قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى 24 ~ 31 -ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە سۈرىسى \ 24 ~ 31 -ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّا لَن نَّدۡخُلَهَآ أَبَدٗا مَّا دَامُواْ فِيهَا فَٱذۡهَبۡ أَنتَ وَرَبُّكَ فَقَٰتِلَآ إِنَّا هَٰهُنَا قَٰعِدُونَ ٢٤ قَالَ رَبِّ إِنِّي لَآ أَمۡلِكُ إِلَّا نَفۡسِي وَأَخِيۖ فَٱفۡرُقۡ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡفَٰسِقِينَ ٢٥ قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيۡهِمۡۛ أَرۡبَعِينَ سَنَةٗۛ يَتِيهُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ فَلَا تَأۡسَ عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡفَٰسِقِينَ ٢٦ ۞وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱبۡنَيۡ ءَادَمَ بِٱلۡحَقِّ إِذۡ قَرَّبَا قُرۡبَانٗا فَتُقُبِّلَ مِنۡ أَحَدِهِمَا وَلَمۡ يُتَقَبَّلۡ مِنَ ٱلۡأٓخَرِ قَالَ لَأَقۡتُلَنَّكَۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلۡمُتَّقِينَ ٢٧ لَئِنۢ بَسَطتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقۡتُلَنِي مَآ أَنَا۠ بِبَاسِطٖ يَدِيَ إِلَيۡكَ لِأَقۡتُلَكَۖ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَ رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٢٨ إِنِّيٓ أُرِيدُ أَن تَبُوٓأَ بِإِثۡمِي وَإِثۡمِكَ فَتَكُونَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلنَّارِۚ وَذَٰلِكَ جَزَٰٓؤُاْ ٱلظَّٰلِمِينَ ٢٩ فَطَوَّعَتۡ لَهُۥ نَفۡسُهُۥ قَتۡلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُۥ فَأَصۡبَحَ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٣٠ فَبَعَثَ ٱللَّهُ غُرَابٗا يَبۡحَثُ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُرِيَهُۥ كَيۡفَ يُوَٰرِي سَوۡءَةَ أَخِيهِۚ قَالَ يَٰوَيۡلَتَىٰٓ أَعَجَزۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِثۡلَ هَٰذَا ٱلۡغُرَابِ فَأُوَٰرِيَ سَوۡءَةَ أَخِيۖ فَأَصۡبَحَ مِنَ ٱلنَّٰدِمِينَ ٣١﴾

تەرجىمىسى

24 – ئۇلار: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ مۇقەددەس زېمىندىلا بولىدىكەن، بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار. بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى.

25 – مۇسا: «رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغا ئىگە بولالايمەن. بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى.

26 – ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرۈيدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».

27 – ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككەيلەن بىردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: «مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

28 – ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمايمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن.

29 – مەن سېنىڭ، مېنىڭ گۇناھىم بىلەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن. مانا بۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر».

30 – ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.

31 – ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: «ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولالماپتىمەن، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.

تەپسىرى

  1. ئۇلار بۇ ئىككى ياخشى كىشىنىڭ نەسىھىتىدىن كېيىن مۇساغا، «ئى مۇسا! ئۇ زەبەردەس قەۋم ئۇ يەردىلا بولىدىكەن، بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئۇ ھالدا سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى،
  2. مۇسا بولسا، بۇ ئەدەپسىزلىك ۋە بۇ سەركەشلىك ئالدىدا ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە بولىمەن، بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى.
  3. ئاللاھ مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ مۇساغا، «ئى مۇسا! ئۇ مۇقەددەس زېمىن ئۇلارغا قىرىق يىل بويىچە ھارام قىلىندى، ئۇلار بۇ قىرىق يىل ئىچىدە چۆلدە ئېزىقىپ يۈرۈيدۇ. ئۇنداقتا بۇ فاسىق قەۋمگە قايغۇرمىغىن، ئۇلارغا ئىچىڭ ئاغرىمىسۇن.

ئەسكەرتىش: «مۇقەددەس زېمىننىڭ ئۇلارغا ۋەتەن قىلىپ يېزىلىشى»[1] شەرتلىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا توغرا، دۇرۇس مېڭىشىغا باغلىق ئىدى[2]. ئۇلار فاسىقلىق قىلىپ (پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ) بۇ سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۇ زېمىننى ھارام قىلغان. ئايەتنىڭ «فاسىق قەۋمگە قايغۇرمىغىن» دەپ ئاخىرلىشىشى بۇنى تەكىتلەيدۇ.

ئەھلى كىتابنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنىڭ، خۇسۇسەن ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزۇپ، ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەسلىكى ۋە قىلغان بارلىق قۇۋلۇق – شۇملۇقلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەسەت ئىدى[3]. يۇقىرىدا ئۇلارنىڭ ھەسەت يۈزىسىدىن قىلغان يامانلىقلىرى ۋە دۇچار قىلىنغان جازالىرى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، 27 ~ 31 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۆز زامانىدىن تارتىپ قىيامەتكىچە بارلىق ئەھلى كىتابقا، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئادەم ئاتىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، شۇنداقلا ھەسەتنىڭ يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ۋە ھەسەتخورلارنىڭ بۇ قىسسىدىن ئىبرەت ئېلىشىنىڭ لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! سەن بارلىق ئىنكارچىلارغا، بولۇپمۇ ئەھلى كىتابقا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ تۆۋەندىكى قىسسىسىنى ئوقۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككى ئوغۇل بىردىن قۇربانلىق قىلغان بولۇپ، بىرىنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغان، يەنە بىرىنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنىغا (ھەسەت قىلىپ): «مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېگەن، شۇنداقلا قېرىندىشىنىڭ نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاندىن ئۇنىڭ جەسىتىنى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ يۈرگەن چېغىدا بىز (ئاللاھ) بىر قاغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىشنى ئۆگەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتىل ئۇنى دەپنە قىلغان (يەرگە كۆمگەن) ۋە شۇ قاغىچىلىك بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلانغان ئىدى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىدىن ھابىل ۋە قابىل دېگەن ئىككىسى بىرەردىن قۇربانلىق قىلغان. ھابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغان، قابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغان. بۇ، بىر ئوت كېلىپ ھابىلنىڭ قۇربانلىقىنى كۆيدۈرۈشى، قابىلنىڭ قۇربانلىقىنى كۆيدۈرمەسلىكى بىلەن بىلىنگەن[4]. شۇنىڭ بىلەن قابىل ھەسەت قىلىپ ھابىلغا: «سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېگەن، ھابىل: «قۇربانلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىنىڭ سەۋەبى مەن ئەمەس، ئەكسىچە سېنىڭ فاسىقلىقىڭ، ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ ئەمەللىرىنىلا قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلمىدى» دېگەن. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن:

28 – 29. «ئى قېرىندىشىم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمايمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن، ھەمدە سېنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا مېنى ئۆلتۈرگەن گۇناھىڭنى ۋە قىلغان باشقا گۇناھلىرىڭنى يۈدۈپ كېلىشىڭنى، شۇنداقلا دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى ئارزۇ قىلىمەن».

  1. شۇنىڭ بىلەن قابىل نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇپ ھابىلنى ئۆلتۈرگەن ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن (پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن) بولغان، چۈنكى ئۇ قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ جەسىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي مۈرىسىدە يۈدۈپ يۈرگەن ئىدى.
  2. 31. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا ئىككى پۇتى ۋە تۇمشۇقى بىلەن يەرنى كولاپ باشقا بىر قاغىنىڭ تاپىنى كۆمدى. شۇنىڭ بىلەن قابىل بۇ ئەھۋالنى كۆردى ۋە شۇ قاغىچىلىك بولۇپ قېرىندىشى ھابىلنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەپسۇسلاندى[5].

[1] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 21 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 21 – سۈرە ئەنبىيا، 105 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 90 – ۋە 109 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 19 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 54 – ۋە 55 – ئايەتلەر؛ 42 – سۈرە شۇرا، 14 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 17 – ئايەت؛ 68 – سۈرە قەلەم، 51 – ئايەت.

[4] ئۇلارغا، قۇربانلىقنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ بۇ شەكىلدە بىلدۈرۈلىشىنى 3 – سۈرە (ئال ئىمران)نىڭ 183 – ئايىتى تەكىتلەيدۇ.

[5] تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، 1:  201 – 208؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 11: 337؛ قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 6: 133.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر