىسلامنىڭ زەپىرى ئاللاھنى لايىق رەۋىشتە سۆيۈش بىلەن ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولغان، بىر – بىرىگە كەمتەر ۋە كۆيۈمچان، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك، ئاللاھ يولىدا جەڭگىۋار ۋە قورقماس مۇئمىنلار جامائەسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ[7]. بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇش ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ، ئاللاھ بۇنى ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ سۈپەتلەرگە كىملەرنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ.
  2. ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر. شۇنىڭدەك، نامازنى كامىل ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان مۇئمىنلاردۇر؛ يەنى سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە ئۆزۈڭلاردۇر (بىر- بىرىڭلارنىڭ دوستىسىلەر).
  3. كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە مۇئمىنلارنى دوست تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى ئۇ ئاللاھنىڭ گۇرۇھىدىن بولىدۇ. شۇ بىر ھەقىقەتكى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھىلا غالىب كېلىدۇ.

57 – 58. ئاللاھ تائالا 51 – ئايەتتە يەھۇدىي – ناسارالارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەيدۇ. بۇ  ئايەتلەردە ئۇلارنى ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەش بىلەن ئۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى تەكىتلەيدۇ ۋە بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ (51 -) ئايەتتە يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتۇش ئاشكارا مەنئى قىلىنىدۇ، باشقا بارلىق كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن مەنئى قىلىندىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. يەھۇدىيلارنى  ۋە ناسارالارنى دوست تۇتقانلارنىڭ «زالىم قەۋم»گە ئايلىنىپ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى بۇنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇ (51 -) ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ (57 – ۋە 58 – ) ئايەتلەردە يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ۋە يامان قىلمىشلىرى ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتلەردە باشتا «دىنىڭلارنى مەسخىرە قىلغان ۋە ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەن كىشىلەرنى دوست تۇتماڭلار» دېيىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ «ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن كىشىلەر» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، ئۇلاردىن باشقا بارلىق ئىسلام مۇخالىپلىرى، «كافىرلار» دېگەن سۈپەت بىلەن چەكلىمە دائىرىسىگە ئېلىنىدۇ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ نامازغا ئېيتىلغان ئەزاننى مەسخىرە قىلغانلىقى ۋە ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋم» ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. پۈتۈن بۇلار مەزكۇر چەكلىمىنىڭ كىشىلىك بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد ۋە يامان قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار كافىرلارنى كافىر بولغانلىقى، ئىسلامغا تەنە قىلغانلىقى ۋە ئىسلامىي تەۋەررۈكلەرگە ھاقارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ناۋادا بىرەر كافىر كۇفرىلىقتىن يېنىپ ئىسلامغا كىرسە مۇئمىنلار ئۇنى ئۆز قېرىندىشى بىلىپ باغرىغا باسىدۇ. يەنى كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقى ۋە ئىسلامغا بولغان قارشىلىقى تۈگىسە، مۇئمىنلارنىڭ ئۇلارغا ساقلىغان ئۆچمەنلىكىمۇ تۈگەيدۇ.

[1] قاراڭ: 2 –  سۈرە بەقەرە، 113 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 14 – ۋە 64 – ئايەتلەر؛ 59 – سۈرە ھەشر، 14 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 109 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 118 ~ 120 – ئايەتلەر؛ 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 13 – ئايەت.

[3] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)نىڭ 80 – ۋە 81 – ئايەتلىرى.

[4] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 28 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 144 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 22 – ئايەت؛ 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 1 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 2 – ۋە 8 – ئايەتلەر؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 15 – ئايەت؛ 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر.

[6] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 19 -، 85 – ۋە 139 – ئايەتلەر؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 8 -ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 32 – ۋە 33 – ئايەتلەر؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 103 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 55 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 47 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 171 ~ 173 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتھ، 28 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 8- ئايەت.

[7] قاراڭ: 8 – سۈرە ئەنفال، 45- ۋە 46 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 14 – ۋە 52 – ئايەتلەر؛ 48 – سۈرە فەتھ، 29 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 4 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر