﴿وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ وَٱلنَّصَٰرَىٰ نَحۡنُ أَبۡنَٰٓؤُاْ ٱللَّهِ وَأَحِبَّٰٓؤُهُۥۚ قُلۡ فَلِمَ يُعَذِّبُكُم بِذُنُوبِكُمۖ بَلۡ أَنتُم بَشَرٞ مِّمَّنۡ خَلَقَۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ ١٨ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ قَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمۡ عَلَىٰ فَتۡرَةٖ مِّنَ ٱلرُّسُلِ أَن تَقُولُواْ مَا جَآءَنَا مِنۢ بَشِيرٖ وَلَا نَذِيرٖۖ فَقَدۡ جَآءَكُم بَشِيرٞ وَنَذِيرٞۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ١٩ وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ جَعَلَ فِيكُمۡ أَنۢبِيَآءَ وَجَعَلَكُم مُّلُوكٗا وَءَاتَىٰكُم مَّا لَمۡ يُؤۡتِ أَحَدٗا مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٢٠ يَٰقَوۡمِ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡأَرۡضَ ٱلۡمُقَدَّسَةَ ٱلَّتِي كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمۡ وَلَا تَرۡتَدُّواْ عَلَىٰٓ أَدۡبَارِكُمۡ فَتَنقَلِبُواْ خَٰسِرِينَ ٢١ قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّ فِيهَا قَوۡمٗا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَن نَّدۡخُلَهَا حَتَّىٰ يَخۡرُجُواْ مِنۡهَا فَإِن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَا فَإِنَّا دَٰخِلُونَ ٢٢ قَالَ رَجُلَانِ مِنَ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمَا ٱدۡخُلُواْ عَلَيۡهِمُ ٱلۡبَابَ فَإِذَا دَخَلۡتُمُوهُ فَإِنَّكُمۡ غَٰلِبُونَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَتَوَكَّلُوٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ ٢٣﴾
تەرجىمىسى
18 – يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىمىز» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟ بەلكى سىلەر ئاللاھ ياراتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولغان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر».
19 – ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، ئەلچىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئەمدى سىلەر: «بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دېيەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
20 – ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا نەبىيلەر قىلغان، سىلەرنى ھۆكۈمدارلار قىلغان ۋە زامانداشلىرىڭلاردىن ھېچكىمگە بەرمىگىنىنى سىلەرگە بەرگەن ئىدى.
21 – ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە يازغان مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار ۋە ئارقاڭلارغا يانماڭلار. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالىسىلەر».
22 – ئۇلار: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ئۇ يەردە زەبەردەس بىر قەۋم بار. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئەگەر ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، چوقۇم كىرىمىز» دېدى.
23 – ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردىن ئاللاھ ئىنئام قىلغان ئىككى ئەر كىشى: «ئۇلارغا شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار» دېدى.
تەپسىرى
- يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» دەيتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا بۇ ئېتىقادىنىڭ باتىل ئىلەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
ئى مۇھەممەد! يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار! پەخىرلىنىپ ۋە ئەقىلسىزلىك قىلىپ: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر دوزاختا بىرقانچە كۈنلا كۆيىمىز، يەنى دوزاختا گۇناھىمىزغا تۇشلۇق ئازاب چېكىمىز» دەيسىلەر[1]. دېمەككى، ئاللاھ سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇ، شۇنداقمۇ؟ خوش! ئەگەر سىلەر راستىنلا «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن نېمىشقا ئازابلايدۇ؟ ئاتا ئوغلىنى، دوست دوستىنى ئازابلىماستىن ئەپۇ قىلىپ باغرىغا باسىدۇ، ئەمەسمۇ؟! ئەسلىدە بۇ سۆزلىرىڭلار يالغان – ياۋىداق گەپلەر بولۇپ، خام خىيال ۋە قۇرۇق ئارزۇلارنىڭ مەھسۇلىدۇر، خالاس. ئەكسىچە سىلەر ئاللاھ ياراتقان باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئىنسانلارسىلەر، يەنى ئادەتتىكى كىشىلەرسىلەر! ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا مەغپىرەت، كۇفرىلىق قىلغان ۋە يامان ئىش قىلغانلارغا ئازاب قىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى بولۇپ سىلەرگىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھقا ھېچكىم ئېتىراز قىلالمايدۇ، جۈملىدىن سىلەرمۇ ئېتىراز قىلالمايسىلەر. چۈنكى ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ پادىشاھىدۇر. ھەممىڭلار ئاخىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىسىلەر ۋە ھېساب بېرىسىلەر.
- ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا ئەھلى كىتاب كىملىكى بىلەن خىتاب قىلىپ، ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى «بىزگە پەيغەمبەر كەلمىگەن» دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
ئى ئەھلى كىتاب! يەنى ئى يەھۇدىيلار! ۋە ئى خرىستىئانلار! سىلەرگە ئەلچىمىز مۇھەممەد كەلدى. ئۇ، ئەلچىلىرىم ئۈزۈلۈپ قالغان بىر ۋاقىتتا سىلەرگە نىجاتلىق ۋە بەخت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولسام، قىيامەت كۈنى سىلەر بىزگە «بىزگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدىغان، دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلمىدى» دەيتتىڭلار. ئەمدى دېيەلمەيدىغان بولدۇڭلار، چۈنكى سىلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدىغان، دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ۋە ئەگىشىڭلار، بولمىسا ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر[2].
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار قولىدىن كەلگەن بارلىق يامانلىقلارنى قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىچىنى بەك پۇشۇرغان ئىدى. ئاللاھ تائالا 20 ~ 26 – ئايەتلەردە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان بىر قېتىملىق بويۇنتاۋلىقىنى ۋە دۇچار بولغان جازاسىنى بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ساڭا قىلغان ئەدەبسىزلىكىگە، ساڭا قىلغان يامانلىق ۋە ئىشلەتكەن قۇۋلۇق – شۇملۇقلىرىغا قايغۇرمىغىن، پەرۋا قىلمىغىن، چۈنكى بۇلار شۇنداق ئەسكى خەلق. بۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان. ئۇلارنىڭ بىر قېتىملىق ئەسكىلىكى شۇكى، مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان (دېڭىزنى يېرىپ بېرىشى، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرۇشى، تاشتىن تاتلىق سۇ چىقىرىپ بېرىشى، بۇلۇتنى سايە قىلىپ بېرىشى ۋە مەننە بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىشى قاتارلىق) نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەردىن پەيغەمبەرلەر چىقارغانلىقىنى (ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەر سىلەرنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىڭلاردۇر)، سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارغا خوجايىن قىلغانلىقىنى ئەسلەڭلار.
- ئى قەۋمىم! سىلەر ياخشى بولغان تەقدىردە ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شۇ «مۇقەددەس زېمىن»غا، دۈشمەننىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا يانماڭلار. كىرسەڭلار غالىب كېلىسىلەر، يانساڭلار مەغلۇپ بولىسىلەر».
ئى مۇھەممەد! بۇ بەنى ئىسرائىل شۇنداق پەسكەش ۋە نومۇسسىز قەۋمكى، مۇساغا مۇنۇ جاۋابنى بەرگەن:
- «ئى مۇسا! ئۇ يەردە زەبەردەس بىر قەۋم بار. ئۇ قەۋم ئۇ يەردىن چىقمىغىچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، ئاندىن بىز كىرىمىز».
- بۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياخشى ئادەملەردىن ئىككى كىشى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، مۇشۇنداق كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭلار ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار».
[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 80 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 24 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 170 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 8 – ئايەت.